自分の記憶力に不満を抱く人は多いが、自分の判断力に不満を抱く人はほとんどいない。

نۇرغۇنلىغان كىشىلەرئۆزىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىتىدىن نارازى بولىدۇ-يۇ، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىداردىن نارازى بولىدىغانلار ئاساسەن يوق دىيەرلىك.

Francois de la Rochefoucau

 

30 ياشلاردىكى كارخانا پائالىيەتلىرىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بۇ قىز ئۆزىنىڭ توي مۇراسىمىغا شەخسى نام-شۆھرىتى ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە مەخسۇس مۇراسىملارنىڭ تەشكىللىگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن 100مىڭ دوللارمۇ خەجلىگەنىدى.

قىز مۇراسىمنىڭ ھەر بىر ھالقىلىرىغىچە ئىنىچىكىلىك بىلەن تەييارلىق كۆردى. ھەتتا، كۈتىۋىلىش مۇراسىمىغا تەييارلانغان زىياپەت ئۈستىلىگە تېزىلغان گۈللەرنىڭ مىھمانلار پاراڭلاشقاندا بىر-بىرىنى كۆرەلمەي ئاۋارىچىلىق بولمايدىغان دەرىجىدىكى ئېگىزلىگىگىچە  باش قاتۇردى.

دەرۋەقە، توي مۇراسىمى بولغان شۇكۈنى يېڭى كىلىنچەكنىڭ زىياپەت ئۈستىلىدىكى گۈللەرنىڭ ئېگىزلىكىنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىقىغا، مىھمانلارنىڭ پاراڭلىشىشىغا ئەپسىز بوپقالغانلىقغا كۆزى چۈشتى ھەم شۇ مەيداندىلا مۇراسىم پىلانلىغۇچى ئەرنى ئەيىپلىدى.
ئەر نۇرغۇنلىغان مىھمانلارنىڭ ئالدىدا ئەيىپلەنگەنلىكىدىن ئوڭايسىزلاندى ھەم يېڭى كېلىنچەككە ئاچچىقلىدى.
ئۆزىنىڭ توي مۇراسىمى سورۇندىلا باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قاتتىق مۇئامىلە قىلىشىغا ئۇچىرىغان قىز زالدىن يىغلىنىچە چىقىپ كەتتى.
خوش، ھاياتىنىڭ ئەڭ گۈزەل بىر كۈنىدە قىزنىڭ خۇشاللىقى ئەرزىمەس بىر ئىش ئۈچۈن ۋەيران بولدى. بۇ يەردىكى سەۋەنلىك نېمە؟

ئاۋۇ يېڭى كېلىنچەكتەك موھىم سورۇنلاردا كەيپىياتىنى بىرتەرەپ قىلالمايدىغان، بىرەرئىش كۆڭلىگە كەلسە، نارازىلىقىنى پەيت، سورۇن تاللىمايلا كەيپىياتىغا ئايلاندۇرىۋىلىپ خۇشال مىنۇتلاردىن ئۆزىنىلا ئەمەس، باشقىلارنىمۇ مەھرۇم قىلىدىغان ئەھۋاللار بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا، ئەتراپىمىزدا يوق ئەمەس.

مۇشۇنداق سورۇنلاردا ھەقىقەتەن ئاچچىغىنى كەلتۈرىدىغان، كۆڭلىگە كېلىدىغان ئىشلار بولۇپ، ئۆزىنى بېسىۋالالمىغاندا كەيپىياتنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئامالى بارمۇ؟

 

Why-Anna RF

 

بۇ يەردىكى مەسىلە دەرەخنى كۆرۈپ ئورمانلىقنى كۆرەلمىگەنگە ئوخشايدۇ.

قىز نۇرغۇنلىغان پۇل خەجلەنگەن، ھاياتىدا بىرلا كېلىدىغان توي مۇراسىم كۈنىنى ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل بىر كۈن قىلىشقا ھەقلىق ئىدى. ئۇ كۈنى دىققىتىنى زىياپەت زالىدىكى يوچۇقلارغا، سەۋەنلىكلەرگە ئەمەس شۇ كۈندىكى خۇشال مىنۇتلار ئۈچۈن سەرپ قىلغان بولسا بۇ كۈن ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل، ئۇنتۇلماس بىر كۈن خاتىرىسى بولۇپ قالاتتى.

