ياپون پەرزەنت تەربىيەسى: بالىغا ئىشلىتىدىغان سۆزلەرنى ئۆزگەرتىپ بېقىشنىڭ كارامىتى(8)

3,250 قېتىم ئوقۇلدى

(8)

«نېمىشقا مۇشۇنچىلىك ئىشنىمۇ قىلالمايسەن؟»  دىگەن سۆزنى «ۋۇي، قىلالاپسەنغۇ مانا!» دىگەن سۆزگە ئالماشتۇرۇشنىڭ كارامىتى

 

(3) ماختاش ئۇسۇلى

 

بىز كۆپىنچە ھاللاردا بالىلاردىن بەكرەك ئۈمىد كۈتۈپ تۇرىۋالىمىز. يەنى، «مۇنداق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»،  «مۇنچىلىك قىلالىسا ياخشى بولاتتى…» دىگەندەك. ئەلۋەتتە، بالىلارمۇ ئاتا – ئانىسىنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، بارغانسىرى ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.

گەرچە، بۇ خىل كۈتۈش ھەم تىرىشچانلىقلار بەك مۇھىم بولسىمۇ، بالىلاردىن كۈتكەن ئۈمىد ھەم تەلەپ بالىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن يۇقىرىلاپ كەتكەندە، بالىمۇ ھەم ئاتا – ئانىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالىدۇ.   ئاتا – ئانىلارنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىقالمالمىغانسىرى، كۈتكەن ئۈمىدلەرنى يەردە قويۇش، ئاتا-ئانىغا يۈز كېلەلمەسلىك بىلەن نەتىجىلىنىپ قالىدۇ. بىلىپ -بىلمەي <نېمىشقا مۇشۇنچىلىك ئىشنىمۇ قىلالمايسەن؟>، <قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىكەن سېنىڭ> دېگەندەك سۆزلەر بولۇنۇپ قالىدۇ.

بالىلىرىمىزغا نىسبەتەن ئىنكار قىلىدىغان سۆزلىرىمىزنىڭ كۆپىيىپ كىتىۋاتقانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىۋاتقانلىقىنى سەزگەن ۋاقتىمىزدا، بالىلىرىمىزغا قويغان تەلەپلىرىمىزنى تۆۋەنلىتەيلى. «بۇنچىلىك ئىشلارنى قىلالمىساڭ بولماس؟!» ئەمەس، «قىلالماسلىقىڭ ئادەتتىكى نورمال بىر ئىش» دەپ ئويلايلى.

 «تېخى بالا ئەمەسمۇ، بۇلارنى قىلالماسلىقى تەبىئى ئەھۋال.»  «ئاكا بولغىنى بىلەن ئەمدىلا 3 ياشقا كىردى ئەمەسمۇ، قىلالمىسىمۇ ئامال يوق!» دەپ ئويلىيالىغان ۋاقتىمىزدا بالىمىزنىڭ قىلالماسلىقى تەبىئى ئەھۋال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ،-دە، بەزىدە شۇنداق بىر ئىشلارنى قىلالىغىنىدا «ۋۇييۇ… قىلالىدىڭ مانا!» دىيەلەيدىغان بولىمىز، قورساق كۆپىكىمۇ، يوقىلاڭ ئىشلارغا چېچىلىشلارمۇ بولمايدۇ. (بالىلىرىمىزغا ئاچچىقلانماسلىقنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى چىقتى! )

ھەرۋاقىتتىكىدەك ئەمەلىي مىساللارنى كۆرۈپ باقامدۇق؟

ئاتا – ئانىنىڭ بالىغا قويغان تەلىپى ئەمەلىي ئەھۋالىدىن يۇقىرى بولۇپ كەتكەندە

 

 – تاماق ۋاقتىدا بولسىمۇ جىم ئولتۇرساڭ بولمامدۇ ؟! باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى تۇرۇپمۇ جىم ئولتۇرالمىغان، – دىدى ئانا تاماق ۋاقتىدا تاماق ئۈستىلىدىن ئايرىلماقچى بولغان قىزىغا ئاچچىقلىنىپ.

  – ياق ! چىشىمنى چوتكىلىغۇم يوق،- دىدى قىزچاق ئاپىسى چىشىنى چوتكىلاپ قويماقچى بولغىنىدا.

– نېمە ياق؟! مەن دىمىسەممۇ چىشڭىزنى ئۆزلىكىڭىزدىن چوتكىلىسىڭىز بولىدۇ!،-دىدى ئانا.

– يەنە بىر نەرسىلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزما؟ ئالاقىلىشىش خاتىرىسىگە (ياپۇندا يەسلى، مەكتەپلەر بىلەن ئائىلە ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە خاتىرىسى) يېزىپ قوياي، قايتىدىغان چاغدا نەرسلىرىڭىزنى راۋۇرۇس بىر تەكشۈرىۋىتىپ قايتىڭ دەپ قانچە قېتىملاپ ئېيتىپ تۇرساممۇ؟! – دەپ ئاچچىقلاندى ئانا يەنە بىر نەرسىسىنى ئۇنتۇپ قالغان قىزغا.

باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالدىڭىز، ئۆزىڭىزنى بىلىپ يۈرەسىز!، – دىگەندەك گەپلەرنى داۋاملىق ئاڭلاپ تۇرىدىغان بالىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى.

بالىلاردىن كۈتكەن ئۈمىد ئەمەلىي ئەھۋالدىن بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەندە مانا مۇشۇنداق «نىمە ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك ئىشنىمۇ قىلالمايدىغاندۇ؟!» دەپ قالىمىز.

ئەمدى بۇ مەسىلىنى يەنە باشقىچە نوقتىدىن ئويلاپ كۆرەيلى.

 

بالىدىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىمىزنى تۆۋەنلىتەيلى

تاماق ۋاقتىدا جىم ئولتۇرالمىغان قىزچاققا قاراپ ئانا «كىچىك بالا دىگەنزە زادى مۇشۇنداق» دەپ ئويلىدى.

 – ئاغزىڭىزنى ئېچىڭە قىزىم ….، تېخى بالا بولغاندىكىن ئامال يوقتە …تۈگىدى مانا… – ، دېگەچ چىشىنى چوتكىلاشنى خالىمىغان قىزىنىڭ چىشىنى چوتكىلاپ قويدى ئانا.

 -مەكتەپتىن قايتىدىغان چاغدا قايتۇرۇپ ئەكىلىدىغان نەرسىلىرىڭىزنى ئۆزىڭىز يالغۇز تەكشۈرۈپسىزدە؟، – دىدى ئانا بالىنىڭ سومكىسىنى تەكشۈرەۋىتىپ يەنە بىر نەرسىلىرىنى ئۇنتۇپ قالغان قىزىنىڭ ئۇنۇتقاقلىقىنى ئەمەس نەرسىلىرىنى ئۆزىنىڭ تەكشۈرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ.

مىنىڭ قالتىس قىزىم! مەكتەپكە كىرىپ باشقىچە چوڭ بوپكەتتى مانا!، – دىگەندەك ئانىسىنىڭ ماختاشلىرىنى ئاڭلىغان قىزچاقنىڭ قەلبى خۇشاللىققا ھەم ئىشەنچكە تولدى.

يۇقارقىدەك ئۈمىد – تەلەپلىرىمىزنى بالىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن ئازراق تۆۋەنلەتكەندە «ۋۇييۇ!!! مىنىڭ بالام مۇنداق ئىشلارنى قىلالايدىغان بولدى!» دەپ خۇشال بولالايدىغان بولىمىز.
ئويلىنىپ كۆرەيلى، ئاتا – ئانا بولغۇچىمۇ ئوخشاش! «ئاتا – ئانا بولغاندىكىن بۇنچىلىك ئىش قىلىشقا تىگىشلىك ئىشقۇ!»، «ئاتا – ئانا تۇرۇپ شۇنچىلىك ئىشنىمۇ بىلمەمسەن؟!» دىگەندەك ئىنكار قىلىدىغان سۆزلەردىن «يېڭى ئانا بولغان تۇرسىڭىز، ئەلۋەتتە،بىلەلمەسلىكىڭىز نورمال ئەھۋالدە!» دىيىلگەنلەرنى ئاڭلىساق، قەلبىمىز ئىللىقلىققا، كۈچكە تولغاندەك بولىمىز، شۇنداققۇ ؟! بالىلارمۇ دەل شۇنداق!

ئەمدى تۆۋەندىكى ئەر-خوتۇنلارنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسىغا قاراپ باقايلى.

“ قىلىشقا تېگىشلىك “ دەپ قاراش

«قىلىشقا تېگىشلىك» دەپ قاراش

بالا يىغلاپ ھېچبىر توختاي دىمەيتتى.

ئايالى:  زاكسىنىمۇ ئالماشتۇرۇپ قويدۇم، سۈتىىمۇ بەردىم بولمىسا، يەنىلا يىغىسى توختىمايۋاتىدۇغۇ، – دىدى تىت – تىت بولغان ھالدا.

ئەر ئاچچىقلىنىپ ئايالىغا سۆزلەشكە باشلىدى.

نېمە كۆپ غەلۋە بۇ؟! ئانا تۇرۇپ بالىنىڭ يىغىسىنى توختىتىشنىمۇ بىلمىگەن، يا ئۆينىڭ ئىشلىرىنى تېخى تۈزۈك قىلمىغان، ئۆينىڭ ھەممە يەرلىرىدە نەرسلەر چېچىلىپ تۇرغان!

ئەتىگەندىن تارتىپ كەچكىچە ئۆيدە ئولتۇرۇپ مۇشۇنچىلىك ئىشلارنىمۇ قىلمىساڭ بولماس!

بوۋىقىنى بېقىپ بولالمايۋاتقان ئايالى ئاچچىقتىن ياش تۆكتى.

ئوخشاش مەسىلىگە تۇتقان باشقىچە پوزىتسىيەنى كۆرۈپ باقايلى.

«قىلالمىسىڭىز ھىچقىسى يوق!» دەپ قارشى تەرەپنى چۈشىنىش

 «قىلالمىسىڭىز ھىچقىسى يوق!» دەپ قارشى تەرەپنى چۈشىنىش

 ئايالى : نىمىمۇ بولغاندۇ؟،  ـ دىدى ئايالى بالىنىڭ يىغىسىغا تىت – تىت بولۇپ.

ئەر: شۇ … ھېچبىر يېغىسى توختىمايۋاتىدۇغۇ؟!

ئىككىلىمىز يىڭى ئاتا – ئانا بولغۇچى بولغاندىكىن بەزىدە قانداق قىلىشنى ئۇقالماي قالىدىكەنمىز، ئامال يوقتە ئەمدى… – دىدى ئەر بالىنى ئايالىنىڭ قولىدىن ئېلىپ ئايالىنىمۇ بەزلىگەچ.

ئۆي ئىشلىرىنىمۇ پەقەت قىلالمايۋاتىمەن، – دىدى ئۆيدىكى قالايمىقانچىلىقنى يۇغۇشتۇرغاچ ئۆينىڭ قالايمىقانلىقىدىن خېجىل بولغان ئايالى.

كىچىك بالا بار ئۆي مۇشۇنداق بولىدۇ، ھېلىمۇ كۆپ تىرىشىۋاتىسىز، – دەپ تەسەللى بەردى ئەر.

بۇنى ئاڭلىغان ئايالىنىڭ قەلبى ئىللىقلىققا تولدى.

 

******************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

 

تارقىتىڭ...
  1. ئىشقىلىپ ئاتا-ئانا بولمان بەك بەك سەۋىر ۋە توختىماي بالا بىلەن بىللە ئۈگىنىپ چوڭ بولۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن.ئىككىنجى قىزىم چوڭ قىزىمغا قارىغاندا بىر نەرسىلەرنى ئۈگىنىشى تەسرەك،چوڭى ئالتە ياشقا كىرمەستىنلا كىتاب ئوقىيالايدىغان بوپ كەتكەن،ما قىزىمغا بىر نەرسىلەرنى ئۈگەتكۈچە ئاچىسىغا سىلىشتۇرغللىرىم كەپ كىتىدۇ يۇ لىكىن ئۈگىنىش بولغاندىكىن ئىشەنچىسىنى سۇندۇرۇپ قويماي دەپ بەك بەك سەۋىر قىلىپ كىتىۋاتىمەن.

    • بالا بىلەن بالىنىڭ پەرقى بولىدۇ. بەلكىم، كىچىك قىزىڭىزنىڭ چوڭ قىزىڭىزغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر جەھەتتە تالانتى بولىشى مۇمكىن. مېنىڭ ئېنگىلىز تىلىدا تولىمۇ ناچار ئوقۇغۇچۇم بار ئىدى. قايسى كۈنى سەن نېمىگە قىزىقىسەن؟ دەپ سورىسام، ماتىماتكىغا ئالاھىدە قىزىزىقىدىغانلىقىنى دىدى. شۇنىڭ بىلەن 8 ياشلىق بالىغا خېلى قېيىن ھىسابتىن بىرنى چىقارسام بىردەمدىلا ئىشلەۋەتكەنىدى، بالىلارنىڭ زادى يېتىلىشىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىغا،بىر جەھەتتىن بولمىسا، بىر جەھەتتىن تالانتى بولىدىغانلقىغا ئىشەندىم.

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ياپون

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى