Serenity – Murat Tugsuz

 

بىلوگىمنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقان بۈگۈنكى كۈندە ماڭا باشتىن-ئاخىرى ئەڭ ياخشى ئوقۇرمەن، پىكىرداش، روھداش بولۇپ كەلگەن، يازغانلىرىمنىلا ئەمەس يازالمىغانلىرىمنىمۇ چۈشىنىپ كەلگەن،
مېنى ياخشىلىقىمدىن ئارتۇق مەدىھيە بىلەن ئوڭايسىزلاندۇرمىغان،
ئادىمىيلىك نۇقسانلىرىمغا ئۇنىڭدىن ئارتۇق قارىلارنى سۇۋاپ كەمسىندۈرمىگەن،
ئەڭ ياخشى ئوقۇرمىنىم، ئەڭ ياخشى قوللىغۇچۇم، مېنى مەن بولغانلىقىم ئۈچۈن سۆيۈشتىن ۋاز كەچمىگەن ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن.

بۇ كۈنلەردە رىياسىز، پەردازسىز خاتىرىلىرىمنى پەقەت سەنلا چۈشەنسەڭ كۇپايە دەپ ئويلايدىغان بوپقالدىم.

يېقىندىن بېرى كۈنلەردىن، پەسىللەردىن، يىللاردىن، ھەتتا ئادەملەردىنمۇ ئۈمىد كۈتمەس بولدۇم….كۆپ نەرسىلەردىن كۆڭلۈم سوۋۇپ قالدى.
سەن ھېچكىم دەپ قارايدىغان، ئەزەلدىن سېنى ئوقۇپ باقمىغان، قىلچىمۇ چۈشەنمەيدىغان كىشىلەرخۇشى تۇتقاندا خۇشامەت قىلىشقىنىدەك، خۇيى تۇتقاندا سەندە يوق قارىلار بىلەن قارىلىيالايدىكەن، تەپتارتماستىن«دۈشمەن»گە چىقىرىپ، توردا ئوچۇق-ئاشكارە ئادەم توپلاپ غەيۋەتمۇ قىلالايدىكەن. ۋۇجۇدىنىڭ قات-قېتىدىن چىققان ئادىمىيلىك چۇقانلىرىنى رىياكەرلىكنىڭ ساختا داۋراڭلىرىدا بوغۇپ قويغان كىشىلەر ئۆزلىرىچە «تەڭداشسىز ئادىمىيلىكى» بىلەن ساڭا «كېرەك!»لەردىن دەرس بەرگۈسى كېلىدىكەن.

 يېقىندىن بېرى ئەن فىرەنكنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنىڭ ئىنگىلىزچىسىنى ئوقۇۋاتىمەن.
13 ياشلىق قىزچاقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى كىچىك تەپسىلاتلار،  ھەتتا رادىئودىن ئاڭلىغان خەۋەرلەر، باشقا دوستلىرى، يەھۇدىيلارنىڭ  ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى كىچىككىنە قىزنىڭ قەلبىدىكى ئازاب….بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئەينى يىللاردىكى يەھۇدىيلارنىڭ خورلۇق ۋە ئازابلىق يىللىرىنىڭ ئۆچمەس پاكىتلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغىنىدەك، خاتىرەمنىڭمۇ كېيىنكىلەر ئۈچۈن ھېچ بولمىغاندا بالىلىرىم ئۈچۈن بولسىمۇ( ئۇلارنىڭ كۈندىلىك خاتىرەمنى ئوقۇغۇدەك ئانا تىللىق ساۋادىنىڭ بولىشىنى، ئۇنۇتماسلىقىنى تىلەيمەن )موھىم خاتىرىلەر بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ قالدىم.
شۇڭا، سەمىمىيلىك بىلەن ئويلىرىمنى، تۇرمۇشۇمنى، كۈنلىرىمنى يېزىپ قويۇشنى، بىلوگىمدا چىرايلىق شەكىلدە ساقلىنىپ قىلىشىنى ئويلىدىم.

ماڭا پەقەت مېنى ھەقىقى چۈشىنىدىغان سەنلا بولساڭ كۇپايە. ئارتۇق مەدىھيە، ھەسەت، قارا چاپلاشلاردىن، چارچاشلاردىن يېراق تۇراي.

 

يېزىش- روھنىڭ ئارامى.
يېزىش- ئىچ-ئىچىدىن كېلىدىغان ئىچكى خۇشاللىق.
يېزىش- بىر خىل ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك.

ئادەم ئۆزى ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئىشنى قىلىۋاتقىنىدا، بۇنىڭدىن ھوزرۇر ۋە بەخىت تۇيغۇسى، كۈچكە ئىگە بولىدۇ
شۇنداق، ساڭا مەدەت بولىدىغان بارچە تاشقى كۈچلەر قالمىغان تەقدىردىمۇ ئۆزۈڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئىشىڭنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ھوزۇر تاپقىن، رەيھان!

 

2020.10.31 (شەنبە)

 

ئۇزۇن بوپتىكەن سەھەر مەھەللەمنى ئايلانغىلى چىقمىغىلى..بۈگۈن سەھەر 24 سائەتلىك ماگزىننىڭ ئالدىغا كېلىپ ماسكامنىڭ يوقلىقىنى، پورتمالىمنى ئۇنۇتقىنىمنى بىلدىم .شۇنىڭ بىلەن  تۈنۈگۈن تەييارلىغانلىرىمنى قەھۋەسىز تەھرىرلەشكە مەجبۇر بولدۇم…😅

تارقىتىڭ...