ئەپسۇس! ئاغرىنىش، نارازىلىقنىڭ ھەممىسىنى ھەممىلا يەردە ئېيتىۋىرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى.
يۇقارقى مىسالدىكى كېلىنچەكنى ئالساق، شۇنچە پۇل خەجلىگەن توي مۇراسىمىدا سەۋەنلىك كۆرۈلۈپ، ئىچى ئاچچىق بولغاندا ئەڭ ياخشىسى يولدىشى، بىرەر دوستى ياكى ئاپىسى دىگەندەك يېقىنىدىن بىرەرنى ئادەم يوق يەرگە تارتىپ، « بولۇمسىز گۈل» ئۈچۈن ئىككى مىنۇت ( ئەڭ ياخشىسى ئىككى مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمىسۇن) قاقشاپ -قاقشىۋىلىپ قارشى تەرەپنىڭ ئورتاقلىشىشغا ئېرىشىش، بىر قۇچاقلاپ قويۇش، بەزىلەپ قويۇشى بىلەن بولدى قىلىپ مىھمانلىرىنىڭ ئالدىغا تويى تەبرىكلىنىۋاتقان يۈزلىرىدە بەخىت جىلۋىلەنگەن توي قىزچاق ھالىدا پەيدا بولىشى، ھاياتىنىڭ ئەڭ بەخىتلىك كۈنىنى ئەرزىمەس بىر ئىش ئۈچۈن بەربات قىلماسلىقى كېرەك ئىدى.

مەنچە ئۇشبۇ تېما، يۇقارقى مىسال ھەر بىرىمىزنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ.
بىزنىڭ توي-تۆكۈنلىرىمىزدە، موھىم مۇراسىملاردا كېلىنچەك بولمىغان تەقدىردىمۇ قۇدىلار ياكى باشقىلار ئەرزىمەس ئىشلار سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ كەيپىنى بۇزىدىغان ئىشلار يوق ئەمەس.

 

قەلبىدە ئاغرىنىش، نارازىمەنلىكنىڭ چۇڭقۇر قۇدۇقى بار ئادەم بۇ قۇدۇققا چۈشۈپ غەرق بولماسلىققا دىققەت قىلىشى زۆرۈر.

  قىزىقارلىق يېرى شۇكى، داۋاملىق ھەممىدىن نارازى بولۇپ قاقشاپلا يۈرىدىغان ئادەم ئۆزىنىڭ ھەممىلا يەردە قاقشايدىغانلىقىدىن بىخەۋەرسىز بولارمىش. لېكىن، ھەر بىر ئادەمنىڭ يۈكنى كۆتۈرۈشىنىڭ چېكى بولىدۇ. ئۇشبۇ باپتا دەل مۇشۇنىڭغا ماس كېلىدىغان يەنە بىر مىسال ئېلىنغان. يەنى، 14 ياشلىق تومى دادىسىنىڭ چېكىدىن ئاشقان قاقشاشلىرى، ئەيىپلەشلىرى سەۋەبلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالماقچى بولغان. بىراق، دادىسى ئۆزىنىڭ قانچىلىك قاقشىغۇچى ئېكەنلىكىدىن بىخەۋەر يۈرگەن. ئاخىرى تومىنىڭ  قاقشاش، ئەيىپلەشلەرگە تولغان سەبىر قاچىسى تېشىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىش گىردابىغا يەتكەن.

گېپىمىزنى يېغىنچاقلىساق، ئاغرىنىشلارنى توغرا پەيتتە، توغرا ئۇسۇلدا ئىپادىلەش ھەقىقەتەن كۈچلۈك قۇرالغا ئوخشىسىمۇ، بىراق، زىيادە قاقشاش، نارازىلىقنى پەقەت كەيپىياتنى چىقىرىۋىلىش ئۈچۈنلا سۆزلەش-ئەمەلىيەتتە كۆپىنچە ئەھۋالدا يەنىلا شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنى يارىلاندۇرىدۇ. بىز ھاياتقا، ئېرىشكەنلىرىمىزگە، ئائىلىمىزگە مىننەتدارلىق بىلەن يۈزلەنسەك، ئەرزىمەس نارازىلىقلارنى چۆرۈپ تاشلىساق، نارازىلىقلارغا مەلۇم دەرىجىدە چەك قويۇشنى بىلسەك ھاياتىمىزدىكى يارقىن رەڭلەر تېخىمۇ كېڭىيىدۇ.

 

 

بەزى تاڭ سەھەر پەيتلىرىدە قۇشلارنىڭ سايراشلىرى ئويغىتىدۇ، قايسى كۈنى بىر قانچە قېتىم ھاياتىمدا تۇنجى رەت كاككۇكنىڭ سايرىغان ئاۋازىدا ئويغىنىپ كەتتىم..شۈكۈرلەر بولسۇن يەنە بىر تاڭ سەھەرنىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلىنىش نېسىپ بولىغىنىغا.

خەيرىلىك سەھەر~

 

**************

مەنبە: ياپونچە“نارازىلىقنى ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلەش“ نامىلىق كىتابتىن

تەييارلىغۇچى: رەيھان

تارقىتىڭ...