كەپسىزلىك- بالا قەلبىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن موھىم.

تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

 

 

ئىستەمى يەسلىدە بەك ياخشى، بەك ئەدەبلىك، قائىدىلىك بالا. لېكىن، بىزنىڭ ئالدىمىزدا شۇنچىلىك كەپسىزكى، بەزىدە شۇنچىلىك چارچىتىپ قويىدۇ.

بالىنىڭ سىرىتتا ياخشى، جىمجىت بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنى كۆرسە كەپسىزلىك قىلىشى ئەمەلىيەتتە، بالىنىڭ سىرىتتا باشقىلارغا چىقىرالمىغان ئىچكى دۇنياسىنى ئىشەنچىلىك، بىخەتەر كىشىلىرىنىڭ ئالدىدا ئىپادىلىگىنى.

ناۋادا، بالا بالىلىق كەپسىزلىكلىرىنى چىقىرىدىغان يەر تاپالمىغىنىدا، بالىدىكى باستۇرۇلغان تۇيغۇلار كېيىنكى كۈنلەردە نامۇۋاپىق ئۇسۇلدا چىقىرىلىدۇ-دە، ئاتا-ئانا تېخىمۇ قېيىن ئەھۋالدا قالىدۇ.

 كەپسىز بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئۈچۈن:

ھالبۇكى، ئۆسۈپ – يېتىلىش باسقۇچىدىكى بالىلارنىڭ بۇ خىل ئۆزىنى ئوچۇق ئىپادىلىيەلىشى، قەلبىنىڭ مۇستەقىللىققا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى.
يەنى، ئانا بولغۇچى بالىنى ياخشى تەربىيەلىگەنلىكى ئۈچۈن، بالىىڭ قەلبىدە مۇستەقىللىق ئېڭى بىخلانغان بولىدۇ، ئانا – بالا مۇناسىۋىتى ياخشى بولغانلىقتىن بالا خاتىرجەم ھالدا ئۆزىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ.
ئەگەر بالىڭىز بۇ مەزگىلدە قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسا «بالامنى ياخشى تەربىيلەپتىمەن» دەپ خاتىرجەم بولىسڭىز بولىدۇ. (مانا، تەسەللى دىگەن)

كىتابتىن پارچە

تارقىتىڭ...