قەلبىمىزنىڭ ئىمۇنىتىت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان پىسخىكىلىق تاكتىكىلار

2,231 قېتىم ئوقۇلدى

ئۆزىنى سۆيۈش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغىنى سۆيەلەيدىغان ئۆزىنى تېپىش، ئۆزىنىڭ يارالمىش قىممىتىگە ئىشىنىش .

ئۆزىگە ئىشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئىمۇنىتىت كۈچى يۇقىرى بولىدۇ. ئۇلارنىڭمۇ ئازابلىندىغان، يىقىلىدىغان، مەغلۇب بولىدىغان، تىڭىرقايدىغان، قاراڭغۇلۇقتا قالىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ. بىراق، ئۇلاردىكى «ۋىرۇس» لارغا قارشى تۇرالايدىغان قەلب قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇلاردىن قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتەلەيدۇ ھەم مەلۇم ھىكىمىتىنى تاپىدۇ، – دە، ئىمۇنىتىت كۈچى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشىدۇ.

يېغىپ ئېيتقاندا،ھاياتلىقتا قەلبى يارىلانمايدىغان بىرمۇ ئىنسان يوق! بىز ھەر كۈنى چىش چوتكىلىغىنىمىزدەك، زۇكام بولۇپ قالساق ۋاقتىدا دورا ئىچىپ تەدبىر قوللانغىنىمىزدەك قەلبىمىزدىكى يارىلارنى ۋاقتىدا داۋالاپ تۇرمىساق، بۇ يارىلار ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ – دە، دورا تاپالماس ئەھۋالغا بېرىپ قالىمىز.

تەكلىپ : قەلبىمىزنىڭ مەلۇم يىرىگە «دوختۇر ساندۇقى» قويۇپ قويايلى، لازىم بولغاندا ئاچىمىز- دە، ئۆزىمىزگە دورا بېرىمىز.

 

 

Yanni – Waltz In 7_ 8

ھەر بىرىمىز تەڭرىنىڭ نادىر بىر ئەسىرى. ھەر بىرىمىزنىڭ چوقۇم ئاجايىپ بىر ئالاھىدە تەرەپلىرىمىز بار، بۇنى ئىتىراپ قىلىمىزغۇ ؟! ئىتىراپ قىلمىساق بولماس .

ۋۇجۇدىدا بار بولغان ئالاھىدە، ئۆزگىچە تەرەپلەرنى بىلىش ھەم ھېس قىلىپ تۇرۇش ھەر قانداق يەردە ھەر قانداق شارائىتتا قەلىبكە كۈچ بېرىدۇ. مەيلى خىزمەتتە مەغلۇپ بولايلى، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئازارلىنايلى، قىسقىسى، بىرەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، بۇ ئارتۇق تەرەپلىرىمىزنى  ئەسكە ئالغىنىمىزدا روھى بېسىملىرىمىز سەل يىنىكلەيدۇ.

يەنى، روھى بېسىملىرىڭىز ئارتىپ كەتكەن، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز خىرىسقا ئۇچرىغان، ھاياتنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا قالغان كۈنلىرىڭىزدە تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى سىناپ ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈڭ ھەم قەلبىڭىزنىڭ ئىمۇنىتىت  كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈڭ.

 

***

ئاق قەغەزدىن ئىككى پارچە تەييارلايمىز.

1 – باسقۇچ : ئالدى بىلەن بىرىنچى ۋاراق قەغەزگە ئۆزىڭىزدە بار بارلىق ئارتۇق تەرەپلىرىڭىزنى، ۋۇجۇدىڭىزدىكى يارقىن نوقتىلارنى يېزىپ چىقىڭ. مەيلى قانداق بىر ئارتۇقچىلىق بولسۇن تېپىپ چىقىسىز ھەم تېپىپ چىققانلىرىڭىز ئامال بار 10 دىن ئارتۇق بولسۇن.

2 – باسقۇچ : سىز دەل ئۆزىڭىزنىڭ قالتىس، ئالاھىدە تەرەپلىرىنى ئويلاۋاتقىنىڭىزدا، قەلبىڭىزدە يەنە ئۇنى ئىنكار قىلىدىغان، تەنقىد قىلىدىغان ئىسيانلار، تەنقىدچىدىن يەنە  بىرسى پەيدا بولدى، شۇنداقمۇ؟ بۇ، تەنقىدلىرىڭىزنىڭ بىرىنى قويماي ئىككىنچى ۋاراق قەغەزگە يېزىپ چىقىسز .

3 – باسقۇچ : بىرىنچى ۋاراق قەغەزگە يېزىپ چىققانلىرىڭىز ئىچىدىن ئۆزىڭىز ئەڭ مۇھىم بىلگەن ئارتۇقچىلىقىڭىز، ئالاھىدىلىكىڭىزدىن بىرنى تاللاپ، نىمە ئۈچۈن ئۇنى مۇھىم دەپ قارايدىغانلىڭىز، ھاياتىڭىزدا بۇ ئالاھىدىلىكىڭىزنىڭ قانداق مەنىسى ھەم پايدىسى بولغانلىقىنى قىسىقىچە يېزىپ چىقىڭ.

4 –  باسقۇچ :   ئەمدى قىلىدىغان ئىشىمىز بەك ھوزۇرلۇق. يەنى، ئىككىنچى ۋاراق قەغىزىمىزدىكى ئۆزىمىزنى ئىنكار قىلغانلىرىمىز، بىزنى خۇنۇكلەشتۈرىمەن، ئىشەنچىمىزنى يەرگە ئۇرىمەن، چۈشكۈنلەشتۈرىمەن دەيدىغان ھېلىقى ئىنكارلىرىمىزنى پۇرلاپ – پۇرلاپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلايمىز، چۈنكى، بۇلار پەقەتلا ئەخلەت، خالاس!

5 –  باسقۇچ :  ئەتىسى ياكى بىر قانچە كۈندىن كىيىن بىرىنچى  ۋاراق قەغىزىڭىزدىن يەنە بىر ئارتۇقچىلىقڭىزنى تاللاپ ئوخشاش ئۇسۇلدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىسىز. مانا مۇشۇنداق ئۇسۇلدا ھەر كۈنى، ھىچ بولمىسا بىر قانچە كۈندە بىر قېتىم بىردىن ئارتۇقچىلىقىڭىزغا چۈشەنچە بىرىپ ھەممە ئالاھىدىلىكىڭىز تۈگىگىچە جاۋاب بىرىپ چىقىسىز.

ئەسكەرتىش، ئارلىقتا باشقا بىر ئالاھىدە يەرلىرىڭىزنى بايقاپ قالغان بولسىڭىز بىرىنچى ۋاراقتىكى ئارتۇقچىلىق «مۇندەرىجىڭىز» گە قىستۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.

 

***

بۇ ئۇسۇل ئاددى ھەم ئۈنۈملۈك تۇيۇلۇۋاتامدۇ؟ چوقۇم سىناپ باقايلى.

بىز پىسخىلوگ ئەمەس، بىراق، ئۆزىمىزگە، يېقىنلىرىمىزغا راھەت كەيپىيات بېرەلەيدىغان، يوقاتقانلىرىمىزدىن ئىرىشكەنلىرىمىز كۆپرەك ھاياتتا ياشىيالىشىمىز ئۈچۈن  ئۆزىمىزگە دورا بېرەلەيدىغان مەلۇم دەرىجىدىكى «دوختۇرلۇق»  ساۋادىمىز بولمىسىمۇ بولماس.

 

تۈنۈگۈنكى گۇگۇم پەيتىدىكى يامغۇردىن كېيىنكى ئاسمان

ھە ـ راست، قەلبىمىزنىڭ ھارارىتى تۆۋەنلەپ كەتكەندە ئاسانلا زۇكامداپ قالارمىش. ياننىجاننىڭ ئاۋۇ گۈزەل، كىشىگە خۇشاللىق بېغىشلايدىغان مۇزىكىسىنى ئاڭلاپ قەلىب تىمپىراتۇرىڭىزنى نەچچە گىرادۇس يۇقىرىلىتىۋېلىشنى ئۇنۇتماڭ ھە  ~  😜❤️

 

*****************************

پايدىلانغان مەنبە :   自分で心を手当てする方法

رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. بەك ياقتۇردۇم،،بۇ ماقالىلەر خۇددى ماڭىلا ئاتام يازغاندەك،،چۇڭ كىچىك ئائىلە دەپ چۇڭقۇرمۇ نەپەس ئالالمايۋاتقان ماڭا بىر خىل ئازادىلىك ئېلىپ كىلىپ،ئارزۇ ئارمانلىرىمنى ئۇيغاتقاندەك بۇلدى،،،چىرايىمدا تەبەسسۇم بۇلدى،،ماسلاشتۇرغان مۇزىكىلىرىڭىز شۇنداق ياخشىكەن،،ئاڭلىسىڭىزمۇ بىر خىل ئازادىلىك ئېلىپ كىلىدىكەن،،رەھمەت سىزگە ھارمىغايسىز

  2. رەھمەت سىزگە بەكلا ياقتۇردۇم

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

قەلبىمىزنىڭ

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى