كىتاب: سەردار ئۆزكاننىڭ «غايىب گۈل»رومانىدىن ئويغانغان تەپەككۇرلار

2,050 قېتىم ئوقۇلدى

سىنتەبىر ئايلىرىنىڭ ئاخىرىقى كۈنلىرىدە ياغقان يامغۇر توكيونىڭ مىچچىدە ئىسسىق يازلىرىنى بىراقلا ئۇزاتقاندەك، بىراقلا كۈزلۈك كېيىملەرنى كېيمىسە بولمىغۇدەك سوغ ئىدى.
يامغۇردىن كېيىنكى نەم، ساپ ھاۋا، مەھەللىمىزنىڭ يامغۇر مەنزىرىسى ھېلىلا ئوقۇپ تۈگەتكەن كىتابىمنىڭ تاتلىق ھېسلىرى بىلەن قوشۇلۇپ قەلبىمدە تەسۋىرلىگۈسىز سىرلىق ئىلھام ئويغىتىۋاتاتتى.

ئۇشبۇ كىتاب ئەسلىدىكى يارالمىش ئۆزى،ئەسلى ئۆزلۈكىنى ئىزدەۋاتقان ھەر بىر ئىنسان، بۇ دۇنيانىڭ رەڭۋازلىقىغا ئالدانماستىن خاس ھېدى بىلەن ياشاۋاتقان ھەم ياشاشقا ئېنتىلىۋاتقان ھەر بىر گۈل ئۈچۈن قىممەتلىك ئەڭگۈشتەر.
كىتابنى ئوقۇۋاتقان ئادەمنىڭ ئېتىلگەن قەلبلىرى، كۆزلىرى، قۇلاقلىرى ئېچىلىشقا باشلايدۇ.
ئۆزىدىن«ئەجىبا، مەن گۈلۈمنى تاپتىممۇ؟» دەپ قايتا سورايدۇ.
قەلبىگە سىزىلغان يولدىن چەتنەپ كېتىۋاتقان، ھەشەمەت، مەدىھيە، جاھان رەڭۋازلىقلىرىدا ئەسلى ھېدى، ئەسلى نۇرىنى يوقىتىۋاتقان ئۆز ئەۋلادىغان ئۆزلۈك تەربىيەسى، قەلب تەربىيەسى، ھايات ئەقىدىسىنى ئاجايىپ ئۇسۇلدا يەتكۈزگەن ئانىنىڭ پاراسىتىدىن سۆيۈنىدۇ ھەم توزۇپ تۇپراققا كۆمۈلسىمۇ، ھىد تارىتالايدىغان ئەنە شۇنداق گۈللەردىن، ئانىلاردىن بولۇشنى ئارمان قىلىپ قالىدۇ.

 

Magic Key Of Your Heart

 

قىسقىچە مەزمۇنى

 

سان فىرانسىسكو شەھىرىنىڭ ئارزۇلۇق ياشلىرىدىن بولغان دىئاننانىڭ ئەڭ بۆيۈك ئارزۇسى يازغۇچى بولۇش ئىدى. ھالبۇكى، باشقىلارنىڭ مەدىھيەسى، ئالقىش سادالىرىغا كۆنۈپ قالغان قىز باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى«بىچارە يازغۇچى» بولۇشنى تاللىماي، ئۆزىنى تېخىمۇ ئالقىشقا ئېرىشتۈرىدىغان «ئادۇۋكات» بولۇشنى تاللايدۇ.
ھالبۇكى، شۇنچىلىك مەدىھيلەر، بايلىق، مۇھەببەت، شۆھرەتلەر ئىچىدە ياشاۋاتقان دىئاننانىڭ ئىچكى دۇنياسىدا شۇنداق بىر ناخۇشلۇق بار ئىدىكى، ئۇنىڭ روھىيتىدىكى خاتىرجەمسىزلىكنى پەقەت ۋە پەقەت بىردىنبىر چۈشىنىدىغان، سىزىدىغان ئادەم ئۇنىڭ ئانىسى ئىدى.

ئەپسۇس، ئانىسى قىزىغا مەدىھيەلەرياغدۇرالىغىنى بىلەن قىزنىڭ قەلب دۇنياسىدىن قىلچە بىخەۋەردوستلىرى، مەستانىلىرىنىڭ ئارسىدا تىكەندەك يالغۇز قالدۇرۇپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدۇ.

كىتاب ۋەقەلىكى ھەشەمەتلىك ئۆيدە يالغۇز، چۈشكۈن، غېرىب قالغان قىزنىڭ قالايمىقان روھى دۇنياسى ۋە ئانىسىدىن قالغان بىر پارچە خەت بىلەن باشلىنىدۇ.
خەتتە دىئاننا بىر ياش ۋاقتىدا ئۇنىڭ قوشمىقى مارىينىڭ دادىسى بىلەن يېراقلارغا كەتكەنلىكى، مارىيدىن ئانىسىغا تۆت پارچە خەت كەلگەنلىكى، دىئاننانىڭ چوقۇم مارىينى ئىزدەپ تېپىشى تاپىلانغان. ھالبۇكى، دىئانناغا بېرىلگىنى «زەينەپ»، «لوقمان» ، بىر ساراينىڭ ئىسمى ھەم مارىينىڭ تۆت پارچە خېتىدىن ئىبارەت يىپ ئۇچىلا بولىدۇ.
دىئاننا مانا مۇشۇ بىر قانچە سۆز ۋە مارىينىڭ خەتلىرى ئارقىلىق ئاجايىپ ئەپسانىلەر كەبى سىرلىق مۇساپىنى بېسىپ ئاخىرى مارىينى تاپىدۇ.

ئۇنداقتا دىئاننا مارىينى قانداق تاپىدۇ؟مارىينى تېپىشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟

 

مارىينىڭ خېتى

 

مارىي دادىسىغا يازغان خېتىدە ئۆزىنىڭ گۈلىنىڭ ئوغۇرلانغانلىقى، بۇ گۈلنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى يازىدۇ.
ئۇنداقتا، مارىي ئوقۇغان ھەم كۆپچىلىكىمىزگە تونۇشلۇق بولغان«كىچىك شاھزادە»دىكى گۈل، مارىينىڭ گۈلى زادى قانداق گۈل؟

 

بىرىنجى پارچە خەت

كۆرۈش ئۈچۈن پەقەت كۆزگىلا تايىنىدىغان ئىش بولسا، ئاللىقاچان ئېزىپ قالغان بولاتتىم سىلەرنىڭ بۇ مۇدھېش دۇنيايىڭلاردا.
مارىي

 

مارىي مەدىھلەرگە كۆمۈلگەنسىرى ئۆزىنىڭ بارغانسىرى باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ قىلىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. باشقىلارنىڭ نەزىردىكى «مەن»دىن ۋاز كېچىش يولىنى تاللايدۇ.
مارىي ئەقلىنى بىلگەندىن باشلاپ سورىغان «ئانام قەنى؟» دىگەن سۇئالىغا باشقىلارنىڭ«تەڭرىنىڭ يېنىدا» دىيىشلىرىگە، بىراق ھېچكىمنىڭمۇ تەڭرىنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرىدۇ ھەم ئانىسىنىڭ ۋىسالىغا تۇتاشتۇرىدىغان بىر يول ئىزدەيدۇ.

 

ئىككىنجى پارچە خەت

ئۆزۈڭدە بارنى سېرىتتتىن ئىزدىمە،-دەيدۇ ئانىسى مارىينىڭ چۈشىدە.

 

مارىي چۈشىدە ئانىسىنىڭ ۋىسالىغا يەتكۈزىدىغان يولنى يەنى،گۈل بىلەن پاراڭلىشىش يولىدىن بىشارەت ئالىدۇ ھەم زەينەپ خانىمدىن گۈلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشنى ئۆگىنىدۇ. قەلبىگە تېرىلغان ئۇرۇقنىڭ شاراپىتىدە ھەقىقەتەن كۈنلەرنىڭ بىر كۈنىدە ئۆز ئۆيىدە گۈلنىڭ پىچىرلىشىنى ئاڭلايدۇ.

ئۈچىنجى پارچە خەت

گۈلنىڭ نەپەسلىرىگىچە تۇيۇشقا باشلىغان مارىيغا ھالرەڭ گۈل پىچىرلاپ بەكمۇ كەم ئۇچرايدىغان قىممەتلىك گۈل سوقرات ھەققىدە سۆزلەيدۇ ھەم سوقرات بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئانىسى بىلەن دىدارلىشالايدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.

تۆتىنجى پارچە خەت

قۇرۇق كونۋىرىتلا ئىدى.  ئىچىدىكى خەتنىڭ يەشمىسى ھېكايىمىزنىڭ ئاخىرىدا يېشىلىدۇ.

 

 

باغۋەن ۋە گۈلنىڭ ئاۋازى

 

ئۇ بىزگە كۆيۈمچاندۇر. يەنە كېلىپ ئەڭ گۈزەل شەكىلدە رەھمەت قولىنى سۇنار.
ئۇ ھەر بىرىمىزگە ئايرىم-ئايرىم ئالاھىدە پاسىباندۇر.
ئۇ بىزنى جاۋابسىز قالدۇرمايدۇ.بەلكى جاۋابىنى ئوخشىمىغان شەكىللەردە يوللايدۇ. بەزىدە بىر چۈش ئارقىلىق، بەزىدە بىر گۈل، بەزىدە بىر ئانا ۋاستىسى بىلەن…بەزىدە ھەتتا بىر تىلەمچى ئارقىلىقمۇ….
بىلكى، پەقەت گۈللەرلا ئەمەس، كائىناتتىكى جىمى نەرسە سۆزلەيدۇ.

زەينەپ خانىم

 

دىئاننا مارىينىڭ خېتىدىكى يىپ ئۇچىغا ئاساسەن جاپالار بىلەن گۈللەر باغچىسىنى، باغۋەن زەينەپ خانىمنى تېپىپ مارىيغا ئوخشاش گۈلنىڭ سۆزلەيدىغىنىغا ئىشەنمىسىمۇ يەنىلا گۈلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشنى ئۆگىنىدۇ. باغۋەن زەينەپ خانىم ھەقىقەتەن قەلبى نۇر ۋە ھېكىمەتكە تولغان ئاجايىپ ئۇستازبولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزى ھەر بىر دەرسى دىئاننا ئۈچۈن يۈرىكىگە سېلىنغان ئۇرۇق بولىدۇ.

 زەينەپ خانىمنىڭ ۋايىغا يەتكەن ئىچكى دۇنياسى كىشىنى لال قىلىدۇ. ئۇنىڭ قىزغا ئېيتقان ھەر بىر سۆزى بىز ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ ھەم قەلبنى ئەسىر قىلىدۇ.
ئۇلار دەرسىدە سارىگۈلنىڭ دوستى ۋىناس ئۈچۈن تۆككەن كۆز يېشىنى كۆرىدۇ.كىشىلەرگە ئۆز گۈزەللىكىنى كۆز -كۆز قىلىش، باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەر خىل رەڭ، ھەر خىل شەكىلگە كىرىپ ئاقىۋەتتە ئۆز ھىدىنى يوقىتىپ پۇراقسز گۈلگە ئايلىنىپ قالغان ۋىناسنىڭ تىراگىدىيەسىنى تىڭشايدۇ.

ئەفەس گۈلى ئارتەمىس ۋە مەريەمنىڭ جەڭگى-جىدەللىرىنىڭ شاھىدى بولىدۇ.

مەريەمنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى ھەقىقى گۈل بىلەن گۈزەللىكى بىلەن كىشىنى مەھلىياھ قىلسىمۇ ھىدىنى يوقاتقان پۇراقسىز گۈل ئوتتۇرىسىدىكى پەرىقنى ئېيىتپ بېرىشكە يىتەرلىك دەپ قارايمەن.

***

مەريەم ئارتەمىسكە دەيدۇكى:

ھەقلىقسەن، مەن ئۇنچىۋالا ئۇلۇغ نەرسە ئەمەسمەن. ئەمما مەن بىر گۈلمەن….
ئادەملەر مېنى سۆيسۇن سۆيمىسۇن، كىملەردۇر مېنىڭ دەردىمدە ئەقلىدىن ئازسۇن ۋە ياكى قېشىمغا ئىنىس-جىن بولسۇن-يولىمىسۇن،
پەقەت، پەقەتلا بىر گۈلمەن!
شۇنداق، ئۇلۇغلۇقتىن داۋايىم يوق، ئاددى بىر گۈل بولساملا بولدى.
گۈلنىڭ نېمىدىن دىرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلەمسەن، دوستۇم؟
گۈل-ئەركىنلىك دېمەكتۇر!
باشقىلارنىڭ مەدىھيەسىدە ياشناپ، تەنقىدىدە ئۆلمەستىن مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇش دېمەكتۇر.

ياق! گۈل ئۈچۈن كۈز يامغۇرى-باھار ھازىرلىقى دېمەكتۇر. مەن پەقەت بىر گۈل بولسام كۇپايە!

مەن ئالدىمغا كەلگەنلەردىن ئاجىزانە ئىڭراش كۈتمەيمەن.
سۆيگۈ ئاشىقنى سۇندۇرۇپ زەئىپلەشتۈرمەيدۇ.
ئەكسىچە، تېخىمۇ ئەزىز قىلىدۇ، يۈكسەلدۈرىدۇ.

پۇراقسىز گۈللەرنىڭ گۈزەللىكىگە ئەسىر بولغانلار ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭدىنمۇ گۈزەل، قۇدىرەتلىك،يېڭى بىر گۈلىنى تاپقىنىدا بۇرۇنقىسىنى تەرك ئېتىدۇ.

سۆيگۈ سۆيگۈ ئەمەستۇر، ئاشىق بەدەل سورىسا.

***

دىئاننا بۇ ئىككى گۈلنىڭ تالاش-تارتىشلىرىدىن، مەريەمنىڭ سۆزلىرىدىن ئۆزى ۋە مارىي ھەققىدە ئويلىنىدۇ. قىزدىكى قەلب ئويغىنىشقا، يوقىتىپ قويغان گۈلىنى ئىزدەشكە باشلايدۇ.

شۇنداق قىلىپ دىئاننا ئانىسىنىڭ دوستى جونسون خانىم، باغۋەن، ياخشىلىقىغا ھەق ئالمايدىغان ئالىيجاناپ تىلەمچىلەرنىڭ ياردىمىدە ئاخىرى مارىينى، يەنى ئۆزىنى تاپىدۇ.

 

 

 

رەسسام ۋە ئۇنىڭ سۆيگۈسى

 

خارۋاردتا ئوقۇغانلىقىم ئۈچۈنلا ئۇنىڭ ماڭا باشقىچە نەزردە قارىشىنى خالىمايمەن. ئاخىرىدا ئۆزۈمدىن تاشقىرى بىر نەرسە ئۈچۈن سۆيۈلۈپ جازاغا قالغۇم يوق.

*

«روھى ھەمراھىم» پۈتۈن دۇنيا مېنى يالغانچىغا چىقارغاندىمۇ يەنىلا ماڭا ئىشىنەلەيدىغان،
ھەتتا ماڭا مەن كۆرەلمەيدىغان قۇم دۆۋىلىرىنى، مەن پەرىق ئېتەلمەيدىغان دېڭىز قولتۇقلىرىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان ئادەمدۇر.

رەسسام

 

كىتابتا ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلغان شەخسىتىن بىرى، رەسسام يىگىت ماسىئاس.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى رەسىم سىزىش ئۈچۈن، ئىقتىساد كەسپىدە ئوقۇۋاتقان خارۋاردتىن ۋاز كېچىدۇ. ھالبۇكى، تۇنجى كۆرۈپ سۆيۈپ قالغان قىزنى پەقەت ئۆزىنىڭ ئوقۇش تارىخى، مەكتىپى، كەسىپى، تالانتى، ئەقىل-پاراسىتى…لەر ئۈچۈن سۆيۈشىنى خالىمايدۇ. قسقىسى، ئۇ ئۆزىدە يوق نەرسىلەر ئۈچۈن مەدىھلىنىشنى، سۆيۈلۈشنى رەت قىلىدۇ.
قىز تاللاشتىكى ئون ئۆلچىمىنىڭ توققۇزىغا چۈشۈپ، ئەڭ موھىم ئۆلچىمى بولغان چىھرىدە نۇربولۇشنى گۈزەل دىئاننادىن تاپالمىغانلىقى سەۋەبلىك قىزدىن ئايرىلىدۇ..

ئۇ ھېچقاچان قىزنىڭ گۈزەل رۇخسارى، ھەشەمىتى، شان-شۆھرىتى، ئۇنۋانىنى تاللىمايدۇ، ئۆزىنىڭمۇ مۇنداق نەرسىلەر ئۈچۈن سۆيۈلۈشىنى كۈتمەيدۇ!
ئۇ ئۆزى بولغانلىقى ئۈچۈن سۆيۈلۈشنى ئارزۇ قىلغىنىدەك، ئۆزىدەك ياشىيالايدىغان قىزنى ئارمان قىلىدۇ! مانا بۇتەرىپى ئەسەردىكى يىگىتكە بولغان ھۆرمەتنى قوزغايدۇ

ئۆزىگە ئۆزلۈكتىن قۇۋۋەت بەرگەن ئەركەك ئۆمۈرلۈك ھەمراھىدىن ئالدى بىلەن تەلەپ قىلىدىغىنى كۆزلەرنى لال قىلىدىغان تاشقى گۈزەللىكى، شەۋكىتى، ئابرويى، ئوقۇش تارىخى، كەسپى…بولماستىن، ئۇنىڭ ئىچىدىن بالقىپ چىققان چىھرىدىكى نۇر بولىدۇ. دۇنيا رەڭلىرى ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئەسلى رېڭىنى، ئەسلى ھېدىنى يوقاتمىغان پۇرىقى بولىدۇ!
قەلبىدىكى ئىلاھى روھقا، قەلبىگە سىزىلغان يولغا، ئىلھام بولۇپ بېرىلگەن ئارزۇسىغا مەدىھيەلەردىن، ماختاشلاردىن ھالقىغان ئەقىدە بولىدۇ.
ئۆزىگە يۇقىرى تەلەپ قويالايدىغان ھەقىقى ئەركەكنىڭ روھى ھەمراھىغا قويىغان ئۆلچىمىمۇ مانا مۇشۇنداق ئۈستۈن بولىدۇ.

 

ئىككى ئەمەس بىر

 

ئادەم ئۆز كىملىكىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ باھا سىنى ئەينەك قىلغاندا، ئۇنىڭ ھاياتى باشقىلارنىڭ خاھىشى، تەلىپى-ئارزۇلىرى تەرىپىدىن كىشەنلىنىدۇ.

قوشماق قىز مارىي بىلەن دىئانا كىچىكىدە ئايرىلىپ كېتىدۇ. بۇ ئىككى قىزنىڭ تاللىغان ھاياتى پاراللىل ئىككى گۈل كەبى بولىدۇ.
بىرى، ئانىسىنى ئىزدەپ تېپىشنى غايە قىلىدۇ.
يەنە بىرى، كىچىكىدىن تارتىپ «دادام قەنى؟» دەپ سورايدىغان سۇئالىنىڭ جاۋابى ھەققىدە ئىزدىنىشتىن توختاپ قالىدۇ.
بىرى، گۈلنىڭ سۆزلىيەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ھالبۇكى، يەنە بىرى ئىشەنمەيدۇ.
بىرى ئۆز گۈلىنى ئىزدەپ تېپىشتىن ئىبارەت ئارزۇسى ئۈچۈن مەدىھيەلەر، شۆھرەتلەرنى تەرىك ئېتىدۇ.
يەنە بىرى، ئەڭ بۆيۈك ئارزۇسى يازغۇچى بولۇشنى تاشلاپ، باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى قالتىس ئادۇۋكاتلىقنى تاللايدۇ. نەتىجىدە بۇ ئىككى روھ بىر تەندە ياشىغان بولۇپ چىقىدۇ.
مەريەم ئاددى بولسىمۇ،ھەقىقى گۈل بولۇش ئۈچۈن ياشايدۇ.
ئارتەمس- باشقىلارنىڭ مەدىھيەسى، تىۋىنىشلىرى ئىچىدە تەمەننا بىلەن ھىدسىز جىلۋىنى تاللايدۇ.
ئۇلارنىڭ بەھوزۇرسىز بىر تەشتەكتە ياشىشى ئەتراپىدىكى گۈللەرلا ئەمەس، ئادەملەرنىڭمۇ ھوزۇرىنى كېسىدۇ. دەرۋەقە، بۇ ئىككى خىل گۈل يەنىلا بىر تەشتەكتە چىرمىشىپ ياشايدۇ.

ئاخىرىدا رەسسام بىلەن دىئاننا بارىدىغان ئەفەس شەھىرىمۇ قوشكىزەكلەر شەھىرى بولۇپ،
ئۇنىڭدا ئارتەمىسنىڭ، مەريەم ئانىنىڭ روھى
كىبىر بىلەن تەۋەززۇ، ئاسارەت بىلەن ھۆرلۈك گىرەلىشىپ كەتكەن ئىنسان كەبى شەھەردە ھەممە گىرەلىشىپ ياشايدۇ.

رەسسام سىزغان دېڭىزدا قانات قاققان چايكىمۇ ئوخشاش رەسىمدە ئىككى بولىدۇ، ئۇنىڭ ماسىئاس ۋە جوندىن ئىبارەت ئىسمىمۇ ئەسلىدە ئىككى ئەمەس بىر ۋۇجۇدتا ياشايدۇ.

***

ئوخشاشلا سىزنىڭ ۋە مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا  ئىبلىس بىلەن پەرىشتە، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، خۇشاللىق بىلەن ئازاب، ئۈمىد-ئۈمىدسىزلىك، كىبىر-كەمتەرلىك، ھۆرلۈك ۋە ئاسارەت، ئۆزلۈك ۋە باشقىلار ياساپ بەرگەن كىملىك…..مانا بۇ قارمۇ-قارشىلىقلارھامان بىر تەشتەكتە بىر-بىرىگەزىددىيەتلىك ياشاپ كەلگەن مەريەم بىلەن ئارتەمىستەك بىر-بىرى بىلەن زىددىيەتلىشىپ ياشايدۇ….خۇددى بۇ گۈللەرتۇپراققا قايتىپ ئەسلى گۈل كەبى باراقسانلىغىنىدا ئەسلى ھېدىنى تارىتالايدۇھەم توزىسىمۇ ھامان گۈلنىڭ خۇشپۇرىقى تۇپراقلارغا، باشقا گۈللەرگە سېڭىپ كېتىدۇ…..

***

سەھەر ئويغىنىپ قەلبىمنىڭ مۇنداق پىچىرلىغىنىنى ئاڭلىدىم:

ئەسلىدە بارچە گۇناھلارنىڭ مەنبەسى كۆزلەرنىڭ كورلىقى، قۇلاقلارنىڭ گاسلىقى، قەلىبلەرنىڭ ئېتىلگىنىكەن.
ھەم بۇ ئادەم ئۈچۈن بەك چوڭ يوقىتىش،ھاياتلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ جازاسىكەن!

 قەلبىڭنى تىڭشا، ئۇساڭا پەقەت ساڭىلا خاس يولنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۆزۈڭ بولۇپ ياشىساڭ، ئەڭ ئۆزگىچە ياشىغان بولىسەن!

 

****************

رەيھان ئابلەت

2020-يىلى 27-سىنتەبىر، سەھەر باغچىدا يېزىلدى.

 

 

 

تارقىتىڭ...
  1. ئېلكىتابنىڭ ئۇلىشنى يوللاپ قويالاسىزمۇ

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

كىتاب:

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى