Rain-Sulton Ali Rahmatov

چۇقانلار

 

ماڭا ئۆزۈمدىن ئارتۇق مەدىھيەنىڭ كىرىكى يوق،

ئەسلىدە بارىمنىڭ چەيلىنىشىگە ھەم سەبرىم يوق.

مېنى پەقەت «مەن»لىكىمدىن تونۇڭلار!

 

***

 

بۇ دۇنيادا ھەممە ئادەمنىڭ دەردى بار. ھەممىلا ئادەم ئۆز ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش يۈرىۋاتقىنىدا سىز ئارتۇق ئويلاپ كەتكەنچىلىك سىز ئۈچۈن باش قاتۇرغىدەك ۋاقتىمۇ يوق. ئىسپاتىڭىز بولمىغان گۇمانلىرىڭىز ئۈچۈن تېرىپ يۈرگەن پىتنىلىرىڭىز گوياكى ۋىرۇستەك ئىناقلىقنى بۇزۇشتىن، مۇھەببەتلىك كۆڭۈللەرگە نەپرەت ئۇرۇقىنى تىرىشتىن باشقىغا يارىمايدۇ.

قىلالىغۇدەك يۈرىكىڭىز بولسا گۇمانلىرىڭىزنى بىۋاستە شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە ئايرىم، ئوچۇق ئېيتىنڭ.  ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدا قىلىنغان سۆزنىڭمۇ ئامانەت ئېكەنلىكىنى ئۇنتۇپ، ئاقنى قارا قىلىپ خەلقى-ئالەمگە يايىدىغان نابابلىقنى قىلسىڭىز ۋاقتى كەلگەندە رەسۋا بولىدىغىنى ئۆزىڭىز بولسىز.

 

***

 

قەلبىڭىزگە ئازار بېرىدىغان، قارا تۇمانلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلاردىن يېراق تۇرۇپ، دېققىتىڭىزنى ئەتراپىڭىزدىكى  سىزنى سۆيىدىغان كىشىلەرگە بېرىڭ. ئۇنىڭسىزمۇ ھايات ھېچبىرىمىزگە ئاسان ئەمەس!

***

خاتا ئادەم، خاتا ئورۇن،خاتا ئىش ئادەمنىڭ تۇيغۇلىرىنى زەھەرلەيدۇ.كۈچىنى خورىتىدۇ. نېمىشقىدۇر ھەر ئىشى ۋە سۆزىدە ئۆزىنى راھەت ھېس قىلالمايدۇ.

روھىيتىنى تىنچلاندۇرۇشنىڭ، ئۆزىگە يېقىن بولۇشنىڭ ياخشى چارىسى- بۇلاردىن يېراق تۇرۇش.

 

**********************

خاتىرەمدىن

رەيھان ئابلەت

2020.04.17

تارقىتىڭ...