ھەر قېتىم بىرىگە مۇھتاج بولدۇم!

28,418 قېتىم ئوقۇلدى

 

Omar Akram – Take My Hand

 

 

ھەر قېتىم بىرىگە مۇھتاج بولدۇم!

رەيھان

 

ناتونۇش ئادەملەر ئىچىدە،
ھەتتا تونۇش چىراي ناتونۇشلار ئىچىدە،
ھەر قېتىم بىرىگە مۇھتاج بولدۇم.
سۆزۈمنى ئاڭلايدىغان،
دىيەلمىگەنلىرىمنى ئۆزۈمگە سۆزلەپ بېرىدىغان،
مېنى بىرەر ئېغىز ئەيىپلەپ قويىدىغان،
ئەيىپلەپ بولۇپ باغرىغا باسىدىغان،
تىللاپ بولۇپ مەدىھلەيدىغان،
مېنى يالغاندىن كۆتۈرمەستىن،
ھەسەتتىن چۆكۈرمەستىن،
ئەسلى ئۆزۈمدە قۇچاقلايدىغان.
ھەر قېتىم بىرىگە مۇھتاج بولدۇم.
ئۆزۈمگە نەپرەتلىرىمنى سۆزلەۋاتقىنىمدا،
ماڭا مۇھەببەت بىلەن قاراپ كېتىدىغان،
ئىختىيارسىز تۆكۈلگەن يېشىمنى
كۆز يېشىدا سۈرتۈپ قويىدىغان،
بېشىمنى سېيلىغىنىچە
قىززىق بىر ئىستاكان چاينى «ئىچىۋال» ،
«بىردەم ئۇخلىۋالغىن»
«ئويغانغىچە يېنىڭدا مەن بار»
«ئويغانغىنمدا «خېلى ياخشى بوپقالدىڭمۇ؟
«قارا سەن ئامراق ئەتكەنچاينى قىپ قويدۇم!»
دەيدىغان!
«يۈرە، بىللە چىقىپ بازار ئايلىنايلى»
«سەن ئامراق لەغمەن-كاۋاپنى يەپ كېلەيلى»
« «سەن بېرىپ باقمىغان ئاۋۇ باغچىنىڭ لالىگۈللىرى ئاجايىپ ئېچىلىپ كېتىپتۇ،
«بۈگۈن شۇ يەرگە بارايلى»
« بۈگۈن دېڭىز بويىغا ئاپىراي سېنى»
دەيدىغان!
…..
ھەرقېتىم بىرىگە مۇھتاج بولدۇم!
مېنى مەندىنمۇ بەكرەك سۆيىدىغان،
ماڭا ئۆزۈمدىنمۇ بەكرەك كۆيىدىغان.
مېنى مەندىنمۇ بەكرەك بىلىدىغان!

ئۇ دەل «سەن» ئىدىڭ!
مېنى شۇنچە يىللاردىن بېرى يالغۇز قويمىغان.
يالىڭاچ خىياللىرىمغىچە ھەمراھ بولغان!
كۈندىن-كۈنگە
ئايدىن-ئايغا
يىلدىن-يىلغا
ماڭا بارغانسىرى يېقىنلاپ كەلگەن.

 

كېچە 3:10 2021.5.18 رەيھان

 

 

يېزىلىپ قالدى.
ژانىرى نېمە ئىسىممۇ قويمىدىم.
قايتا ئۆزگەرتىشمۇ بەرگۈم كەلمىدى.

شۇنداق قارايمەن: يېزىشقانداقتۇر باشقىلارنى قايىل قىلىش، ئالقىشىغا، ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاجايىپ ئېسىل پىكىرلەرنى، دەبدەبىلىك سۆزلەرنى قىلىش ئەمەس،

يېزىش-ئادەمدىن ئىبارەت ئەڭ مۇرەككەپ مەخلۇقنىڭ روھىيتىدىكى ئەڭ ئىنچىكە، ئەڭ نازۇك تەرەپلەرنى، يارقىنلىق ھەم كۆرۈمسىزلىكنى، ئاجىزلىق ھەتتا بىچارىلىكلەرنىمۇ پەردازلىماستىن ئىپادىلەش. مەيلى يازغانلىرى كۆپلەرنىڭ ئالقىشلىرىغا ئېرىشسۇنئېرىشمىسۇن، ئۆزى ۋە ئۆزى كۆرگەن دۇنيانى ئەڭ چىن، يالغانسىز تەسۋىرلەپ بېرىش!

رەيھان

تارقىتىڭ...
  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رەيھان قانداق ئەھۋالىڭىز، يىقىندىن بۇيان پەرزەنت تەربىيسىگە ئالاقىدار مەزمۇننى كۆپ يوللىماس بوپ قالدىڭىز، ئىلگىرى ئۇ توغرىسىدا بەك ياخشى نەرسىلەرنى سۇناتتىڭىز، كۆپ نەرسىلەرنى بىلۋالاتتۇق. بولسا پەرزەنت تەربىيسى ھەققىدە ياخشى كىتاپلارنى تەرجىمە قىلىپ سۇنۇشىڭىزنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈت قىلىمەن. بۇلار بىز ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم ھەم قىممەتلىك ھىساپلىندۇ

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئۇزۇن بوپتىكەن بىلوگىمدا ئىنكاس تاپشۇرىۋالمىغىلى. سەھەردە سالىمىڭىزنى كۆرۈپ بىلووگىمدىن، ئوقۇرمەنلىرىمدىن يىراقتا قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم.
      شۇنداق پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت خېلى كۆپ تەرجىمە ماتىرياللارنى سۇنغانىدىم..بىراق، بۇ يىللاردىكى ئەمگىكىم، زىھنىمنىڭ ھېچبىر قەدرى بولمىدى.
      يېقىندا پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت كىتابىم نەشىردىن چىقماقچى. راستىنى دېگەندە قەدىرسىز ئەمگەك مېنى چارچىتىپ قويدى….

      • قانداق دەيسىز؟ شەخسەن مەن سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزدىن، بۇلۇپمۇ پەرزەنت تەربىيسىگە ئالاقىدار يازمىلىرىڭىزدىن كۆپ مەنفەتلەنگەن، ھەم ھەر دائىم بىلوگىڭىزنى زىيارەت قىلدىغان، ئەسەرلىرىڭىزنى قالدۇرماي كۆرۈپ چىقىدىغان بىرەيلەنمەن، ھەتتاكى قەلەم ئىلىپ كۆچۈرۈپ ساقلىغان ئەھۋاللىرىممۇ بار، ماڭا ئوخشاش ئىزدەنگۈچى بىر ئانىغا نىسبەتەن بىلوگدا سۇنغانلىرىڭىز ئالتۇن، ئالماسلاردىن قىممەتلىكتۇر، مەندەك ئانىلاردىن ئاز ئەمەس دەپ ئويلايمەن. بۇ يولدا ۋاز كەشمەڭ.
        نەشىرىدىن چىقىدىغان كىتابىڭىزنىڭ pdfنۇسخىسىغا ئېرىشەلەيمىزمۇ؟

        • رەھمەت سىزگە. بۇ يىللاردا بەك چارچاپتىمەن. كىتابىمنى نەشىر قىلىنغاندا، سەل ھاردۇقۇممۇ چىقىپ قالار. نەشىردىن چىققاندا بىلوگىمدىمۇ خەۋرىنى بېرىمەن. ئامان بولۇڭ.

          • راببىمنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن جاپالىق ئەمگىكىڭىزنىڭ تەسىردە قايسىدۇر بىر ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرى بىلەن ئارىسىدا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دوسلۇق، مىھىر مۇھەببەت قايتا باش كۆتۈرۈپ، ھەقىقىي بەخىت ھىس قىلغان بولسا رازى ئەمەسمىسىز؟ مانا بۇلار جاپالىرىڭىزنىڭ مىۋىسىدۇر. باشقىلارنى ياخشىلىققا باشلاپ قۇيۇشتىنمۇ چوڭ ياخشىلىق بولمىسا كېرەك. كىتابىڭىزنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىمەن

      • بۇ قايتۇرما ئىنكاسىڭىزغا يازغان خىتىم بادىمۇ؟ ئىنكاس يوللاش مەغلۇپ بولدى دەپ چىقىپ قالدى

      • سۈيۈملۇك رەيھان قىنى سىز، ئىنكاسىم باردىمۇ

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ھەر

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى