ئۇنىڭ تۇنجى يىگىتى  بويتۇرىقى قاملاشقان، ھەممە جەھەتتە يېتىشكەن، قىزلارغا قانداق كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلىدىغان، ئەڭ موھىمى ئۇنىڭ كۆڭلىدە مۇكەممەل ئادەم ئىدى.  ئۇلار توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا مۇناسىۋەت سوغۇقلىشىپ كېتىدۇ. ئوتتۇرىدا دېيىشكۈدەك گەپمۇ قالمايدۇ، بىر يەرگە كەلسە مەنىسىزلىك ھېس قىلىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ يىگىت ئاجىرىشىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئۇ يولدىشىنى شۇنداق ياخشى كۆرسىمۇ ئاجىرىشىشتىن باشقا ئامال يوق بولىدۇ.

يولدىشىدىن ئايرىلىپ روھى چۈشۈپ كەتكەن كۈنلەردە ھازىرقى يىگىتى بىلەن تۇيۇقسىز تونۇشۇپ قالىدۇ. بىراق، ھازىرقى بۇ يىگىتنى بۇرۇنقى يولدىشىغا سىلىشتۇرۇپمۇ قالىدۇ. ھازىرقى يىگىتى بۇرۇنقى يىگىتىدەك مۇكەممەل، ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى قانداق ئۇتۇشنى بىلىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ كۆزىگە سېغمايدىغان تەرەپلىرى نۇرغۇن بولۇپ، داۋاملىق نارازلىقلىرىنى سۆزلەپ قاقشاپلا ئۆتەتتى. شۇنداقتىمۇ قىززىق يېرى، ھازىرقى يىگىتىنىڭ يېنىدا ئۆزىنى بىخەتەر ۋە خاتىرىجەم ھېس قىلاتتى.

ئۇلارنىڭ تونۇشقىنىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئۇ يىگىتىنى تۇيۇقسىز خۇشال قىلىش ئۈچۈن ئۆز قولى بىلەن تورت ۋە يىگىتى ئامراق شورپا قىلدى. لېكىن، يىگىتنىڭ «بۈگۈن ئىشىم بار، كەچ قالىمەندېگەن ئۇچۇرى ئۇنىڭ نىرۋىسىنى قىرىق گەز ئۆرلەتتىدە، ئاتايىن راسلىغان تاماق ئۈستىلىنى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋەتكەنچە سىرىتقا ئۆزىنى ئاتتى.

ئۇ مېڭىپمېڭىپ ئۇلار تۇنجى تونۇشقان قاۋاقخانىنىڭ ئالدىغا كەپ قالدى. ئەسلىدىكى قاۋاقخانا «مەسلىھەت بېرىش ئورنى» غا ئۆزگەرگەنىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇ ئىشىكنى ئېچىپ  كىرىۋەردى.

ئىچىدە تومى تۇراتتى. تومى ئۇنىڭ بىلەن ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن، مەسلىھەت سورايدىغان قانداق ئىشى بارلىقىنى سورىغىنىدا،  ئۇ تومىنىڭ كىشىگە خاتىرىجەملىك بېرىدىغان مۇئامىلىسىدىن كۆڭلى جايىغا چۈشتى ھەم ئىختىيارسىز ئۆزىنىڭ  ئۆزىنىڭ تۇنجى يولدىشىنى، ھازىر قانداق ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن جەرياننى سۆزلەپ بەردى.

تومى ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ:

«سىزنىڭ ھازىر ئۆيدىن چىقىپ كېتىشىڭىز دەسلەپكى يېگىتىڭىزنى ئۇنتۇيالمىغنىڭىز ئۈچۈنمۇقانداق؟ سىز ھېلىمۇ ھەم ئۇنى ياخشى كۆرەمسىز؟ سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى ھازىرقى ھەمراھىڭىزنى تاللىشىڭىزنىڭ توغىرلىقىغا قايىل قىلىشىڭىز كېرەك، بولمىسا ھازىرقى تۇرمۇشىڭىز تىنجىمايدۇ. سىز ئالدىنىقى يىگىتىڭىزنىڭ يېنىدا ئۆزىڭىزنى ھازىقىدەك خاتىرجەم ھېس قىلالمايتتىڭىز-شۇنداقمۇ؟ ياخشى ھەمراھ دېگىنىمىز- ئادەمنى قەتئىي نارازى قىلمايدىغان ھەمراھ بولماستىن، نارازىلىقلارنى يەتكۈزەلەيدىغان ھەمراھدۇر.»

ئۇ تومىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاخىرى بىر ھەقىقەتنى چۈشەندى. ئۇ دەسلەپكى يىگىتىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرسىمۇ، يىگىتنى بەك مۇكەممەل دەپ چوڭ كۆرگەچكە، ئىچىدىكى ئاچچىقلىرىنى، نارازىلىقلىرىنى بىمالال ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى، ئۇنى خاپا قىلىپ قويۇشتىن ئەنسىرەيتتى، ئۆزىنى ئەركىن ھېس قىلالمايتتى.

كېيىنكى يىگىتى گەرچە ئايال كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا ماھىر، ھەممە جەھەتتىن يېتىشكەنلەردىن بولمىسىمۇ، ئويلىرىنى، خاپابولغانلىرىنى، نارازلىقلىرىنى بىمالال ئېيتالايتتى، ئۇنىڭ قوبۇل قىلىشغا ئېرىشەلەيتتى ھەم ئۇنىڭ يېنىدا ئۆزىنى بىمالال ۋە خاتىرىجەم ھېس قىلاتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆيگە قايتماقچى، ھازىرقى ھەمراھى بىلەن ياخشى ئۆتۈش نىيىتگە كەلدى.

 

Miyuki Ishikawa – Love Story

 

ھېكايىمىزنىڭ يەشمىسى

 

ئىككى ئادەم ئىككى خىل موھىت، ئىككى خىل ئائىلە، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتتە چوڭ بولغاچقا، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپلارنىڭ، ئوخشىماسلىقلارنىڭ، زىددىيەتلەرنىڭ بولىشى تولىمۇ تەبىئى ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ.

ئىككى ئادەم بىربىرىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرگەن تەقدىردىمۇ، بارلىق قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئوخشاش بولۇپ كېتىشى ناتايىن. بولۇپمۇ توي قىلىپ بىر ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، بارغانسىرى ئوخشىمايدىغان تەرەپلەرنىڭ كۆپلىكىنى ھېس قىلىشىدۇ. نارازىلىق ھېلى چوڭلاپ، ھېلى كىچىكلەپ دېگەندەك چوقۇم مەۋجۇت بولىدۇ. گەپ نارازلىقنىڭ بولىشىدا ئەمەس، بەلكى نارازىلىقنى يەتكۈزەلمەسلىكتە.

ئەگەر نارازىلىقلار ۋاقتىدا يەتكۈزۈلمىگىنىدە بىر تەرەپ ۋە ياكى ئىككىلا تەرەپنىڭ بەرداشلىق بېرىشىگە توغرا كېلىدۇ ھەم ئىككى تەرەپ بىللە بولغان ۋاقىت «بەرداشلىق بەرمىسە بولمايدىغان ۋاقىت»قا ئايلىنىپ قالىدۇ.

ھېكايىمىزنىڭ باش ئايال قەھرىمانى دەسلەپكى يىگىتىگە نارازىلىقلىرىنى ئېيتالمىغاچقا، مۇناسىۋەت ئاياغلىشىدۇ. كېيىن تاللىغان يىگىتىگە كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن خاپا بولۇپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ.

تومىنىڭ مەسلىھەتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھازىرقى يىگىتىنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى قايتىدىن تونۇيدۇ. ئەلۋەتتە، يۇقارقى موھىم دەرسلىكنى ئىسىدە مەھكەم ساقلىسىلا، ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىناق ئەر-خوتۇنلاردىن بولىشىدا گەپ يوق.

شۇنداق، ھەقىقى ياخشى ھەمراھ دېگىنىمىز-سىزنى ھېچقانداق نارازى قىلمايدىغان، مۇكەممەل ئادەم بولۇش دېگەنلىك ئەمەس. ئۇنداق ئادەم مەۋجۇت بولمايدۇ! نارازى بولمايدىغان ئەمەس، نارازىلىقلىرىنى سىزگە ئېيتالايدىغان ھەمراھ- ياخشى ھەمراھ ھېسابلىنىدۇ!

يېقىندا ئوقۇۋاتقان كىتابىمنى سىز بىلەن ئورتاقلىىشىۋاتىمەن. ھەقىقەتەن تۇرمۇشتىكى ئەمەلى ھېكايىلەر ھەم بۇنىڭ تولىمۇ ئاقىلانە يېشىمى ئوخىشىمىغان تۇرمۇش كارتىنىلىرى، ئوخشىمىغان تىڭىرقاشلارغا جاۋاب بولالايدۇ، سىز بىلەن ياخشى سىرداش ۋە سىرلىرىڭىزغا ئورتاقداش بولالايدۇ، قەلبىڭىزدە يۈدۈپ كېىلىۋاتقان يۈكلىرىڭىزنى مەلۇم دەرىجىدە يېنىكلىتەلەيدۇ دەپ قارايمەن. ئەڭ موھىمى يېزىشتىن ھوزۇر تاپىدىغان رەيھاننىڭ ئۇقۇغان ھەر بىر كىتابىدىن ئالغانلىرىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىۋاتقانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقى ئۈچۈن داۋملىق سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن.

يەنە بىر قېتىملىق يازمامغىچە ئامان بولۇڭ.

****

『心の荷物の手放し方』ناملىق كىتابنى ئوقۇشتىن تەسىرات

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

تارقىتىڭ...