بالا دىمەك، ئەسلىدىنلا ئۆزىنى مەركەز قىلىدىغان شەخسىيەتچى، مەغلۇپ بولۇپلا تۇرىدىغان، قىلغان گەپنى ئاڭلىمايدىغان مەخلۇق.

تەرجىمىدە: رەيھان

تەپسىلاتى مۇنداقراق :
ھەممىمىز بالىمىزغا دېگەن گېپىمىزنىڭ بىر قېتىمدىلا تەسىركۆرسىتىشىنى، ئوخشاش گەپنى قانچە–قانچە قېتىملاپ دەۋىرىشنى خالىمايمىز،- ئەلۋەتتە!

ھالبۇكى، بالا دىمەك قانچە قېتىملاپ ئېيتىپ تۇرساقمۇ ئوخشاش خاتالىقنى قىلىۋىرىدىغان مەخلۇق! شۇڭا، ئوخشاش گەپنى تەكرارلىماقتىن باشقا ئامالىمىز يوقتەك!

بۇ ھەرگىزمۇ ئاتا – ئانىنىڭ گەپ قىلىش ئۇسۇلىدىكى مەسىلە ۋە ياكى بالىنىڭ بەكلا ناچار، ئەسكى بالا بولغانلىقىدىن بولماستىن، بالا دېگىنىمىز ئەسلى ماھىيتىدىن ئاشۇنداق بولغىنىدىن.

گەپ قىلسا بىر قېتىمدىلا ئاڭلاش دېگىنىمىز چوڭلارغا قارىتىلغان. تېخى چوڭلارمۇ خاتالىقىنى بىر قېتىملىق ئەسكەرتىش بىلەنلا تۈزىتىپ بولالمايدىغۇ بەزىدە؟!

قىسقىسى، پەرزەنت تەربىيەسىدە بىر قېتىمدىلا بالىغا گەپ ئاڭلىتىمەن دىگەن ئويدىن ۋاز كېچىشكە، يەنىلا ئوخشاش گەپنى قايتا – قايتىلاپ ئېيتىپ تۇرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، بالىمۇ مۇشۇ جەرياندا ئاستا – ئاستا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.

ئاكې خاشى دايجى

تارقىتىڭ...