«قەلب يۈكىڭىزدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى»ناملىق كىتابتىن تەسىراتلار

رەيھان ئابلەت

 

تومىنىڭ «قەلب يۈكىڭىزدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى»ناملىق ئۇشبۇ كىتابىنىڭ ئاخىرىقى بېتىنى يېپىش ئالدىدا كۆزۈمگە چىلىققان تۇنجى نەشىردىن چىققان ۋاقتى يەنى،2022-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى دېگەن چىسلا مېنى خۇشال قىلدى.
چۈنكى، ھاياتىمدا تۇنجى رەت تۇنجى نەشىردىن چىققان كىتابنىڭ ئەڭ تېز ئوقۇرمىنى بولۇش سالاھىيتىگە ئىگە بوپقالغانىدىم.😃
ئۇندىن باشقا شۇنداق ياخشى بىر كىتابنى ئوقۇپ تاماملىغاندىكى ھىسياتمۇ باشقىچە، شۇنداققۇ ھە؟

كىتاب سەككىز پارچە يىنىك ھېكايىلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ،«تومىنىڭ مەسلىھەت بېرىش ئورنى» نامىدا رىئاللىقتا بار، بىراق مەتبۇئاتقا كۆپىنچە ھاللاردا سۆرەپ چىقىلمايدىغان ئاددى، چىن ۋەقەلىكلەر ھەم ئۇنىڭ يېشىمى ئارقىلىق تۇرمۇشىمىزدىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلاردەك كۆرۈنىدىغان، بىراق، زىھنىمىزنى خورتىدىغان باش قېتىنچىلىقلارنى ئاددى يول بىلەن يېشىپ بەرگەن. تۇرمۇشتىكى مۇرەككەپ سۇئاللارغا باشقىچە بىر تەپەككۇر ئۇسۇلىدا جاۋاب بەرگەن.
ھەر بىر ھېكايىدىكى موھىم جۈملىلەر ھەم ھېكايە مەزمۇنىنى قىسقىچە تەسىرات شەكلىدە يەتكۈزۈپ تۇرغىنىم ئۈچۈن كىتاب مەزمۇنى ئۈستىدە كۆپ توختالمايمەن. پەقەت ھەر بىر ھېكايىدىكى موھىم جۈملىلەرنى خاتىرىلەپ قويماقچىمەن.

 

 

Cecile Corbel – on the screen

 

روھى بېسىمنى يېنىكلىتىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى-ۋاز كېچىش.

باغلىنىپ قىلىشتىن ۋاز كېچىڭ. «مۇنداق بولمىسا بولمايدۇ!»لاردىن ۋاز كېچىڭ.
ۋاز كېچىشكە تېگىشلىك ئىشلار دېگەن نۇرغۇن. قانچىكى ۋاز كەچكەنسىرى، قەلبىڭىز شۇنچىكى ئارام تاپىدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا قولىڭىزدا قالىدىغىنى سىز قەتئى ۋاز كېچەلمەيدىغان نەرسىلەر.
مانا بۇلار ياشىشىڭىزغا سەۋەب بولالايدىغان نەرسىلەر.

ストレスに減らすたった1つの方法、それは『手放す』こと。執着を手放す、『こうならなきゃいけない』を手放す。
手放せるものは、たくさんある。手放せば手放すほど、心は楽になっていく。そして、最後にどうしても手放せないものが残る。それが生きる理由。

 

 

ئېسىل ھەمراھ دېگىنىمىز- ئادەمنىڭ پۈتۈنلەي كۈتكەن يېرىدىن چىقىدىغان، مۇكەممەل ئادەم بولۇش دېگەنلىك ئەمەس.
ئۇنداق ئادەم ئەسلا مەۋجۇت بولمايدۇ!
مەسىلە مەۋجۇت بولمايدىغان ئەمەس، بىرەر مەسىلە يۈز بەرگەندە نارازىلىقلىرىنى سىزگە ئېيتالايدىغان ھەمراھ- ئېسىل ھەمراھ ھېسابلىنىدۇ.

素晴らしいパートナーと言うのは、不満のない相手じゃない。
そんな人は、いない。
不満のない相手ではではなく、『不満を伝えられる相手』が素晴らしいパートナー。

 

 

مەلۇم توپتىن سىقىپ چىقىرىلىپ يالغۇز قالدۇرۇلغاندا قوللىنىلىدىغان تەدبىر

كىشىلەر توپىدىن چىقىرىۋىتلگەن ھالەتتە تۇرىۋەرگەن تۈزۈك. بەرىبىرىبىر كۈلكە-ئويۇندا بىللە بولغان تەقدىردىمۇ، ھەر ئىككىلا تەرەپ راھەت بولالىشى ناتايىن.
«دوستلۇقتىن چىقىرىۋىتىلدىم!»، «بوزەك قىلىندىم!» دەپ ئويلاپ يۈرمەستىن، بۇ توپقا مەن ماس كەلمىدىم» دەپ ئويلىغان تۈزۈك.
داۋاملىق باشقىلار بىلەن بىللە بولۇشنىڭ توغرا بولۇپ كېتىشى ناتايىن.

 

باشقىلارنى كەچۈرەلمىگەن ۋاقىت، ئۆزىدە بىسىمنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
كەيپىيات ياخشى بولغاندا، قانچىلىك ئىش بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئاسانلا كەچۈرىۋەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا، قارشى تەرەپكە نەپرەت كۆزى بىلەن قاراشتىن بۇرۇن، ئادەم ئۆز كەيپىياتىنى ئوڭشىغان ئەۋزەل.

他人が許せない時は、自分に大きなストレスがある。機嫌のいい時なら、多少の事は許せてしまう。だから、相手に怒りの目を向けるより、自分自身の機嫌をとることが先決。

 

باشقىلارغا تۇرۇپلا يېقىنچىلىق قىلىدىغان كىشى، تۇرۇپلا ئۆچمۇ بوپقالىدۇ.
مۇنداق كىشىلەر دەسلەپتە قارشى تەرەپنى بەكلا غايىۋىلەشتۈرىۋىلىپ، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئۈمىدسىزلىنىپ قالىدۇ–دە، ئۆچمەنلىك شەكىللىنىدۇ.
مۇنداق ئادەملەرنىڭ ئۆزگىرىشچان مۇئامىلىسىگە بەك ئەستايدىل بوپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. مەلۇم ئارىلىق قالدۇرۇپ قويۇپ ئارلىشىپ قويسا بولىدۇ. ناۋادا، ئۇ ئادەمنىڭ مۇشۇ تەرىپىدىن ھالقىپ ئۆتەلىسە، ياخشى دوستلاردىن بوپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.
ئەڭ موھىمى مۇنداق مۇناسىۋەتتە «مەن نېمىنى خاتا قىلغاندىمەن؟» دەپ ئۆزىنى گۇناھكار قىلىۋىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

急に好意を示してくる人は、急に嫌うもの。こういう人は最初相手を理想化しすぎて、途中幻滅でして嫌いになる。いわばお家芸のであまり振りまわされずに付き合っておいたほうがいい。それを乗り越える良い友達になることもある。

 

سالاغا ئاجىز ئادەملەر ئاسانلا زىيان تارتىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ ئالدىغان پايدا چوڭ بولغاچ، سىزگە سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىش ۋاقتى بېرىش ئۇنى بىئارام قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىزگە سالا سېلىشقا باشلايدۇ.

قانچىلىك سالا قىلغانسىرى، تېخىمۇ ئەستايدىللىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرۈڭ. ئەگەر قارشى تەرەپ ھەقىقەتەنمۇ سىز تەرەپتە تۇرۇپئويلىنىۋاتقان بولسا ، سىز تولۇق قايىل بولغۇچە ساقلايدۇ.

押しに弱い人は、損をする。相手のメリットが大きく、冷静に考えられると具合が悪いから、相手は押してくる。押しの強さを受けた時こそ、ゆっくり立ち止まって考えてみる。相手が本当にあなたのことを考えているのなら、充分納得するまで待ってくれる。

 

قىلغۇڭىز بار ئىشقا بەل باغلىغىنىڭىزدا ھامان قەيەردىدۇر بىراۋلار سىزدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ. ئەمما سىزنى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغان ئادەم سىزدىن ھەرگىزمۇ ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ.
سىزنى ئاز–تولا بىلىدىغان ئادەم ئۈمىدسىزلەنگەن تەقدىردىمۇ سىزگە ئېيتىپ ئولتۇرمايدۇ.
ھالبۇكى، سىزنى ھەممىدىن بەكرەك چۈشەنمەيدىغان–بىلمەيدىغان ئادەم ئاتايىن يۈزىڭىزدىن–يۈزىڭىزگە ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئېيتىپ قويىدۇ. بۇنداق ئادەملەر كىچىككىنە پەرۋا قىلىشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ.

自分のやりたいことを貫けば、どこかの誰かがガッカリする。でも、一番あなたのことをわかっている人は、ガッカリしない。2番目にあなたのことをわかっている人は、ガッカリしても言わない。一番わかっていない人は「君にはガッカリした」と、わざわざ言いにくる。そんな人は、気にする価値は、これっぽっちもない。

 

تەرجىمىدە ۋە تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

 

#كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى  #Reyhan#Reading

 

 

تارقىتىڭ...