بۈگۈن ئۆيىمىزدىن ئانچە يېراق بولمىغان جايدىكى«بەخىتسىز قايتىش » نامىلىق رومانلىرى بىلەن تونۇلغان  ياپون يازغۇچىسى توكۇتومى روكا ئەپەندىنىڭ ئەينى يىللىرى ئولتۇرغان ئۆيىنى زىيارەت قىلىپ كەلدۇق.

 

Miyuki Ishikawa – Love Story

 

رەسىمدىكىسى يازغۇچى ئائىلىسى 20 يىل ئولتۇرغان ئۆي بولۇپ، ئەينى يىللىرى دىھقانچىلىق قىلغاچ يېزىقچىلىق قىلغان ھەم ھاياتىدىكى ئەڭ نادىر ئەسەرنى تەبىئەت قوينىدىكى مۇشۇ ئۆيدە تاماملىغان.

ئويلاپ بېقىڭ، بىر تەرەپتىن دىھقانچىلىق قىلغاچ، بىر تەرەپتىن كەڭرى دەرىزلىك ئۆيىدە تەبىئەت مەنزىرىسىدىن، تەبىئەت ئاۋازىدىن ئىلھام ئېلىپ يېزىقچىلىق قىلىش قانداق گۈزەل؟!

 

روسسىيەنىڭ ھەممىمىزگە تونۇشلۇق يازغۇچىسى 78 ياشلىق لىۋ تولىستوي بىلەن 39 ياشلىق توكۇتومى روكا ئوتتۇرىسىدا يېقىن دوستلۇق ئورنىتىلغان. يەنى، توكۇتومى روكا تولسىتوينىڭ «بىز نېمە ئۈچۈن ياشايمىز؟»ناملىق ئەسىرىدىن تەسىرلىنىپ، تولسىتوينىڭ ئىنسانى كۆز قاراشلىرى بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن 1906-يىلى شاڭخەي،شىياڭگاڭ، كولومبۇ، ئىرۇسالىم..قاتارلىق جايلارغا ساياھەتكە بېرىپ، روسسىيەگىمۇ تولستوي بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن بارغان. روكا قايتىش ۋاقتىدا تولستوينىڭ«روكا، دىھقانچىلىق بىلەن جېنىڭنى باقالماسسەنمۇ؟» دىگەن سۆزى بىلەن ياپونغا قايتقاندىن كېيىن، توكيونىڭ سېتاگاياكۇ رايونىدا (توكيونىڭ ئەڭ مەركەز يەرلىرىدىن بىرى) دىھقانچىلىق قىلغاچ ئۆزىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىنى يېزىپ چىققان.

يەنى، تولىستوي بىلەن روكانىڭ ئوتتۇرىسىدا دۆلەت، مىللەت، ياش ھالقىغان دوستلۇق ۋە پىكىرداشلىق ئورنىتىلغان.
ئاستىدىكى رەسىمدىكىسى لىۋ تولىستوينىڭ روكاغا يازغان خېتى بولۇپ، خېتىدە روكا ئەپەندىنىڭ ھاياتقا بولغان ئەقىدىسى، دىنى قارىشى، ياپونلارنىڭ ئىتىقادى ھەققىدە سورالغان ھەمدە روكا ئەپەندىنىڭ ئايالىنىڭ تۇرمۇش ئەقىدىسىنىمۇ بىلىپ باققۇسى بارلىقى تىلغا ئېلىنغان.

 روكا تولستوينىڭ «ئاننا كارېنىنا» رومانىنىڭ چەتئەل ئەدەبىياتى كىتابخانىسىغا كەلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپلا
سېتىۋالغىلى بارغان ھەم قايتىش يولىدىكى پويىزدا كىتابنى ئاچقاندىكى ھاياجىنىنى بىر ئۆمۈر ئۇنتالمىغان.

تولستوينىڭ روكاغا يازغان خېتى ھەم روكانىڭ ھاياجان ئىلكىدە سېتىۋالغان «ئاننا كارېنىنا» رومانى

 

توكۇتومى روكا ئەپەندى روسسىيەگە تولستوينى يوقلاپ بارغاندىكى كۆرۈنۈش

روكا ئەپەندى 1927-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى60 يېشىدا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، 1937-يىلى ئايالى ئۆزى ئولتۇرغان ئۆي ۋە يەر-بىساتلىرىنى يادىكار قىلىپ توكيو شەھىرىگە ئىئانە قىلغان.
ھازىر يازغۇچى تۇرغان ئۆي، ئۇلارنىڭ مازىرى ياپون خەلقىنىڭ زىيارەت ئورنى، ئۇلار تۇرغان يەرلەر توكيودىكى چوڭ، گۈزەل بىر باغچا بولغان.

 

 

ئەينى چاغلاردىكى يازغۇچىنىڭ ۋاننىلىرى

توكۇتومى روكا ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئايكونىڭ قەبرىستانلىقى

يازغۇچىنىڭ ۋەكىل خاراكترىلىك رومانى

توكۇتومى روكا

 

 يازغۇچىنىڭ بىرەر ئەسىرى تېخى ئۇچىرىشىش پۇرسىتى بولمىغاچ مەندە روكا ئەپەندىگە نىسبەتەن كۆپ چۈشەنچە ھەم مەلۇم قىزغىنلىق بىلەن چۈشىنىش ھىسياتى بولمىدى دىيشىكە بولىدۇ.
تەسىر قىلغىنى بىر ئەدىبنىڭ ھاياتىدا ئۇنىڭغا چۇڭقۇر تەسىر پەيدا قىلغۇدەك، ئىلھام بولغۇدەك شەخسنىڭ بولىشى ھەقىقەتەن موھىمكەن. يەنى، توكۇتومى بىلەن تولستوي ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش.يەنە بىرى روكا ئەپەندىنىڭ تەبىئەت ئىچىدىكى بۇ ئۆيىدە ئەڭ نادىر ئەسەرلىرىنى تاماملىشى بولدى.
كۈنلەرنىڭ بېرىدە بۇ ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىدىن قەلبنى ئەسىر قىلغۇدەك نوقتىلارنى تېپىۋالسام بىلوگىمدا تەپسىلى توختىلىپ قالىمەن. بۈگۈن پەقەت بىر كۈننىڭ خاتىرىسى سۈپىتىدە خاتىرىگە ئېلىندى.
2020.11.03

گۈل بىلەن كۆك ئاسمان

كۈندىلىك خاتىرە شەكلىدە يېزىلغان يازمىلارغا ئامال بار ئۆزۈم تارتقان سۈرەتلەر كىرگۈزۈلىدۇ. ئەپسۇس، ھەر كۈنلۈك يېزىپ قويغانلىرىمنى ۋاقتىدا بىلوگىمغا قالدۇرۇپ  قويالمايۋاتىمەن…سائەت 10:42 ئۆتتى، ئەمدى ئۇخلاپ قالاي، خەيرىلىك كەچ~✨

 

***************

خاتىرىگە ئېلىنغان ۋاقىت: 2020.11.05   كەچ

تارقىتىڭ...