كۆڭلىڭىزدىكىدەك بىرى بىلەن قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقىنىڭىزدا،قارشى تەرەپ تۇيۇقسىز ئايرىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويسا، سىزقانداق ئويلايسىز؟

مۇناسىۋىتىمىزنىڭ بۇزۇلىشىدا مېنىڭ بىرەر خاتالىقىم بار دەپ ئويلىۋالامسىز؟

بۇ ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، سۆيگۈنىڭىز بىلەن بارغانتۇرغان ھەممە يەردىن ئۆزىڭىزنى تارتامسىز؟

***

بەزىدە ماڭا ئايرىم ئۇچۇر قىلىپ ئۆزىنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتلىرىنى دەپ بېرىدىغان، مەسىلىھەت سورايدىغان تورداشلارغا مۇنداق نازۇك مەسىللەردە نېمە دەپ مەسلىھەت بېرىشنى بىلەلمەي قالىمەن.

ئوقۇغان كىتابىمنىڭ ئۇشبۇ بۆلىكى مۇھەببەت مەسلىسىدە تىڭىرقاپ قالغان قىزيىگىتلەرگىلا ئەمەس، بەزى ئاخىرلىشىشقا تېگىشلىك مۇناسىۋەتلەر ئۈچۈن ئارتۇقچە كۆڭۈل ئاغرىقى تارتىپ قالغانلار ئۈچۈنمۇ كىچىككىنە بولسىمۇ يېڭىچە پىكىر ئېلىپ كېلەلىسە ئەجەپ ئەمەس.

 şifa istemem balından – grup abdal

 

كەسى پىسخولوگىيەلىك داۋالاش ئورنىغا تۇنجى قېتىم كەلگەن ۋاقتىدا 25 ياشتىن ئاشقانىدى.

ئۇ ئوتتۇرا شەرىقتىكى كىچىك بىر شەھەردە چوڭ بولغان. ماگىستىرلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن نىيۇيوركقا كېلىپ، بۇ شەھەرنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ ھەم بۇ يەردە تۇرۇپ قىلىشنى تاللايدۇ.

ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىدىلا ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ھايات خەرىتىسىنى ئاللىقاچان سىزىپ بولغان بولۇپ،  ئالى مەكتەپ، ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مۇھەببەتلىشىش، 30 يېشىغىچە توي قىلىش ئۇنىڭ ئارزۇيى ئىدى.

ھالبۇكى، ئۇ ئارزۇسى بويىچە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ياخشى خىزمەتكە ئېرىشىدۇيۇ، توي قىلىش مەسلىسىگە كەلگەندە سالامەتلىكىدىن مەسىلە كۆرۈلىدۇ.

ئۇ خىمىيەلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلىدۇ. چىچىنىڭ چۈشۈرىۋىتىلىشىگە چىدايدۇ. چىدىغۇسىز كۆڭلى بىئاراملىقنى، ئاغرىقنى يېڭىدۇ. ئاخىرى، داۋالاش مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ.

سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغىنىدا بولسا، ئەتراپىدىكى دوستلىرى ئاللىقاچان تويغا پۈتۈشكەن ياكى تويى بولۇپ بولغان بولىدۇ. ئۇ ئەمدى ھەرىكەتكە كەلمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان پەيتتە ئۇنىڭ ھاياتىغا ئۇنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك بىرى كىرىدۇ. ئىككى يىلدىن بىرى ئۇ ئۆزىنى تۇنجى قېتىم شۇنچىلىك خۇشال ھېس قىلىدۇ.

ئۇ رىچ ئىسىملىك 30 نەچچە ياشلار چامسىدىكى سالاپەتلىك، ئەقىللىق، ئەڭ موھىمى كۆڭلىدىكىدەك  بىر ئەر بىلەن مۇھەببەتلىشىدۇ.

ئەر ئۇنى رومانتىك رىستورانلارغا، ھەپتە ئاخىرىدىكى گۈزەل دېڭىز ساھىللىرىغا ئاپىرىدۇ. كەسى ھاياتىدىكى ئەڭ بەخىتلىك كۈنلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.

بىر كۈنى رىچ ئۇنى ئۇلار ھەر دائىم بارىدىغان ھېلىقى رومانتىك رىستورانغا تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىملىكى كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، كەسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: كەسىنى گەرچە شۇنچىلىك ھۆرمەت بىلەن ياخشى كۆرگەن بولسىمۇ، نېمىشقىدۇر ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ چۇڭقۇرلىيالمىغانلىقىنى ھەم كەسىنىڭ ئۆزى ئىزدىگەن قىز ئەمەسلىكىگە ئىشىنىپ قالغانلىقىنى ئوچۇقلا ئېيتىدۇ ھەم ئۆزىدىكى بۇ ھىسياتنى سەمىمىيلىك بىلەن كەسىگە ئېيتىشنىڭ  ئادىللىق ئىكەنلىكىنى توغرا تاپىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، ئىككى يىل راك بىلەن كۆرەش قىلىپ  ئەمدىلا كىسەلنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلغان كەسىنىڭ قەلبى يەنە بىر قېتىم يارىلىنىدۇ.

قەلبىمىز يارىلانغاندا، باشقىلارنىڭ بىزگە بولغان ھىسداشلىقى بىزنىڭ ئەمەلىيەتتە قانچىلىك دەرىجىدە ئازابلىنىۋاتقىنىمىز تەرىپىدىن ئەمەس،باشقىلارنىڭ ئۆزلىرى قانچىلىك ھېس قىلالىغىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئوخشاش يارىلىنىپ باقمىغان ئادەم باشقىلارنىڭ  ئازابىنى ھېس قىلالىشى ناتايىن.

كىتابتىن

ئادەمنى زىيادە ئازابلايدىغان ئەڭ چوڭ خاتالىقتىن بىرى شۇكى، ئىچىمىزدىكى بىزنى قوغدايدىغان ئىچكى كۈچنى مەسلىنىڭ نېمە ئۈچۈن خاتا بولىدىغانلىقىغا بەكرەك قارىتىۋالغانلىق سەۋەبىدىن بولىدۇ.

مەسلەن، يۇقارقى مىسالدىكى كەسى گەرچە ئەر ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئايرىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، يەنە«نېمە ئۈچۈن مۇنداق بولىدۇ؟»دەپ ئۆزئۆزىدىن قايتاقايتا سوراپ، باشقىچە جاۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنى قىينايدۇ. دوستلىرى بىلەن قايتاقايتا مۇنازىرلىشىدۇ، دوستلىرىنىمۇ بۇتېمىدىن بىزار قىلىۋىتىدۇ.

مانا مۇشۇنىڭدەك «قايسى ئىش خاتا بولدى؟»، «مەن نېمە ئۈچۈن يىتەرلىك ياخشى ئەمەس؟»، «نېمە ئۈچۈن ئۇلار ماڭا يالغان سۆزلەيدۇ؟»، « نېمە ئۈچۈن ئۇلار مېنى ياخشى كۆرمەيدىغان بوپقالدى؟» دېگەندەك ئوخشاش سۇئالنى تەكرارلاۋەرگەندە، ئىچئىچىمىزدىن كېلىدىغان، بىزنى قوغدايدىغان ئىچكى كۈچمۇ ھالسىزلىنىدۇ.

مەيلى قانچىلىك كۆڭۈل ئاغرىقى تارتىشىمىزدىن قەتئىنەزەر يۈكىمىزنىڭ ئۆزىمىز كۆتۈرەلەيدىغان يۈكتىن ئارتىپ كەتمەسلىكىگە، بۇئاغرىقلارنىڭ ئىچكى كۈچىمىزنىڭ بىزنى قوغداپ تۇرالايدىغان چىكىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىگە، ئىچكى قوغداش سىستىمىسىنى بۇزىۋەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.

ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دوستلىرى ئۇ ئىھتىياجلىق بولغاندا يېنىدا بولغان، تەسەللىي بەرگەن بولسىمۇ، ھەپتىلەرگىچە يىغلاش، خىزمىتىگىمۇ دىققىتىنى يىغالماسلىق، قاراڭغۇدا سائەتلەپ ئولتۇرۇشداۋاملىشىدۇ. نەچچە ئايلارغىچە ئۇنىڭ دىل جاراھىتىنى، ئوخشاش سۇئاللارنىقايتاقايتا تىلغا ئېلىشلىرىدىن دوستلىرىمۇ بىزار بولىدۇ.

ھەر قانداق ئادەم ئازابلانغاندا يېنىدا ئۆزىنى چۈشىنىدىغان دوستى بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھالبۇكى، كەسى ئۆزىنى ئەڭ ئازابلانغاندا يالغۇز قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. كەسىنىڭ ئىچكى تۇيغۇلىرىنى زىيادە سىزىمچانلىق، سەۋىرسىزلىك، رەنجىشلەر قاپلايدۇ، ئەسلىگە كېلىشى قېيىنغا توختايدۇ.

ئەلۋەتتە، ئۇ دوستلىرىغا باشقا ئىشلار توغۇرلۇق ئېغىز ئاچقىنىدا دوستلىرىنىڭ يەنىلا مۇھەببىتىنى بېرىدىغىنىنى، ئۇنىڭغا قۇچاق ئاچىدىغىنىنى، كۆڭۈل بۆلىدىغىنىنى بۆلىدىغىنىنى بىلىدۇ،يۇ، ئەرنىڭ كۆرسەتكەن باھانىسىغا ئىشنىنەلمەيدۇ ھەم ئايرىلىشنىڭ «ھەقىقى سەۋەبى»نى ئىزدەشتىن توختىمايدۇ.

كەسى يىگىتى بىلەن ئەنگىلىيەدە كۆڭۈللۈك ھەپتە ئاخىرىنى ئۆتكۈزۈپ كېلىپ، ئىككى ھەپتىدىن كېيىنلا ئايرىلىپ كېتىشنىڭ سەۋەبىنى «چوقۇم  مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزىدىغان بىرەرئىشنى خاتا قىلدىم» دەپ يەكۈن چىقىرىۋالىدۇ. ھەپتە-ھەپتىلەپ ئەسلىمىلىرىنى قايتاقايتا ئەسلەيدۇ.شۇ ئۈچ كۈننىڭ ئالدىكەينىدىكى ھەر بىر رەسىمنى، ھەر بىرئۇچۇرنى قايتاقايتا كۆرۈپ تەتقىق قىلىپ چىقىدۇ. نەتىجىدە قىزنىڭ ئۆزىگە ئېلىپ كېىلىدىغىنى چۈشكۈنلۈك، ئېغىرئازاب بولىدۇ. ئۇنداقتا، كەسى بۇ ئازابلىق مۇھەببەت تۈرمىسىدىن قانداق قۇتۇلالايدۇ؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن ئەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى قوبۇل قىلالمايدۇ؟ نېمىشقا ئالدىغا قاراپ ماڭالمايدۇ؟

ئەلۋەتتە، مۇشۇنداق قىلالىغان بولسا نەچچە ئاي ئازابلىنىپ يۈرگەندىن كۆپ ئاسان بولاتتى.

مۇتلەق كۆپچىلىكىمىز ئاشۇنىڭدەك قەلب زەخمىسىدىن كېيىن ئەسلىملەر ئىچىگە كىرىپ قىلىشىمىز بەلكىم بىر قانچە كۈن، بىر قانچە ھەپتىلىك بولاتتى-يۇ، ئاستا-ئاستا پەسىيىپ قالاتتى.

بىراق، كەسىنىڭ ئەكسىچە كۈچىيىپ كەتكەن. گۈزەل مىنۇتلارنى قانچىكى ئەسلىگەنسىرى ئۆزىگە قايتقىنىدا كۆرگىنى ئازابلىق رىئاللىق بولغان. بۇ يەردە مۇنداق بىر پىسخولوگىيەلىك ئانالىز بار.

ئادمنىڭ قەلبى زەخمىلەنگەندە، مىڭىمۇ ئوخشاشلا زەخمىگە ئۇچرايدۇ. ئادەمنىڭ ئەسيادى قەلبىنى زەخمىلەندۈرگەن شۇ ئادەمگە مەركەزلىشىپ قالىدۇ. كۈچلۈك ئىنتىلىش سەۋەبلىك ۋاز كېچەلمەيدۇ، بىپەرۋا قارىيالمايدۇ، نېمىشقىدۇر ئۆزىنى سوغۇققان تۇتالمايدۇ.

سۆيگەن ئادىمى بىلەن ئالاقىنىڭ يىتەرسىز بولىشى، قەلب زەخمىسىدىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك، ئۇيقۇسىزلىق، ئىشتىھاسىزلىق،ئەنسىزلىك، چۈشكۈنلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خۇددى كوكايىن، خىرويىنغا خۇمار بولۇپ قىلىشقا ئوخشايدۇ.

نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مۇھەببەتتە قەلبى زەخمىلەنگەندە، ئۇچۇر قىلىش، تىلىفۇندا بولسىمۇ ئاۋازىنى ئاڭلاش ئۈچۈن تىلىفۇن قىلىش، ئاممىۋى ئالاقە ئەپلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەش..دىگەنلەرنى قوللىنىدۇ. يەنى، ئاممىۋى ئالاقە ئەپلىرىنىڭ خاتالىقى شۇكى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قەلبىنى زەخمىلەندۈرگەن كىشىلەر بىلەن تور ئالاقىسى ئارقىلىق ئۇلارغا بولغان ئىنتىلىشلىرىنى قانائەتلەندۈرىدۇ.

كەسىدە مۇنداق ئىككى خاتالىق بار دېيىشكە بولىدۇ.

بىرى، رېچ ئۇنىڭغا ئايرىلىش سەۋەبىنى ئېنىق ئېيتقان بولسىمۇ «شۇنچە كۆڭۈللۈك مۇھەببەتلەشكەن تۇرساق، رېچ نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز ئايرىلىپ كېتىدۇ؟ چوقۇم ئاخىرىقى ئۇچىرىشىشمىزدا بىرەر ئىش يۈز بەردى.»دەپ ئويلىۋىلىپ ھەر بىر ئىش، ھەربىر سۆزنى تەتقىق قىلىپ چىققان.ھەممىدىن يامىنى ئەرنىڭ ئايرىلىشىغا ئۆزىنى سەۋەبچى دەپ ئويلىۋالغان.

يەنە بىر قېتىم ئېيتساق، قىز ئەرنىڭ چۈشەندۈرىشىگە ئىشەنگەن بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئازابى ئاسانغا چۈشەتتى.

ئىككىنجىسى، رىچنى ئۇنتۇپ كېتىش ئۈچۈن، ئۇلار داۋاملىق بارىدىغان رىستورانغا قەتئى بارمىغان. بۇمۇ كەسىنىڭ تېخىمۇ چۈشكۈنلىشىپ كېتىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى دييىشكە بولىدۇ.

كۆپىنچە كىشىلەرسۆيگەن ئادىمىدىن ئايرىلغاندا، قەلبىدە يارا قالدۇرغان، يارىلارنى ئەسلىتىدىغان جايلارغا  قەتئى بارماسلىقنى تاللايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل تاللاش يارىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋىتىدۇ.

ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئۇ جايغا باشقا كىشىلەر بىلەن بېرىش ئارقىلىق يېڭى موھىت، يېڭى ئەسلىمە يارىتىش.

ئەلۋەتتە، تۇنجى ۋە ئىككىنجى قېتىملاردا دەسلەپكى يارىلىرىڭىز قوزغىلىشى ئېنىق. يېڭى ئەسلىمە كۆپەيگەنسىرى يېڭى ئەسلىمىڭىز كونا يارىلارنى يېپىپ كېتىدۇ.

بۇ يەردە موھىم دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى:

كونا ئەسلىمىنى كۈچەيتمەسلىك، يارا قالدۇرغان ئادەمنى قەتئى تىلغا ئالماسلىق ھەتتا، ئامال بار ئۇ ئادەم ھەققىدە ئويلىماسلىق كېرەك.

پىسخولوگنىڭ مۇشۇ نوقتىلاردا يىتەكلىشى بىلەن كەسى ئاخىرى بۇ ئازابتىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ ھەم ئۆزىگە ئىشەنگەن يېڭى بىر ھاياتقا يۈزلىنىدۇ.

***

ئەگەر بىر ئەر ئايالنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئاياللىق، گۈزەللىكنى ئويغىتالىسا، ئۇ- ئايال ئۈچۈن توغرا ئەر ھېسابلىنىدۇ.

ئەگەر بىر ئايال ئەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى قۇدىرەت، مۇھەببەت، مەسئۇلىيەتنى قوزغىيالىسا، ئۇ- ئەر ئۈچۈن توغرا ئايال ھېسابلىنىدۇ.

توغرا مۇھەببەت ھېچقاچان ئايرىلىشنى تاللىمايدۇ.

خۇشاللىقتىن كۆپرەك ئازابنى بەرگەن، يېرىم يولدا يولىغا راۋان بولغان خاتا مۇھەببەت، خاتا ئادەملەردىن ۋاز كەچسە تامامەن بولىدۇ.

*************************

«How to fix a broken heart-Guy Winch» ناملىق كىتابتىن تەسىرات

رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...