كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى تەسىراتلار

 

رەيھان ئابلەت

 

ئۆتكەن يىلى ناھايتى ھوزۇرلىنىپ ئوقۇغان كىتابىمدىن بىرى جون گوتمەننىڭ «نىكاھنى مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشنىڭ يەتتە پىرىنسىپى» ناملىق كىتابى بولۇپ، ئوقۇۋىتىپ تاكى بۈگۈنگە قەدەر قەلبمىدە تۈگۈن بولۇپ قالغان«ئورتاق  قىزىقىشنىڭ بولۇشى بەخىتلىك نىكاھنى ساقلاپ قىلىشتا موھىم  ئامىلمۇ؟»، «تۇرمۇشتىكى رومانتىكىلىق زادى قانداق؟» دېگەندەك بەزى سۇئاللار ئۈچۈن ناھايتىمۇ ئاقىل جاۋابلارغا ئېرىشتىم. سىرداش دوستۇمنى تېپىۋالغاندەك ماڭا مەسلەكداش بولغان، تۇرمۇشۇمدا ئەسلىدە بار بولغان بەخىت تۇيغۇلۇرۇمنى تېخىمۇ ئۇلغايتقان بۇ كىتابتىن شۇنچىلىك سۆيۈندۈم.

***

مەيلى قايسى دۆلەت، قايسى ئىرق، قايسى مىللەت، قايسى دىندىكى كىشىلەر بولسۇن، نىكاھتا بەخىتلىك بولۇشنى ئىستەش ھەر بىر كىشىنىڭ ئارزۇسى.

ھاياتىدا ئاجىرىشىشنىڭمۇ، نىكاھتىكى بەخىتسىزلىك ۋە بەخىتنىڭمۇ تەمىنى تېتىپ باققان ئامېرىكىلىق نىكاھ تەتقىقاتچىسى، پىسخولوگ ساھاسىدە ئالدىنقى قاتاردىكى نىكاھ تەتقىقاتچىسى دەپ ئاتالغان جون گوتمەننىڭ ئۇشبۇ كىتابى ئامېرىكىدا 1999-يىلى نەشىر قىلىنغاندا، پۈتۈن دۇنيا تەرىپىدىن يۈكسەك ئالقىشقا ئېرىشكەن ھەم ئۇزۇن ئۆتمەي ئون نەچچە تىلغا تەرجىمە قېلىنغان.

ئۇشبۇ كىتاب نىكاھ يېشىدىكى قىزيىگىتلەر، توي قىلغان ۋە نىكاھىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە تېخىمۇ بەخىتلىك ياشاشنى  ئارزۇ قىلىدىغان ھەر بىر ئادەمگە ماس كېلىدۇ. نىكاھتىكى تىڭىرقاپ قالغان بەزى مەسىللەرگە ئاقىلانە جاۋاب بېرەلەيدۇ. شەخسەن مەن ئۆزۈم ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ئۇشبۇ كىتابنى ھەر بىرىڭلارغا تەۋسىيە قىلىمەن ھەمدە نىكاھتا تېخىمۇ بەخىتلىك بولىشىڭلارنى تىلەيمەن.

بۈگۈن ئۇشبۇ كىتابنى ئوقۇۋىتىپ خاتىرىلەپ قويغان موھىم نوقتىلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن ھەم ھەر ۋاقىتقىدەك بىلوگىمدا خاتىرىلەپ قويماقچىمەن.

كۈز پەسلىنىڭ ئىللىق ئاپىتىپىدا ئىشىكىمنىڭ ئالدىدىكى كىچىككىنە گۈللىكىمدە ئۇشبۇ كىتابنى ئوقۇغاندىكى ھوزۇرلۇق دەملەر

Altın Yuzugum Kırıldı – Grup Abdal

 

 

«ئورتاق قىزىقىش ئەر-ئايالنىڭ ئىناق مۇناسىۋىتىنى ساقلايدۇ» دەپ قارامسىز؟

 

بىر جۈپ ئەرئايال باركەن. ئۇلارنىڭ ئورتاق قىزىقىشىدىن بىرى دەريادا قولۋاق ھەيدەشكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۈلكەچاقچاقلار بىلەن قولۋاق ھەيدەشتىن ھوزۇرلنىدىكەن. بۇ خىل ئورتاق قىزىقىش ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىكەن.

