ئاتا-ئانىلار يەلكىسىدىكى ئارتۇقچە يۈكنى چۆرۈپ تاشلىۋەتكىنىدە، ئاتا-ئانىلىق مەسئۇلىيىتى يېنىكلىشىپ  قالىدۇ.
ئاتا-ئانىلار يېنىك-خۇشال بولغىنىدا، بالىلارمۇ تەبىئىيلا خۇشال بولالايدۇ.

تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

 

 

بىر بەخىتلىك بالىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئەتراپىدىكلەر بەخىتلىك بولىشى كېرەك دېيىلگەن.
دەرۋەقە، ئاتا-ئانا بولغۇچى ئالدى بىلەن ئۆزىنى بەخىتلىك  قىلماي تۇرۇپ، بەخىتلىك بالىلارنى يېتىشتۈرەلمەيدۇ.

ئاتا-ئانىلىق ھەقىقەتەن ئېغىر مەسئۇلىيەت. ھالبۇكى، دىققىتىمىزنى پەقەت مەسئۇلىيەتكىلا ئەمەس، بالىلارنى تەربىيەلەش جەريانىدىن ئالىدىغان خۇشاللىققىمۇ بەرگەندە، پەرزەنت تەربىيەسى كۆڭۈللۈك بىر جەريانغا ئايلىنىشى مۇمكىن.

شۇنداق قارايمەن، تارىخنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ بەتلىرىدە ياشاۋاتقان بىزلەرمۇشۇ قاراڭغۇ يىللاردىمۇ باش ئەگمەي تىك ياشىيالىساق، بۇ روھىمىز كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈنمۇ پۈتمەس-تۈگمەس ئېنىرگىيە ۋە قىممەتلىك روھ بولۇپ قالىدۇ.

ئەسكەرتمە: بۇ بىر جۈملە كىتابتىكى مۇشۇ جۈملىگە مۇناسىۋەتلىك تېمىغا ئاساسەن سەل كېڭەيتىپ تەرجىمە قىلىندى.

تارقىتىڭ...