≪كىچىك شاھزادە ≫

ياپونچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: رەيھان ئابلەت

📖

كۆڭۈل كۆزۈڭدە قارا .
ئەڭ قىممەتلىك گۈزەل نەرسىلەرنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ.

يۇلتۇزنىڭ گۈزەل كۆرۈنىشىدىكى سەۋەب شۇكى، كۆزىمىزگە كۆرۈنمەيدىغان قەيەردىدۇر بىر تال گۈلنىڭ بولغىنى ئۈچۈن.

قۇملۇقنىڭ گۈزەل كۆرۈنۈشى شۇنىڭ ئۈچۈنكى، قۇملۇقنىڭ قەيىرىگىدۇر بىر قۇدۇقنىڭ يوشۇرۇنغىنى ئۈچۈن .

ناھايتىمۇ كىچىك چاغلىرىمدا مەن تولىمۇ كونا بىر ئۆيدە تۇراتتىم. كىمدۇر بىرى بۇ كونا ئۆينىڭ قەيىرىگىدۇر بايلىق يوشۇرۇنىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئەلۋەتتە، ھېچكىممۇ بۇ بايلىقنى تېپىپ باقمىغان، ھەتتا، بىرەرسىمۇ ئىزدەپ باقمىغان بولىشى مۇمكىن. لېكىن، شۇ سەۋەب تۈپەيلى بۇ ئۆي شۇنداق ئىللىق بوپكەتكەن.
يەنى، ئۆيۈم قەلبىمنىڭ چۇڭقۇر يەرلىرىگە بىر سىرنى كۆمگەن ئىدى.
دىمەك، ئۆيمۇ، چۆلمۇ، يۇلتۇزنىڭمۇ گۈزەل كۆرىنىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭغا نېمىدۇر يوشۇرۇنغىنىدا!

📖

ئادەملەر تېز پويىزدەك ئۇياقتىن -بۇياققا چىپىشىپ يۈرىدۇ، -يۇ، ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئىزدەۋاتقىنىنى بىلىشمەيدۇ. پەقەت ئالدىراش چۆرگىلەپ يۈرگىنى يۈرگەن.
مانا بۇ بىھۇدە جاپا.

ئادەمگە بېقىپ يۇلتۇزنىڭ مەناسى ئوخشىمايدۇ.
دېڭىز سەپەرچىلىرى ئۈچۈن يۇلتۇز -يول باشلىغۇچى بولسا، باشقا كىشىلەرگە نىسبەتەن يۇلتۇز پەقەت كىچىككىنە نۇر تارقاتقۇچى، خالاس!
تەتقىقاتچىغا نىسبەتەن يۇلتۇز تەتقىقات ئوبىكتى. ھېلىقى سودىگەرگە نىسبەتەنغۇ يۇلتۇز پۇل بولۇپ كۆرۈنىدۇ.
بىراق، يۇلتۇزلارنىڭ ھېچقايسىسى ئاۋاز چىقىرالمايدۇ.
پەقەت سېنىڭلا باشقا ئادەملەرگە ئوخشىمايدىغان يۇلتۇزۇڭ بار. چۈنكى، كېچە ئاسمىنىغا قاراپ چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلارنىڭ بىرىدە مېنىڭ بارلىقىمنى، ئۇ يەردە كۈلۈمسىرەۋاتقىنىمنى ئويلىغىنىڭدا پۈتۈن يۇلتۇزلار ساڭا قاراپ كۈلىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ. سەن ئۈچۈن يۇلتۇز كۈلىدىغان جىسىم ھېسابلىنىدۇ.

سەن تۇرىۋاتقان جايدىكى كىشىلەربىر باغچىدا بەش مىڭ تال ئەتتىرگۈل يېتىشتۈرىدۇ، – يۇ ئۆزلىرى ئىزدەۋاتقان نەرسىسىنى تاپالمايدۇ.
بەلكىم، كۆپچىلىكنىڭ ئىزدەۋاتقىنى شۇ بىر تال ئەتتىرگۈلدىن ۋە ياكى ئازغىنە سۇنىڭ ئىچىدىن تېپىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئىزدىگىنىڭنى كۆزلەر كۆرەلمەيدۇ . يۈرىكىڭدىن ئىزدىمىسەڭ، كۆڭۈل كۆزلىرىڭدە كۆرمىسەڭ ئىزدىگىنىڭنى تاپالمايسەن.

سەن گۈلۈڭ ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت ئەجىر قىلغان بولساڭ، ئۇ سەن ئۈچۈن شۇنچىلىك دەرىجىدە قىممەتلىك بولىدۇ.

📖

ئاپتۇرى: فىرانسىيەلىك يازغۇچى -Antoine de Saint━Exupéry

ياپونچىدىن تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

 

ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، ئەسلىدە بىرەر يىل بۇرۇن ئۇشبۇ ئوماق چوڭلارغىلا سوۋغا قىلىنىدىغان كىتابنى ئوقۇغاچ خاتىرىلەپ قويغانىدىم. ئەپسۇس، بىر قىسىم يازمىلىرىم بىلەن بىلوگىمدىن ئۆچۈرۈلۈپ كېتىپتۇ.  بۈگۈن قايتا يوللاپ قويدۇم.

تارقىتىڭ...