ھەپتىدە بىر ئادەت-بەدىنىڭىزنى تىڭشاڭ (4)

2,777 قېتىم ئوقۇلدى

ئەتە ئۆيىڭىزگە مىھمان كەلمەكچى. كەچ سائەت11:00 بوپكەتكەن بولسىمۇ، مىھماننىڭ تەييارلىقلىرى ھېچبىر پۈتمەيۋاتىدۇ..ئۆزىڭىزمۇ شۇنچىلىك چارچىدىڭىز، بەدەنلىرىڭىز چارچىغاندىن ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ…بۇ چاغدا:

ئا: ھەممىنى شۇ يەردە قويۇپ قويۇپ ئۇخلايمەن.

ب: ھامىنى قىلغاندىكىن ئاخىرىغىچە قىلىۋەتمىسەم بولمايدۇ،- دەپ ئاخىرىغىچە قىلىمەن.

سىز قايسى تىپتىكى ئادەم؟ مەن ئا تىپتىكى ئادەم ھەم شۇنداق بولۇشنى تاللايمەن. 
بۈگۈنكى مەزمۇننى يېقىملىق مۇزىكىدىن نىرۋىلىرىڭىزنى ئارام ئالدۇرغاچ ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن ئۆزىڭىزگە ئارام بېرىش ئۇسۇلىڭىز توغۇرلۇق ئويلىنىپ كۆرگەيسىز.

بەدەن بىزگە ئەڭ توغرىسىنى سۆزلەيدۇ. يىگۈسى، قىلغۇسى بارنى، سۆيۈش-سۆيمەسلىكنى، ھەتتا چارچىغانلىقىنى…سىز بەدىنىڭىزنى تىڭشاپ بېقىپسىزمۇ؟ بۇ قېتىم بىز بەدىنىمىزنى تىڭشاشنى، بولۇپمۇ چارچىغاندا دەم ئېلىشنى مەشىق قىلىپ باقايلى. 

 

Guzlerin – Bris Akarsu

 

  دەم ئېلىشنى بىلىڭ 

 

ھەقىقى ھورۇن ھېچ  ئىشنى باشقا ئاچىقالمايدۇ.
ئەكسىچە، داۋاملىق ئالدىراشلا يۈرىدىغان كىشىمۇ ھەرگىز ئىلگىرى باسالمايدۇ.

William Henwich Ogilvie

ئەتراپىمىزدىكىلەردىن«تاماق يىگۈدەكمۇ ۋاقىت يوق ئىشلەپ كەتتىم»،«ماقالەم ئۈچۈن بۈگۈنگە تەۋە ئىككى سائەتلا ئۇخلىدىم»دېگەندەك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئىزدېشىش خوشياقمىغاندا تېخى«بەك ئالدىراش بوپ كېتىپ ئالاقىلىشالماي قالدىم»دەيدىغان باھانىلىرىمىزمۇ بار.

ھەقىقى ئۈنۈمدار ئادەم دەم ئېلىشنمۇ بىلىدىغان، ئىشلەشنىمۇ بىلىدىغان، ئەڭ ئالدىراش، جىددىي پەيتتىمۇ بەدىننىڭ سىگنالىغا ھۆرمەت قىلىدىغان ئادەملەر، شۇنداققۇ؟

بەدىنىمنى قانداق ئارام ئالدۇرىمەن؟

 

كۈندىلىك پىلانىڭىزغا ئارام ئېلىش ۋاقتىنىمۇ كىرگۈزۈپ قويۇڭ

2001-يىللىق تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ئارام ئېلىش ۋاقتىنى بىكىتىپ قويغاندا، خالىغان ۋاقىتتا دەم ئالغىلى بولىدىكەن. نۇرغۇنلىغان كىشىلەرخىزمەت بىلەن بوپ كېتىپ ئارام ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالىدىكەن ياكى دەم ئالغان ۋاقتىغا ئېچى ئاغرىپ كېتىدىكەن. شەخسەن مەنمۇ بۇرۇن شۇنداقتىم. بىردەم ئۇخلىۋىلىشنى گۇناھ ئۆتكۈزگەندەك ئۆزۈمنى ئەيىپلەپ قالاتتىم. بىردەم كىنو كۆرگەن ۋاقتىمغا ئىچىم ئاغرىپ كىتەتتى. شۇنىڭغا ئوخشاش بىردەم خىزمەتتىن ئايرىلىش ئىمكانىيىتى تۇرۇپمۇ ئايرىلالمايدىغان، بىردەم دەم ئالسا ئۆزىنى گۇناھكارغا چىقىرىۋىتىدىغانلارغا ياخشى ئامال كۈندىلىك پىلانىغا ئارام ئېلىش ۋاقتىنى قىستۇرۇپ قويۇش.

ئادەمنى روھلۇق قىلىدىغان دەم ئېلىش ئۇسۇل

داۋاملىق شىرە ئالدىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان بولسىڭىز:
سېرىتقا چىقىپ يېڭى ھاۋادىن نەپەس ئېلىش، ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ بەدەن سوزۇش ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەش، تازىلىق ئۆيىگە بارىدىغان چاغدا پەشتاقتىن چىقىپ -چۈشۈش، باشقىلار بىلەن تىلفۇندا پاراڭلاشقان ئۆرە تۇرۇپ پاراڭلىشىش…دىگەندەك ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىڭ.

دەرھال قىلالايدىغان ئىشلار

چوڭقۇرنەپەس ئېلىش، بىردەم خام-خىيال سۈرۈش، خىزمەت بىلەن مۇناسىۋەتسىزكىشىگە ئارامبەخش ئېتىدىغان كىتابلارنى ئوقۇش، كىشىگە تىنچلىق بېغىشلايدىغان ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاش، بىردەم باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىش،  بەش-ئون مىنۇتلۇق مۈگدىۋىلىش.

 

چارچاپ كەتكەن بولسىڭىز « چارچىدىم» دەڭ.

全部自分が悪いと思わない
«ھەممىسى مېنىڭ خاتالىقىم» دەپ ئويلىۋالماڭ.

完璧な自分をやめる
مۇكەممەل ئۆزىڭىزدىن ۋاز كېچىڭ.

求め過ぎず、期待し過ぎない
ئۈمىد-تەلەپلىرىڭىز چىكىدىن ئېشىپ كەتمىسۇن.

心の逃げ場所を持つ
يۈرىكىڭىزنى يوشۇرۇپ قويالايدىغان يېرىڭىز بولسۇن.

理想と遠くても、自分を許す
غايىڭىزدىن يېراقلاپ كەتكەن  ئۆزىڭىزنى كەچۈرىۋىتىڭ.

人は人、自分は自分でいい
خەق دىگەن خەق، مەن ئۆزۈم بولسام كۇپايە.

بۇ قۇرلارنى يىزىۋاتقنىمدا ئۆزۈمنى ماغدۇرسىز ھىس قىلماقتىمەن. بىردەم ئارام ئېلىۋالاي.

 

***********************

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

يېڭىچە ئادەت يېتىلدۈرۈشنى، يىڭىچە ئۆزىنى كۆرۈشنى خالايدىغان دوستلار#ھەپتىدە بىر ئادەت سەىپىسىگە ئەگىشىۋىلىڭ.

تارقىتىڭ...
  1. ھەقىقەتەن ياخشى مەزمۇنكەن ، مەن چىقالىدىم

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ھەپتىدە

باش بەتكە قايتىمەن

© 2026 توكيو خاتىرىلىرى