ئوخشاشلا دەريادا قولۋاق ھەيدەشكە قىزىقىدىغان بىر جۈپ ئەرئايال بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قولۋاق ھەيدەشكىنىدە «مۇنداق قىلسا قولۋاق ئۇدۇل ماڭاتتى»،«نېمە ئۈچۈن بۇياققا ھەيدەيسەن؟» دېگەندەك قارشى تەرەپنىڭ ھەيدەش ئۇسۇلىدىن نارازى بولۇپ تاكاللىشىپ قالىدىكەن ۋە ياكى بۇ بىر قېتىملىق ئورتاق قىزىقشنىڭ نەتىجىسى بىربىرىگە قورساق كۆپىكى بىلەن ئاخىرلىشىپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت سوغۇقلىشىپ كېتىدىكەن.

خوش، يۇقارقى مىسالدىن نېمىنى چۈشەندىڭىز؟

دېمەك، ئورتاق قىزىقىشنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىگە ئىجابى تەرىپىمۇ، مەنپى تەرىپىمۇ باركەن. «ئورتاق قىزىقىشنىڭ ئەر-خوتۇننىڭ مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ» دەپ قاراش نۇرغۇنلىغان كىشىلەر خاتا چۈشىنىپ كەلگەن نىكاھتىكى ئەپسانە قاراشلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

كىتابنى ئوقۇۋىتىپ بۇ نوقتىنى ئىنستىگرامدا دوستلار بىلەن ئورتاقلاشتىم ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ بۇ جەھەتتىكى كۆز-قارىشىنى ئاڭلاپ باقتىم. دەرۋەقە، كۆپلىگەن كىشىلەر يەنىلا نىكاھ تۇرمۇشىدا ئورتاق قىزىقىشنىڭ بولىشىنى ئەر-خوتۇننىڭ مۇناسىۋىتىنى ساقلايدىغان موھىم ئامىل دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدىم. ھەتتا، ئورتاق قىزىقىشنى نىكاھتىكى موھىم نوقتا دەپ قاراپ كەلگەن پىقىرنىڭمۇ كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن نىكاھقا بولغان چۈشەنچەم يەنىمۇ ئايدىڭلاشتى.

كىتابنى ئوقۇغاچ بەزى مەزمۇنلارنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتىم.

ئۇنداقتا، نىكاھتا بەخىتلىك بولۇشنىڭ شەرتى نېمە؟  ئىناق ئەرخوتۇنلار بىلەن نىكاھتا مەغلۇب بولغان ئەرخوتۇنلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرق بار؟

قارشى تەرەپ بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن تويدىن بۇرۇن بىلىنمىگەن قارشى تەرەپنىڭ سىز ياقتۇرمايدىغان تەرەپلىرى ئاشكارلىنىشقا باشلىغاندا، چۈچۈيسىز. بۇ چاغدا نىكاھتىكى بەخىت تۇيغۇسىنى قانداق قىلغاندا ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟

بەخىتلىك نىكاھ – ئۆز نىشانىغا ماس كېلىدىغان كىشىنى تاللاش ئاساسىغا قۇرۇلىدۇ.

كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىچىككىنە تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، قارشى تەرەپكە نىسبەتەن ئۆزىدە كىچىككىنە ئۆزگىرىش پەيدا قىلالىسا، قارشى تەرەپمۇ چوقۇم ئۆزگىرىدۇ.

نىكاھنى مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك دەرىجىدە ئاددى بولۇپ،  بەخىتلىك نىكاھتا ياشاۋاتقان ئەرخوتۇنلار قانداقتۇر بەك ئەقىللىق، باي، ھەتتا پىسخولوگىيەدىن خەۋرى بار كىشىلەر بولماستىن، كۈندىلىك تۇرمۇشتا قارشى تەرەپنىڭ كەمچىللىكلىرىگە قارىغاندا، ئارتۇقچلىقلىرىغا بەكرەك دېققىتىنى قاراتقان كىشىلەردۇر.

Birnare-art

                            

نىكاھتىكى بەخىتسىزلىكنىڭ سالامەتلىك ۋە پەرزەنتكە بولغان تەسىرى

 

ئاجراشقانلارنىڭ% 50 دىن كۆپرەكى توي قىلىپ ئالدىنقى يەتتە يىل ئىچىدە ئاجىرىشىپ بولىدىكەن. قايتا توي قىلغانلارنىڭ ئاجىرىشىش نىسبىتى تۇنجى تويىدىن ئاجراشقانلارنىڭكىدىنمۇ %10 دىن يۇقىرى بولىدىكەن.

بەخىتسىز نىكاھتا ياشاۋاتقان كىشىلەر مەيلى جىسمانى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى روھى جەھەتتىن بولسۇن بىسىمى ئېغىر بولىدىكەن ھەمدە يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك كېسىلى، روھى كىسەل، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىشنى ئويلاش، قاتىللىق، نەرسەكېرەك سېتىۋىلىشقا خۇمار بولۇش، قالايمىقان دورا ئىشلىتىشقاتارلىق تۈرلۈك كىسەللىكلەرگە خۇمار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. ئەلۋەتتە، نىكاھتا بەخىتلىك كىشىلەرنىڭ مۇنداق كىسەللەرگە گېرىپتار بولۇش ئىھتىمالى پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بولغان ھەمدە ئاجىرىشىپ كەتكەنلەردىن تۆت يىلدىن ئارتۇق ئۆمرى ئۇزۇن بولغان.

تەتقىقاتچىلار مۇنداق بىر قىزىقارلىق تەتقىقات نەتىجىسىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئەگەر بىر كۈن ئىچىدە نىكاھ تۇرمۇشىڭىزنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن 20 مىنۇت سەرپ قىلسىڭىز، 20 مىنۇت بەدەن چىنىقتۇرغاندىن ئۈچ ھەسسە ئارتۇق ئىمۇنىتىت كۈچىڭىز ئاشىدىكەن.

ئەرخوتۇن ماجراسى يالغۇز ئەر ۋە ئايالنىڭ قەلبىنى يارىلاندۇرۇپلا قالماستىن، بالا قەلبىنىمۇ يارىلاندۇرىدۇ. ئەر- خوتۇننىڭ مۇناسىۋىتى يىرىك ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ نورمال ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلارغاقارىغاندا روھى بىسىم ھورمۇنى يۇقۇرى بولىدۇ.

شۇڭا، بالىلارغا نىسبەتەن بەخىتسىز نىكاھنى داۋاملاشتۇرغاندىن كۆرە، تىنچ ئاجىرىشىپ كەتكەن ئاقىلانە تاللاش ھېسابلىنىدۇ.

    ❤️    

ئەر-خوتۇنلار سوقۇشۇپ قالغاندا 

                        

كۆپلىگەن نىكاھ پىسخولوگلىرى ئەرئايال ئوتتۇرىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەندە، بۇ بىر جۈپلەرگە قارشى تەرەپنىڭ سۆزلىرىنى ياخشى ئاڭلاشنى، پىكىردە ئوخشىمايدىغان تەرەپلەرنى  قارشى تەرەپنىڭ ئورنىدا ئۆزىنى قويۇپ ئويلىنىپ كۆرۈشنى تەشەببۇس قىلىشىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ تەكلىپنىڭ خاتاسى يوق. بىراق، رىئاللىق نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، بەخىتلىك ئۆتكەن بىر جۈپلەرنىڭمۇ ئوتتۇرىدا مەسىلە پەيدا بولغاندا، مۇنداق قىلالىشى ئاسان ئەمەس! ئوچۇق قىلىپ ئېيقاندا قارشى تەرەپ سىز بىلەن گەپ تالىشىپ قالغاندا، ئېغى-بېسىقلىق بىلەن سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلاپ سىزگە مەسلىھەت بېرىدىغان تىبەتنىڭ دالاي لاماسى ئەمەس. 😅😂

مۇنداق چاغدا ئاكىتىپ ئاڭلىغۇچى بولۇشنى تەلەپ قىلىش بەئەينى ئادەتتىكى ئادەمدىن ئولىمپىك سەۋىيەسىدىكى ھەرىكەتنى تەلەپ قىلغان بىلەن باراۋەر.

بىز تەتقىق قىلىپ كەلگەن، ھەتتا بىزنىڭ ھەۋىسىمىز كەلگۈدەك دەرىجىدە ئىناق ئەرخوتۇنلارمۇ ئۇرۇشۇپ قالغاندا پىسخولوگلارنىڭ بۇ تەكلىپى بويىچە ئىش قىلالمايدۇ. بىراق ئۇلار يەنىلا مەسىللىرىنى ھەل قىلىدۇ. ئۇنداقتا ئۇلار قانداق ھەل قىلىپ كەلگەن؟

ئۇلار قوللانغان ئەڭ موھىم ئۇسۇلدىن بىرى قارشى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا ئىككى كۆزىدە، كەمچىللىكىگە بىر كۆزىدە قارىغان. (پىقىرغا بەك يارىغان جۈملە)

  ❤️

يېڭى بالىلىق بولغاندا

                              

يېڭى بالىلىق بولغاندا ھەقىقەتەن نىكاھ تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ.

ئانىنىڭ ئۇيقۇسى يىتەرلىك بولماسلىق، خىزمەت بىلەن بوۋاق ئوتتۇرىسىكى مەسىلە، ئىقتىسادى مەسىلە، ئانىنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق ۋاقتىنىڭ يوق بولىشى، بەدەن شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىقاتارلىق مەسىللەر بولىدۇ.

يېڭى ئانا بولغاندا، ئايالنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدىن نارازى بولۇشىقانداقتۇر بوۋاقنىڭ يىغلاڭغۇ بولىشى ياكى قول تۇتمايدىغان ياۋاش بوۋاق بولىشى، ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ياكى سۈت پاراشوكىدا بېقىش، ئۆيدە بېقىش ياكى يەسلىگە بېرىش، بوۋاقنىڭ ئۆسۈپيېتىلىشى، تەربىيلەش..دېگەندەك مەسىللەر بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.

يېڭى ئانا بولغۇچىنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدىن رازى بولۇشبولماسلىقى يولدىشىنىڭ بۇ ئۆزگىرىشلەرنى تەڭ ئۈستىگە ئالدىمۇ ياكى پەقەت ئايال بولغۇچى ئۆزى يالغۇز بۇ ئۆزگىرىشلەرگە تاقابىل تۇردىمۇ دېگەن مەسىلىگە باغلىق.

                                

 

ئەرلەر ئۈچۈن كەسىپ موھىممۇ ياكى ئائىلىمۇ؟

 

مۇتلەق كۆپ كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋاپىقىيىتى ئائىلىدە، ئەرلەرنىڭ بولسا ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغىنى كەسپى مۇۋاپىقىيەت دەپ قارايمىز ھەم شۇنداق بولىشى كېرەك  دەپ چۈشىنىمىز. ناۋادا ئەرلەر ئائىلىدىكى مۇۋاپىقىيەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغاندا قانداق بولىشى مۇمكىن؟

ھازىرقى زاماننىڭ ياش ئەرلىرى كەسىپتىنمۇ بەكرەك ئائىلە تۇرمۇشىدىكى مۇۋاپىقىيەتنى ئالدىقى ئورۇنغا قويىۋاتىدۇ. مانا بۇ ھاياتتىكى مۇۋاپىقىيەت ئېنىقلىمىسىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.

بۇرۇنقى ئەرلەرگە ئوخشىمىغان ھالدا مۇۋاپىقىيەتلىك نىكاھنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پىرىنسىپىنى تەبىئى ھالدا ئۆز تۇرمۇشىغا سىڭدۈرىۋاتىدۇ. ئۇلار ئايالىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ خەرىتىسىنى ياخشى چۈشىنىپ، ئايالىغا بولغان  كۆيۈنۈش ۋە مىننەتدارلىق ھىسياتى بىلەن ئايالىغا يۈزلىنىدۇ.

بۇ يالغۇز ئۇلارنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىغىلا ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە پەرزەنتلەرنىڭ ئۆسۈپيېتىلىش تەربىيەسىگىمۇ ياخشى تەسىر كۆرسىتىدۇ.

              

                ❤️  

بەخىتلىك ئەر-خوتۇنلار قەتئى ئۇرۇشۇپ قالمامدۇ؟

              

بەزى كىشىلەرنىڭ «بىز بەك ئىناق، پەقەت ئۇرۇشۇپ قالمايمىز» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالىمىز. ئۇلارنىڭ قەتئىي ئۇرۇشۇپ قالماسلىقى ئىناقلىقنىڭ بەلگىسىمۇ؟ ئىناق ئەر-خوتۇنلار ئۇرۇشۇپ قالمامدۇ؟

ئەمەلىي رىئاللىقتا شۇنچىلىك بەخىتلىك ئەرخوتۇنلارنىڭمۇ قاتتىق سوقۇشۇپ قالىدىغان چاغلىرى بولىدۇ، ئەر-خوتۇننىڭ ئۇرۇشۇپ قىلىشى نىكاھنى بۇزىۋىتەلمەيدۇ.

بەخىتلىك ياشاۋاتقان ئەرئاياللار ئىچىدىمۇ مىجەز، قىزىقىش،قىممەت قاراش جەھەتلەردىمۇ چوڭ پەرق بولىدىغان ئىشلار، سوقۇشۇپ قالىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىمۇ ئىقتىساد، ئائىلە ئىشلىرى، بالا، خىزمەت، قېيىن ئانا مەسىللىرى قاتارلىق مەسىللەر، گەپ تالىشىشلار بولۇپ تۇرىدۇ.

مۇھەببەتلىك نىكاھتا ياشاۋاتقان ئەرخوتۇنلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى قارشى تەرەپكە كۆيۈنۈش، ئائىلە ئىشلىرىغا ئوخشاش پارچەپۇرات ئىشلاردىن تارتىپ ئۆزئارا يارىدەم قىلىدىغان ئەرخوتۇنلار بولۇپ، «مەن تاماق ئەتسەم، سەن قاچا يۇيىسەن. مەن ئەتىگەنلىك تاماقئەتسەم، سەن كەچلىكىنى» دېگەندەك تەقسىمات قىلىۋىلىپ ئېنىق سىزىق سىزىۋىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. بىربىرىگە كۆيۈنىدىغان يۈرەك بولسىلا قالغانلىرى ئۆزلىكىدىن ھەل بولىدىغان ئىشلار ھېسابلىنىدۇ.

بەخىتسىز ئەرخوتۇنلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئەڭ ئىھتىياجىلىق دەپ قارىغان نوقتىغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇ نوقتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ماڭغان بولىدۇ.

ئەرخوتۇن دېمەك، ئورتاق ياشاپ ئۆزئارا ھۆرمەت ۋە خۇشاللىقنى ھەمبەھىرلىمەك دېمەكلىكتۇر.

ئەمەلىي رىئاللىقتىكى رومانتىكىلىق دېگەن نېمە؟

 

ھوللىۋودنىڭ كىنولىرى رىئاللىقىمىزدىكى رومانتىكىلىق، مۇھەببەت ئاڭلىرىنى پۈتۈنلەي ئاستىنئۈستۈن قىلىۋەتتى. «كاسابىلانكا» فىلىمدىكى كۆزلىرى ياشقا تولغان ئايال پىرسوناژنى ئەرنىڭ قۇچاقلىغان كۆرۈنۈشى تاماششىبىنلارنىڭ يۈرىكىنى لەرزىگە كەلتۈرىدۇ. ھالبۇكى، رىئاللىقتىكى رومانتىكىلىق بەكمۇ  ئاددى ئىشلاردا كۆرۈلىدۇ.

مەسلەن، قارشى تەرەپكە مىننەتدارلىق بىلەن «سىز ھەقىقەتەن قالتىس» دېيىشنىڭ ئۆزىمۇ رومانتىكىلىق.

ئايالى «كىر سوپۇنى ئالغاچ كېلىڭ» دېگىنىدە، ئەر ئاڭلىماسقا سېلىۋالماستىن «ماقۇل، مەن قاراپ باقاي» دېيىشنىڭ ئۆزىمۇ رومانتىكىلىق.

قارشى تەرەپ خىزمەتتە چارچىغان چاغلىرىدا بىر مىنۇت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىدىغان ئۇچۇر ئەۋەتىشمۇ رومانتىكىلىق.

ئەتىگىنى ئالدىراش ۋاقتىڭىزدا ئايالىڭىز«كېچىدە بەك قورقۇنچلۇق چۈش كۆرۈپتىمەن» دېگىنىدە، شۇنداقلا پەرۋاسىزلا ئۆتكۈزىۋەتمەستىن «كەچتە ئىشتىن قايتقاندا، ماڭا ئالدىرىماي سۆزلەپ بېرىڭ ھە» دېيىشنىڭ ئۆزىمۇ ئەمەلى رومانتىكىلىق.

ئەرئايال ئوتتۇرىسىدىكى رازىمەنلىك شام يورۇتۇلغان ئېسىل رىستورانلاردا غىزالىنىش، دېڭىز ساھىللىرىدا ئارام ئېلىش دەپ چۈشىنىدىغانلار كۆپ بولىشى مۇمكىن. بىراق، ھەقىقى رازىمەنلىك كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كىچىككىچىك ئىشلاردا بىربىرىگە ھەقىقى يۈزلىنىش ئارقىلىق بولىدۇ.

***

 

 

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...