بالام، يېنىڭدا مەن بار!

 

رەيھان ئابلەت

 

بۇ يىلقى ئەڭ موھىم پىلانىمدىن بىرى سەھەر تۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش بولغاچ، ئۆتكەن ھەپتە كۈتكەن پىلانىمنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان مەن، بۈگۈنكى ھەپتىنىڭ بىرىنجى كۈنىدىن باشلاپ سەھەر تۇرغان بولدۇم.

ئويغىنىپلا ئالدى بىلەن  بالىلىرىمنىڭ ئۆيىگە كىردىم. دەرۋەقە، تۈركەنئاي يوتقىنىنى ئېچىۋىتىپ دۈگدىيىپ ئۇخلاۋىتىپتۇ. بالىغا يوتقىنىنى يېپىپ قويۇپ، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىۋىتىپ ئۆيدىن چىقىۋىتىپ، بىربىرىگە چاپلىشىپ ئۇخلاۋاتقان بالىلىرىمغا يەنە بىر قارىدىم.

بىر چاغلارغا  بارغاندا، بالىلىرىمنىڭ ئۆيۈمدە مۇشۇنداق بىربىرىگە چاپلىشىپ ئۇخلىغان ۋاقىتلىرى ھەشپەش دېگۈچە ئۆتۈپ كېتىدۇ، گەرچە بالىلارنىڭ كىچىك ۋاقتى جاپالىق بولسىمۇ ھەممىمىز جەم بولۇپ ياشىغان ۋاقىتلار ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ بەخىتلىك چاغلىرى بوپ قالىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بالىلار چوڭ بولۇپ قانات قىقىپ ھەر تەرەپكە ئۇچۇپ كەتكىنىدە، بۇ ئۆيگە كىرسەم بالىلىرىم يوق كارۋات مەن ئۈچۈن قانچە ئازاب بولار؟!…دېگەنلەر كاللامدىن غىلپال ئۆتتى.

ئاتائانا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بەخىت، ئەڭ چوڭ خۇشاللىقتىن بىرى بالىلارنىڭ بەختى ھەم ئائىلىدە جەم بولغان ھالىتىئىكەن. بۇ ھەقىقەتنى ئانا بولۇپ، ئەڭ موھىمى بۇ قارا يىللاردىكى بالىلىرى ھەر تەرەپكە ئۇچۇپ كەتكەن، بالىلىرىنىڭ ھېجران ئازابىنى تارتقان ئانامنىڭ ھەسرىتىدىن تېخىمۇ چۈشەنگەندەك بولدۇم.

بۈگۈن ئۇشبۇ خىياللىرىم بىلەن بالىلىرىمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشخاتىرىسىنى ئانچەمۇنچە يېزىپ خاتىرىلەپ قويۇشقا ئادەتلەنگەن مەن، بىلوگىمدىمۇ بۇ كۈندىلىك خاتىرەمگە بىر سەھىپە بىرىشنى لايىق تاپتىم.

 

 

ھۆر سورايمەن بالام ساڭا

 

2021-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى     (چارشەنبە)

ئەتىگەنلىك ئايلىنىشتىن يېنىپ مەھەللە دوقمۇشىدىن بۇرۇلغىنمدا ئۆينىڭ ئالدىدا يانىۋارنىڭ مۇشۇ سوغىقىدا ئۇخلاش مايكىسى، كالتە ئىشتىنى بىلەنلا يالاڭئاياغ ھالدا تۈگۈلۈپ ئولتۇرغان ئىستەمىنى كۆرۈپ يۈرۈكۈم«جىغ!» قىلدى ھەم جىددىيلەشكىنىمچە «نېمە بولدى؟» دېگىنىمچە بالىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كەلدىم. بالا مېنى كۆرۈپلا پاڭڭىدە يىغلاپ كەتتى.

– نېمە بولدى بالام؟ يىغلبما مەن بار، مەن باردېگىنمچە بالىنى قۇچاقلاپ ئۆيگە ئېلىپ كىردىم.

-ئويغانسام ھېچكىم يوق…مېنى تاشلاپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ قورقتۇم…..

-خاپا بولما بالام، بىلمەپتىمەن. بولمىسا بۇرۇنلا قايتىپ كىلەتتىم، خاپا بولمىغىن،- دېگىنىمچە بالىنىڭ يۈزقول، پۇتلىرىنى ئىسسىق سۇدا يۇيۇپ، قېلىن كىيىم كەيدۈردۈم.

دادىسى ئەسلىدە بالا ئويغانغىچە مېنى ئۆيگە كەپ بولىدۇ دەپ ئويلاپ ئىشقا كېتىۋەرگەنىكەن. كورونا سەۋەبىدىن ئۆيدە خىزمەت قىلىۋاتقان دادىسىنىڭ بۈگۈن ئىشقا بارىدىغانلىقىنى مەنمۇ بىلمەي قاپتىمەن، تېلىفۇندىكى ئۇچۇرغىمۇ قارىمىغانىكەنمەن.

نېمىلا بولسۇن بالىنىڭ بىچارە تۇرىقىدىن شۇنچىلىك ئىچىم سىيرىلدى…ئىككىمىز پاراڭلاشقاچ ئوبدان ناشتا قىلىغاندىن كېيىن، ئىستەمىنىڭ يەسلىسىگە بۈگۈن بارمايدىغانلىقى ھەققىدە تېلىفۇن قىلىپ قويۇپ بالىنى ئارام ئالدۇردۇم ھەم بالىنىڭ ئارزۇسى بويىچە باغچىغا باردۇق.

بەزى كۈنلەردە ئىستەمى يەسلىگە بارماي مانا مۇشۇنداق بىللە ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىمىز بەكلا كۆڭۈللۈك بولاتتى. بەزىلەردە باغچىلارغا بىللە بارساق، بەزىلەردە  كىتابخانىلارغا بېرىپ بىللە كىتاب سېتىۋىلىپ، قەھۋەخانىلاردا بىردەم ئوقۇۋىلىشتىن، ئىستەمى ئامراق  ماروژنىسىنى يەۋىلىشىتىن ھوزۇر تاپاتتۇق. ئوتتۇرىمىزدىكى ئانا-بالىلىق ھىسياتىلا ئەمەس، دوستلىقىمىزمۇ كۈچىيەتتى.

 بەكمۇ تېز چوڭ بوپ كېتىۋاتقان بالامغا قاراپ، بالا چوڭ بوپ كەتسە قەلبىمدە ھېلىمۇ ھەم ساقلىنىپ قالغان بالىلىق ھېسلىرىمنىڭمۇ توزۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. بالىلىرىم بىلەن بىللە ئىلانگۈچ ئوينايدىغان، سىيرىلغۇچتىن بىللە سىيرىلىپ ئوينايدىغان، بالىلىرىم بىلەن بىللە بالا بولىدىغان پۇرسىتىممۇ شۇنداق قىلىپ ئاستائاستا غايىپ بولاتتى. شۇڭا، بالىلىرىمنىڭ ئاستاراق چوڭ بولىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم…

شۇنداق قىلىپ بىز سېرىلغۇچتىن بىللە سىيرىلىپ قاقاقلاپ كۈلۈشتۇق، بىللە ۋەلسىپىتلىك مەھەللە ئايلىنىۋىتىپ يەنە باشقا باغچىلاردا توختاپ ئوينىدۇق ھەم مەھەللىدىكى كۆرۈپ باقمىغان ئۆيلەرنى تاماششا قىلدۇق. بالىنىڭ ئەتىگەنكى كۆڭۈل ئاغرىقىنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈن گۈزەل بىر كۈننى خاتىرە قىلدۇق. ئەڭ موھىمى بالامغا مۇنۇلارنى بىلدۈرگۈم كەلدى:

 مەيلى چوڭ بولۇپ قىرانىڭغا يەتكىن، مەيلى كۈنلەرنىڭ بېرىدە ئارزۇيۇڭ ئۈچۈن  يېراقلارغا ئۇچۇپ كەتكىن، شۇ ئېسىڭدە بولسۇن،

بالام، يېنىڭدا مەن بار!

تۆۋەندىكىسى شۇ كۈنى تارتىلغان خاتىرە سۈرەتلەر

 

 

ياپونلارنىڭ مۇنداق ئالاھىدە سەنئەت تۈسىدە سېلىنغان ئۆيىنىمۇ بايقاپ قالدۇق.

 

****************

قايتا رەتلەپ يېزىلغان ۋاقىت: 2022.02.07

 دۈشەنبە

تارقىتىڭ...