خاتىمە: ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى پەرىقلەر

1,948 قېتىم ئوقۇلدى

ئىنژىنىر كارلوس ئۆزىنىڭ 50 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىگە بالىلىق چاغلىرىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان رائۇلۇنىڭ كەلمىگەنلىكىدىن كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئىش ئۇنىڭ ئەھمىيەتلىك تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن ھەيران قالدۇرغىدەك زىياپەت ئويۇشتۇرغان خانىمنىڭمۇ ئوخشاشلا كۆڭلىگە كېلىدۇ.
رائۇلۇ ئەمەلىيەتتە شۇ كۈنى دوستىنىڭ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى ئۈچۈن ئۈچ سائەتلىك يولنى خاتا ھېسابلاپ قويۇپ، زىياپەتكە كېچىكىپ قالغانلىقى ئۈچۈن قاتنىشالمايدۇ.
ئارىدىن كۈنلەر، ئايلار ئۆتكەن بولسىمۇ كارلوس يېقىن ئاغىنىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە كىلەلمىگەنلىكىدىن رەنجىگىنىنى ئاغىنىسىغا ئېيتمايدۇ.
ئايالى ئۇنىڭغا بىر قانچە قېتىم« ئاغىنىڭىزگە تېلىفۇن قىلىپ ئوچۇق پاراڭلاشسىڭىز بولمامدۇ؟» دىگەن بولسىمۇ، كارلوس « ئاي ئاخىرىدا..كېيىنچە…» دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ئارقىغا سۈرىدۇ.

بۇ ئىككى يېقىن ئاغىننىڭ 10يىلدىن بىرى ھەر يىلى بىر قېتىم بىللە بىلىق تۇتۇشقا بارىدىغان ئادىتى بار ئىدى، شۇڭا بۇ يىلمۇ ئەلۋەتتە بىللە بىلىق تۇتقىلى بارغاندا ھېلىقى گەپلەرنى دىيىشسەكمۇ بولىدۇ،-دەپ ئويلايتتى كارلوس.
لېكىن ئايالى مارىيا يولدىشىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىغمۇ ۋاقتىدا كۆڭلىگە كەلگەنلىرىنى ئېيتماي، شۇ ۋاققىچە سوزىدىغانلىقىغا ھەيران ئىدى.

شۇنداق قىلىپ ئاخىرى بۇ ئاغىنىلەرنىڭ بىللە بىلىق تۇتۇش سەپىرىمۇ باشلاندى. كارلوس ھېچبىر ھېلىقى ئىشتىن ئېغىز ئاچمىدى. ئاخىرى ماڭىدىغان كۈنى يۈك-تاقنى يۇغۇشتۇرىۋىتىپ ئېغىز ئاچتى.

كارلوس: ئالدىنقى ئايدىكى ھېلىقى ئىش…
رائۇلۇ: ھە…ئۇ ئىش ھەقىقەتەن….دىدى بېشىنى چايقىغىنىچە پەس ئاۋازدا.
كارلوس: ھە….باشقىچە ئويلىدىم.
رائۇلو: ئۇ ئىش…دىگىنىچە ئاۋازى يەنە پەسلەپ كەتتى ھەم ئاغىنىسىگە قاراپ:
يەنە بۇرۇنقىدەك ئاغىنىلەرغۇ بىز؟- دىدى.
كارلوس: ھەئە…

ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەنجىشلەر مۇشۇ پاراڭ بىلەن تۈگىگەن بولدى.😳
بۇ ئىككىسىنىڭ پارىڭىدىن، يولدىشىنىڭ ئوچۇق گەپ قىلمىغىنىدىن ئايالى خاپا بولىدۇ. لېكىن كارلوس دوستىنى «ئۇ يۈرىكىدىن كەچۈرۈم سورىدى» دەيدۇ.

شۇنداق، پاراڭلىشىش -پەقەت سۆز ئارقىلىقلا بولمايدۇ.
بەزىلەرگە سۆزلەنگەن سۆزلەر چۈشەندۈرۈشكە يەتمەيدۇ.
دوستلار ئوتتۇرىسىدا چۈشىنىشلەرگە بولسا كۆپ سۆز كەتمەيدۇ.

 

 

Chris Spheeris-Eros

 

ئەرلەرنىڭ دوستلۇقى بىلەن ئاياللارنىڭ دوستلۇقى قەتئى ئوخشىمايدۇ.ئۇلارنىڭ دوستلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت، ئاغرىنىشلارنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىمۇ زور پەرىقلىق بولىدۇ.

ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا دوستلۇقنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىدۇ. ئوتتۇرىدا مەسىلە پەيدا بولغاندا كۆپ سۆز ئىشلەتمەيدۇ. سۆزگە ئەمەس، ھەرىكەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

ئاياللارچۇ؟
ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئوخشىمايدىغان تەرىپىدىن بىرى، ئۇلار ئوخشاش جىنىسلىق دوستلىرى بىلەن بولغان ئالاقىدە ئىنچىكە، كۆپ تەرەپلىملىك، ھىسيات مول بولىدۇ.

ئەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەسلە بىرەر قېتىملىق باردى-كەلدى بىلەنلا تۈگەيدۇ، ئاياللارنىڭ بولسا بىر مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نەچچە قېتىم تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.😅😅
دوستلىرىغا بىرەر كۆڭۈل ئاغرىقىنى ئېيتماقچى بولغىنىدا، ئەرلەردىن سەزگۈر، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ.

ئاخىرىدا شۇنى خۇلاسە قىلىمىزكى، دوستىڭىز، قەدىرلىك ئادىمىڭىز سىزدىن رەنجىگەنلىرىنى ئېيتقىنىدا ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاخىرىغىچە ئاڭلاڭ.
ئۇنىڭ نېمىگە رەنجىگىنىنى قايتىلاپ تىلغا ئېلىڭ. مەسلەن: تېلىفۇنىڭىزنى ئالالمىغىنىم ئۈچۈن خاپا بولدىڭىز، شۇنداقمۇ؟ دىگەندەك.
ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ ئاغرىغىنىنى قوبۇل قىلىڭ.
مانا مۇشۇ ئۈچ باسقۇچتىن كېيىن ئۆزىڭىزنىڭ كۆز-قاراشلىرى، ئۇنىڭ خاتا كەتكەن يەرلىرىنى دىسىڭىز بولىدۇ. بىراق، ئېسىڭىزدە بولسۇن باشتىن-ئاخىرى قارشى تەرەپكە بولغان ھۆرمەتنى ئۇنۇتماڭ.

 

 

خاتىمە:

كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ۋىليامىز ئىېسىملىك قىزنىڭ ئىچ كىيىم سىتىۋالغاندا چوڭ نۇمۇرلۇقنىڭ نەچچە سوملا قىممەتلىكىدىن نارازى بولۇپ فەيسبۇكتا ئۆزىگە ئوخشاش چوڭ نۇمۇرلۇق ئىچ كىيىم كىيىدىغان، بەدەن شەكلى سەۋەبىدىن باششقىلار تەرىپىدىن ھەر خىل كەمسىتىشلەرگە ئۇچىرىغان 8000 نەپەر ئەتراپىدىكى قىزلار بىلەن ئۆزىنىڭ ھاياتىدىكى بۇ كۆڭۈل ئاغرىقلىرىنى ئورتاقلاشقانلىقى ھەم ئىچ كىيىم شىركىتىنى ئەرز قىلغانلىقى، ئاقىۋەت جەمىئەت خاراكتىرىلىك غۇلغۇلا قوزغاپ ئىچ كىيىمنىڭ چوڭ-كىچىك نۇمۇرلىقىنى ئوخشاش باھادا قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىغىنىدەك راست ۋەقەلىكلەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن، خېلى چوڭ ئىشلار بولسىمۇ «بوپتىلا» دەپ «سەبىر» قىلىدىغان بىزلەرنىڭ بۇ «سەبىر» لىرىمىزنىڭ نەقەدەر مەنىسىز ئىكەنلىكىنى يەنە بىر تونۇپ چىقتىم.
ئادەم ناھەقچىلىككە ئۇچىرىغاندا، ئازار يىگەندە ئاۋازىنى چىقىرىش، ئۆز قارىشىلىقىنى ئىپادىلەش كىرەككەن!

كىتابنىڭ ئەڭ موھىم ئىددىيەسىدىن بىرى شۇكى، يالغۇز بىر ئادەم بولغان تەقدىرىدىمۇ ئۇ ئۆزى ھەقىقەت دەپ قارىغان مەسىلە ئۈچۈن ئاۋازىنى چىقارغاننىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك مەنىسى ھەم ئۈنۈمى بار! بۇ ئارقىلىق جەمىيەتنى، دۆلەت تۈزۈمىنىمۇ ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
ئىشەنچ-ئىتىقاد يىلتىز قىلغان نارازىلىق بىر دۆلەتنىڭ تۈزۈمىنىمۇ ئۆزگەرتەلەيدۇ.

 

 

پىسخولوگىيەگە ئائىت ئۇشبۇ كىتابنى ئوقۇۋىتىپ ئاخىرىغا كەلگەندە ھېرىپ قالغاندەك بولغان بولساممۇ، ھاياتىمدىكى بىر قىممەتلىك دەرسكە ئىگە بولغاندەك بولدۇم. بۇندىن كېيىن بۇ كىتابى بىلىملەرنى رىئاللىقتا توغرا ئىشلىتەلەيدىغان بولالىشىمنى، ئاغرىنىشسىز كۈنلەردە ياشاش مۇمكىنسىز بولسىمۇ، ئۆزۈم موھىم دەپ بىلگەن كىشىلىرىم بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە مەسىللەرنى مۇۋاپىقىيەتلىك ھەل قىلىپ، ھاياتىمنىڭ تېخىمۇ مىھىر-مۇھەببەت، دوستلۇق گۈللىرى بىلەن بېزىلىشىنى كۈتىمەن.❤️

شۇنداق قىلىپ كىتاب تامام!

 

*****************

مەنبە: ياپونچە“نارازىلىقنى ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلەش“ نامىلىق كىتابنىڭ ئاخىرقى بابىدىن

تەييارلىغۇچى: رەيھان

 

تارقىتىڭ...
  1. كۆپ جاپا تارتىڭىز ئەجىرلىك بۇلۇڭ ❤️❤️

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

خاتىمە:

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى