2017.08.07 دۈشەنبە
ئىشلەۋاتقانىدىم. بىر موماي «ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۈشمىگىلى…»دەپ يېنىمغا كەلدى.
نېمىسىنى دەي؟ بۇ موماينى ئىسىمگە ئالالمىدىم.كۈندە نەچچە يۈز خىل چىراينى كۆرۈپ تۇرىدىغان ماڭا ھەممىنى ئىسىڭدە تۇت دىسە ئۇۋال بولاتتى،ئەلۋەتتە.
چاندۇرماي موماي بىلەن ئەھۋاللىشىپ تۇرىشىمغىلا بىچارە موماي يىغلاپ تۆكۈلۈپلا كەتتى: «بايام مۈشۈكۈم ئۆلۈپ كەتتى…»دەپ.
تۇرۇپلا قالدىم…مومايغا باشقا گەپ قىلالمىدىم. پەقەت كۆڭلىنى بەك يېرىم قىلماسلىقىنىلا دىيەلىدىم.
كىچىك چاغلىرىمدا شۇنچىلىك مۈشۈككە ئامراق ئىدىم.ئانامنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي مۈشۈك باقاتتىم. ئانام ئاكام ئارقىلىق مۈشۈكۈمنى قەيەرلەرگە يوقاتسا، قەيەرلەردىندۇر يەنە بىرنى تاپاتتىم، بەزىدە نە–نەلەرگە قويۇپ بەرگەن مۈشۈكۈم يېرىم كېچىدە ئىشىكنى «غىچ» قىلىپ ئېچىپ قوينۇمغا قايتىپ كېلەتتى. دېمەككى، بالىلىق ئەسلىمەم ۋە دوستلىرىمدىن بىرى مۈشۈك ئىدى.
6-7 ياش چاغلىرىم بولسا كېرەك. مۈشۈكۈم ئۆلۈپ قالدى. ياستۇقۇمنىڭ بېشىدا سۇنايلىنىپ ياتقان مۈشۈكۈم ئۈچۈن شۇنداق يىغلاپ ھازائاچقىنىم، دادام–ئانامنىڭ ماڭا ئىچى ئاغرىىتىشىپ بىر–بىرىگە قاراشقانلىرى، ئەتىسى بىر توپ بالىلارنى ئەگەشتۈرۈپ مۈشۈكۈمنىڭ جىنازىسىنى چۈشۈرۈپ، يەرگە كۆمۈپ قويغانلىرىمىز …ئىسىمدىن كەچتى.
شۇ چاغدا موماي بىلەن تەڭ كۆڭلۈم بىر قىسما بوپقالغانىدى. مەيلى مۈشۈك بولسۇن ياكى بىر تال قوشۇق بولسۇن، ئۇ موماينىڭ ياخشى كۆرگىنى ئىدى.
ياخشى كۆرۈشنىڭ چەكلىمىسى، دائىرىسى بولمايتتى…مىھرى چۈشكەن نەرسىلىرىدىن ئايرىلىش ياخشى كۆرگەن ئادىمىدىن ئايرىلىشتىن مەلۇم دەرىجىدە پەرىقلەنمىسە كىرەك…
خوش، ئەمدى كىتابىمىزنىڭ مەزمۇنىغا كىلەيلى.
Yalghuz kishilik olturush-Mewlan Memtimin
بېن 45 ياشلار ئەتراپىدىكى چوڭ بىر شىركەتنىڭ كەسپى يازغۇچىسى. ئۇ 35 دىن ئاشقاندا ئاجىرىشىپ كېتىدۇ. بالىسىمۇ يوق، دوستلىرىمۇ ساناقلىقلا. بېننىڭ ئاتا–ئانىسى ئالتە ئاي ئىچىدە ئارقا–ئارقىدىن ۋاپات بولىدۇ.
بۇ بېنغا شۇنچىلىك ئېغىر يوقتىش ھەم ئازاب بولىدۇ. شىركەت ئۇنىڭغا پىسخىكىلىق مەسلىھەت ئېلىپ بېقىش تەكلىپىنى بېرىدۇ. ئۇ نەچچە ئاي پىسخىكىلىق مەسلھەت ئالغاندىن كېيىن، كەيپىياتى ياخشىلىنىپ خىزمىتىدىمۇ ئىلگىرلەش بولىدۇ.
بۇ ئىشلار يۈز بېرىپ 7 يىلدىن كېيىن، بېن خېجىللىق ئىچىدە قايتىدىن پىسخكىلىق مەسلىھەت ئېلىش ئۈچۈن كېلىدۇ.
***
بېننىڭ تولىمۇ ئامراق بوۋېر ئىسىملىك بىر ئىتى بار ئىدى.
بىر كۈنى بېن تېلۋىزور كۆرىۋىتىپ دادىسى ئېسىدىن كېچىپ، مەڭزىگە سىرغىپ چۈشكەن ياشلارنى ئۆزىمۇ سەزمەي قالغاندا، بوۋېر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ قولىنى يالاشقا باشلىغانىدى. بېننىڭ ئازابىنى خۇددى تۇيغۇلىرى سەزگۈر مۇھەببەتلىك ئادەم كەبى ھېس قىلالايدىغان بۇ ئىتىنى بېن يېقىن سىردىشى،دوستى دەپ بىلەتتى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇخلايتتى، خىزمەت قىلغاندا يېنىدا ئولتۇراتتى، بېن پەخىرلىنىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەھەللە ئايلبناتتى. كىشىلەرگە پەخىرلەنگەن ھالدا ئۇ توغۇرلۇق سۆزلەپ بېرەتتى.
ھالبۇكى، 15ياشقا كىرگەن ئامراق ئىتى ئېغىر ئاغرىپ قالىدۇ. ئۆلۈمنىڭ ئاخىرىقى مىنۇتلىرىدا ھۇشسز ياتقىنىدىمۇ بېن بارماقلىرىنى ئۇنىڭ بۇرنىغا تەگكۈزگەندە، ھەر ۋاقىتتىكىدەك ئۇنىڭ قولىنى يالايدۇ ھەم جان ئۈزىدۇ.
ئۇ ئېغىر ئازاب ئىچىدە تۇرغىنىدا باشلىقى ئەتىسى ئەتىگەندىلا ئىشقا كېلىشكە بۇيرۇيدۇ. ئەلۋەتتە، باشلىق بىر ئىتنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن دەم ئېلىش رۇخسىتى بېرىشى مۇمكىن ئەمەستە!
بېننىڭ پەقەت جىسمى خىزمەت ئۈستىلىدە بولغىنى بىلەن روھى، ئەس–يادى ئىتىدە بولىدۇ.
ئىتىنىڭ ئۆلۈمى ئەلۋەتتە بېنگە چوڭ بىر يوقىتىش ھەم ئازاب بولىدۇ. قەلبى ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغان بېن قايتىدىن پىسخىكىلىق داۋالىنىشئورنىغا كېلىدۇ.
ئۇنداقتا بېن بۇ پىسخىكىلىق يارىسىدىن قانداق قۇتۇلىدۇ؟
Reconnecting to who we are is an equally vital task when we lose a loved person, cherished pet and anything.
Guy winch
موھىم ئادىمىمىزنى، ئامراق ئەرمەك ھايۋىنىمىزنى يوقاتقاندا، كىملىكىمىزنى قايتا تونۇپ چىقىش بىز ئۈچۈن ئەڭ موھىم سىناقلاردىن بىرى ھېسابلنىدۇ.
بېن ئىتى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئاتا–ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن چاغدىكىدىنمۇ روھى چۈشۈپ كېتىدۇ. خىزمەت قىلغۇسى كەلمەيدۇ. ئىت بىلەن ئايلىنىشقا چىقىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن كىشىلىك مۇناسىۋەت دائىرىسىمۇ يوقايدۇ.
ئىتىنىڭ تاماق قاچىسى، ئويۇنچۇقلىرىدىن تارتىپ بۇرۇنقى ئورنىدىن يۆتكىۋىتىشنى خالىمايدۇ ھەم بۇنى ئىتىغا بولغان ساداقەتسىزلىك دەپ قارايدۇ.
بۇ دەل مەن ئالدىنقى قېتىم تىلغا ئالغىنىمدەك ئاچام بالىسىنىڭ كىيىملىرىنى پۇراپ ساقلىغىنىغا ئوخشايدۇ. ئۇنداقتا بۇ يەردە مۇنداق سۇئال تۇغۇلىدۇ. يوقاتقان ئادىمىمىز، ئوماق ئەرمىكىمىزئۈچۈن چۈشكۈنلىشىش ساداقەتنىڭ بەلگىسە ھېسابلىنامدۇ؟
ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل تەپەككۇر، بۇ خىل ھەر كۈنى ھەر ۋاقىت يوقاتقانلىرىنى ئەسلىتىپ تۇرىدىغان بويۇملار بىلەن ئۇچىرىشىش ھەم كۆزگە داۋاملىق چىلىقىدىغان ئورۇندا ساقلاش ئادەمنىڭ قەلب يارىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋىتىدۇ.
بېن ئەڭ ياخشىسى ئىتىنى ئەسلىتىدىغان ھەر قانداق نەرسىدىن ۋاز كەچكىنى تۈزۈك بولغىنىدەك، ئادەم ئۆزى يوقاتقانلىرىنى، قەلب يارىلىرىنى قوزغايدىغان ئەستلىكلەردىن ئۆزىنى تارتقىنى تۈزۈك.
بېننىڭ ئالاقە چەمبىرىكى ئىتى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بىراقلا يوقاپ كەتكىنىدەك، ئالاقە چەمبىرىكى بۇنىڭلىق بىلەن بەكلا تار دائىرىگە چۈشۈپ قالمىغىنى تۈزۈك.
ئەلۋەتتە، يوقىتىپ باقمىغان ئادەم ئۈچۈن مۇنداق گەپنى قىلىش ئاسان بولغىنى بىلەن رىئاللىقتا بېشىغا كەلگىنىدە، بۇ خىل قەلب ئازابىدىن ھالقىماق ھەقىقەتەن ئاسان ئىش ئەمەس. بىر مەزگىل ھەر قانداق ئادەم ئازاب، چۈشكۈنلۈك پاتىقىغا چۈشۈپ قىلىشى ئېنىق. مەسىلە، بۇ ئازاب دېڭىزىدىن ئۆزىنى قانداق قۇتقۇزۇپ چىقىش.
ئادەم ھەممىدىن موھىمى ئۆزىنىڭ ئىھتىياجى، خۇشاللىقىغا سادىق بولىشى كېرەك،-دەيدۇ گاي ۋىنىچ.
بېن پىسخولوگ گاي ۋىنچنىڭ كۆرسەتكەن تەدبىرلىرى بىلەن مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ھاياتىنىڭ بۇ قېيىن ئۆتكىلىدىن ھالقىيالايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن:
قەلب يارىسىنى دائىم ئەسلىتىدىغان، تاتىلايدىغان ئامراق ئىتىنىڭ بارلىق بويۇملىرىنى يىغىپ بىر ساندۇققا تىقىۋىتىدۇ.
ئىتىغا بەرگەن مۇھەببىتىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزىگىمۇ بېرىدۇ ھەم ئاجىرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، پەقەت ئىتى بىلەنلا ئۆتكەن بېن يېڭى ھەمراھ تېپىش ئۈچۈن يېڭى ئالاقە چەمبىرىكى قۇرۇشقا باشلايدۇ.
مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ روھى ھالىتىدىمۇ ياخشىلىنىش بولۇپ، خىزمەت قىزغىنلىقىمۇ ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ ھەم نورمال يېڭى بىر ھاياتىنى باشلايدۇ.
خۇلاسە كالام:
دىمەك، مەيلى ئەڭ يىقىن ئادىمىمىزنى يوقىتايلى، مەيلى ئەڭ ئامراق ئىت–مۈشۈكىمىزنى كۆمۈپ قويايلى بۇ خىل جۇدالىق ئازابى ھامان قەلبىمىزنى يارىلايدۇ.
قولىمىز سۇنۇپ كەتسە، بۇرنىمىزدىن قان چىقسا بۇنى كۆرگەن بىرەر دوستىمىز «قانداق ئەھۋالىڭ؟» دەيدۇ. ھالبۇكى، كۆزگە كۆرۈنمەس قەلب يارىلىرىمىزنى سورايدىغان ھېچكىم يوق.
بەلكىم، قەلبىمىز يارىلىنىشى مۇمكىن. لېكىن بىز ئۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىمىزنى يارىلاندۇرماسلىقىمىز كېرەك.
گەرچە تەييارلىقىمىز يوق بولسىمۇ، يىتەرلىك ۋاقىتتىن كېيىن بۇ يارىلىرىمىز بىلەن ئېلىشالايمىز ھەم ئۆزىمىزنى بۇ ئورۇندىن يۆتكىيەلەيمىز.
بىز ھاياتىمىز ۋە ئىددىيەرىمىزنى كونتىرۇل قىلىشقا، ئۆزىمىزنى داۋالاشقا قادىرمىز.
قايسى خىلدىكى خاتالىقتىن ساقلىنىش ھەم قانداق ساقلىنىش كېرەكلىكىنى چۈشىنىش،قايسى خىل ھەرىكەت، قانداق ئادەتنىڭ بىزنى داۋالىيالايدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك.
بىز ئۆز قەلبىمىزنى داۋالاپلا قالماستىن، باشقا يارىلانغان قەلبلەرگىمۇ يارىدەم قىلالايمىز.
يارىلانغان قەلبلەر ھامان ئەتراپىمىزدا مەۋجۇت. كۆزىمىزنى ئاچىدىغان، ئۇلارنى كۆرىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى. شۇنداق قىلغاندىلا ، بىز ئۇنى ھەقىقىي ساقايتالايمىز ۋە ئالدىغا قاراپ ئىلگىرىلىيەلەيمىز.
*********************************
گاي ۋىنچنىڭ «قانداق قىلغاندا يارىلانغان قەلبنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ» ناملىق ئىنگىلىزچە كىتابتىن تەسىرات
رەيھان
2021.06.05
ئىنكاس يازىمەن