ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش ئالدىدىكى ئوغۇل تولستوي، دوستويىۋىسكىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان بولۇپ، ئالى مەكتەپتىمۇ توكيو ئونۋىرىستىتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغۇسى بار ئىدى. ئاپىسى ئۇنىڭ ئەدەبىياتچى ئەمەس، دوختۇر بولىشىنى ئارزۇ قىلاتتى.

ئۆز ئارزۇسى بىلەن ئاپىسنىڭ ئارزۇسى ئارسىدا تىڭىرقاپ قالغان ئوغۇل «ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىسەم قانداقمۇ قىلارمەن؟»،«ئالى مەكتەپتە ياخشى ئوقۇيالارمەنمۇ؟ خىزمەت تاپالارمەنمۇ؟ توي قىلالارمەنمۇ؟»…دېگەندەك كەلگۈسىدىكى تېخى يۈز بەرمىگەن ئىشلاردىن ئەنسىرەپ بىئارامچىلىق ئىچىگە كىرىپ قالىدۇ. مەنچە، ھەر قانداق ئادەمنىڭ مۇشۇنداق تېخى يۈز بەرمىگەن ئىشلارغا نىسبەتەن ئەنسىزچىلىك ئىچىگە كىرىپ قالىدىغان چاغلىرى بولىدۇ.

ئۇ تومىنىڭ مەسلىھەت بېرىش ئورنىغا بارغىنىدا تومىنىڭ ئېيتقان«كەلگۈسى ئۈچۈن باش قاتۇرغاندىن كۆرە، كۆزئالدىدىكى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلغان ئەۋزەل. كەلگۈسدىكى ئىشلار بىز ئۇنداق باش قاتۇرمسىساقمۇ بولىشىچە بولىدۇ» دېگەن سۆزلىرى ئۇنىڭ قەلبىدىكى تىڭىرقاش ۋە ئەنسىزچىلىكلەردىن قۇتۇلۇپ غايسىنى تېپىشىغا يارىدەم بېرىدۇ ھەم ئاپىسىنىڭ بارچە قارشىلىقىغا قارىماستىن ئۆز ئارزۇسىدىكى ئەدەبىيات كەسپىنى تاللاش قارارىغا كېلىدۇ.

Tum HiHo_GurbaniBhatia

 

ھېكايىنىڭ يەشمىسىگە كەلسەك:

يەشمە دېگەندىن كۆرە بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋىتىپ ئويلىغانلىرىم دېگەن تۈزۈك. مەن ئىزچىل بۇ كىتابتىن ئۆز ۋاقتىدىكى ئۆزۈمنى، ئارزۇيۇمنى، تاللىشىمنى كۆرىۋاتىمەن.

مەن ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش ۋە ئارزۇ تاللاش ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ كونكىرىت ئارزۇيۇمنى، نېمىدە تالانتىم بارلىقىنى، كەلگۈسىدە قانداق بىر خىزمەت قىلسام خۇشاللىق ھېس قىلالايدىغىنمنى ھەم جان باقالايدىغانلىقىمنى ئېنىق بىلمەيتتىم.

پەقەت ئاكامنىڭ «قىزلار تەبىئى پەندە ئوقۇيالمايدۇ» دېگەندەك گەپلىرى ھەم فىزىكا ئوقۇتقۇچۇمنىڭ تەسىرىدە فىزىكا كەسپىنى تاللىغىنىمنى، ئوقۇتقۇچىلىقنى ياقتۇرىدىغىنىمنى بىلەتتىم. ھالبۇكى، ھازىرقى نوقتىدا ئارقامغا بۇرۇلۇپ ئەينى چاغدىكى 17 ياشلىق ئۆزۈمگە قارىسام، تولۇقسىز، تولۇقتىكى چاغلاردا باشقا دەرستىكى نەتىجەم ياخشى بولسىمۇ، ئەدەبىيات دەرسى مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، مەلۇم دەرىجىدە تالانتىم بار كەسىپكەنتۇق. شۇ چاغلاردىكى 17 ياشلىق رەيھاننىڭ يېنىدا ھازىرقى مەن بولغان بولسام باشقىلارغا كۆرستىىپ قويۇش ۋە ياكى باشقىلارنىڭ ئويى بويىچە كەسىپ تاللىماتيتتىم. يەنى، فىزىكا ئەمەس، ئەدەبىيات كەسپىنى تاللىغان، ھازىرقىدەك چەتلەرگە چىقىش پۇرسىتى بۇ كەسىپتە تېخىمۇ يۇقىرلاپ ئوقۇشنى تاللىغان بولاتتىم. ئەلۋەتتە، باسقان مۇساپەم ھازىرقىدىن كۆپ قىسقارغان بولاتتى…

ياپوننىڭ ئالى مەكتىپىگە كىرىپ شۇنى بايقىدىمكى، بىزنىڭ مائارىپىمىزدا بىز كىچىك چاغلىرىمىزدىن تارتىپلا بەك ئۇلۇغۋار، ئابسىتىراكىت شۇئارلارنى «نىشان» دەۋالىدىكەنمىزۋەتەن ئۈچۈن ياراملىق ئادەم بولۇپ، بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەندېگەندەك. «نېمە ئۈچۈن بۇ كەسىپتە ئوقۇيمەن؟» «بۇ كەسىپتە ئوقۇش پۈتتۈرسەم قانداق خىزمەت قىلىمەن؟ بۇ خىزمەت بىلەن جان باقالامدىمەن؟ بۇ خىزمەتتىن ھوزۇر ئالالامدىمەن؟»، «ھاياتلىق نىشانىم تاللىشىمغا ئۇيغۇنمۇ؟» ، « مەكتەپنىڭ بىرىنجى يىلى نېمە ئىش قىلىمەن؟ ئوقۇش پۈتتۈرگىچە قانداق بىر نىشانغا يېتىمەن؟»، «بەش يىلدىن كېيىن قانداق بىر ئۆزۈمنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن؟ 10 يىلدىن كېيىنچۇ؟»…ۋاھاكازالار.

قىسقىسى، ۋەتەندىكى ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالى مەكتەپتە كەسىپ تاللايدىغان ھالقىلىق پەيتتە ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى، ئاتائانا ۋە باشقىلارنىڭ ئۈمىدى ئۈچۈن كەسىپ تاللايدۇ.

ناۋادا ئاتائانىسىغۇ بالىدىكى تالانتنى بايقىيالايدىغان، بالىنىڭ كېيىنكى كۈنلىرىنى ئەقىل بىلەن بالا تەرەپتە تۇرۇپ ئويلىيالىسىغۇ بۇ بالىنىڭ بەختى. ئىقتىساد ۋە ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن بالىنىڭ تاللىشىغا تۈزۈك كۆڭۈل بۆلەلمىسە ياكى ھۆرمەت قىلمىسا، بۇ بالىنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە باسىدىغان مۇساپىسى تېخىمۇ ئۇزىراپ كېتىدىغان گەپ.

ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش ئالدىدا كەلگۈسىدە ئوقۇغۇسى بار كەسىپنى باشقىلارنىڭ ئۈمىدى، تاللىشى بىلەن ئەمەس پەقەت ئۆزىنىڭ تاللىشى بويىچە تاللىيالىغان، ئالى مەكتەپكە كىرىش ئالدىدا ئېنىق، كونكىرىت نىشان تۇرغۇزالىغان ياشلارغا ھەۋىسىم كېلىدۇ ھەم شۇنى دېگۈم كېلىدۇ:

ئۆزىڭىزنىڭ نىشانىنى ئوتتۇرا مەكتەپتە كونكىرىت بىكىتەلىسىڭىز، سىز بەك بەخىتلىكىسز! بۇ نىشانىڭىز ئۈچۈن تىرىشالىسىڭىز تېخىمۇ بەخىتلىكسىز!

يۇقارقى قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان سىز، ھاياتىڭىزنىڭ قايسى پەللىسىدە تۇرۇپسىز؟ ھاياتلىق يولىڭىز نىشانىڭىز، ئارزۇيىڭىز بويىچە بولىۋىتىپتىمۇ؟ ئارقىڭىزدىكى مۇساپىلىرىڭىزگە قاراپ 17-18 ياشلىق ئۆزىڭىزگە نېىمىلەرنى دېگۈڭىز بار؟ يەنە بەش يىل..ئون يىلدىن كېيىن قانداق بىر ئۆزىڭىز بىلەن ئۇچراشقۇڭىز بار؟

***********

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

تارقىتىڭ...