چوڭ دادام ۋە ئەركەكلىك

1,137 قېتىم ئوقۇلدى

Dilshat Rahidin-Eslime

 

ئەسلىدە تۈنۈگۈنكى ھاردۇقچىلىقتا بۈگۈن قانغۇچە ئۇخلاش نىيتىم بار ئىدى. سەھەر رەھمەتلىك چوڭ دادامنى چۈشەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. رەھمەتلىكنىڭ روھىغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلەپ بولغاندىن كېيىن خىياللىرىم بالىلىقىمغا، رەھمەتلىك چوڭ دادامچوڭ ئاپاملارغا كەتتى.

ئېسىمنى بىلسەم، چوڭ دادام شۇنچىلىك مىھرىبان ھەم شۇنچىلىك سۈرلۈك بىر ئەر ئىدى.

بىلمىدىم ھازىرقى ئەرلەرنىڭ چوڭ دادام خېلى يېراقلاردىن كەلسىمۇ ئۇزۇن قونجىلىق قارا ئۆتۈكىنىڭ غاراسغۇرۇس قىلغان ئاۋازىدەك ئاياغ تىۋىشلىرى بارمىكىن تاڭ؟! ئاياغ تىۋىشى ئارقىلىق بىر ئەرنىڭ ھەيۋىتى، كۈچى كېلىدىغان ئىشلار ئەپسانىلەرگە ئايلىنىپ كەتتىمىكىن ھازىر؟!

چوڭ دادامنىڭ ھەيۋەتلىك ئۆتۈكىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئۆيدىكى ئاياللار چوڭ دادامنى كۈتىۋىلىشنىڭ تەييارلىقىغا چۈشەتتى، باشلىرىدىن چۈشۈپ قالغان ياغلىقلىرىنى بېشىغا  تېڭىشاتتى. كۆپە سېلىنىپ كېرەكلىك تەييارلىقلارھازىرلىناتتى. ھەتتا، بىز كىچىكلەرمۇ قىلىدىغان غەلۋىلىرىمىزنى توختىتاتتۇق.شۇمۇ ئىسىمدە، ئىككى ئاكام چوڭ ئۆيگە بارغاندا شەپكىلىرىنمۇ كىيۋالاتتى.

دادامئاناملاردىن ئاڭلىسام ئۇلار يېڭى توي قىلغان، بىز قۇچاقتىكى چاغلاردا بىرەر تىياتىر، كىنولارغا بارماقچىبولسىمۇ، توي قىلىپ بولغان ئەرئايال تۇرۇپ چوڭ دادامدىن ئەيمىنىپ چوڭ دادام بار كوچىدىن ئۆتمەيمىشكەنتۇق.

چوڭ دادام ئاشۇنداق كۆپ گەپ قىلمايدىغان، سۈرلۈكلىكىگە باقماي يەنە شۇنداق بىر مىھرىبان ئادەم ئىدى.

ئىسىمدە قىلىشىچە مېنىڭ تۇنجى قېتىملىق قونچىقىمنى، تۇنجى ۋەلسىپىتىمنى چوڭ دادام ئەپ بەرگەنىدى. ھەر قېتىم سىرىتتىن كىرگىنىدەبىز بالىلار ئۈچۈن كۆتۈرۈپ كېلىدىغان سۆۋەتسۆۋەتلەپ مېۋەچىۋىلەر، تاتلىقلار بولاتتى. ھەر قېتىم چوڭ ئۆيگە بارساق بىز ئۈچۈن ئاتايىن بىز ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى تەييارلاتقۇزۇپ بېرەتتى. چوڭ دادام شۇنداق سۈرلۈكلىكىگە قارىماي ھەر كۈنى تاپقان پۇلىنى چوڭ ئاپامنىڭ قولىغا تۇتقۇزاتتى.

بۇرۇنقى دادىلاردا بىر ئەركەكنىڭ ھەيۋىتىلا ئەمەس يەنە  ھەم بىر دادىنىڭ مۇھەببىتىمۇ باركەنتۇق.

قىزئاياللار ئەرنىڭ ھەيۋىتىدىن تەپتارتسا، مۇھەببىتى ھەم كۈچلۈكلۈكىدىن ئۆزىدىكى ئاياللىق، نازۇكلۇقنىڭ ھوزۇرىنى سۈرەركەنتۇق. بالىلار دادىنىڭ سۈرىدىن ئەيمىنىپ سەت قىلىقلىرىنى تۈزەتسە، مۇھەببىتىدىن تاغدەك كۈچ ۋە روھ ئېلىپ چوڭ بولاتتىكەنتۇق!

چوڭ دادام، چوڭ ئاناملار كاتتا يازغۇچى، ئالىم، داڭلىق شەخسلەردىن ئەمەس ئىدى. ئۇلار بەكمۇ ئاددى، ھالال، سەمىمى كىشىلەر ئىدى.

كىچىكلىكىمدە چوڭ ئاپامنى تولىمۇ ئاددى ھەتتا بىر ئۆمۈر ئائىلە ئىشىلا قىلىپ ئۆتكەن «بىچارە ئايال» دەپلا ئويلاپتىكەنمەن. ئەمدى ئويلىسام بىر ئۆمۈر ھاياتى قازان بېشىدا ئۆتكەن بۇ موماي بىزگە ئاجايىپ بىر روھنى، يەنى سەۋرىچانلىق،قانائەتچانلىق، ئەڭ موھىمى مۇھەببەتنىڭ يىلتىزى بوپقالغانىكەنتۇق.

ئەينى چاغلاردا چوڭ دادامنى كونا زاماننىڭ خۇراپى، ئەرلىك ئېڭى كۈچلۈك بىر ئەر دەپ قاراپتىكەنمەنتۇق. لېكىن، مۇنداق گۈسگۈس دەسسەپ ماڭىدىغان، ئىشىكتىن كىرسە قىزئاياللىرى ھايا بىلەن باقىدىغان ئەركەكتەك ئەرلەرقىزئاياللارنىڭ تاغدەك يۆلەنچۈكى ھەم ئاياللىق ھاياسىنىڭ روھى يىلتىزى ئىكەنتۇق.

***

شۇنداق قىلىپ بۇ سەھەر چوڭ دادامنىڭ ھاياتىنى، يەنى مەن بىلىدىغان ھاياتىنى بىرەر قۇر ئەسلەپ چىقتىم.

ھاياتلىق يىلتىزىمنىڭ پەرۋىشكارلىرىنىڭ روھلىرىنىڭ تىنچ بولىشىنى  تىلىدىم ھەم روھىمنىڭ يەنە بىر رەت ئوزۇقلاندۇرۇلغانلىقىغا شۈكۈرلەر ئېيتتىم.

***

ھە-راست، ئۇشبۇ تېمىنىڭ قستۇرما ناخشىسى بولغان دىلشات راھىدىنكامنىڭ «ئەسلىمە» ناملىق بۇ يېقىملىق ناخشىسىنى قايسى كۈنى بىر جۈپ دوستىمىزنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئاڭلاپ قىلىپ شۇنچىلىك ياقتۇردۇم.

بۇ ناخشا بىر جۈپ قىزىل گۈلدەك دادام-ئانامنى ئەسلەتتى. ئۇلارنىڭ بىزگە ئېيتىپ بەرگەن ئەينى زاماندا ئۇلار چېنىقىشقا چۈشكەندە دادامنىڭ دۇتارلىق ناخشا ئېيتىپ سورۇن تۈزگەنلىرى كۆز ئالدىمغا كەلگەندەك بولدى..ئىسىمنى بىلسەم ئانامنى ھېلىقى قارا ۋەلسىپتىنىڭ ئارقىغا ئولتۇرغۇزۇپ بىر يەرلەرگە ئاپىرىشلىرى، ھەتتا ماڭا كۆرسىتىپ قويغان خاتىرىسى ئېسىمدىن كەچتى…

ئۇشبۇ ئەسلىمىلەرگە تولغان يازما بىلەن بىرلىكتە بۇ ناخشىدىنمۇ ھوزۇرلانغايسىز~🎶

********

رەيھان ئابلەت

2021-يىل 21 ئاۋغۇست، سەھەر

تارقىتىڭ...
  1. مەنمۇ سىزدەك ئويلاپ ئولتۇرۇپتىمەن ،ئۈلارنى جاھاننىڭ كەينىدە دەپ ئولتۇرغان بولسام ئەمدى مۇھەببەتنىڭ ئادىمىلىكنىڭ يىلتىزى شۇلاردىكەن دەپ ئولتۇرىمەن

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

چوڭ

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى