«سەن»ئەمەس«مەن»نى ئىپادىلەش ۋاستىسى قىلىڭ.

تەرجىمىدە: رەيھان

كېلەر قېتىم ئىپادىلەش ئۇسۇلىڭىزنى مۇنداق ئۆزگەرتىپ سىناپ بىقىڭ.
يەنى، «سەن» دىگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «مەن» نى ئالماشتۇرۇپ كۆڭلىڭىزنى بىۋاستە ئىپادىلەڭ، سۆزلىرىڭىز قەلىبكە بارىدۇ.

بەك ئاددى قىلىپ ئېيتساق، قارشى تەرەپ بىرەر ياخشى ئىش قىلغاندا، «بەك خۇش بولدۇم»، «ماڭا چوڭ يارىدەم قىلدىڭىز»، «خاتىرجەم بولدۇم» دىگەندەك كۆڭلىڭىزدىكى رازىمەنلىكىڭىزنى قارشى تەرەپكە ئۇدۇل، تۈزلا يەتكۈزگىنىڭىزدە خۇددى دورىدەكلا ئۈنۈمىنى كۆرىسىز.

قارشى تەرەپنىڭ خاتالىقلىرىغا نىسبەتەن «كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى»، «ھەقىقەتەن قىيىن ئەھۋالدا قالدىم، نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم»، «ئەنسىرىدىم»، «ھەقىقەتەنمۇ ئەپسۇسلاندىم» دىگەندەك قەلبىمىزدىكى ھىسلىرىمىزنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، «مەن» نى قارشى تەرەپكە بىۋاستە بىلدۈرەيلى.

بالىڭىزنى ئەيىپلەپ «سەن زادى قاملاشمىغان بالىسەن!» دەپ ئەيىپلىگىنىڭىزدە ئۆز خاتالىقىنى تونۇمىغان، ھەتتا، قارشىلىق كۆرسەتكەن بالىڭىز ،سەمىمىيلىك بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ شۇ چاغدىكى ھىسياتىڭىزنى ئىپادىلىگەن «بۇ قىلغىنىڭدىن كۆڭلۈم يېرىم بولدى» دىگەن سۆزىڭىز بالىڭىزنىڭ قەلبىگە تېخىمۇ تەسىر قىلىدۇ، ھەتتا، خاتالىقلىرىنى بوينىغا ئالىدۇ ھەم تۈزىتىشكە تىرىشىپمۇ قالىدۇ.

ئاكې خاشى دايجى

 

تارقىتىڭ...