كىتاب: «يارىلانغان قەلبنى قانداق كۈچەيتمىز؟»دىن پارچىلار

1,405 قېتىم ئوقۇلدى

 

نەچچە يىل بۇرۇن تىلۋىزوردا گايۋىنچنىڭ يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان كىتابىنى تونۇشتۇرغان خەۋەرنى كۆرگەندىن باشلاپ، بۇ ئادەمنىڭ كىتابلىرى، نۇتۇقلىرى دىققىتىمنى تارتتى ھەم بىلوگىمدا ئۈچ پارچە كىتابىنى تونۇشتۇرغان ھەم تەپسىلى توختالغان بولدۇم. دەرۋەقە، بۇكىتابلار مەن ئوقۇغان ئەھمىيەتلىك كىتابلاردىن بوپقالدى.

 بۇ كىتابىنى بىر قانچە ئاي بۇرۇن ئوقۇپ بولغان بولساممۇ، خاتىرىلەپ قويغانلىرىمنى بىر قانچە بۆلەككە بۆلۈپ، ئۆزۈمنىڭ كۆز قاراشلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ
«كىتاب ئوقۇش تەسىراتى» شەكلىدە سىلەرگە يەتكۈزۈشۈم بۈگۈنكى كىتابنىڭ موھىم بۆلەكلىرىنى تەرجىمە قىلىپ يوللىشىم بىلەن ئاياغلاشتى. ئەمدى بۇ يىلغا تەۋە گايۋىنچنىڭ كىتابلىرىنى قولۇمغا ئالمايمەن.

بىز ئۈچۈن تولىمۇ قىيىن تۇيۇلغان مەسىللەرنى پىسخولوگلارنىڭ ئاددى يول بىلەن يىشىپ بېرىدىغانلىقىدىن سۆيۈنىمەن ھەم بۇ يىللاردا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز-ئۆزىنى داۋالىيالايدىغان «پىسخولوگ» بولۇشىنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەيمەن.

يۇقاردىكىلىرى كىتابنىڭ موھىم ھالقىلىق بۆلەكلىرى، روھى دۇنيارىڭىزدا يەنە بىر لامپۇچكا ۋاللىدە يورۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

 

Cecile Corbel – on the screen

 

گاي ۋىنچنىڭ ««يارىلانغان قەلبنى قانداق كۈچەيتمىز؟»ناملىق كىتابتىن پارچە

 

تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

 

قەلبىمىزنى يارىلاندۇرغان كىشىدىن مۇكەممەل جاۋابقا ئېرىشىشنى قوغلىشىش-ئەمەلىيەتتە بىزنى ھىسسي جەھەتتىن تېخىمۇ ئاسان يارىلىنىدىغان قىلىپ قويىدۇ. قەلبىمىزنىڭ يارا ئىغىزلىرىنى ئېچىپ قويىدۇ. بىزنى ئاسان ئاچچىقلنىدىغان، بىر ئىشلاردىن ئالدىراپ رازى بولمايدىغان، تىڭىرقاش ھالتىگە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. جاۋابنى باشقىلاردىن ئىزدىگەننىڭ ئورنىغا ئۆزئۆزىمىزگە نېمە ئۈچۈن  يارىلانغانلىقىمىز ھەققىدە  چۈشەندۈرۈش بەرگىنىمىز تۈزۈك. ئىسىمىزدە بولسۇنكى، بەرگەن جاۋابىمىز ئەمەلىي پاكىتقا ئۇيغۇن بولسۇن.

          📖                             

قەلب زەخمىلەنگەندە مېڭىمۇ، بەدەنمۇ زەخمىلىنىدۇ

قەلبنىڭ زەخمىلىنىشى بەئەينى بىر بۇلاڭچىغا ئوخشايدۇ. تۇيغۇلاردىكى ئازاب تەپەككۇرىمىزغىچە تاجاۋۇز قىلىدۇ. دىققىتىمىز پەقەت شۇ ئازابقىلا مەركەزلىشىپ قالىدۇ. ھېستۇيغۇلىرىمىزغا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇ خۇددى قاراڭغۇ ئۆڭكۈردەك ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ھەممە نەرسىنى بۇ قاراڭغۇلۇققا سۆرەپ ئەكىرىدۇ.

قەلب زەخمىسى ئىددىيە، تۇيغۇلارغىلا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەدەن، مېڭە، كىشلىك مۇناسىۋەتكە قەدەر ھەيران قالارلىق دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  📖                                  

ئىچكى سادالىرىڭىزغا قۇلاق سىلىڭ 

                

ئازابلىرىڭىزغا ئۆزىڭىزنى ئەيىپلەش بىلەن ئەمەس كۆيۈنۈش بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭ.

ئۆزىڭىزنى ئەيىپلەيدىغان ئۆزىڭىزگە قارشى تۇرىدىغان زىددىيەتلىك ئويلىرىڭىزغا چۈشىنىش، ھېسداشلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭ.

خاتالىقنىڭ ئادەم بولۇشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىڭ.

ئەلۋەتتە، خاتالىقنى تونۇش موھىم بولسىمۇ، بىراق، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى چۈشۈرۈش، ئۆزىنى جازالىماسلىق كېرەك.

       📖

  To fully heal when our heart is broken, we have to look in the mirror (metaphorically and perhaps literally) and tell ourselves it’s time to let go.

And that can be extremely difficult.

قەلبىمىز يارىلانغاندا، ئۆزىمىزنى ئۈزۈل-كىسىل داۋالاش ئۈچۈن، ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ، ئەمدى بۇ ئازابلارنىڭ كىتىدىغان ۋاقتىنىڭ بولغانلىقىنى ئېيتايلى. گەرچە مۇنداق قىلماق شۇنچىلىك قىيىن بولسىمۇ.

      📖

قەلبىمىزدە يارا قالدۇرغان، يارىلارنى ئەسلىتىدىغان جايلاردىن ۋاز كېچىش ھەم قەتئى بارماسلىقنى تاللاش يارىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋىتىدۇ.

ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئۇ جايغا باشقا كىشىلەر بىلەن بېرىش ئارقىلىق يېڭى موھىت، يېڭى ئەسلىمە يارىتىش.

ئەلۋەتتە، تۇنجى ۋە ئىككىنجى قېتىملاردا دەسلەپكى يارىلىرىڭىز قوزغىلىشى ئېنىق. يېڭى ئەسلىمە كۆپەيگەنسىرى يېڭى ئەسلىمىڭىز كونا يارىلارنى يېپىپ كېتىدۇ.

بۇ يەردە موھىم دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى: كونا ئەسلىمىنى كۈچەيتمەسلىك، يارا قالدۇرغان ئادەمنى قەتئى تىلغا ئالماسلىق، ھەتتا ئامال بار ئۇ ئادەم ھەققىدە ئويلىماسلىق كىرەك.

📖

ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەن كىشىلەر ئۆزىنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ياكى كىشىلىك خاراكتىرىدىكى جەلىپكارلىقىنى ئەمەلىي رىئاللىقتىكىدىن تۆۋەن چاغلىۋالىدۇ.

📖

ھالبۇكى، كۆپىنچە ھاللاردا بىز دىققىتىمىزنى ئۆزىمىزدىكى كەمچىللىككىلا قارىتىۋالىمىز. ھەر بىر نەرسىنى ھازىردىنلا ئەمەس، كەلگۈسى تەرىپىدىن رەت قىلىنىشنىڭ سەۋەپكارقىلىۋالىمىز.

بىز دىققىتىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى تەرەپلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈش، بىزگە بېرىلگەن ھەر بىر نەرسىدىن مىننەتدار بولۇش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى داۋالىيالايمىز.

 

******

مۇنداق كىتابلارنىڭ ئوقۇۋىرىپ خېلى «پىسخولوگ» بوپقالدىم. كېلەر قېتىم بىرەر ئىشقا يولۇقسىڭىز ھەقىسىز مەسلىھەت بىرىمەن ~😎

تارقىتىڭ...
  1. ئازابلىرىڭىزغا ئۆزىڭىزنى ئەيىپلەش بىلەن ئەمەس كۆيۈنۈش بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭ.

    ئۆزىڭىزنى ئەيىپلەيدىغان ئۆزىڭىزگە قارشى تۇرىدىغان زىددىيەتلىك ئويلىرىڭىزغا چۈشىنىش، ھېسداشلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭ.

    خاتالىقنىڭ ئادەم بولۇشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىڭ

    بۇ قۇرلار ماڭا بەك تەسىر قىلدى. شەخسەن مەن شۇنداقراقكەنمەن.. ئۆزۈمنىڭ ياخشى بولمىغان تەرەپلىرىگە بەك ئىسلىۋىلىپ، تۈزىتىشكە ئۇرۇنۇپ، تولا ئۆزۈمنى چارچىتىپ قويدىكەنمەن.. بۇنداق قىلىش ئادەمنى چارچىتىپ لا قويماستىن، چۈشكۈنلۈك، خاپىلىققا ئىلىپ بارىدىكەن.. بۇ قۇرلارنى ئوقۇغاندىن كىيىن باشقىچە راھەتلەنەەندەك بوپ قالدىم

    • مەنمۇ بۇرۇن مۇشۇنداقراقتىم. خاتا كەتكۈزىۋەتكەن تەرەپلىرىمدەئۆزۈمنى تولا ئەيىپلەپ، كەمچىللىكلىرىمگىلاقادىلىۋالاتتىم.
      بۇ تەرىپىمنى ئۆزۈممۇ خېىلىلا تۈزەتتىم.

    • مەن تىرىشچان ئەمما ئۆزەمگە ئىشەنمەيدىغان بىر ئايال. مېنىڭ ئۆزەمگە بولغان ئىشەنچىمنىڭ تۆۋەنلىكى ئائىلە تەربىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ يەكۈنلىدىم. ھازىر يېشىم 30 ياش. ئۆزەمگە ئىشەنمىگەچكە باللىرىمنى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىلىپ تەربىيلەشتە مەغلۇپ بولارمەنمۇ دەپ ئۆزەمنى ئۆزگەرتىش نىيىتىگە كەلدىم. قانداق قىلسام ئۆزەمگە بولغان ئىشەنچىمنى ئاشۇرالايمەن؟ كونكرت مەسلىھەت بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن …

      • ئۆزىڭىزگەقايسى جەھەتتىن ئىشەنمەيسىز؟ تاشقى قىياپەتمۇ ياكى بىرەر ئىش قىلغاندىمۇ؟ كونكىرىت مەسىلە كونكىرىت ھەل قىلىنىدۇ.
        بىلوگىمغا كەلگەن ئىنكاسلار ئىسىمسىز، نامەلۇم شەكىلدە كىلىدۇ. ئەلۋەتتە، سىزنىڭ كىملىكىڭىزنى ئاشكارلىشىڭىز ھاجەتسىز. خالىسىڭىز مەسلىنى كونكىرىت قالدۇرۇپ قويسىڭىز، بىرلىكتە تەھلىل قىلساق بولىدۇ.

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

كىتاب:

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى