پىسخىكىلىق تەدبىر: ئۆزىڭىزگە ئۆچ بوپقالغاندا

1,379 قېتىم ئوقۇلدى

ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تۆۋەنلەپ قالىدىغان، قىلغان ئىشىلىرىدىن رازى بولمايدىغان، ئۆزىنى ياقتۇرمايدىغان، ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى ئۈچۈن ئۆزىگە ئۆچ بوپقالىدىغان چاغلىرى بوپقالىدۇ. يامان بولغىنى بۇ خىل ھالەت ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەندە قەلبنىڭ ئىمۇنىتىت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. خوش،ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تۆۋەنلەپ كەتكەندە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

 

Yanni – Waltz In 7_ 8

 

1.قەلب ئاسان يارىلىنىدۇ

سۆيگۈنى ياكى دوستلىرىغا ئۇچۇر قىلسا ۋاقتىدا ئۇچۇر قايتۇرمىغان ياكى جاۋاب كەلمىگەن ئىشلار، باشقىلارنىڭ خاتا چۈشىنىپ قىلىشى ..دىگەندەك ئەھۋاللارھەممىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا يۈز بېرىپ باققان. ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تۆۋەنلەپ كەتكەندە مانا مۇشۇنداق كىچىككىنە ئىشلارمۇ قەلب تاملىرىنى ئۆرىۋىتەلەيدۇ. قىيىنچىلىق ۋە مەغلۇبىيەتلەرگە بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتتىنمۇ ئۆزىنى تارتىدىغان بولۇپ، بارغانسىرى ئۆزىنى تەنھالىققا قالدۇرىدۇ ھەم بارغانسىرى ئۆزىگە ئۆچمۇ بولۇپ قالىدۇ.

2.ئاكىتىپ سۆز ۋە ھەرىكەتلەردىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ

ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تۆۋەنلەپ كەتكەندە باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىجابى باھالىرى ۋە ماختاشلىرىنى قوبۇل قىلالمايدۇ.

يەنى، ھەمراھى، يىقىنلىرى تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنىش، ماختىلىش ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرىدىغان موھىم ئامىل بولسىمۇ، ئۆزىنى ”ئەرزىمەس، قەدىرىسىز ئادەم“ دەپ قارىۋىلىپ ، ئۇلارنىڭ باھاسىنى“ئاشۇرىۋەتكەنلىك ”دەپ ئويلاپ قوبۇل قىلالمايدۇ.

3.ئۆزى ياقتۇرمىغان ئىشلارغا بەرداشلىق بېرىدۇ

باشقىلار كەمسىتىدىغان، تۆۋەن كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلسىمۇقارشىلىق كۆرسىتەلمەيدۇ. ئۆزىنى“باشقىلارتەرىپىدىن سۆيۈلۈشكە ئەرزىمەيمەن“دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن،ھۆرمەتلەنمىسىمۇ،قەدىرلەنمىسىمۇبۇخىل مۇناسىۋەتتىن ئۆزىنى تارتمايدۇ. باشقىلارنىڭ ياقتۇرماسلىقىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقى ئۈچۈن قارشى تەرەپكە ”ياق“ دىيەلمەيدۇ. ئۆزكۆزقارىشىنى ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ. ئۆز نارازىلىقىنى ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالمىغاچقا، باشقىلار ئۇلاردىن پايدىلىنىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ ھۆرمەتلىشىنى ئويلىساق، قارشى تەرەپتىن تېگىشلىك ھۆرمەت تەلەپ قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

ئوكېي، مانا مۇشۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە قانداق قىلىمىز؟

ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ:  مەكتەپنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ تۆۋەن بوپ قىلىشى سەۋەبلىك بالىسىنى ئېغىر تىل-ھاقارەت بىلەن ئەيىپلەۋاتقان، ئاچچىقلاۋاتقان، روھى جەھەتتىن خورلاۋاتقان ئاتا-ئانىنى كۆرسەك، چوقۇم ئىچىمىزدە بۇ خىل ئاتا-ئانىدىن يىرگىنىمىز، ئۆزىمىزنىڭ شۇنداق ئاتا-ئانىلاردىن بولۇپ قالماسلىقىمىزنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنداقمۇ؟ بىزنىڭ بىرەر خاتالىقىمىز سەۋەبلىك ئۆزىمىزنى ئەيىپلەۋاتقان،چۈشۈرىۋاتقان  ۋاقتىمىز دەل ئاشۇ ئاتا-ئانىغا ئوخشاپ قالغان ۋاقتىمىز. بىز دەل ئۆزىمىزنى روھى جەھەتتىن خورلاۋاتقان ۋاقتىمىز.

ئەلۋەتتە، خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ئۆزىمىزنى ئەيىپلىمىسەك بولمايدۇ، شۇنداقمۇ؟ لېكىن، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز تۆۋەنلەپ قەلبىڭىزنىڭ ئىمۇنىتىت كۈچى تۆۋەنلەپ كەتكەندە، ھەممىدىن موھىمى ئالدى بىلەن قەلبىڭىزنىڭ ساغلاملىقى، ئىمۇنىتىت كۈچىنى ئاشۇرۇش بولۇپ، ئەسلىڭىزگە كەلگەندىن كېيىن خاتالىقىڭىز ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى تەنقىدلىسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز. ئەنە شۇنداق ۋاقىتتا سىزنى خورلىغۇچى قەلب سادالىرىڭىز كۆتۈرۈلگەندە ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىڭىزگە جاسارەت بېغىشلايدىغان سۆزلەرنى ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ.

سۆيگۈنىڭىزنىڭ، يىقىنلىرىڭىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزغا جاۋاب قايتۇرمىغانلىقى راست بولىشى مۇمكىن. بىراق، ئۇنىڭ سىزنى ياقتۇرماس بوپ قالغانلىقى پەقەتلا سىزنىڭ پەرزىڭىز، خالاس! خاتا سوۋغات تاپشۇرىۋالغىنىڭىز راست،بەلكىم. لېكىن قارشى تەرەپنى سىزگە ھۆرمەتسىزلىك قىلدى دەپ ئويلىغىنىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ پەرزى، خالاس!

ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈڭ: ھەرقانداق ئادەمنىڭ كىچىككنە بولسىمۇ پارلاپ تۇرغان تەرىپى بولىدۇ. ئۆزىدە بار بولغان ئارتۇقچىلىقنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كۈچ بېغىشلايدۇ.

ئىجابى باھالارنى قوبۇل قىلىڭ: باشقىلار تەرىپىدىن رىئاللىقتىن ھالقىغان، ئۆزىدە يوق سۈپەتلەر بىلەن ماختىلىش زىيانلىق بولغىنى بىلەن،ئىجابى تەرەپلىرىنىڭ ئىتىراپ قىلىنىشى ھەم بۇنى قوبۇل قىلالايدىغان بولۇش ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ بىرىدۇ. يەنى، سۆيگۈنىنىڭ ماختاشلىرىنى قوبۇل قىلالماسلىق بىر جۈپلەر ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلىدۇ. ئۇزۇن يىللىق ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا ماختاشنى ياقتۇرمىغاچقا،ماختىمايلا قويىدىغان ئىشلارمۇ بوپقالىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە قەلبنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ياخشى ئەمەس. ئاشىق -مەشۇقلار، ئەر-ئايال، دوستلار ئارىسىدىكى ئىجابى باھالارنى قوبۇل قىلىش، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ئۆستۈرۈپ باشقا كىشىلىك مۇناسىۋەتنىمۇ ياخشىلاشقا پايدىلىق.

باشقىلارغا ئۆز تەلىپىنى يەتكۈزۈپ ئەھۋالنى ياخشىلاش:كىشىلىك مۇناسىۋەت، ئائىلە، خىزمەت، پۇل، ئۆگىنىش، قىزىقىش..قاتارلىق كەڭرى دائىرىدىن ئويلىشايلى. مەسلەن،ئائىلىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئائىلە ئىشلىرى تەقسىمات مەسلىسى، پاراڭلىشىش كەمچىل بولۇش، بالا تەربىيەسىدىكى ئوخشىماسلىق ..دىگەندەك ئىشلاردا سىز رازى بولمىغان تەرەپلەرنى ئوتتۇرغا قويسىڭىز بولىدۇ.

ئۆزىنى تېخىمۇ سۆيىدىغان بولۇش:ئۆزىنى سۆيۈش ئۈچۈن سۆيەلەيدىغان ئۆزى بولۇشمۇ موھىم.

بۈگۈن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۆۋەنلەپ كەتكەندە ئۆزىدە بار بولغان ئارتۇق تەرەپلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قىسقىچە تونۇشتۇرىمەن. يەنى،روھى بېسىملىرىڭىز ئارتىپ كەتكەن،ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز خىرىسقا ئۇچرىغان،ھاياتنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا قالغان كۈنلىرىڭىزدە تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى سىناپ ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈڭ ھەم قەلبىڭىزنىڭ ئىمۇنىتىت  كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈڭ.

ئاق قەغەزدىن ئىككى پارچە تەييارلايمىز.

1 – باسقۇچ : ئالدى بىلەن بىرىنچى ۋاراق قەغەزگە ئۆزىڭىزدە بار بارلىق ئارتۇق تەرەپلىرىڭىزنى، ۋۇجۇدىڭىزدىكى يارقىن نوقتىلارنى يېزىپ چىقىڭ. مەيلى قانداق بىر ئارتۇقچىلىق بولسۇن تېپىپ چىقىسىز ھەم تېپىپ چىققانلىرىڭىز ئامال بار 10 دىن ئارتۇق بولسۇن.

2 – باسقۇچ : سىز دەل ئۆزىڭىزنىڭ قالتىس، ئالاھىدە تەرەپلىرىنى ئويلاۋاتقىنىڭىزدا، قەلبىڭىزدە يەنە ئۇنى ئىنكار قىلىدىغان، تەنقىد قىلىدىغان ئىسيانلار، تەنقىدچىدىن يەنە  بىرسى پەيدا بولدى، شۇنداقمۇ؟ بۇ، تەنقىدلىرىڭىزنىڭ بىرىنى قويماي ئىككىنچى ۋاراق قەغەزگە يېزىپ چىقىسز .

3 – باسقۇچ : بىرىنچى ۋاراق قەغەزگە يېزىپ چىققانلىرىڭىز ئىچىدىن ئۆزىڭىز ئەڭ مۇھىم بىلگەن ئارتۇقچىلىقىڭىز، ئالاھىدىلىكىڭىزدىن بىرنى تاللاپ، نىمە ئۈچۈن ئۇنى مۇھىم دەپ قارايدىغانلىڭىز، ھاياتىڭىزدا بۇ ئالاھىدىلىكىڭىزنىڭ قانداق مەنىسى ھەم پايدىسى بولغانلىقىنى قىسىقىچە يېزىپ چىقىڭ.

4 –  باسقۇچ :   ئەمدى قىلىدىغان ئىشىمىز بەك ھوزۇرلۇق. يەنى، ئىككىنچى ۋاراق قەغىزىمىزدىكى ئۆزىمىزنى ئىنكار قىلغانلىرىمىز، بىزنى خۇنۇكلەشتۈرىمەن، ئىشەنچىمىزنى يەرگە ئۇرىمەن، چۈشكۈنلەشتۈرىمەن دەيدىغان ھېلىقى ئىنكارلىرىمىزنى پۇرلاپ – پۇرلاپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلايمىز، چۈنكى، بۇلار پەقەتلا ئەخلەت، خالاس!

5 –  باسقۇچ :  ئەتىسى ياكى بىر قانچە كۈندىن كىيىن بىرىنچى  ۋاراق قەغىزىڭىزدىن يەنە بىر ئارتۇقچىلىقڭىزنى تاللاپ ئوخشاش ئۇسۇلدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىسىز. مانا مۇشۇنداق ئۇسۇلدا ھەر كۈنى، ھىچ بولمىسا بىر قانچە كۈندە بىر قېتىم بىردىن ئارتۇقچىلىقىڭىزغا چۈشەنچە بىرىپ ھەممە ئالاھىدىلىكىڭىز تۈگىگىچە جاۋاب بىرىپ چىقىسىز.

ئەسكەرتىش، ئارلىقتا باشقا بىر ئالاھىدە يەرلىرىڭىزنى بايقاپ قالغان بولسىڭىز بىرىنچى ۋاراقتىكى ئارتۇقچىلىق «مۇندەرىجىڭىز» گە قىستۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.

ھەربىرىمىز تەڭرىنىڭ نادىر بىر ئەسىرى. ھەر بىرىمىزنىڭ چوقۇم ئاجايىپ بىر ئالاھىدە تەرەپلىرىمىزبار. ۋۇجۇدىمىزدا بار بولغان ئالاھىدە، ئۆزگىچە تەرەپلەرنى بىلىش ھەم ھېس قىلىپ تۇرۇش ھەر قانداق يەردە ھەر قانداق شارائىتتا قەلىبكە كۈچ بېرىدۇ. مەيلى خىزمەتتە مەغلۇپ بولايلى، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئازارلىنايلى، قىسقىسى، بىرەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، بۇ ئارتۇق تەرەپلىرىمىزنى  ئەسكە ئالغىنىمىزدا روھى بېسىملىرىمىز سەل يىنىكلەيدۇ.

 

*******************************

 

پايدىلانغان مەنبە :   自分で心を手当てする方法

ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغۇچى: رەيھان ئابلەت

 

ئىنساپ بېرىپ قالسا، ئۆزىنى تېخىمۇ سۆيۈش ۋە ئىرادىنى تاۋلاش تەدبىرلىرىنىمۇ پات ئارىدا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قىلىشىم مۇمكىن. 😎

تارقىتىڭ...
  1. 今晩は!私はレイハンさんの作品大好きです!いつも素敵な作品ありがとうございます!
    今日、アナと雪の女王の2見て来ました。内容が私達の今と凄く重なっていていっぱい泣きました。私には全然才能がないけど、レイハンさんだったら映画見てからの感動を素敵な作品にするんだろうなと思いました。可能であれば映画見てからの感動教えてください。他の人達が2の内容は微妙とコメント書いていました。この映画は私達しか感じない物があると思いましたし微妙と思っている人達は恵まれ過ぎて幸せだなとも思いました。監督さんが私達の為に作ってくれた気もしました!映画の最後が凄く明るいです!私ちにも明るい未来が待っていますように(*˘︶˘*).。.:*♡

  2. おはよう〜
    アナと雪の女王2の予告見てなんか興味はなかったんだけど、このコメント見て是非見てまたいと思ってます。
    ありがとうございます〜❤️

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

پىسخىكىلىق

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى