قەھۋە سوۋۇپ قالماستا ☕️

28,764 قېتىم ئوقۇلدى

مەلۇم بىر قەھۋەخانىنىڭ مەلۇم بىر ئورۇندۇقىدا, ئۆتمۈشىڭىزدىكى مەلۇم بىر كۈنگە قايتىپ، مەلۇم ئادەم بىلەن كۆرىشەلەيسىز.
شەرت شۇكى، قەھۋەرىڭىزنى ئىچىپ بولىشىڭىز كېرەك.
قەھۋە سوۋۇپ قالماستا.
☕️

 

 

明日への手紙ーTeshima Aoi

 

☕️

بەلكىم، ئەينى چاغلاردا ھاكاۋۇرلىقىڭىز سەۋەبلىك سىزنى كۆرسە يۈزلىرى قىزىرىپ كېتىدىغان شۇ ئوغۇلنىڭ كۆڭلىنى نەزەرگە ئىلمىدىڭىز.
سۆيگەن ئادىمىڭىزگە يۈرىكىڭىزدىكىنى ئېيتالمىدىڭىز ۋە ياكى ئەرزىمەس ئىشلار سەۋەبلىك سۆيىدىغان شۇ ئادىمىڭىزدىن يىراقلاشتىڭىز…

بەلكىم، نادان چاغلىرىڭىزدا ئانىڭىزنىڭ سۇئالىغا پەرۋاسىزلىق بىلەن قوپاللا جاۋاب بەردىڭىز.
ئانىڭىز سىزگە، سىزنىڭ بىر ئېغىز مىھىرلىك سۆزىڭىزگە مۇھتاج چاغلىرىدا دىققىتىڭىزنى تىلۋىزوردا قويىلىۋاتقان كورىيە فىلىملىرىدىن تارتالمىدىڭىز.
ئانىڭىزنىڭ كۆڭلىنى تىلىفۇنىڭىزدىن، سۆيگۈنىڭىزدىن، بىر تال كۆينەكتىنمۇ ئۈستۈن دەپ قارىيالمىدىڭىز…

بەلكىم، دۇنيالىقتىكى ئەڭ قىممەتلىك قېرىندىشىڭىزغا ئۇ ئامراق گىتارنى سوۋغا قىلىپ تۇيۇقسىز خۇش قىلالمىدىڭىز..
ھەدىڭىز سىزدىن تالاشقان بىر تال مايكىڭىزنى ئۇنىڭدىن ئاياپ قالدىڭىز…

 

☕️

پەقەت بىر ئىستاكان قەھۋەدىمۇ كۆڭۈل ئۆزگىرىدۇ.
سىز ئۆتمۈشىڭىزدىكى مەلۇم ۋاقىتقا قايتىيالىسىڭىزمۇ، بۇرۇن بىر قېتىم بولۇنۇپ بولغان ئىشنى ئۆزگەرتەلمەيسىز.

ئۆتمۈش ئۆزگەرمەيدۇ. بىراق، ئادەمنىڭ قەلبى ئۆزگىرىدۇ ھەم كەلگۈسىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.

 

 

☕️

 

ئىككى يىل بۇرۇن يېڭى چىققاندا كىنوخانىدا كۆرگەن ياپوننىڭ «قەھۋە سوۋۇپ قالماستا» ناملىق كىنوسىنى قايسى كۈنى قايتا كۆرۈپ چىقتىم.
بۇ قېتىم تۇنجى كۆرگەندىكىدەك مىچىلداپ كۆرمىگەن بولساممۇ، ئەينى ۋاقىتتا يېزىپ قويغانلىرىمنى تولۇقلاپ قويدۇم.
ياپوننىڭ يەنە بىر مەن ياقتۇرغان فىلىمىدىن بىرى.

خوش، ھەقىقەتەن شۇنداق بىر قەھۋەخانىنىڭ، شۇنداق بىر ئورۇندۇقىدا ئۆتمۈشىڭىزدىكى شۇنداق بىر دەملەرگە قايتىش مۇمكىن بولسا،
سىز كىم بىلەن ئۇچىرىشاتتىڭىز؟
ئۇنىڭغا نېمىلەرنى دەيتتىڭىز؟

مەيلى كىم بىلەن كۆرۈشۈڭ، ئۇنىڭغا نېمىلەرنى دىمەڭ، ھازىرغا قايتىپ كېلىشنى ئۇنۇتماڭ.
ئېسىڭىزدە بولسۇن، قەھۋەرىڭىزنى ۋاقتىدا ئىچىۋىتىڭ،
قەھۋە سوۋۇپ قالماستا.

 

☕️

 

رەيھان ئابلەت
تارقىتىڭ...
  1. ئاپامغا، دادامغا، ئۇكامغا…ئۇلاردىن كەچۈرۈم سورايتتىم، مەن ئۇنتىيالمايدىغان ”ئۇلارنى رەنجىتكەنلىرىم“ ئۈچۈن.

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

قەھۋە

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى