(5)

بالىنى ماختاش، گۆھەر ئىزدەش سەپىرىگە ئاتلىنايلى

بالىدا ھازىرنىڭ ئۆزىدە بار بولغان بارلىق ئارتۇقچىلىقلارنى ،كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى تېپىپ باقايلى.

«مەنغۇ بالامنى تازا ماختاپ چوڭ قىلاي دەيمەن.لىكىنزە، بۇ بالامنىڭ پەقەت ماختىغۇدەك يېرىنى تاپالمايمەن.».

«مېنىڭ بالامنىڭ يېتىلىشىنى باشقا بالىلارغا قارىغاندا كېيىنمىكىن دەيمەن.3 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ بەك غەلۋىسى كۆپ.»..دىگەندەك.

شۇنداق، ئاتائانىلارنىڭ مۇشۇنداق ئۈمىدسىزلىنىپ قىلىشلىرىمۇ ناھايتى تەبىئى ئەھۋال .

مۇنداق ئويلايلى: بىر قارىسا ماختىغۇدەك بىرەر يېرىمۇ يوق شۇ بالىغا باشقا بىر نوقتىدىن قاراپ باقساق، چوقۇم ماختاشقا ئەرزىيدىغان نۇرغۇن تەرەپلىرىنىڭ،ئارتۇقچىلىقلىرىنىڭ بارلىقىنى بايقاپمۇ قالىمىز.

بۇ يەردىكى ھەل قىلغۇچ نوقتا شۇكى، «ياخشى ئىش قىلغاندا ماختايمەن» ،«بىرەر ئىشتا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندە ماختايمەن » ئەمەس، دەل ھازىرنىڭ ئۆزىدە بالىنىڭ ۋۇجۇدىدا بار بولغان بارلىق ئارتۇقچىلىقلارنى، بارچە تىرىشچانلىقلارنى ئىزدەپ تېپىشتۇر.

كىلەركى باپتا بالىلاردىكى ئارتۇقچىلىقنى تېپىشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرماقچىمەن.

******************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

تارقىتىڭ...