ئوخشاش ئازاب

124 قېتىم ئوقۇلدى

ھەر كۈن بىر ھېكايە. بۇ ھېكايىلەر كۆپىنچە قەلىبلەردە يېزىلىدۇ. خاتىرلەپ قويۇشقا ياكى ۋاقىت ۋە ياكى قەلەم قۇۋۋىتى يەتمەيدۇ.

سەھەرلەردىكى تىنچلىقتا قەلب ئاۋازىمنى ئېنىقراق ئاڭلىيالايمەن.
شۇڭا، باشقىلاردىن سەھەر تۇرغان كۈنلىرىم ئۆزۈمگە تېخىمۇ يېقىنلاشقان بولىمەن. بۇ دەقىقىلەردە قەلبىم تېخىمۇ سۆزمەن، ئاڭلارمەن بوپ كېتىدۇ.
بۇ يەنە ھاياتىمنىڭ ئەڭ بەخىتلىك مىنۇتلىرى ھېسابلىنىدۇ.
شۇ تاپ قۇشلارمۇ مەن ئۈچۈن سايراۋاتقاندەك، ئۆزۈمنى ئاجايىپ سېھىرلەنگەن بىر دۇنيادىكىدەك ھېس قىلىۋاتىمەن.
ئاڭلا، بۈگۈن سەھەر كۆزۈمنى ئاچقاندىكى پىكىرلىرىم، قەلبىمنىڭ ئاۋازىنى ساڭا ئېيتىپ بېرەي.

 

Adagio-Hauser

 

پەردازلىماي ئېيتقاندا، كۆزۈمنى ئېچىپ يەنە بىر يېڭى كۈننى يۈرۈكۈمنىڭ ئازابتىن چارچىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم سىزىشتىن باشلىدىم.
كىشىلەر ھازىردا ياشاش، ھازىردىن ھوزۇرلىنىش توغۇرلۇق سۆزلىشىدۇ.
دەرۋەقە، شۇ ئاقىللار ئېيتقان ھازىردا ياشاشنىڭ نەقەدەر موھىملىقىنى، تۇرمۇشتىن قانداق ھوزۇرلىنىشنى سەنمۇ بەك ياخشى بىلىسەن.
بىراق، سەن يەنىلا يىللاردىن بىرى مۇنداق ئازابتىن قۇتۇلالمىدىڭ…

يەنە بىر قىش كېلىش ئالدىدا…ئەتىگەندە ئورنۇڭدىن تۇرۇپ قولۇڭنى يۇيۇش ئۈچۈن قولۇڭنى تۇرۇبىنىڭ جۈمىكىگە ئەكەلگىنىڭدە تېخى ئېسسىپ بولالمىغان مۇزدەك سۇدىن ئەندىككىنىڭدە، بىر ئاچچىق ئازابنىڭ يۈرىكىڭنى چىممىدە مۇجىغانلىقىنى بايقايسەن.
شۇنداق، يەنە نەچچە دەقىقىدە سەنغۇ ئىسسىق سۇدا يۈز-قولۇڭنى يۇيالايسەن، ئىسسىق مۇنچىدا سۇنى شارقىرىتىپ تۇرۇپ يۇيىنالايسەن…
نەچچە قىش يۈز-قوللىرى ئىسسىق سۇ كۆرۈپ باقمىغانلارنىڭمۇ بارلىقى، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ تومۇرداشلىرىڭ، قانداشلىرىڭ ئىكەنلىكى يادىڭدىن كېچىشى بىلەن قەلبىڭ ئۆزۈڭدە بارىغا شۈكۈر قىلىش بىلەنلا راھەت بولالمايتتى…

ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن چىممىدە بولغان يۈرىكىڭنى ھېس قىلاتتىڭ، بىردەمدىلا كۆز چاناقلىرىڭ ياشلىنىپ بولاتتى….
مۇشۇ ۋاقىتتا، سەن يەنە راھەت كەچلىك كىيمىڭ بىلەن ئىسسىق كارۋىتىڭدا ئۇخلىيالىغىنىڭغا شۈكۈر ئېيتىپ بەخىت ئىلكىدە ئۇيقۇغا كىتەلمەيتتىڭ….
قانداق يەردە، قانداق ھالدا دۈم يېتىپ-دۈم قوپىۋاتقان، كېچىلىك ئۇيقۇسىغىمۇ ئېگە بولالمايۋاتقان شۇ قەدىردانلارغا ئاسانلىق، ياخشىلىق ئاتا قىلىشىنى يۈرىكىڭنىڭ نالىلىرىنى بىردىنبىر تىڭشىغۇچىسىغا يالۋۇرۇپ ئىلتىجا قىلاتتىڭ…

تومۇزنىڭ پا-پا ئىسسىقلىرىدا سالقىن ئۆيلەردە،
ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقىغاندا مۇزدەك بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ راھەتلەنگەندە، يەنە تۇيۇقسىز ئوخشاش ئاغرىق پەيدا بولاتتى..
چۈنكى، يۈرىكىڭنىڭ پارچىلىرىنى «مۇشۇ جاندىن ئۆتىدىغان ئىسسىققا قانداق بەرداشلىق بېرىۋاتقاندۇ؟»دىگەن ئوي سېنى چارىسىز، ئامالسىز تىپچەكلەۋاتقان قۇشتەك ئازابلايتتى…

شۇنداق، سەن يىللاردىن بىرى ئوخشاش ئاغرىقتىن قۇتۇلالمىدىڭ.
ئوخشاش ئازابنى تارتىش سېنى چارچاتتى،ھاردۇردى….
«نېمە كارىم؟!» دەپ تاشلىۋەتكىلى بولمايدىغان ياكى ھەل قىلالمايدىغان بۇ ئازابنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟!
خاررى پوتىرنىڭ سىھىرىنىڭ، ئالاۋىدىننىڭ سېھىرلىك چېرىغنىڭ سەندە بولىشىنى، بەزىدە كۆرۈنمەس بولۇپ چەكلەنگەن شۇ قات-قات كىشەنلەر ئىچىگە كىرىشنى، قەپەستىكى شۇ بىچارە قۇشلارنى كۆككە قويۇپ بېرىشنى، سەن زېرىككەن جان قاقشاتقۇچ ئازابلاردىن بىراقلا قۇتۇلۇشنى ئەخمىقانىلارچە ئويلايدىغان بولدۇڭ…

 

يېقىندا بىر سېڭىلچاق ئۆزىنىڭ ئۈچ يىلدىن بىرى دادىسى ئامراق لەغمەننى ئېتىپ، ئۆزىنىڭ يىيەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. چۈنكى، دادىسى لەغمەن يىيىشتىن، قۇياش نۇرىدىن مەھرۇم يىللاردا ئىدى…

يەنە كىملەربار ئىدى مانا مۇشۇنداق ئوخشاش قايغۇدا ياشاۋاتقان!

ھەي دۇنيا، كىملەر بار باشقىلار ئولتۇرغان ئېسىل ئۆيلەردە ياشالمىدىم دەپ ئاھ ئۇرىۋاتقان! كىملەر بار خەق تاقىغان ئالماس ئۈزۈكنىڭ دەردىدە پۇچىلىنىۋاتقان..ھالبۇكى، يەنە كىملەر بار بىزلەرگە ئوخشاش ئادىمىيلىكنىڭ ئەڭ ئاددى ئىھتىياجى بولغان قوساق، ھاجەت، مۇنچا، ئۇيقۇ..ھەتتا، قۇياش نۇرىنىمۇ كۆرەلمەيۋاتقانلار ئۈچۈن ئۆزىدە بارنى قىسىنىۋاتقان…

بۇ ئورتاق ئازابنى، ئورتاق تۇيغۇنى ئەن فىرەنكتىن تاپتىڭ.
نېمىشقا 75 يىل بۇرۇنقى كىچىككىنە قىزنىڭ ئازابى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە ياشاۋاتقان سېنىڭ ئازابىڭ ئوخشاش بولىدۇ، يەنە نېمىشقا؟

 

 

I feel bad,sleeping in the warm bed when our dearest friends are suffering so badly.
And only because they are Jews.

Anne Frank

 

مەن يۇمشاق كارۋىتىمدا ئۇخلاۋاتقىنىمدا، قەدىرلىك دوستلىرىمنىڭ قاتتىق ئازابتا ياشاۋاتقىنىدن كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى. ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق پاجىئەدە ياشىشىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى-  يەھۇدىي بولغانلىقىدىن ئىدى.

ئەن فىرەنك

**********

2020.11.08

شەنبە سەھەردە باغچىدا يېزىلدى

تارقىتىڭ...
  1. ھازىردا ياشا،
    دۇنيا ئەمىليەتتە شۇنچە گۈزەل دىيىشىدىكەن…
    مەنمۇ بۇ نەچچە يىل بۇ گۈزەللىكنى ھىس قىلالماس بولۇپ قالدىم…

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ئوخشاش

باش بەتكە قايتىمەن

© 2020 توكيو خاتىرىلىرى