كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بىر كۈنى، مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ بۇ قىممەتلىك شېئىرىنى يۈرۈكۈم تىتىرىگەن ھالدا ئوقۇپ چىقتىم.

مەرھۇمنىڭ بۇ شېئىرنى يېزىپ چىققاندىكى باھارغا بولغان زارقىشلىرى، زىمىستاندىن ھالسىرىغان روھى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە ياشاۋاتقان بىزنىڭمۇ پەرىقلەنمەيتتى.

شۇ تاپتا مەنمۇ جانۇ-جانىمدىن باھار چىللاۋاتىمەن!

 

رەسىم لاھىيلىگۈچى: ئىلياس ئابدۇۋەلى

 

 

باھار چىللايمەن

 

باھار چىللايمەن
شېئىر: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
ئاۋازدا: رەيھان ئابلەت
🕊

زېرىككەچ جانلار بۇ زىمىستاندىن،

جانۇ-جانىمدىن باھار چىللايمەن.

تۈنلەر كېچىسى ھۇۋلىغان شىردەك،

ئاھ-پىغانىمدىن باھار چىللايمەن.

 

نە تاقىتىم بار، نە سەۋرىم ئەمدى،

قايناق بىر قازان يۈرىكىم ئەمدى.

گويا بىر ۋولقان تىلىكىم ئەمدى،

شۇ ۋولقانىمدىن باھار چىللايمەن.

 

ئۆلۈمدىن ئارتۇق يىغلاپ ئولتۇرماق،

مىراسمىدى بۇ ياشلار ئاققۇزماق؟

خائىنلار ئىشى باش ئېگىپ تۇرماق،

پاك ۋىجدانىمدىن باھار چىللايمەن.

 

شۇنى كۈيلەيمەن زىمىستاندىمۇ،

تىلىم زەنجىردە باغلانغاندىمۇ،

كۆكرەككە نەيزە قادالغاندىمۇ،

ئىسسىق قېنىمدىن باھار چىللايمەن.

 

ئۈمۈدۈم بۈگۈن خىيالدىن يۈكسەك،

ئۈمۈد باغىدا ئاچتى كۆپ چېچەك.

خىيالدىن ئارتۇق تاشقىن بۇ تىلەك،

كۈرەشچان تاڭدىن باھار چىللايمەن.

 

باھار چىللايمەن، باھار چىللايمەن،

خەلق بەختىگە بىر يار تىلەيمەن.

ئارزۇيۇم باھار، ئۈمىدىم باھار،

ئۇندىن ئۆزگىگە كۆڭۈل بۆلمەيمەن.

 

باھار چىللايمەن، باھار چىللايمەن،

خەلق مۇڭى شۇ شۇنى كۈيلەيمەن.

بوۋاممۇ ماڭا شۇنى ئۆگەتكەن،

ئۇندىن ئۆزگىنى نېچۈك سۆيەي مەن.

 

باھار چىللايمەن، تۈنلەر كېچىسى،

مەيلى توزىسۇن ئۆمرۈم غۇنچىسى.

رازىمەن شۇندىن، قىلچە ئارمان يوق،

بولالىسام مەن خەلق مۇڭچىسى.

🕊

1947-يىلى 29-يانۋار، ئۈرۈمچى

 

رەسىم لاھىيلىگۈچى: ئىلياس ئابدۇۋەلى

 

2020-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى لۇيس گۈلكنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇسىمۇ ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرىنى، ئادىل تۇنىيازنىڭ »قەشقەردىكى يەرشارى» نى ئوقۇغانچىلىك قەلب لەرزىگە كېلەلمەيدۇ.

بىر روھنى زىلزىگە كەلتۈرەلەيدىغىنى مەلۇم دەرىجىدە ئوخشاش ئاچچىق قىسمەتنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان  روھنىڭ سەنئەت شەكلىدە ئىپادىلىنىشى بولسا كېرەك.

ئاخىرىدا، مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى، ئەرمىيە ئېلى، مەمىتىلى ئەپەندى..قاتارلىق ئەل ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتكەن، ھاياتىنى ئاتىغان سەركەردىلەرنى ئەسلەش بىلەن بىرگە، ھازىرقى زامان ئەدىبلىرىدىن ئادىل تۇنىياز، ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى…قاتارلىق ئەل ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتكەن ئەدىبلىرىمىزگە ياخشىلىق ۋە ئامانلىق تىلەيمەن.

 

🕊

*********************

رەيھان ئابلەت

2020.10.19       يامغۇرلۇق دۈشەنبىدە خاتىرەمگە ئېلىندى.

تارقىتىڭ...