خوندا شىركىتى: غايىنىڭ قۇدىرىتى

1,202 قېتىم ئوقۇلدى

خوندا شىركىتىنىڭ تىمىغا چاپلانغان بۇ سۆزلەر ھەرگىزمۇ ئادەم ئالدايدىغان ئاقماس شۇئارلاردىن ئەمەس، ئۇنىڭدا مۇنداق دىيىلگەن:

Tokyo Bon 2020

 

تىرىشسىڭىزلا چوقۇم ھامان بىر كۈنى نەتىجىسىنى كۆرىسىز.
داۋاملاشتۇرالىسىڭىز چۈشلىرىڭىز چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ،- دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇق سەپسەتە، خالاس!
ئەمەلىي رىئاللىقتا كۆپىنچە تىرىشسىڭىزلا نەتىجىسى كۆرۈلىدىغان ئىش بولمايدۇ.
كۆپ ۋاقىتتا ئادالەت ئۇتۇپ چىقالمايدۇ.
كۆپ ھاللاردا غايىلەر چۈش كەبى قالىدۇ.
رىئاللىقتا بۇنداق مىساللار كۆپ ئۇچرايدۇ!
بىراق، ئۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ؟ ئىشلار ئەنە شۇ يەردىن باشلىنىدۇ.
تېخنىكىلىق ئىجادىيەتلەرنىڭ مەغلۇپ بولۇش ئىھتىماللىقى 99%,
يېڭىچە بىر ئىشقا تۇتۇش قىلغاندا چوقۇم يىقىلىسىز، شۇنچىلىك بىئارام بولىسىز!
ئامالى شۇكى:
ئۇخلايدىغان، يەپ – ئىچىدىغان ۋاقتىڭىزنى ئازايتىپ، قىلماقچى بولغانلىرىڭىزنى قايتا – قايتا سىناپ كۆرۈڭ.
قېنى كېلىڭ، تۆنۆگۈنكى ئۆزىڭىزدىن، تۆنۆگۈنكى خوندادىن ئېشىپ كېتەيلى!
مەغلۇبىيەتكە تەن بېرىپمۇ ئىشمۇ!

مانا بۇ خوندا شىركىتىنىڭ چۈشنى رىئالىققا ئايلاندۇرۇش كۈچى، تەرەققىيات كۈچىنىڭ ئاساسى مەنبەسى.

  تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

بۇ سەھەر تارتقان سۈرەتلەر

بۈگۈنكى قەھۋاخانا كەيپىياتى

ئەتىگەنلىرى ئىشقا مېڭىش جەريانىدا 15-20 مىنۇت ۋاقتىم بولىسلا ئۆتەر يولۇمدىكى قەھۋاخانىدا بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىۋالغاچ ئۆزۈمگە كۈچ بىرىمەن. سەھەردىلا كومپىيۇتىرلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقانلار، ئۆگىنىش قىلىۋاتقان تىرىشچانلار بىلەن تولغان قەھۋەخاننىڭ كەيپىياتى ماڭا  بىر خىل گۈزەل تۇيغۇ،يەنىمۇ تىرىشىش ئىلھامىنى بېرىدۇ. بۈگۈنمۇ تۈنۈگۈنكى ئۆزىمىزدىن ھالقىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشايلى~💙

تارقىتىڭ...
  1. سىز بىزگە ئۈمۈد بولۇپ تۇرىسىز ئاچا ❤️

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

خوندا

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى