كىتاب: ۋانگوكنىڭ دۇنياسىدىن بىلگەنلىرىم

3,778 قېتىم ئوقۇلدى

دۇنيادا ئادەملەرنى سۆيۈشتىن ئارتۇق ھەقىقى سەنئەت يوقتەك ھېس قىلىمەن.

‎‏I feel that there is nothing more truly artistic than to love people.

‎‏Vincent Van Gogh

مۇھەببەت ئۈچۈن ياشىغان، مۇھەببەتنى ھەممىدىن يۈكسەك ئورۇنغا قويغان بۇ سەنئەتكار ھاياتىدا بىرمۇ ئادەمنىڭ، ھەتتا ئانىسىنىڭمۇ ھەقىقى مىھرىگە، ئىتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەن. بار دېيىلسە، ئۇنىڭ ھاياتىدا ئىقتىسادى ۋە روھى جەھەتتىن بىردىنبىر قوللىغۇچىسى، مۇھەببەت بەرگىنى ئۇنىڭ قېرىندىشى تىئوبولغان..
ئادەمنى ھەممىدىن ھەيران قالدۇرىدىغىنى، ئادەملەرئۇنى ھايات چېغىدا كۆزگە ئىلمىدى، ئېتىراپ قىلمىدى، سەنئەت ئەسەرلىرى بىر تىيىنگىمۇ يارىمىدى. بۇ بۆيۈك سەنئەتكار ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزى سىزغان ئاپتەپپەرەسلىرىگە ئوخشاش مۇھەببەتكە، ئىللىقلىققا مۇھتاج بولۇپ، غۇرىبەتچلىكتە ياشىدى. ھالبۇكى، ئېغىر روھى ئازابتا ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۇپراققا كۆمۈلگەندىن كېيىن ئىنسانلار ئۇنى مۇھەببەت گۈللىرىگە پۈركىدى، ئەسەرلىرى ئاجايىپ قىممەت باھالاردا سېتىۋىلىنىپ، قەدىرلەندى، تاكى بۈگۈنگىچە ئىنسانىيەتنىڭ قەلبىدە ياشاپ كەلدى.

 

The Night Cafe-Clint Mansell

 

قېرىنداشلىق مۇھەببەت

 

كىتابتا ماڭا ھەممىدىن تەسىر قىلغىنى، يۈرۈكۈمنى تىتىرەتكىنى بىر سەنئەتكارنىڭ سەنئەت يولىدىكى ئىزدىنىشلىرىدىنمۇ بەكرەك ئاكا-ئۇكا ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مۇھەببەت بولدى. كىتابنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەنسىرى ئادەمدە ئىختىيارسىز ۋانگوھنىڭ ئازابلىرىغا ئورتاقلاشقۇسى كېلىدۇ. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ساقلىنىپ قالغان بالىلىقتىن، بالىلارغا خاس ئاقكۆڭۈللۈكتىن، ئۆزى ياخشى كۆردىغان ئىشقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىشلىرىدىن ھوزۇرلىنىپمۇ قالىدۇ، تىئوغا بولغان ھۆرمىتى ئاشىدۇ.

بالىلىقىدىلا يىتەرلىك مۇھەببەتكە ئېرىشەلمىگەن، بالىلارچە ئاتا-ئانىسىغا ئەركىلەشلەردىن، بالىلارچە شوخلۇقلاردىن، يىتەرلىك كۆيۈنۈشلەردىن مەھرۇم قالغان ۋانگوك تاكى كۆز يۇمغىچە بالىلىقىدا ئېرىشەلمىگەن مۇھەببەتنىڭ ئورنىنى، روھىدىكى بۇ ئاچلىقنى تولدۇرالمايدۇ.
مۇھەببەت بابىدا ئۇ سۆيگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ،تاشلاپ كېتىدۇ.
سەنئەت ساھاسىدە ئۇ چوڭ بىلگەن گۇۋگىندەكلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، ھاقارەتلەيدۇ.
پۈتۈن ھاياتى، زېھنىنى سەرپ قىلغان، سۆيگەن كەسپىدىن يالغۇز جېنىنى باقالىغۇدەكمۇ كىرىم قىلالمايدۇ، يامان يېرى ھېچكىمنىڭ ئېتىراپ قىلىشغا ئېرىشەلمەيدۇ.
ئۇنىڭ ھاياتىدا ئىقتىسادى ۋە روھى جەھەتتىن بىردىنبىر باشتىن-ئاخىرى قوللىغۇچىسى، ئۇنىڭغا مۇھەببەت بەرگىنى ئۇنىڭ قېرىندىشى تىئو بولىدۇ.
ئۇ سەنئەت شەھىرى پارىژدا ئېنىسى بىلەن ئىككى يىل تۇرۇپ تۇيۇقسىز كېتىدىغان بولغىنىدا، ئاكا-ئۇكىنىڭ ۋاگزالدا خوشلاشقان ۋاقتى ئىختىيارسىز قېرىنداش بىلەن خوشلاشماقنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئىشلىقىنى قايتا ئەسكە سالىدۇ. ۋانگوھنىڭ ھاياتى باشتىن-ئاخىرى ئايرىلىش، خوشلىشىلار بىلەن تولىدۇ.
ھالبۇكى، تىئو مەيلى يېراقلاردا بولسۇن ئاكىسىغا ھەر دائىم خەت يېزىپ تۇرىدۇ، ئاكىسىغا تۇرمۇش خىراجىتى ئەۋەتىشنى ئۇنۇتمايدۇ.
ھەتتا، ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىپ ئۇزاققا قالماي ئېنىسىمۇ سەۋەبسىز جىمجىتلا ئۆلۈپ كېتىدۇ.
ئەسەردە ۋانگوكنىڭ ئاۋارە ھاياتى،ئازابى، غېرىبلىقى ئادەمنى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئازابلىسا،
تىئونىڭ ئۆز قېرىندىشى ئۈچۈن ئۈنسىز بەدەل تۆلەشلىرى، مۇھەببىتى، پەزىلىتى ئادەمنى بەكمۇ تەسىرلەندۈرىدۇ.

 

 

ۋانگوكتىكى غېرىبلىق

 

ۋانگوك ئانىسى ئۆزىنىڭ تۇنجى ئوغلى، يۈرەك پارىسىنى تۇپراققا كۆمۈپ قويغان، بىر ئانىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئېغىر كۈنلىرىدە ئاپىرىدە بولغان بوۋاق بولغاچ، ئۇ ھامىلە چېغىدىلا بىرلەمچى مۇھەببەتكە تويۇنمىغان ھەم دەسلەپكى يارا ھامىلە چېغىدىلا شەكىللەنگەن.
(  ھامىلە ۋاقتىدىكى ئانىنىڭ روھى-ھالىتى، ئاتا-ئانا تەرىپىدىن خۇشاللىق بىلەن قارشى ئېلىنىش-ئېلىنماسلىقى، بولۇپمۇ يېڭى تۇغۇلغاندىكى موھىت ھەم بالىغا بولغان مۇھەببەت بالىنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.)

ئەمدىلا سەككىز ياشلىق بالا ئانىسىنىڭ ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە كۆڭلى يېرىم بولىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. بالىنىڭ دادىسىنىڭ ئاغزىدىن«سەن ئەسلى تۇغۇلماسلىقىڭ كېرەك ئىدى» دىگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلىشى ھەقىقەتەن بالىنىڭ قەلبىدە ئېغىر جاراھەت قالدۇرىدۇ.

كىچىككىنە توققۇز ياشلىق بالىنى ئايدا بىر قېتىم قايتىدىغان ياتاقلىق مەكتەپكە بېرىپ ئۇنىڭ بالىلىق قەلبىنى يەنە بىر قېتىم يارىلايدۇ.

ۋانگوك مانا مۇشۇنداق بالىلىقىدا باشقا قېرىنداشلىرىدىن پەرىقلىق مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ. مەنچە، بىر ئەقلى جايىدا ئاتا-ئانا بالىلىرىغا قەستەن پەرىقلىق مۇئامىلە قىلمايدۇ. بىراق، ئاتا-ئانا قانچىلىك مۇھەببەت بەردىم دەپ قارىمىسۇن، بالا بۇ مۇھەببەتنى ھېس قىلالىدىمۇ-يوق؟ موھىمى بۇ.
ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ بالىلىرىغا قانداق سۆزلەرنى قىلىش-قىلماسلىقى ھەقىقەتەن موھىم.
قىسقىسى، رىئاللىقتا ئەينى چاغدىكى ۋانگوكنىڭ ئاتا-ئانىسى مەيلى قانداق قىلغان بولسۇن،
ۋانگوك ئاتا-ئانىسىدىن ئالغىنىنى پەرىقلىق مۇھەببەت دەپ بىلگەن. كىچىككىنە بالىلىق يۈرىكىگە «مەن بۇ ئائىلە ئۈچۈن ئارتۇقچە ئادەم» دېگەن ئۆزىنى كەمسىتىش تامغىلىنىپ كەتكەن.

ھالبۇكى، ئۇ ھاياتىدا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، مانا مۇشۇنداق ۋانگوكنىڭ بالىلىق يارىسى ئۆمۈر بويى ساقايماي ئۇنى قىينايدۇ. بالىلىقىدا مۇھەببەتكە تويۇنمىغان روھىدىكى ئاچلىق، ئۆزىنى باشقىلارغا يۈك دەپ ئويلىۋىلىش ئاخىرى ئۇنى ئۆلۈم گىردابىغا ئېلىپ بارىدۇ.

 

The starry night

ۋانگوكنىڭ ئېتىراپ قىلىنمىغان سەنئەت ھاياتى

 

ۋىنسېنتنىڭ ئەسلىدىكى ئائىلە موھىتى، بوۋىلىرىنىڭ سەنئەت بىلەن ئالاقىدار بولۇشى، دادىسىنىڭ كىتابخۇمار، ئانىسىنىڭ سەنئەتكە ھەۋىسى بولۇشى ۋىنىسېنتنىڭ داڭلىق رەسسام بولۇپ قىلىشىنىڭ دەسلەپكى موھىتىنى ھازىرلىغان.

ئۇنىڭ بوۋاقلىق ۋاقتىدىن تارتىپ تۇغما تەبىئەتكە ھېرىسمەنلىكى، ئۇنىڭ تەبىئەتتىمۇ روھ باردەك ھېس قىلىشلىرى، تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنالالايدىغان، تەبىئەت بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن روھى ئۇنىڭدىكى تۇغما سەنئەت تالانتنى ئاساسلىرىدىن بىرى بولسا كېرەك.

ۋانگوك دەسلەپتە كىشىلەرنىڭ ھاياتى، روھىنى قۇتقۇزىدىغان باستىر بولۇش ئارزۇسىدا بولىدۇ. ئارزۇنىڭ كۈچى بىلەن ئەڭ شارائىتى ناچار چەت بىر رايۇنغا بارىدۇ.
ۋانگوكنىڭ بوناردا كان ئىشچىلىرىنىڭ ئىچىگە كېرىپ تۇرۇپ بىللە ئىشلىشى، ئۇلار بىلەن بىللە ياشىغاندىكى ئاقكۆڭۈللۈكى،ۋىل موماينىڭ ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋانگوكقا ھەم بۇ ئاددى كىشىلەرگە نىسبەتەن ھۆرمەت ئويغىتىدۇ.

تىئو ئاكىسىنى يوقلاپ بونارغا كېلىپ، ئاكىسىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى تۇغما تالانتنىڭ رەسساملىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقىنىدا، 30 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان ۋانگوك تۇنجى قېتىم رەسسام بولۇش ئارزۇسىدا بولىدۇ ھەم شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بۇ ئارزۇسى ئۈچۈن تىرىشىدۇ.
ئۇ ھاياتىدا داڭق چىقىرىشنى ئەمەس ئېتىراپ قىلىنىشنى كۈتىدۇ.

 ۋانگوك دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئائىلىدە تۇرغان كۈنلەردە ئانىسىنىڭ ئۇنىڭ رەسىملىرى ھەققىدە كەمسىتىش نەزىرىدە باھا بېرىشلىرىدىن خورلۇق ھېس قىلىدۇ ھەم ئائىلىدىن ئايرىلىدۇ.
ئەپسۇس، ئۇنىڭ بۇ قېتىم ئائىلىسىدىن، ئۆزىگە كۈچ ۋە مۇھەببەت بېرەلمىگەن ئانىسدىن ئايرىلىشى ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك ئايرىلىشى بوپقالىدۇ.

ئۇنىڭ ھاياتىدا ئۇنىڭ تىرىشچانلىقلىرى ئۈچۈن مەدەت بولىدىغان رەسسام سېناك،ئالبېرت، ۋېرنا، تاڭگۇي بوۋاي، رۇلىنلارئۇچرايدۇ. ھەم ئۇنىڭ سەمىمى دوستلىرىغا ئايلىنىدۇ.

ئارلېستىكى دەرىزىسى كوچىغا قاراپ تۇرىدىغان ئۆينى سېرىق رەڭدە بوياپ سەرەمجانلاشتۇرغان ۋانگوك بۇ ئۆيگە سەنئەتكارلارنى يىغماقچى بولىدۇ. پارىژدەك قايناق شەھەردە ياشاپ كۆنۈپ قالغان سەنئەتكارلارنىڭ ھېقايسىسى بۇ چەت يەرگە كېلىشنى خالىمايدۇ.
بۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرغا چىقىدىغىنى يەنە تىئو بولىدۇ. ئۇ ئاكىسى ئۈچۈن داڭلىق دەسسام گۇۋگىننىڭ قەرزىنى تۆلەش بەدىلىگە ئاكىسىنىڭ يېنىغا ئەۋەتىدۇ.
ۋانگوھ گۇۋگىننى غايە يولىدىكى سەپەرداش، ئورتاق يولدىكى ھەمراھلاردىن دەپ قارايتتى. ئۇنى كۈتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ داڭلىق ئەسىرى«ئاپتاپپەرەس» مەيدانغا كەلگەنىدى.
دەرۋەقە ئۇلار بىر مەزگىل ھەمكارلاشقان كەسىپداشلاردىن بولغان بولسىمۇ، گۇۋگىن قەرزلىرى تۆلىنىپ، رەسىملىرى سېتىلىپ يانچۇقىغا پۇل كىرگەندىن كېيىن، ۋانگوھنىڭ ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقىغا زەربە بېرىدۇ، ئۇنىڭ غورورىغا تېگىدۇ، ئۇنىڭ دوستلۇق ئەقىدىسىنى ۋەيران قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۆزىدىن موھىم ھەم ھۆرمەت بەرگەن كىشىنىڭ ئورنى بوش قالىدۇ….ئۇنىڭ ھەممىدىن ۋاز كېچىپ تىرىشۋاتقان ئارزۇسى كەمسىتىلىپ چەيلىنىدۇ…
ۋانگوك ئۆزى دوست، سەپەرداش،غايىداش دەپ بىلگەن ئادەمدىنمۇ ئېتىراپقا ئېرىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئېغىر كەمسىتىلىپ يالغۇز قىلىشى ئۇنىڭغا ئەجەللىك زەربە بولىدۇ ھەم ئۆزىنىڭ ئاجىز ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش قۇلىقىنى كىسىپ تاشلايدۇ…شۇنىڭ بىلەن روھى كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا كىرىپ قالىدۇ.
سۆيۈملۈك ئېنىسى تىئونىڭ خېتىنى يەتكۈزۈپ بېرىدىغان يېقىن دوستى رۇلىن ئەر-خوتۇننىڭ ئارلېستىن كېتىدىغانلىقى ۋانگوھنىڭ تېخىمۇ يالغۇز قالدۇرىدۇ. شۇ چاغدىكى ئۇنىڭ بالىلارچە يىغلىغان قۇرلىرى ئوقۇرمەننىڭمۇ كۆڭلىنى ياشلايدۇ.

كېيىن ئۇ لوندون گۇبىل سەنئەت كارىدورىغا كېلىدۇھەم تولىمۇ ئىللىق ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ بۇ كىشىلەر بىلەن ياخشى ئۆتىدۇ.
لوندوندىكى كۈنلەرنى ۋانگوكنىڭ ھاياتىدىكى ئاپتاپپەرەستەك جۇلالىق، جەلپكار، يورۇق كۈنلەردىيىشكە بولاتتى.
بۇ كۈنلەردە ئۇ 18 ياشلىق قىزچاق لىيانى ئۇچرىتىدۇ ھەم ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ.
قىزنىڭ رەت قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئوچۇق ئاسمىنىدا بىردىنلا شىۋىرغانلىققا ئۆزگىرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ خۇشپۇراق ئائىلىدىن ئايرىلىدۇ. خىزمىتىدىنمۇ ئايرىلىدۇ، ھاياتى يەنە بىر قېتىملىق كۈلرەڭلىك چۈشكۈن رەڭگە كېرىدۇ.
ئۇ نەۋرە ھەدىسى كەينى تەلۋىلەرچە سۆيىدۇ. سەين بىلەن بىللە ياشايدۇ. مارگارت بىلەن قىسقىغىنە مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرىدۇ. بىراق، مۇھەببەت يەنىلا ئۇنى تاشلاپ كېتىدۇ.
مۇنداق ئويلاپ كۆرەيلى، ناۋادا ئۇنىڭ تالانتىنى ئەينى يىللاردا ئېتىراپ قىلىنىپ، ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئېرىشكەن مال-دۇنيا، شان-شۆھرەتلەر ئەينى يىللىرى مەنسۇپ بولغان بولسا، مۇھەببەت يەنە ئۇنى مۇشۇنداق تاشلاپ كىتەرمىدى؟!

ئاخىرى روھى كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدىكى چىغىدا تىئودىن « قىزىل رەڭلىل ئۈزۈمزار» ناملىق رەسىمىنىڭ 400فىرانكقا سېتىلغانلىق خەۋرىنى ئاڭلايدۇ.
بۇ چاغدا ئۇنىڭ قايتا-قايتا سۇندۇرۇلغان كۆڭلىنىڭ بۇنىڭغا خۇش بولغۇدەك ھالى يوق ئىدى.

27 يېشىدىن 37 يېشىغىچە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆز ئارزۇسى ئۈچۈن تىرىشقان ۋانگوك بۇ تىرىشچانلىقلىرىنىڭ، ھەممىدىن ۋاز كېچىپ بېغشلاشلىرىنىڭ قايتا-قايتا نەتىجىسىز قىلىشلىرى، تالاي ئۈمىدلەرنىڭ ئۈمىدسزلىك بىلەن نەتىجىلىشىدىن چارچايدۇ… تىئوغا ئۆزىنى يۈك بولۇپ قالدىم دەپ قارايدۇ. قېران بىر ئەركەك بولۇپ تۇرۇغلۇق ئېنىسىنىڭ قېنىنى شوراپ پارازىتلارچە ياشاپ كەلگىنىدىن نۇمۇس قىلىدۇ. ئۆزىنى تالاي قېتىم ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى، پۈتۈن ھاياتىنى سەرپ قىلغان سەنئەتنىڭ ھېچقانداق ئادەم تەرىپىدىن راسمى ئېتىراپ قىلىنمىغانلىقى، ئېنىسىنىڭ ياخشىلىقىلىرىنى يەنىلا ياندۇرالمغان ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تاللايدۇ ھەم ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى پارچە رەسىمى قاغىلار ئۇچۇپ يۈرگەن بۇغدايلىقتا ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تاللايدۇ. ئۇنىڭ 37 يىللىق پانى ئالەمدىكى ھاياتى ئېرىشەلمىگەن ھۆرمەت، سۆيگۈ، بايلىق، ئالقىش سادالىرىغا ئۇنىڭ يېڭى ھاياتى ئېرىشىدۇ.

 

Almond Blossoms كىچىك ۋىنسېنت ئۈچۈن سىزغان «يېڭى ھاياتلىق»

تېمىغا كىرگۈزۈلگىنى تۆۋەندىكى ۋانگوكنىڭ مەن ياقتۇرغان رەسىمىگە بېغىشلانغان مۇزىكا

The night Cafe

بىرەر كىتابنى ياقتۇرۇپ قالسام، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كىنوسىنىمۇ كۆرۈپ باقىدىغان مەن تۈنۈگۈن ئۇنىڭغا مۇناسۋەتلىك 2019-يىلى 11-ئايدا ئېلان قىلىنغان«مەڭگۈلۈك ئىشىك» ناملىق كىنوسىنى كۆرۈپ باقتىم. ئۇندىن باشقا «ۋانگوھنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى پارچە خېتى» ناملىق ئۇنىڭ پۈتكۈل ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن كارتون فىلىمنىڭ لىنتىسىنى ئىزدەپ تاپالمىغان بولساممۇ، بۇمۇ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن.

ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلىنغان كىنوسى

«ۋانگوھنىڭ ئاخىرىقى پارچە خېىتى» ناملىق كارتون

 

 

خەير، يەنە بىر يازمامنى ئېلان قىلغۇچە سالامەت بولۇڭ~

رەيھان ئابلەت

2020.01.13

تارقىتىڭ...
  1. بىر ئانىنىڭ نوقتىسدىن بەك يۇمشاق چۈشەندۈرپسەن ئاداش .تويۇنمىغان ئائىلە سۆيگۈسى

  2. سالامەت بۇلۇڭ ❤️❤️

  3. مەن ۋەتەندە تۇرۇپ ئىنكاس يېزىۋاتىمەن، ھازىر بۇ يەردە يەرلىك ۋاقىت كەچ سائەت 1:30 بولاي دىدې، بۈگۈن تۇيۇقسىز توربەت (سىرىتنىڭكىنى دېمەكچى) ئارىلىغۇم كەپ قالدىم، بۇرۇنقى تارىخلارنى، مەدەنىيەتلەرنى ۋاراقلىغۇم كەپ قالدى، ۋۇجۇدۇم ئىختىيارسىزلا تىترەپ قالدى، بۇ بەلكىم ئۇزۇن مەزگىل ھەقىقىيلىكتىن مەھرۇم بولۇپ ياشىغانلىقنىڭ نەتىجىسىدۇر.
    يازمىلىرىڭىز تېخىمۇ بەركەتلىك بولسۇن

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

كىتاب:

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى