Autumn Rose-Ernesto cortazar

 

تۇغۇلغان كۈنۈم.
ئاناملار ھازىرقى ئەڭ ئېسىل، مودا بولىۋاتقان ئاق رەڭلىك توردىن كېيىم تىكتۈرۈپتۇ.
قارىساملا كىچىكلا كۆرۈنگەن كوپتا«ماڭا كەلمەسمىكىن، ئاران بىر تىكتۈرگەندە چوڭراق قىلسىچۇ؟ ئەمدى قايسى كىيىمنى كىيەرمەن …» دەپ كۆڭلۈم يېرىم بولغاندەك بولدى…
ئاچام: ئاداشلىرىڭنى چاقىرىپ قويۇپ نېمە كەيسەم بولار دەپ ئويلىمىغانمىتىڭ؟ بۇ كىيىمنى تىكتۈرۈپ قويمىغان بولسا قانداق قىلاتتىڭ؟-دىدى.
«قەنى ئاۋۋال كېيىپ باقايچۇ»دەپ كەيدىم. سېھىر قىلغاندەك ئاق كوپتا-يوپكا شۇنداق دەل كەلدى ھەم ۋاللىدە ئېچىلىپلا كەتتىم.
ئانام ھەتتا ئىچىگە پارلاشتۇردىغان ئىچ كىيىملەردىن تارتىپ تەييار قىپتۇ.
ئەينەكنىڭ ئالدىدا خۇشاللىقتىن ئۆزۈمنى مەلىكلەردەك گۈزەل ھالدا كۆردۈم.

***

ئويغىنىپ ئۇزۇندىن بېرى مۇنچىلىك تاتلىق چۈشمۇ كۆرمىگىنىمنى ئويلىدىم.

ئېسىمنى بىلسەم قىزنىڭ كىچىكى بولغاچقىمۇ ئانام شۇنچىلىك چىرايلىق ياساپ قوياتتى. مەھەللىدىكى بالىلار، ساۋاقداشلىرىم شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن« قونچاق» دەپ لەقەم قويىۋالغانىدى.

شۇنداقتىمۇ ئوتتورا -ئالى مەكتەپلەردە باشقىلارنى دوراش، مودىغا ئەگىشىپ نېمە يېڭى چىقسا شۇنى كېيىش دەيدىغان پەلسەپە مەندە بولمىغاچ ئۆيدىكىلەرگە كىيىم خاپىلىقى قىلمايدىغان بالا ئىدىم. شۇنداقلا كىيىمنىڭ كۆپ غېمىنى قىلدۇرمايدىغان گۈزەللىكنى سۆيدىغان ئاچىلىرىم، ئاناملار بارئىدى. ئۇلار ياراشقان كىيمىمنى، چىرايلىق ھالىتىمنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي تەرىپلەيدىغانلاردىن، ھوزۇرلىنىدىغانلاردىن ئىدى.

بۇ سەھەر ئويغىنىپ ئۇلارنىڭ يېنىدىكى چاغلىرىمنى ھاياتىمنىڭ ئەڭ غەمسىز، بەخىتلىك چاغلىرىكەن، مېنى ئەڭ چىرايلىق ھالدا كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغان ئەڭ موھىم ئادىمىمدىن بىرى يەنىلا ئانامكەن دېگەنلەرنى ئويلىدىم..

ھېلىمۇ ھەم ياسىنىپ، چىرايلىق كېيىنىپ يۈرۈشنى ياقتۇرىمەن، ئۆزىگە خاس كىيىنىشنى گۈزەللىك دەپ قارايمەن. ئەلۋەتتە، مېنىڭ گۈزەللىك قارىشىمدا ئۇلارنىڭ ھەسسىسى بار ئىدى.

دادام ھەر دائىم: بالام باشقا ئادەم سىزنى دورسىۇن، سىز خەقنى دورىماڭ-دەيتتى.
توكيودەك ئەڭ مودا بىر شەھەردە ئون يىلدىن ئارتۇق ياشىغان قىزنىڭ قەلبىگە ئانىسىنىڭ بىرەر قېتىممۇ بالىلىرىنىڭ ئالدىدا يەڭسىز، ئىچ كۆينەكلەر بىلەن چىقمىغىنى، دادىسى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش ئۈچۈن سۈرەتچى قولتۇقلىۋىلىشنى ئېيتقىنىدا كىچىك قىزلاردەك ۋىللىدە قىزىرىپ تارتىنىشلىرى،  قىزى بىر قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنىگە ئاق رەڭلىك يەڭسىز كۆينەك سېتىۋىلىپ ئۆيگە ئەكەلگىنىدە« مېنىڭ بالام بولساڭلار يەڭسىز كىيىم كېيىپ كوچىغا چىقماڭلار» دېگەنلىرى بىر خىل ئۆچمەس گۈزەللىك تامغىسى بولۇپ ئورناپ كەتكەنىدى.
دىمەك،قەلبىمدىكى مەيلى شەرق شامىلى چىقسۇن، غەرب شامىلى كەلسۇن ئۆزۈم بولۇپ ياشىيالايدىغان گۈزەللىك قارىشىنى ئانامدىكى روھ ، دادامدىكى گۈزەللىك قارىشى بەرگەنىدى.

شۇ تاپ تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن ئەقلىم لال. ئىللىق ئاپتاپ، قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى، تەڭرىنىڭ مۆجىزىكار گۈزەل رەڭلىرى ئىچىدە سەھەر ئويغىنىپلا يېزىپ قويغان قۇرلارنى تەھرىرلەپ، كۆپ ئۆزگەرتىش كىزگۈزمەستىن ئەسلى ئويلىرىمنى خۇددى مەن كۆرۈپ تۇرىۋاتقان تەبىئەتتەكلا پەردازسىز ھالدا يوللاشنى لايىق تاپتىم.
مەنچە پەقەت چىن نەرسىلەر چىن روھلارنى غىدىقلىيالايدۇ.

 

تۆۋەندىكىسى دەل ھازىر مەن كۆرىۋاتقان تەبىئەت  ۋە جەننەتنىڭ پانى دۇنيادىكى گۈزەل شولىلىرى.

 

 


 

 شۇنداق قىلىپ سەھەر كۆرگەن گۈزەل چۈشنىڭ تەسىرىدە گۈزەل مەنزىرە ئىچىدە ئۆزۈمنى پەرىلەردەك ھېس قىلدىم. تەبىئەتتىن كەلگەن شۇ چاغدىكى تەسۋىرلىگۈسىز بەخىتىتىن كۈلۈمسىرىگەنلىرىمنى سۈرەتكە تارتىۋالالايدىغان ئادەم بولمىدى. ئەلۋەتتە تارتقان بولسىمۇ ھېس قىلالىغىنىمچە گۈزەل تارتالماس ئىدى..چۈنكى ھەقىقى گۈزەل نەرسىلەرنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ. ئۇ پەقەت كىيىم، تاشقى جابدۇقلاربىلەنلا گۈزەللىشەلەيدىغان ئاددى گۈزەللىكتىن كۆپ يۈكسەك بولىدۇ.✨

2020.12.16

 

(ئاق كېيىم بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرىمدىن بىرەرنى كىرىشتۈرۈشنى ئويلىدىم-يۇ، ھېچبىر سۈرەت چۈشۈمدىكى ئانام تىكتۈرۈپ بەرگەن شۇ كىيىمنى كەيگەنچىلىك گۈزەل ئەمەس..يەنىلا چىنلىقنىڭ ساقلىنىپ قىلىشىنى لايىق كۆردۈم)

تارقىتىڭ...