يېشىل چىراغنىڭ يېنىشىنى ساقلاپ تۇراتتىم. ئالدىمدىكى پىيادىلەر يولىدىن ئۆتىۋاتقان 17~16 ياشلاردىكى مەكتەپ فورمىسى كەيگەن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دىققىتىمنى تارتتى.

قىز ئۆز يېشىغا باققاندا ۋاقىتسىز سەمىرىپ كەتكەن، يول مېڭىش ھالىتىمۇ شۇنداق ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن، چۈشكۈن بىر ھالەت ئىدى.

قىزغا قاراپ ئۆزۈمنىڭ 16-17 ياش چاغلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم. ئۇ چاغلاردىكى مەن خېجىلچان، بىراق ئۆزىگە دەھشەت ئىشىنىدىغان مەغرۇر قىزچاق ئىدىم. ئويلىنىپ قالدىم:

ناۋادا قىزنىڭ كۆزلىرىدىن، قەددىنى تىك تۇتۇپ مىڭىشلىرىدىن ئۆزىگە ئىشىنىدىغان روھ  تېپىلغىنىدا  قىزنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى، بەدەن شەكلى، ئەڭ موھىمى بىر قاراشتىلا كىشىگە بېرىدىغان تەسىرى يەنە باشقىچە بولاتتى. بۇ ياش مەزگىلى قىزلارنىڭ ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇشنىڭ ئەڭ موھىم مەزگىلى ئىدى.

بۈگۈن ئوقۇۋاتقان كىتابىمىزنىڭ دەل ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقاتقان بىر قىزنىڭ قانداق قىلىپ قايتا قەددىنى تىكلىگەنلىك ھېكايىسىنى ئاڭلايمىز. ياق، ئوقۇيمىز.

 

Celtic Heart – Twins & Máiréad Nesbitt

 

 

27 ياشلىق قىزچاق لاۋرىننىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئۆزىنى مەيلى كىشىلىك خاراكتىرى بولسۇن، مەيلى بەدەن شەكلى بولسۇن ئۆزىدىكى جەلىپكارلىقنى ھېس قىلالمايدۇ، بىرەرسى بىلەن مۇھەببەتلىشىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ ھەم  كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن ئەنسىزلىنىدىغان، ئۆزىنى قاچۇرىدىغان بوپقالىدۇ.

مۇشۇ سەۋەبلىك ئۇ بىر مەزگىل پىسخىكىلىق داۋالاش قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، بىرسى بىلەن ئۇچىرىشىشقا چىقىدۇ. ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق كۆڭۈللۈك پاراڭ ئۇنىڭغا ئىشەنچ بېرىدۇ،يۇ، قارشى تەرەپ بىلەن يەنە بىر ئۇچىرىشىش ئارزۇسىدا بولغىنىدا قارشى تەرەپ مۇناسىۋەتنى ئۈزىدۇ.

لاۋرىن بۇ تۇنجى ئۇچىرىشىشتىن كېيىنكى مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلالماي ئۈچ كۈن ئۆيىگە مۈكۈنىۋىلىپ يىغلايدۇ. ھەتتا، ئەڭ يېقىنلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈشنى خالىمايدۇ. لاۋرىن مۇشۇ ئىش سەۋەبلىكمۇ قەلبىى يارىلانغىنىدىن، بىرسى بىلەن بىر قېتىم كۆرۈشۈپلا شۇنچىلىك ئازابلىنىپ كەتكىنىدىن ئۆزى خېجىل بولىدۇ. بۇ ئازابلىرىنى باشقىلارغا ئېيتىشنى نۇمۇس دەپ بىلىدۇ.

ئويلاڭ، ئەمەلىيەتتە مەيلى كىملا بولسۇن قەلب يارىلانغاندا چۈشىنىشكە، ھىسداشلىققا، قۇچاقلاشقا مۇھتاج بولىدۇ.

***

ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەن كىشىلەر ئۆزىنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ياكى كىشىلىك خاراكتىرىدىكى جەلىپكارلىقىنى ئەمەلىي رىئاللىقتىكىدىن تۆۋەن چاغلىۋالىدۇ.

ئىچكى سادالىرىڭىزغا قۇلاق سىلىڭ.

ئازابلىرىڭىزغا ئۆزىڭىزنى ئەيىپلەش بىلەن ئەمەس كۆيۈنۈش بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭ. ئۆزىڭىزنى ئەيىپلەيدىغان ئۆزىڭىزگە قارشى تۇرىدىغان زىددىيەتلىك ئويلىرىڭىزغا چۈشىنىش، ھېسداشلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭ.

خاتالىقنىڭ ئادەم بولۇشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىڭ. ئەلۋەتتە، خاتالىقنى تونۇش موھىم بولسىمۇ، بىراق، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى چۈشۈرۈش، ئۆزىنى جازالىماسلىق كېرەك.

گاي ۋىنچ

لاۋرېن پىسخولوگىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈش مەشىقىنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ خىل مەشىقنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى، پىسخىكىلىق ۋە ئاممىۋى ئالاقە ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. چۈشكۈنلۈك، ئەنسىزلىكنى تۆۋەنلىتىپ ھىسسى ساغلاملىقىنى ياخشىلايدۇ. بۇ يەردە مۇنداق كونكىرىت مەشىق تەكىتلىنىدۇ:

تەتقىقاتچىلارنىڭ ئوتتۇرغا قويىشىچە ئۆزىگە كۆيۈنۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنىڭ يولىدىن بىرى – باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش. مەسلەن، ئۆتمۈشىدە مەلۇم ئىش سەۋەبلىك قەلبى يارىلانغان مەلۇم  كىشىگە تەسەللى خېتى يېزىش، ئۇنىڭغا مەدەت بېرىش… دېگەندەك.

ئۇندىن باشقا ئۆزىگە قارشى تۇرىدىغان، ئەيىپلەيدىغان، چۈشۈرىدىغان  ئويلارغا چەك قويۇشنىڭ يەنە بىر تاكتىكىسى شۇكى، قەلبمىزدىكى يارىلارنى، كىشىگە دىيەلمەيدىغان ئازابلارنى ئەڭ سىرداش دوستىمىزغا ئۈنلۈك ئېيتىپ بېرىۋاتقىنىمىزنى تەسەۋۋۇر قىلىش.

ئۇندىن باشقا شەخسى تەكلىپىم شۇكى، قىزلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىدىن بىرى ئەينەككە قاراپ ئۆزىدىن زوقلىنىش ھەم ئۈنلۈك ماختاپ بىرىش، قىزلارنىڭ قولىغا ئەھمىيەت بېرىشى، تىرنىقىنى ياساش، ئىككى قولىنى ئارقىغا گىرەلەشتۈرۈپ كۆكرىكىنى كىرىپ تۇرۇپ ئاسمانغا قاراش، ماڭغاندا قەددىنى تىك تۇتۇپ مېڭىش…قاتارلىقلارمۇ قىزلارغا ئىشەنچ بېرىدىغان ئۇسۇللار.

لاۋرېن كۆزى چىلىقىدىغان يەرلەرگە ئۆزىگە ھاياتى كۈچ، ئىشەنچ بېغىشلايدىغان سۆزلەرنى چاپلايدۇ، ئارتۇق تەرەپلىرىگە دىققىتىنى بېرىدۇ، ئۆزىنىڭ ئارتۇق تەرەپلىرىنى ئۆزىگە ھەم گايۋىنچقا سۆزلەپ بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ لاۋرېننىڭ گايۋىنچنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈش مەشىقى ئۈنۈم بېرىدۇ ھەم بەش ھەپتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ئەسلىگە كېلىدۇ. ھاياتقا، مۇھەببەتكە، ئەڭ موھىمى ئۆزىگە قايتا يۈزلىنىدۇ.

***

ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا ياتاقدىشىم ھەم ياخشى سىردىشىم گۆھەر كىيىنشلىرىمۇ شۇنچىلىك ئاددى، ئادەتتىكى چىرايدىكى قىز ئىدى.  لېكىن، ئۇئۆزىنىڭ پەزىلىتى، ئاقكۆڭۈللىكى، چىقشقاق ياخشى مىجەزى بىلەن مەيلى قىزلار بولسۇن، مەيلى ئوغۇللارنىڭ بولسۇن ھەممىمىزنىڭ ئامراقلىقى ھەم ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئىدى. ئۇنى قوغلىشىدىغان، ئاستىرىتتىن ياخشى كۆرىدىغان يىگىتلەرمۇ كۆپ ئىدى.

گۆھەرنىڭ گېپىنى دەۋىتىپ ئەينى چاغلاردا ئوقۇغان ئېيتاۋۇر تەيۋەننىڭغۇ دەيمەن مەن ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالغان مەلۇم رومانىىكى ئىككى ئوبراز ئىسىمدىن كەچتى. باش پىرسوناژ قىز شۇنچىلىك ئاددىيلا قىز. بىراق، قىز ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، خاس خاراكتىرى، ياخشى مىجەزى بىلەن ھەممىلا ئادەمنىڭ ياقتۇرىشىغا سازاۋەر بولىدۇ. يەنە بىر قىز شۇنچىلىك گۈزەل، بىراق مىجەزى ئوسال قىز نەتىجىدە مۇھەببەتتىنمۇ كۆڭلى ئازار يەيدۇ.

ئەلۋەتتە، دۇنيادىكى ھەممىلا ئادەمنىڭ، جۈملىدىن ھەممىلا قىزلارنىڭ تۇغما گۈزەل، بەدەن شەكلى ئۆلچەملىك بولۇپ كېتىشى، روھى دۇنياسىنىڭ مۇكەممەل، بىجىرىم بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ھەتتا، ئورۇق بولسا، كۆزلىرى كۆك، چىچى مۇنداق…بولسا گۈزەل بولىدۇ دەيدىغان گۈزەللىك فورمۇلاسىمۇ يوق. بار دېيىلسە ھەر بىر قىزنىڭ ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان ئەڭ يېقىملىق، گۈزەل تەرىپى بولىدۇ.

ھەر بىرئادەم جۈملىدىن ھەر بىر قىزئۆزىنىڭ تەڭرىنىڭ ئەڭ چىرايلىق ئەسىرى ئېكەنلىكىگە ئىشەنگىنىدە، ئۆزىگە بەرگەنلىرىگە رازىمەنلىك بىلەن، ئىشەنچ بىلەن قارىيالىغىنىدا، ئۆزىدە بارىغا قايتىدىن ھاياتى كۈچ، ئۆزگىچە گۈزەللىك كىرىدۇ. دېيىلگەنكى، مەن ئىنساننى ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتىم.

ھالبۇكى، كۆپىنچە ھاللاردا بىز دىققىتىمىزنى ئۆزىمىزدىكى كەمچىللىككىلا قارىتىۋالىمىز. ھەر بىر نەرسىنى ھازىردىنلا ئەمەس،كەلگۈسى تەرىپىدىن رەت قىلىنىشنىڭ سەۋەپكارقىلىۋالىمىز.

بىز دىققىتىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى تەرەپلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈش، بىزگە بېرىلگەن ھەر بىر نەرسىدىن مىننەتدار بولۇش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى داۋالىيالايمىز.

ئوكېي، ئادەمگە ھاياتىكى كۈچ بېغىشلايدىغان قىستۇرما مۇزىكا بىلەن ئۇشبۇ تېىمىنى ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن، قەلبىڭىزدە  بىر خىل ھاياتى كۈچ ۋە ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچنى بايقىغان بولسىڭىز ئەجرىم ئۈچۈن رازى بولىمەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ بۇ كىتاب توغۇرلۇق توختىلىدىغىنىم مۇشۇ يەردە ئاخرىلاشتى. كېيىنكى تېمىدا كۆرىشەيلى~

**********************

«How to fix a broken heart-Guy Winch» ناملىق كىتابتىن تەسىرات

رەيھان ئابلەت

تارقىتىڭ...