ھەپتىدە بىر ئادەت-كىتاب ئوقۇشتىن ھوزۇرلىنىش04

2,115 قېتىم ئوقۇلدى

 

#كىتاب ئوقۇشتىن ھوزۇرلىنىش04#

 

بىر سائەت كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئازاب يوق.

Charles de Montescue

1時間の読書で解消できない苦悩などない。

シャルル.ド. モンテスキュー

 بۇ قېتىملىق #ھەپتىدە بىر ئادەت# كىشىگە، شەخسەن ماڭا ھاياتىمنىڭ خۇشاللىق بېغىشلايدىغان قىسمى بولۇپ، كىتاب ئوقۇش ھەققىدىكى شەخسى كۆز قاراشلىرىمنى كۆپ قاتمايمەن. ئاپتۇرنىڭ كىتاب ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى قىسقىچە ئورتاقلىشىمەن.

 

Chris Spheeris – Juliette

 

📖

 

قەرەرلىك كىتاب ئوقۇپ بېرىش- مېڭىنىڭ ساغلاملىقى، روھى ھالەتنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا ھەيران قالارلىق دەرىجىدە پايدىلىق.

تىلۋىزور قاتارلىق مىدىئالارغا سېلىشتۇرغاندا، كىتاب ئوقۇش ئاكىتىپ بىر جەريان بولۇپ، مېڭە ئىقتىدارى ياخشىلىنىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ مېڭىنىڭ قېرىشىنى، ئۇنتۇغاقلىق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

قانچىلىك كۆپ كىتاب ئوقۇغانسىرى شۇنچىلىك كۆپ تىل ئىقتىدارى، سۆزلۈك، تەپەككۇر ئىقتىدارى ئاشىدۇ. ئادەمنىڭ دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش، تەسەۋۋۇر قىلىش، ئىجادكارلىقىنى يېتىلدۈرىدۇ.

لوندوندىكى ساسېكىس ئونۋىرىستىتىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتتا،ئېغىر روھى بىسىمدىكى كىشىلەرپەقەت ئالتە مىنۇت  بېرىلىپ كىتاب ئوقۇغاندىن كېيىن، روھى بىسىم كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن.

جەمىئەت نوقتىسىدىن قارىغاندا، كىتاب ئوقۇش ئەقىل-پاراسەتلىك، جەلىپكار كىشىلەرنى يېتىلدۈرىدۇ.

 

يېڭىچە ئۆزىڭىز بولىشىڭىز ئۈچۈن دەماللىققا قىلالايدىغان ئىشلار:

 

🔺كىتاب ئوقۇشقا ۋاقىت ئاجىرىتىڭ
بىر كۈنىڭىز ئىچىدە ئاز دىگەندىمۇ 15-20 مىنۇت كىتاب ئوقۇشقا كاپالەت بېرىڭ. كەچلەردە، ئۇخلاش ئالدىدا كىتاب ئوقۇش-جىددىيلىكنى پەسەيتىدۇ.

 

🔺 كىتاب تاللىغاندا ئوقۇغۇڭىز بار كىتابنى تاللاڭ

ۋەزىپە ئۈچۈنلا كىتاب ئوقۇسىڭىز ھوزۇر تاپالمايسىز. بىرەر كىتابنى باشلاپ نەچچە كۈنگىچىمۇ ئىچىگە كىرەلمىگەن بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى كىتابىڭىزنى ئالماشتۇرۇڭ.
پىقىر، بەزى كىتابلارنىڭ ئىچىگە نەچچە ئاي، ھەتتا، بىرەر يىلمۇ كىرەرمەي، ۋاقتى كەلگەندە زورلاپ ئوقۇۋەتكەن، ئوقۇغۇنىمدىن خۇش بوپقالغان كىتابلىرىم بار. مەسلەن: كازىئۇ ئىشىگۇرۇنىڭ «مەندىن ئايرىلمىغىن»، ئورخان پامۇكنىڭ « مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» دىگەندەك كىتابلار.

 

🔺 يېڭىچە ژانىرلارنىمۇ ئوقۇپ بېقىڭ
يېڭىچە ژانىرلار بىلەن ئۇچىرىشىش ئارقىلىق نەزەر دائىرىڭىز كېڭىيىدۇ.
يېڭىچە ئېقىم، چۈشەنچىلەر، سۆزلۈكلەر بىلەن ئۇچىرىشىشلار ئەمەس، يېڭىچە قىزىقىشمۇ يېتىلدۈرەلىشىڭىز مۇمكىن.

 

🔺 ئېلىكتىرونلۇق كىتاب ھەر قانداق جايدا ئەپلىك.

ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق يەردە ئوقۇغىلى بولىدىغان ئېلكىتابنى ئوقۇش ئادىتى شەخسەن مەندە يوق. نېمىشقىدۇر ئۇزۇن ماقالە، ئەسەرلەرنى قولۇمغا ئېلىپ تۇرۇپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن.

 

 

🔺 يېنىدا كىتاب ئېلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش

كىتاب ئوقۇش مىقدارىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىدىن بىرى- يېنىدا ئوقۇۋاتقان كىتابىنى بىللە ئېلىپ يۈرۈش.
سومكىڭىز، ماشىنىڭىزغا ئوقۇۋاتقان كىتابىڭىز، ژورنال، گىزىتلىرىڭىزنى قويۇپ قويۇڭ. كىچىككىنە ۋاقىت تاپسىڭىز چىقىرىپلا ئوقۇيالايسىز.
مەسلەن: دوختۇرخانىدا نۆۋەت كۈتكەچ، مىتىرولاردا دىگەندەك.

 

🔺 كۆڭۈلگە ئازادىلىك بېغىشلايدىغان جايلارنى تاللاش.

مەنزىرسى گۈزەل باغچىلارنىڭ ئورۇندۇقى، دېڭىز ساھىلى، سايە تاشلاپ تۇرغان دەرەخ ئاستىدىكى چىملىق…دىگەندەك جايلاردا يېشىل چاي، قەھۋە، يەڭگىل يىمەكلىكلەر بىلەن بىللە كىتاب ئوقۇش ھاياتنىڭ بىر ھوزۇرى.
مەن ئۈچۈن ھەقىقەتەن شۇنداق، ئۇندىن باشقا ئۆي، قەھۋەخانا..مەن كىتاب ئوقۇشنى ياقتۇرىدىغان جايلار.

 

 

🔺ئوقۇيدىغان كىتاب سانىنى نىشان قىلىۋىلىڭ.

مەسلەن، ئايدا ئىككى پارچە كىتابتىن يىلدا 24 پارچە كىتاب ئوقۇيمەن دىگەندەك.
پىلانىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن، ئوقۇشتىن ھوزۇرلىنالايدىغان دەرىجىدە بولسۇن.
شەخسەن ئۆزۈمنى ئالسام، مەن كۆپىنچە كىتاب سانىنى قوغلاشمايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇش سۈرىتىم ئاستانەچچە كۈندىلا بىر كىتاب تۈگىتىش سۈرئىتىدە كىتاب ئوقۇيالمايمەن.
ئوقۇغان كىتابىڭىزدىن تەسىرات قالدۇرۇش ھەممىدىن موھىم.
بۇ جەھەتتە، يىللار بوپتۇ ھېچ بولمىسا كۈندىلىك خاتىرەمگە بولسىمۇ تەسىراتىمنى قالدۇرۇو قويۇشنى ئادەت قىلغىلى. شەخسى بىلوگىمدا ئوقۇغان كىتابلىرىمنىڭ تەسىراتلىرى خېلى كۆپ جۇغلىنىپمۇ قاپتۇ.

 

 

يېڭى ئادەت يېتىلدۈرۈشنى، يېڭىچە ئۆزىنى كۆرۈشنى خالايدىغان دوستلار #ھەپتىدە بىر ئادەت# كە ئەگىشىڭ.

 

************

مەنبە: 52 small changes for the mind – brett blumenthal
دىن ئۆزلەشتۈرۈلدى.

 2020.07.22   رەيھان ئابلەت

تارقىتىڭ...
  1. ناھايتى ياخشى ئاددەت چارچىماڭ…☕️☕️

  2. ماقۇل مەن ئەگىشىمەن ، رەيھانگۈل ھەدە

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ھەپتىدە

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى