بۇ ئىككى ئاي جەريانىدا ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىنىڭ ھەرىپلىرىنى يېزىشنى مەشىق قىلىش، بەلكىم  بىز ئۈچۈن بۇ يىل ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئىشتىن بىرى بولسا كېرەك.

بەزىلەر سورىشىدۇ:
بالىلارغا ئانا تىل ئۆگىتىش ھەققىدە مەسلىھەت بېرىشىمنى.
راستىنى دېسەم، كۆپ ۋەز سۆزلىگۈم يوق. پۈتۈنلەي يات موھىت ئىچىدە بۇلارغا ئانا تىلىنى بىلدۈرىمەن دېيىشنىڭ نەقەدەر تەسلىكىنى ئۆزۈم بىلىمەن.

ئۇلارغا ياپون تىلى ئۆگىتىپ باقمىدىم. ئۇلار 4-5 ياش چاغلىرىدىلا ئۆزلىرى ئۆگىنىۋىلىشتى.
بىرى، ياپون تىلى بىزنىڭكىدىن كۆپ ئاسان. يەنە بىرى، موھىت شۇ بولغاچ بالىلار ئۆزلىكىدىن قىزغىنلىق بىلەن ئۆگىنىپ كىتابلارنى ئوقۇپ كەتتى.

ئىككى يىل بۇرۇن ھەرىپلەرنى تونۇپ ئانچە-مۇنچە ئوقۇشنى ئۆگەنگەن بولسىمۇ، ئىستەمى مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن يېزىشنى ئۆگىتىش مەقسىتىدە ھەر كۈنى بۇلارغا ھەرىپ يازغۇزۇش، ئۆگىتىش ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى سەۋرىچانلىق ھازىرلايمەن. چۈنكى، بۇ كىچىكلەر بەك بىلەرمەن، قەتئى خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز بولمايدۇ. پەقەت ماختاشلا كېرەك.😅😅
ھەر كۈنى ئېلىپبە ئۆگەتكۈچە ئىختىيارسىز«ئېلىپبە ساۋادىمنى چىقارغان ئوقۇتقۇچۇم ئۇ دۇنيادىمۇ جەننەتكە كىرسۇن» دەپ كېتىمەن.
نېمىلا بولسۇن يىل ئاخىرىدا يېزىش مەشىقلىرى بىرەر قۇر ئاخىرلىشىپ، تاملار ھەرىپلەر بىلەن توشقاندا، مەمنۇنلۇقتىن «ئۇف » دىدىم.

 

Ablajan – Uyghur Elphabet Naxshisi

 

 

بىرىنجى: تۇغۇلغاندددىن باشلاپ تىل ئۆگىتىشنى باشلاش.

بۇنىڭدا بالىغا ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىدا كۆپرەك گەپ قىلىپ بېرىش. ھېلىمۇ ئېسىمدە، تۇنجى ئانا بولۇپ قىزىم نەچچە كۈنلۈك بولغاندىن باشلاپلا بالىنىڭ كۆزىگە قاراپ ھەرىپلەرنى توغرا تەلەپپۇز قىلىپ دەپ بېرەتتىم. ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى ئۆزۈم ئېيىتپ بىرەتتىم ھەم كۆپرەك گەپ قىلىپ بېرەتتىم.

 

ئىككىنجى: بالىلارغا ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان فىلىم، كارتون، ئىتوتلارنى قويۇپ بېرىش، ئامال بار ئاتا-ئانىلار بىرلىكتە كۆرۈش

بۇرۇن تۇنجى قىزىمىزدا «بۆرە كەلدى» نامىلىق بىر يۈرۈش ھېكايەتلەرنى، ئابدۇكېرىمكامنىڭ ئىتوتلىرىنى،«ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟» دېگەندەك بىر يۈرۈش فىلىملارنى قويۇپ بېرەتتۇق. ھازىربالىلارنىڭ كۆپرەك كۆرىدىغىنى يېقىنقى زامانلاردىكى « بۇ ئائىلىگە قاراڭ» ، «ئىشخانىدىكى ئىشلار»، بىر يۈرۈش ئىتوتلار دىگەندەك بولدى. ئۇندىن باشقا بالىلار بىلەن ئەڭ يېڭى چىققان كارتونلارنى بىرلىكتە ئۇيغۇر تىلىدا كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغان ئاتا-ئانىلارغا  ئۇيغۇر فىلكىس تەۋسىيە.

ئۈچىنجىسى: ئائىللەردە بالىلار بىلەن ئۆز تىلىمىزدا پاراڭلىشىشنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.

شۇنداق كۆزنى يۇمغىلى بولمايدىغان بىر ھەقىقەت باركى، بالىلارنىڭ يەسلى، مەكتەپ، تىلۋىزوردىن تارتىپ ئوينايدىغان دوستلىرى باشقا تىللىق بولغاچ، پەقەت ئائىلىدىلا ئۇيغۇرچىنى تەرغىپ قىلىش، بالىلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن تەس، بالىلار كۆپىنچە شۇ موھىتنىڭ تىلىدا سۆزلەپ تۇرىۋالىدۇ، ئاتا-ئانىلار يەنىلا ئۆز تىلىمىزدا سۆزلەپ بالىلارنى ئەسكەرتمەكتىن باشقا ئامال يوق.

 

رەڭلەرنى ئۇيغۇرچە-ئىنگىلىزچە تونۇشتۇرۇش

تۆتىنجى: بالىلارغا ھەرىپ تونۇتۇشتا ئېلىپبە كارتىسدا ئويۇن ئويناش

 يەنى بىز كارتىلارنى تېزىپ بىرسىمىز بىر ھەرىپنى دەيمىز، كىم تېز تېپىپ قولىغا ئېلىۋالسا، نەتىجىدە كىمنىڭ كارتىسى كۆپ بولسا شۇ ئۇتقانغا ھېساب بولىدىغان مۇشۇنداق ئويۇندىن كۆپرەك پايدىلاندۇق ھەم بالىلار ئويۇن ئوينىغاچلا ھەرىپلەرنى تونىۋالدى.

ئۇندىن باشقا كىتابتىن مەلۇم بەتنى ئېچىپ تونۇيدىغان ھەرىپلەرنى تېپىش ئويۇنىمۇ بولىدۇ. بالىلارنىڭ سۆزلۈكىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە سۆز ئويۇنى ئويناش ئارقىلىق بالىلارنىڭ سۆزلۈكىنى ئاشۇرۇش.(بۇنى كۆپرەك ئۇخلاشتىن بۇرۇن ياكى يولدا ماڭغاچ ئويناش تەۋسىيە قىلىنىدۇ)

بەشىنجى: ئۇيغۇرچە رەسىملىك كىتابلارنى ئوقۇش.

ناھايتى سەمىمىيلىك بىلەن دىسەم، ياپونچە رەسىملىك كىتابلار بەك سۈپەتلىك، رەڭ، مەزمۇن، سۈرەت جەھەتتىن بالىلارنى ھەقىقەتەن قىززىقتۇرالايدۇ. مەن بالىلار قىززىققۇدەك، ئۆزلىكىدىن قولىغا ئېلىپ ئوقۇغۇدەك رەسىملىك كىتابلارنى تېپىپ بېرەلمىدىممۇ بىلمىدىم بىزنىڭ بالىلار ئۇيغۇرچە رەسىملىك كىتابلارنى مەجبۇرىيەت يۈزىىسدىن ئالىدۇ قولىغا. بىزنىڭ يەنە بىر قوللانغان ئۇسۇلىمىزدىن بىرى، ياپونچە رەسىملىك كىتابلارنى بالىلار ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئىككى خىل تىلدا ئوقۇش بولدى. توكيو خاتىرىلىرىنىڭ «پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى» گە قارالسۇن.

ئوكېي، بالىلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشى خاتىرە سۈپىتىدە بىلوگىمغا يوللاندى، سىلەرنىڭمۇ ئۆزۈڭلارغا خاس ئۇسۇللىرىڭلار بولسا، ئىخچام شەكلىدە قالدۇرۇپ قويارسىلەر، ئامان بولۇڭلار~❤️

تارقىتىڭ...