ئەڭ يېقىن ئادىمى ۋە ئۇزۇن يىللىق ھەمراھىنى يوقاتقاندا
رەيھان
كىتابنىڭ ئۇشبۇ قىسمىنى ئوقۇۋاتقىنىمدا شەخسى ھاياتىمدىكى مۇنداق ئىككى ئىش ئېسىمدىن كەچتى.
بىرى، كىچىك ئاچامنىڭ كەچمىشى، يەنە بىرى، كۈندىلىك خاتىرەمنىڭ مەلۇم بىر بېتى.
مەن بۇلارنى سەمىمىيلىك بىلەن يېزىش ئارقىلىق ھايات كەچمىشىمنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە خاتىرىلەپ قويماقچىمەن.
Qerindash – Nurnisa Abbas.mp3
ئۆلۈم تىلغا ئېلىنسا شۈركەنمەيدىغان بىرمۇ ۋۇجۇد بولمىسا كېرەك.
بولۇپمۇ تىنىنىڭ بىر پارچىسى بولمىش يۈرەك پارىسىدىن ئايرىلىش ئازابىغا بەرداشلىق بېرىش ئادەمدىن تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز سەبىر ھەم غەيرەت تەلەپ قىلىدۇ.
مانا مۇشۇنداق ھاياتنىڭ ئەڭ ئېغىر سېنىقى ئاچامنىڭ بېشىغا كەلدى.
***
9~10ياش چاغلىرىم بولسا كېرەك.
ئۇكام ئىككىمىز مەكتەپتىن قايتىپ ئاشخانا ئۆيدە ئۆگىنىش قىلىۋاتامدۇق، ئەيتاۋۇر ئۆيدە ئۇكام ئىككىمىز بار ئىدۇق.
دادام ئالدىراش–جىددىي قىياپەتتە كىرىپ كەلدى ھەم ئائىلىمىزگە قازا كەلگەنلىكىنى، دەرھال چوڭ ئۆيگە بارىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى.
ئاچامنىڭ ئەمدىلا بىر يېرىم ياشلىق تۇنجى ئوغلى ئىجات ئويناۋىتىپ تاساددىبي بىنادىن چۈشۈپ كېتىش بىلەن تۈگەپ كەتكەنىدى…( بۇ ۋەقەنى تۇنجى قېتىم يېزىۋاتقىنىم بولغاچ ئۆزۈممۇ بىلمىگەن بىر خىل ئازاب ۋە تىتىرەك ئىچىدە يېزىۋاتىمەن…)
بۇ مېنىڭ تۇنجى رەت ئۆلۈم بىلەن ئۇچىرىشىشىم ئىدى.
رەھمەتلىك بالىنى كارۋاتتا ياتقۇزۇپ قويغانىدى. مەن قانچە قېتىم يۈزىنى ئېچىپ باشلىرىنى سىيلاپ باققانىدىم…شۇ چاغدا شۈبىھسىزكى يىغلىدىم. لېكىن، بالىلارنىڭ كۆز يېشى ھەقىقەتەن يىنىك ۋە سۈزۈك بولىدىكەن. بالىلارنىڭ تېخى يارا تەگمىگەن يۈرىكى خېلى–خېلى ئېغىرئىشلارنى يېنىكلا تۇيۇپ ئۆتۈپ كېتەلەيدىكەن. شۇ چاغدىكى يۈرۈكۈم ئاشۇنداق بولدى.
بىراق، ئاچامنىڭ شۇ چاغدىكى قانچىلىغان قېتىم ئايلىنىپ چۈشۈشلىرى، بىر نوقتىغا تىكىلىپ ئولتۇرۇپ كېتىشلىرى، بالىسىنىڭ كىيىملىرىنى قولىدىن چۈشۈرمەي پۇراشلىرى….ھېلىمۇ غۇۋا ئېسىمدە. ئاچام خۇددى ئېچىلماي تۇرۇپلا توزىغان غۇنچىدەك تۇنجى يۈرەك پارىسىنى يوقاتقان شۇ چاغلاردا ئەمدىلا 20 ياشلار بولسا كېرەك. ئاچامنىڭ ياش بېشىغا كەلگەنلىرى بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالمىدى.
تۇرمۇشى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. كېيىنكى كۈنلەردە ئاچام تۇغما يۈرەك كىسىلى بىلەن تۇغۇلغان يەنە بىر ئوغلىنى بىر ياشقا كىرمەيلا ئۇزىتىپ قويۇپ، يەنە يىغلاپ قالدى…
ئەينى يىللاردا ئاچام بىلەن ياش پەرىقىم چوڭ، تېخى بىراۋنىڭ قەلبىدىكى يارىلىرىنى، بولۇپمۇ بىر ئانىلىق قەلبنى ھېس قىلالىغۇدەك ياشتا ھەم تەجىرىبىدە بولمىغانلىقىم ئۈچۈن ئۇ چاغلاردا دېگەندەك بۇ خىل چۇڭقۇر ئازابنى چۈشىنىپ يىتەلمەپتىمەن.
يىللار، مۇساپىرلىق، مۇساپىرەتتىكى ئانىلىق قەلب ماڭا ئاچامنىڭ بېشىغا كەلگەنلىرىنى، بىراۋنىڭ قەلبىنى ۋە قەلبىدىكى يارىنى خېلىلا ھېس قىلالىغۇدەك يۈرەك بەردى.
ئاچام شۇ ئىشلاردىن كېيىن يەنە ھاياتنى سۆيۈپ ياشىيالىدى. چىرايلىق ياسىنىپ يۈرەلىدى، يەنە كۈلەلىدى. تېخى قىززىق–قىززىق گەپلىرى بىلەن بىزنى كۈلدۈردى، بىزگە مىھىر بەردى…
بۇ كىتابنى ئوقۇۋىتىپ قانداق بىر كۈچ ئاچامنى بۇ ئېغىر ئازاب دېڭىزدىن تۇنجۇقتۇرۇپ قويماي قۇتقۇزۇپ قالغاندۇ–دەپ قالدىم.
ئاچامنىڭ بېشىغا كەلگەنلىرى يالغۇز بۇلار بىلەنلا توختاپ قالمىدى. تۇرمۇشنىڭ دەردى، بولۇپمۇ مۇشۇ 4-5يىلدىن بىرى تارتقانلىرى ئاچامنىڭ ئىچىدە قانداق رەڭلىك ئازابلارنى پەيدا قىلغىنىنى ئېگىسى ئۆزى بىلىدۇ.
***
بۇ قارا يىللاردا نۇرغۇن ئانىلار بالىلىرىنى يوقاتتى ياكى ھايات تۇرۇپ بالىسىنى باغرىغا باسالمىدى. نۇرغۇن بالىلار تاغدەك دادىسىنى، ئانىسىنى يوقاتتى…«يېرىل تاشىم» دېگەن نالىلەر رىئاللىق بوپ قالدى…تەننىڭ بىر پارچىسى بولمىش قېرىنداشلىرىنى ئازابتا كۆرۈش بۇ دۇنيانى تېخىمۇ قاراڭغۇلاشتۇردى…
بەزىدە چوڭقۇر ئويلاشتىنمۇ قورقىدىغان، ئۆزۈمنى تارتىدىغان ۋاقىتلىرىممۇ بولدى. مەيلى نېمىلا دەي خەقنىڭ ئىت-مۈشۈكى ئۆلۈپ قالسىمۇ پىسخولوگلارنى ئىزدەپ بارىدىغان ھازىرقى دۇنيادا ھەتتا، قەلب يارىسىنى ئۈنلۈكرەك دېيىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان يۈرەكلەر قالدى…
مەن پىسخولوگىيەگە ئائىت گاي ۋىنچنىڭ « قانداق قىلىپ يارىلانغان قەلبنى كۈچەيتىمىز» ناملىق كىتابىنى ئوقۇۋىتىپ كىتابتا تىلغا ئېلىنغان مەسىللەرگە سېلىشتۇرغۇسىز ئېغىر قەلب يارىلىرى قانداق ساقىيدىغاندۇ دېگەنلەرنى ئويلىدىم.
ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇمدىن بىرى، كېلەر قېتىم ھايات ماڭا ئاتا-ئانام، قېرىنداشلىرىم بىلەن كۆرۈشۈش پۇرستىنى ئاتا قىلسا، ئاچام بىلەن يالغۇزقارىشىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ قەلب يارىلىرىنى، قەلب تىۋىشلىرىنى كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ تىڭشايمەن، ئۇنى مىھرىم بىلەن چىڭ قۇچاقلايمەن.
ئانام بىلەن، دادام بىلەن، باشقا قېرىنداشلىرىم بىلەنمۇ ئايرىم-ئايرىم يالغۇز سىردىشىمەن، ئۇلارنى مىھرىم بىلەن قۇچاقلايمەن، ئۇلار بىلەن چوقۇم ئايرىم رەسىمگە چۈشۈشنىمۇ ئۇنۇتمايمەن. ھاياتىمدىكى بۇ قارا ھېجران يىللىرىنى بالىلىرىمنىڭمۇ ئۇنۇتماسلىقىنى، ئۇلارنىڭمۇ بالىلىرىغا سۆزلەپ بېرىشىنى تاپىلايمەن!
ئەمدى ئىككىنجى ئىشنى سۆزلەپ بېرەي.
2021.06.04
ئەسكەرتىش: مۇقاۋا رەسسامى-Olalimova
04/06/2021 7:32 چۈشتىن كېيىن
ئانام بىلەن، دادام بىلەن، باشقا قېرىنداشلىرىم بىلەنمۇ ئايرىم-ئايرىم يالغۇز سىردىشىمەن، ئۇلارنى مىھرىم بىلەن قۇچاقلايمەن، ئۇلار بىلەن چوقۇم ئايرىم رەسىمگە چۈشۈشنىمۇ ئۇنۇتمايمەن. ھاياتىمدىكى بۇ قارا ھېجران يىللىرىنى بالىلىرىمنىڭمۇ ئۇنۇتماسلىقىنى، ئۇلارنىڭمۇ بالىلىرىغا سۆزلەپ بېرىشىنى تاپىلايمەن!
❤️❤️❤️
مەنمۇ چوقۇم شۇنداق قىلىمەن❤️
04/06/2021 9:35 چۈشتىن كېيىن
❤️❤️❤️