يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھەممىمىزگە مەلۇملۇق دىداكتىك ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ئابدۇقەييۇم ئىمىن ئاكىنىڭ يارقىن ئاۋازىدا ئۈنگە ئېلىنغان ئاۋازلىق نەشىرىنى ئاڭلاپ چىقىش-بۇ يىلقى يەنە بىر گۈزەل ئىش بوپتۇ. ئاڭلاش-ئاساسەن ماشىنا ھەيدەۋاتقان يول ئۈستىدە ھەم ماڭا تەسىر قىلغان موھىم قۇرلارنى ئاڭلاپ يازغىنىم ئۈچۈن قانچىنجى بىيىت ئېكەنلىكىنى بىلەلمىدىم. لېكىن، ئەسەرنىڭ گۈزەللىكىدىن، پاساھىتىدىن، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىمىزنىڭ شۇ دەۋردىكى قالتىس تەپەككۇرىدىن ئاجايىپ ھوزۇرلاندىم. تۆۋەندىكىسى ئاڭلىغاچ خاتىرىلەپ قويغان موھىم قۇرلار.

«قۇتادغۇبىلىك»دىن پارچىلار

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

                                        

قەيەردە ئىىناقلىقيېقىنلىق بولسا،شۇ ئىشتا مەنپەئەت بولىدۇ.

ئىككى كىشى ياراشسا ھامان پايدا كۆرىدۇ.

قوڭۇر يەر يېشىل سۇ بىلەن ياراشقانلىقتىن ئارىسىدىن مىڭ خىل گۈلچىچەكلەر كۈلۈپ ئېچىلدى.

قېرىنداش، دوستلار يارىشىپ ئۆتسە،

بىلگىنكى، ئۇلاردىن يەنە قوۋمقېرىنداشلار پەيدا بولىدۇ.

     

ۋۇجۇدنىڭ نىسىۋىسى بوغۇزدىن كىرىدۇ،

روھنىڭ نىسىۋىسى چىن سۆز قۇلاقتىن كىرىدۇ.

                                       

  ئۆزۈڭگەسادىق كىشى ئىزدىسەڭ،

ئۆزۈڭدىن سادىق كىشى يوق، سۆز تامام!

كۆپ سۆزلىسە گەپ ساتتى دەيدۇ،

سۆزلىمىسە كىكەچكەن دەيدۇ.

شۇنداقكەن ئۇستىلىق بىلەن ئىش قىلغىن.

ئۆتمەس سۆز كىشىنى قەدىرسىز قىلىدۇ.

                               

ئىبادەت ئۈچۈن ئالدى بىلەن كۆپ بىلىم ئۆگەن!

بىلىمسىزنىڭ ئىبادىتىدە كۆپ پايدا بولمايدۇ.

ئىككى تۈرلۈك كىشى كىشى ھېسابلىنىدۇ.

ئۆگەنگۈچى ۋە ئۆگەتكۈچى!

ئۇنىڭدىن باشقىسى ھايۋان ھېسابلىنىدۇ.

ئىككىسىنىڭ بىرى بول ئۈچىنجىسى بولما!

بىلىمدەۋزەخ ئىشىكىنى پىچەتلەيدىغان تامغا بولىدۇ.

بىلىمسىزنىڭ قىلغان ئىبادىتىگە قارىغاندا بىلىملىكنىڭ ئۇخلىغىنىنىنىڭ ساۋابى يۇقىرىدۇر.

                               

كۆڭۈل خالىمىغان ئىشنى قىلىش خەتەرلىك.

ئۆزۈڭ قايسى ئىشنى قىلىشنى خالىساڭ،  كۆڭلۈڭ بىلەن كىڭەيش قىلغىن.

كۆڭلۈڭ تارتمىغان ئىشتىن ئۆزۈڭنى تارتقىن.

ھەممىدىن ئۆزۈڭگەئۆزۈڭ سادىقسەن

كۆڭلۈڭ خالىمىغان ئىشنى قوي،  سۆزۈڭنى تۈگەت.

قايسى ئىشنى كۆڭۈل خالىمىسا ئۇنىڭدا پايدا بولمايدۇ .

   

                

كۆڭلۈڭ كىمگە ئىشەنسە شۇنى ئەينەك قىل،

ئۇنىڭدا ئۆزۈڭنى كۆرگىن!

سەمىمى كىشى ئادەمگە ئەينەك بولىدۇ،

ئۇنىڭغا قاراپ خۇلقمىجەزىنى تۈزىيەلەيدۇ.

                  

كىشىنىڭ ئەسلىگە ھەركىتى گۇۋاھ،

ھەركىتى قانداق بولسا، ئەسلى شۇنداق بولىدۇ.

كىمنىڭ ئەسلى ياخشى بولسا، ھەركىتى يېقىملىق بولىدۇ.

يامانلارنىڭ ئەسلىگە ئۇنىڭ ھەركىتى گۇۋاھتۇر.

كۆڭۈل ئۇ گۆشتۇر، ھېدلاپ قالىدۇ.

شۇڭا، ئۇنى ياخشى ئاسراش كېرەك!

چىقىمچىلىقنى ياقتۇرمايدىغان كىشىلەرمۇ غەيۋەتخورلار ئارىسىغا كىرىپ قالسا سەبىر قىلالمايدۇ.

مېنى كىم چىقشتۇرسا مەندىن ئەھۋالنى سورا،تېگىگەيەتكۈچە سورا.

                    

كىملەر پايدىلىق كىملەر پايدىسىز،

پەرىقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىل ئەي دانا!

ياخشى كۆرىدىغان، ياخشى كۆرمەيدىغانلارنىمۇ پەرىقلەندۈر .

ياخشى كۆرگەنلەرنى سۆي، دۈشمەنگە ئوت بول!

شادلىقىڭنى خالىمىغان كىشىلەرنى ئۆزۈڭدىن يىراق تۇت!

ئۇنى سۆيۈندۈرمە، قىلىدىغان ئىشلىرىڭنى ئۇنىڭغا بەرمە.

ساداقەتنى خىيانەت بىلەن ئارىلاشتۇرما،

ياراملىقنىيارامسىز بىلەن بىللە تۇتما!

     

كىرەكلىك سۆزلەرنى سۆزلىگىن،

كىرەكسىز سۆزلەردىن ئۆزۈڭنى تارتقىن، زىيان قىلىدۇ.

سۆزنى كۆپ سۆزلىدىڭ تەمى كەتمىسۇن!

ئادەم كۆپ سۆزدىن زىرىكىدۇ.

     

دائىم قەدىرقىممەتلىك بولاي دىسەڭ،

پىتنەپاساتتىن نېرى تۇرغىن.

پىتنەپاسات ھەر ئىشنىڭ نىگىزىنى بۇزىدۇ.

پىتنەپاسات ياخشى ئىشلارنى ئىزىدىن چىقىرىدۇ.

پىتنەپاسات يىتىشكەن بەخىتنى قاچۇرىدۇ.

پىتنەپاسات ئۆچكەن ئوتنى تۇتاشتۇرىدۇ.

پىتنەپاسات قەيەردە بولسا شۇ يەردە خارلىق بولىدۇ.

پىتنەپاسات بار يەردە دۆلەت تۇرمايدۇ، قاچىدۇ.

ئەگەر تۇرسا ھەيران قالما.

ئۇ بىر كېچىلىك مىھمان خالاس!

             

ئىككى يۈزلۈك ئادەمگە گېپىڭنى ئېيتما،  سۆزۈڭ يېيىلىپ،  سىرىڭ ئېچىلىدۇ.

غەيۋەتخور ئادەمنى ئۆيۈڭگە يولاتما،

كۆرۈپ بىلگەنلىرىنى پۈتۈن ئەلگە يايىدۇ.

سىنىغان، ئىشەنگەن ئادىمىڭنى مەھكەم تۇت،

دىلىڭ تۈمەنمىڭ لەززەتكە تولىدۇ.

   

                   يۈسۈپ خاس ھاجىپ-قۇتادغۇبىلىك

تارقىتىڭ...