قىلغۇڭىز بار ئىشقا بەل باغلىغىنىڭىزدا ھامان قەيەردىدۇر بىراۋلار سىزدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ.

ئەمما سىزنى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغان ئادەم سىزدىن ھەرگىزمۇ ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ.

سىزنى ئازتولا بىلىدىغان ئادەم ئۈمىدسىزلەنگەن تەقدىردىمۇ سىزگە ئېيتىپ ئولتۇرمايدۇ.

ھالبۇكى، سىزنى ھەممىدىن بەكرەك چۈشەنمەيدىغانبىلمەيدىغان ئادەم ئاتايىن يۈزىڭىزدىنيۈزىڭىزگە ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئېيتىپ قويىدۇ. بۇنداق ئادەملەر كىچىككىنە پەرۋا قىلىشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ.

自分のやりたいことを貫けば、どこかの誰かがガッカリする。でも、一番あなたのことをわかっている人は、ガッカリしない。2番目にあなたのことをわかっている人は、ガッカリしても言わない。一番わかっていない人は「君にはガッカリした」と、わざわざ言いにくる。そんな人は、気にする価値は、これっぽっちもない。

 

كىتابتىن پارچە

もし君を許せたら

 

 

مى خارۇ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئالى دەرىجىلىك ئوقۇش ماتىرياللىرىنى لاھىيلەيدىغان چوڭ بىر شىركەتكە خىزمەتكە چۈشىدۇ. ئۇ يېڭى خىزمەتكە چۈشۈپلا كۆزگە كۆرۈنۈپ ئىشلەيدۇ ھەمدە ئۆزى ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان 50 ياشلار چامىسىدىكى قابىلىيەتلىك ئايال بۆلۈم باشلىقىنىڭ ئىشەنچىسى ھەم ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشىپ، يېڭى بىر لاھىيە پىلانىنىڭ باش لىدىرى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ.

مى خارۇ خىزمىتى بىلەن ئالدىراش كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاپىسىنىڭ تىلىفۇنىنى تاپشۇرىۋىلىپ، مومىسىنىڭ تۇيۇقسىز ئاغرىپ دوختۇرخانىغاكىرىپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ.-دە، خىزمەتتىن رۇخسەت سوراپ مومىسىنى كۆرگىلى بارىدۇ. خەتەرلىك پەيتلەردىن ئۆتۈپ كېتىپ، ئادەتتىكى كېسەل كارىۋىتىدا ياتقان مومىسى نەۋرىسىگەقىزىم، ھايات تولىمۇ قىسقا، ۋاقىتىڭنى چىڭ تۇتۇپ ھاياتىڭدا قىلغۇڭ بار ئىشىڭنى قىلىۋالغىن» دەيدۇ.

مى خارۇ كارىدوردا ئالدىراش يۈرگەن، تۇرىقىدىن ئەستايىدىل ۋە سەمىمىيلىكى چىقىپ تۇرىدىغان ياش دوختۇرغا كۆزى چۈشكىنىدە نۇرغۇنلىغان يىللارئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئاشۇنداق بىر دوختۇر بولغۇسى بارلىقىنى ئەسكە ئالىدۇ. ئەينى يىللاردا بۇ ئارزۇسىنى ئاپىسىغا ئېيتقىنىدا ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى، مى خارۇنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى سەۋەبلىك ئاپىسى دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇشنى قوللىمىغاچقا، ئارزۇيىدىن ۋاز كېچىپ ئىقتىساد كەسپىنى تاللىغان بولسىمۇ، كۆز ئالدىدىكى ياش دوختۇرنىڭ سىماسى، مومىسىنىڭ سۆزلىرى  ئۇنىڭ كۆمىۋەتكەن ئارزۇلىرىنى قايتىدىن ئويغىتىدۇ.

ئۇ ياتىقىغا قايتقاندىن كېيىن، دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدۇ ھەم قايتىدىن ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ يەنە 10 يىلدىن كېيىنكى ئارزۇسىدىكى ئۆزىنى كۆرۈش ئۈچۈن بەل باغلايدۇ.

داڭلىق شىركەتتە كۆزەە كۆرۈنۈپ ئەتىۋارلىنىپ ئىشلەۋاتقان 25 ياشلىق مى خارۇ ئۆز ئارزۇيى ئۈچۈن خىزمىتىدىن بولغانلىق قارارىنى باشلىقىغا ئېيتقىنىدا، ئۇ ھۆرمەتلەيدىغان، ھەۋەس قىلىدىغان باشلىقى ئۆزىنىڭ ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئېيتىدۇ ھەم مى خارۇ خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىش جەريانىدىكى ئاخىرىقى ئۈچ ئايدا ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمايدۇ. خىزمەتداشلىرىمۇ ئۇنىڭغا سوغۇق قارىغاندەك بىلىنىدۇ. ئەتراپدىكىلەرنىڭ ئۆزىگە قىلغان سوغۇق مۇئامىلىسىدىن ئۆز تاللىشىدىن گۇمانلىنىپ قالغان، روھى جەھەتتىن چۈشكۈنلىشىپ قالغان قىز قاچانلاردىدۇر ئادىرىسى ساقلىنىپ قالغان تومىنىڭ پىسخىكا مەسلىھەت بېرىش ئورنىغا بارىدۇ.

تومى ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: «سىزنى چۈشىنىدىغان ئادەم ھەرگىزمۇ ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ. سىزنى مەلۇم دەرىجىدە بىلىدىغان ئادەم ئۈمىدسىزلەنگەندىمۇ سىزگە ئېيتىپ ئولتۇرمايدۇ. سىزنى ئەڭ بىلمەيدىغان ئادەم بولسا، ئاتايىن سىزگە ئۈمىدسزلەنگەنلىكىنى ئېيىتپ قويىدۇ. مۇنداق سىزنى چۈشەنمەيدىغان، بىلمەيدىغان ئادەمگە پەرۋا قىلماڭ».

 تومىنىڭ سۆزلىرىنى  ئاڭلىغاندىن كېيىن كۆڭلى ۋاللىدە يورۇپ كېتىدۇ ۋە  ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا غايە سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ.

بۈگۈنكى سەھەر قۇياشى

 

 

خوش، ھېكايىمىزنىڭ يېشىمىغا كەلسەك:

شۇنىسى رىئاللىقكى، بىز قانداقلا ئادەم بولايلى، نېىمىلا قىلايلى، ھامان بىر ئۇچۇم كىشىلەر بىزنى ياقتۇرمايدۇ. قۇسۇر ئىزدەيدۇ. ھەتتا، يامان كۆرىدۇ. ئارزۇيىمىز يولىداكۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىمىزدىن بىئارام بولىدۇ، قىززىق يېرى شۇكى، مۇنداق كىشىلەر ئۆزىدىكى بۇ بىئاراملىقىنى بىزگە كۆيۈنگەنلىك  ۋە ياكى بىزنىڭ خاتالىقىمىز شەكلىدە ئىپادىلەيدۇيۇ، يۈرىكىدە ئۆزىنىڭ خاتا قىلىۋاتقىنىنى بىلىپ تۇرىدۇ.

بەزىدە ئارزۇيىمىز قەلبىمىزنى ئۆرتەپ تۇرسىمۇ، نېمىشىقىدۇر ئەمەلىي قول تېقىپ ئارزۇيىمىزغا قاراپ يېقىنلىشىشنى ئارقىغا سۈرىۋىتىپ قالىمىز.

بەزىدە ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ كۆز قارىشى، رىئاللىقتىكى بەزى توسالغۇلارنى بەك موھىم ئورۇنغا قويىۋىلىپ ئارزۇيىمىزدىن يىراقلىشىپ كېتىمىز.

ئارزۇيىمىزدىن يېراقلىشىپ كەتكەنچە، ھاياتلىق يولىدا ئاداشقان يولۇچىدەك ھاياتنىڭ ئەڭ گۈزەل تەرىپىدىن زوق ئېلىشنىمۇ، ۋاقتىمىز ۋەھاياتىمىزنى نېمىگە سەرپ قىلىشنىمۇ بىلەلمەي قالىمىز.

قىززىق يېرى شۇكى، بىز غەيرەتكە كېلىپ ئۆز ئارزۇيىمىز يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقىنىمىزدا بەزى كىشىلەرنىڭ بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى بىلىپ قالىمىز.  مۇنداق چاغلاردا ئۆزىمىزگە شۇنداق دەيلى:

تاللىغان يولىڭىز قەلبىڭىزنىڭ قاراى ھاياتىڭىزنىڭ نىشانى بولغانىكەن، ھەر قانداق ئادەمنىڭ بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش، توسۇش، باھالاش سالاھىيتى بولمايدۇ. مۇنداق سىزنى قىلچە بىلمەيدىغان ئادەملەرگە ھاياتىڭىزغا، ئارزۇيىڭىزغا، ھەتتا  كەيپىياتىڭىزغىچە كىرىىش ھوقوقىنى بەرمەڭ.

***

رەيھان ئابلەت

2022.1.22         شەنبە

تارقىتىڭ...