ئانىلىق تۇيغۇلار (2)

637 قېتىم ئوقۇلدى

بەخىتلىك بىر كۈنىمىز

رەيھان ئابلەت

 

يەسلىنىڭ ئالدىغا كەپقالاي دېگەندە،  چىرايلىق يېشىللىققا قاراپ تۇيۇقسىزلا بالا بىلەن دەم ئېلىش خىيالىغا كەپقالدىم ھەم ئوغلۇمدىن سورىدىم:

-بۈگۈن يەسلىگە بارمامسەن،-يا ؟

-ھەئە،  بارغۇم يوق!

شۇنىڭ بىلەن ئىستەمى ئىككىمىز ھەممىنى تاشلاپ بىربىرىمىزگە بەخىتلىك بىر كۈن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بارماق ئېلىشىپ ۋەدە بېرىشتۇق ھەم ئۆيىمىزگە يېراق ئەمەس بولغان، مەن ياخشى كۆرىدىغان ھېلىقى باغچىغا باردۇق. بىز قارىغاي ئۇرۇقچىلىرىنى تەردۇق، چىرايلىق كۆلنىڭ مەنزىرىسىنى تاماششا قىلدۇق،  غۇچچىدە مېۋە بەرگەن چىلان دەرىخىمۇ تېپىۋالدۇق. بوراندا تۆكۈلگەن مىۋىلەرنى،  ئىسمىنى بىلمەيدىغان،  كۆرۈپ باقمىغان ئۆسۈملۈكلەرنى كۆردۇق···

چۈشلۈك تاماقنى پىلانىمىز بويىچە باغچىغا يېقىن جايدىكى بالا ئامراق رىستوراندا يېدۇق. تاماق ۋاقتىدا ئىستەمى بولكىنىڭ ئۈستىگە  مېنى سىزدى ھەم «رەھمەت ئاپا» دەپ يازدى.

ئۇ باغچىدا  يىگەن ماروژنىسىنىڭ ئەخلىتىنى تاكى ئەخلەت ساندۇقىنى تاپقۇچە تاشلىمىدى، يولدا نېمىجان بوپقالغان كىپىنەكنى دەسسەلمەيدىغان يەرگە ئەپ قويۇشنى بىلدى. ئۆزىنىڭ بالىلار ئويۇنىغا مېنىمۇ ئويناشقا تەكلىپ قىلدى، قىلالمايمەن≫دېسەمسىز چوقۇم قىلالايسىزدەپ ئىلھام بەردى. ئۆيگە ۋەلسىپىتلىك قايتىش يولىدا يېڭى ئۆگىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە ناخشىمىزنى ئادەمسىز كوچىلاردا توۋلىغاچ ماڭدۇق تېخى!😃

بۈگۈن كىچىككىنە ئىستەمىدىن خېلى نەرسىنى ئۆگەنگەندەك بولدۇم!🤓

 

بولكىغا »رەھمەت»دەپ يېزىۋاتقان ئىستەمى

 

مەيلى خىزمەت ياكى ئائىلىدە بولسۇن كۆپىنچە ۋاقتىم بالىلار بىلەن ئۆتىدىغان مەن كۆپ ھاللاردا بالىلارنىڭ ساپ دۇنياسى، ساپ ھېستۇيغۇلىرى ئىچىدە ياشايدىكەنمەن . بەزىدە چارچىغان روھىم ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ  قۇچاقلاشلىرى،  بىللە ئۇسۇل ئوينىغان، كۈلۈشكەن دەملىرى، بالىلىرىمنىڭ ساپلىق بالقىپ تۇرىدىغان چىرايلىق كۆزلىرى، سەبى دۇنياسى بىلەنمۇ ئارام تاپىدىكەن.

دادام دەيدىغان: «رەببىمىزنىڭ قۇدىرەت ئالامەتلىرىنى كۆرمەكچى بولساق بالىلارغا قارىساق بولىدۇ»دەپ! بالىلار ھەقىقەتەن بۇ دۇنيانىڭ نۇرلىرى ھەم قەلىبلەرنىڭ دورىلىرىغا ئوخشايدۇ.            

شۇنداق قىلىپ بىز بەخىتلىك بىر كۈننى ئۆتكۈزۈش ۋەدىمىزنى ئورۇنلىغان بولدۇق، بوپتىمۇ ؟

2019.09.10    (سەيشەنبە)

 

شۇ كۈنى تارتىلغان سۈرەتلەر

 

بىز تاپقان قارىغاي ئۇرۇقچىلىرى

باغچا ئىچىدىكى نىلۇپەر

 

 

دەسسلىشتىن ساقلىنىپ قالغان كىپىنەك جەسىتى

 

ئويۇندىن ھوزۇرلىنىۋاتقان ئسىتەمى

 

Corazon de Nino – child`s heart

 

 

بۇندىن تەخمىنەن ئىككى يىل بۇرۇنقى خاتىرەم بۈگۈن يوللاندى.

«ئانىلىق تۇيغۇلىرى» خاتىرىلىرى يەنە داۋاملىشىدۇ…

بۇرۇنقى سانلىرى:http://tokyoxatiriliri.net/?p=9217

 

 

تارقىتىڭ...
  1. 2016.يىللىرىغۇ دەيمەن ،مەن تېخى تەنتەك ،ھايات ئۈچۈن يالغۇز تېرىشىۋاتقان ئوقوغۇچى ۋاقىتلىرىمدا سىزنىڭ بىلوگىڭىزنى ئۇچراتقان ئىدىم ،ئۇ چاغ ئەسەرلىرىڭىزدىنمۇ بەكىرەك ھەر بىر تېمىغا قىستۇرىدىغان يەڭگىل ،مىڭىنى تىنىچلاندۇرىدىغان مۇزىكىلىرىڭىزنى بەكلا ياختۇرۇپ قىلىپ ھەر چارچىغىنىمدا بىلوگىڭىزنى ئاختۇرۇپ بىردىن بىردىن مۇزىكىلىرىنى ئاڭلاپ چىقاتتىممۇزىكىنىڭ يەڭگىل رىتىمىدا ئۆزۈممۇ بىلمەستىن تېمىنى ئوقۇپ كىتەتتىم ئەمما مۇزىكىدىن باشقا ئەسەرلىرىڭىز ماڭا ئانچە تەسىر قىلمايتى .ھازىر ئوقۇشلىرىممۇ تۈگەپ توي قىلىپ ، قۇچىغىمغا چىقمىغان بىر بالىنىڭ ئانىسى بوپتىمەن ، ھازىر بۇرۇن ۋاراقلىغان ئەسەرلىرىڭىزنى قايتا ۋارااقلاپ باقسام ،مۇزىكىسىزمۇ شۇنچىلىك ئىچىگە كىرىپ كەتتىم خۇددى بىر يىقىن دوستۇم بىلەن پاراڭلىشۋاتقاندەك ،تەييارلىقسزلا كىرگەن توي ،ئائىلەم ئۈچۈن ئاپام ئۆز بىشىدىن ئۆتكەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقدندەك …. ۋاقتىڭىزنى ئاجىرتىپ بۇ بىلوگنى قۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت . ئاياللىق توغرىسىدا يەنە كۆپرەك نەرسىلەرنى يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن

    • ئاخىرى سەرخىل مۇزىكىلىرىمنىڭ قەدرىنى بىلگەن ئادەمدىن بىرى چىقىپتۇ(^。^)
      بىلوگىمنى يېزىشنى باشلىغان ۋاقتىم 2017-يىلىغۇ دەيمەن. ھەش-پەش دېگۈچە بەش يىل بولاي دەپتۇ…
      بەش يىلدىن بىرى مېنىڭمۇ سىردىشىم بوپ كەلدى بۇ بىلوگىم.
      ئانىلىق، ئاياللىق سەپىرىڭىزگە گۈزەللىك ۋە خۇشاللىقلار يار بولسۇن~ ❤️

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ئانىلىق

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى