تاماق ئېتىش كىمنىڭ مەسئۇلىيتى؟
رەيھان ئابلەت
دوستلار يېغىلىشىدىن قايتىش يولىدا ئادەملەرگە لىق تولغان ئابتۇبۇستا ئۆرە تۇرۇپ تېلىفۇنۇمدا نېمىلەرنىدۇ كۆرۈۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز ياپونلۇق خوشنامدىن ئۇچۇر كەپ قالدى.
خوشنام ئۇچۇرىدا ئوغلىنىڭ بۈگۈن بىزنىڭكىدە كەچلىك تاماق يېگىنىگە رەھمەت ئېيتىپۇ ھەم ئوغلىنىڭ كەچلىك تاماقنى شۇنداق ماختىغانلىقىنى دەپتۇ.
ئۇچۇرنى كۆرۈپ ئۆزۈمنىڭ سېرىتتىن ئەمدى ئۆيگە قايتۋاتقانلىقىمنى، بۇ مىننەتدارلىقنىڭ بالىلارنىڭ دادىسىغا تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى شوخلۇق بىلەن ئەسكەرتىپ قويدۇم. خوشنام ئەسلىدە ئوخشىغان تاماقلارنى مېنىلا ئېتىدۇ دەپ قالغان چېغى، ھەيرانلىقىنى يوشۇرالمىدى.
Bo`s Theme by Jacob
باشقا دۆلەتلەردە قانداق بىلمەيمەن. بىراق، ياپون مائارىپىدا يەسلىدىن تارتىپ بالىلارغا ( قىز–ئوغۇللارغا) تاماق ئېتىشنى ئۆگىتىدۇ. باشلانغۇچقا چىققاندا قول–ھۈنەرۋەنلىك دەرسىدە قىز–ئوغۇل دەپ ئايرىماستىن تىككۈچىلىكنىمۇ ئۆگىتىدۇ.
شۇڭا، ئۆي تۇتۇپ بالىلىق بولغاندىن كېيىن، پەرزەنت تەربىيەلەش، تاماق ئېتىش دىگەندەك كۆپىنچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان ياپون ئاياللىرى بالىلىرىنىڭ يەسلى، مەكتەپ تەلەپ قىلىدىغان بەزى ئۆزى تىكىپ تەييارلايدىغان تىكمىچىلىك ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن سۆزسىز چىقالايدۇ.
خوش، گېپىمىزگە كەلسەك، ئەسلىدە تاماق ئېتىش، تىككۈچىلىكتىن ئاز–تولاخەۋرى بولۇش دىگەنلەرمۇ بىر بىلىم. مەن ياپون مائارىپىنىڭ بۇ تەرىپىنى ياقتۇرىمەن. ھالبۇكى، بىزنىڭ مۇنداق ھۈنەرلەرنى ئۆگىتىشتىن يېراق مائارىپنىڭ مەھسۇلاتى بولمىش پېقىر بەزىدە مۇشۇ يەسلى، مەكتەپ تاپشۇرغان«تىككۈچىلىك»نىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالماي قېينىلىپ قالىمەن ھەم پۇلغا زورلاپ ھەل قىلىمەن.😅
يۇقارقىدەك مائارىپ تەربىيەسى ئالغان ياپون ئەرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قازان بېشىنى ئېغىر ئالمايدۇ-يۇ، ياپوندەك خىزمەت بېسىمى ئېغىر، ئالدىراش جەمىئەتتە توي قىلغاندىن كېيىن 365 كۈن ۋە ياكى تەڭ تەقسىماتلىق 183كۈندە قازان بېشىدا يۈرەلمەيدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ مۇتلەق ئەمەس، ئايالى ئىشلەپ ئەرلىرى ئائىلىگە، بالا بېقىش، تاماق ئېتىش دىگەندەك ئائىلە ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ « ئائىلىدىكى ئەر» بولىدىغانلارمۇ بار.
تۆۋەندە بۇ يىللىق ھازىرقى ياپون ئەرلىرىنىڭ توي قىلغاندىن كېيىن «ئائىلىدىكى ئەر» بولۇشنى خالاش–خالىماسلىقنى سىتاستىكا قىلغان ئەمەلى جەدىۋەلنى كۆرۈپ باقايلى.
يۇقارقى ئىستاستىكىدىن قىزىقارلىق بولغىنى، توي قىلغان ئەرلەرنىڭ 60 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى «ئائىلىدىكى ئەر» بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دېمەك، ئاياللار بارغانسىرى كۈچلىنىپ، ئەرلەر سېرىتنىڭ، خىزمەتنىڭ بېسىملىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتامدۇ-قانداق؟
قايسى كۈنى توردا ياپوننىڭ مەن ئامراق، مەن بىلەن دەۋىرداش چولپان بېككى بىر نەچچە يىل بۇرۇن توي قىلىپ، ئىككىنجى بالىسىنى يەڭگىگىنىدە، كالتەك توپ ماھىرى يولدىشىنىڭ خىزمىتىنى تاشلاپ «ئائىلىدىكى ئەر» بولۇشنى تاللىغانلىق خەۋىرىنى ئۇچىرىتىپ قالدىم. ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى يېڭى ئاياغلاشقان مەزگىللەردە ئاياللارنىڭ سىرىتتا ئىشلىشىمۇ كۆپلىگەن ياپونلارنىڭ ئىددىيەسىدە«غەلىتىلىك»ھېسابلانغان، ياپون ئاياللىرىنىڭ سىياسى ئىشلارغا ئارلىشىشىمۇ تۇنجى قېتىم 1945-يىلى ئەمەلگە ئاشقان ياپون جەمىيتىىدە بىر ئەسىرگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە توي قىلغان ئەرلەرنىڭ 60 پىرسەنتى ئەتراپىدا ئائىلىدە ئائىلە ئىشلىرى ۋە بالىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشنى، ئايالىنىڭ سىرىتتا ئىشىلىشىنى قوللايدىغانلىقى ھەقىقەتەن بۆسۈش خاراكتىرىلىك ئۆزگىرىش دېيىشكە بولىدۇ.
ياپون جەمىئىيتنىڭ رىئاللىق نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، باللىق بولغاندىن كېيىن ئەر–ئايال ھەر ئىككىسى ئەتىگەندىن تارتىپ كەچ سائەت 6:00-7:00 لەرگىچە ئىشلەپ، ئۆيگە كەلگىچە 8:00-9:00 بولسا ( ياپوندا بىر –ئىككى سائەت يولغا كېتىش نورمال ھېسابلىنىدۇ) ئوتتۇرىدا زىيان تارتىدىغىنى بالا بولىدۇ. شۇڭا، كۆپىنچە ئاپىلار ۋاقىتلىق خىزمەت ياكى ئائىلە ئايالى بولۇشنى تاللايدۇ. ياپوندا«ئائىلە ئايالى» بولۇشنى تۆۋەن كۆرمەيدۇ. ياپون جەمىئەت تۈزۈلمىسى، شارائىتمۇ ھەم بۇنىڭغا ماس كېلىدۇ. كېيىنچە، بۇ ھەقتە تەپسىلى توختىلىمەن.
گېپىمىزگە كەلسەك، مەن تونۇيدىغان ئامېرىكىلىق ئايال تاماق ئېتىدۇ.
ئەنگىليەلىك يېقىن دوستۇم جوۋئەننانىڭ تاماقلىرى شۇنچىلىك ئوخشايدۇ، ھېلىمۇ ھەم ئۇنى سېغىنىشلىرىمنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ ئوخشىغان تامىقىمۇ بار، ئەلۋەتتە.
ياپون ئاياللىرىمۇ ھەم تاماق ئېتىدۇ. ھەتتا، ياپونغا تۇنجى كەلگەن يىلىم مېنىڭ تۇنجى ياپون تىلى ئوقۇتقۇچۇمنىڭ مۇنداق دىگىنى ئېسىمدە: «مەن يولدىشىم بىلەن ئۇرۇشۇپ قالساممۇ، چوقۇم ئوخشىتىپ تاماق ئېتىمەن. چۈنكى، ئۇ ئائىلىنى قامداش، ئەرلىك مەسئۇلىيىتىنى تاشلىمىدى، مەنمۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىمنى ئۆتىشىم كېرەك».
شۇنداق، چوڭ ئاپاممۇ، ئاناممۇ شۇنداق تاماققا ئۇستا قولى تەملىك ئاياللاردىن ئىدى. مەنمۇ ئاياللارنىڭ ئوخشىتىپ تاماق ئېتەلەيدىغان بولىشىنى ئاياللىق نازاكەت ھەم لاتاپەت دەپ بىلىمەن.
ئوخشىتىپ تاماق ئېتىپ سۆيگەنلىرى بىلەن يىيىش بىر خىل بەخىت ھەم ئائىلىگە ئىللىقلىق ھەم گۈزەللىك بېرىدىغان ھوزۇرلۇق ئىش. كۆركەم ھەم تەملىك تاماق ئەمەلىيەتتە بىر گۈزەل سەنئەت.
ۋەتەننىڭ پىروگراممىلىرى ئىچىدە «ئەلچى» پىروگراممىسنى ياقتۇرىمەن. ماھىرەنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى ماھارىتى ۋە تەبىئىيلىكىدىن، دەۋىرداش ئەلىنىڭ سۆزلىرىدىن ھوزۇرلىنىمەن ھەم ھازىرقى ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ مۇھەببەت–نىكاھ، تۇرمۇش، قىممەت قاراشلىرىنى پىروگرامما ئارقىلىق مەلۇم دەرىجىدە بىلىپ تۇرىمەن.
پىروگراممىدا قىزلارنىڭ يىگىتلەردىن تاماق ئېتىش–ئېتەلمەسلىكى بىر مەسىلە سۈپىتىدە سوراشلىرى توي قىلىشتىن بۇرۇن يىگىتلەرگە بۇنى موھىم ئۆلچەم سۈپتىدە ئويلاپ باقمىغان، خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان، ھېلىمۇ ھەم تۇرمۇشۇمدا بۇ جەھەتتە كۆپ باش قاتۇرۇپ باقمىغان مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى.
چۈنكى، مەن دادامنىڭ گەرچە پەرتۇق تاقاپ خېمىر يۇغۇرۇپ، قاچا يۇغىنىنى كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ، ئانام تاماق ئەتسە قورۇما قورۇشۇپ بەرگەن، پولولارنى ئۆز قولى بىلەن دۈملىگىنىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان. ئانامنىڭ ئىشلىگەن كۈنلىرىمۇ دەل چۈشكە ئۈلگۈرتۈپ تەييارقىلىدىغان ئوخشىغان تاماقلىرىنى يەپ چوڭ بولغان. مىھمان كەلسە ئانام قازان بېشىغا، دادام سودا-سېتىق، سىرتىنىڭ ئېغىر-يىنىك ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىشلىرىگە شاھىد بولغان.
ھېلىمۇ ھەم تۇرمۇشۇمدا ئائىلە ئىشلىرىدا سەن قىلمىدىڭ، مەن قىلدىم دەيدىغان بەس قىلىشلار، كۆپ چەك–چېگرالار بولمىغانلىتىنمۇ كۆپىنچە چاغلاردا قازان بېشىنى مېنىڭ ۋەزىپەم دەپ تونۇپ كەلگەن مەن تورلاردا «تاماق ئېتىش يالغۇز قىزلارنىڭلا ۋەزىپىسى ئەمەس، بۇ قىزلارغا ھاقارەت قىلغانلىق» قاتارلىق مەسىللەر كەسكىن دەتالاشقا چۈشكەن مەزگىللەردە بۇ توغۇرلۇق كۆز-قاراشلىرىمنى خاتىرىلەپ قويغان بولساممۇ، دەتالاشلارغا قېتىلغۇم كەلمىگەچ ئېلان قېلىش خۇشياقمىغانىدى. يېقىندا ياقتۇرۇپ ئوقۇغان داڭلىق نىكاھ مۇتەخەسسى جون گوتمەننىڭ «مۇۋەپىقىيەتلىك نىكاھنىڭ يەتتە پىرىنسىپى» ناملىق كىتابىنى ئوقۇۋىتىپ دەل مۇشۇ نوقتا تىلغا ئېلىنغان قۇرلار ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتتى ھەم بۇ يازمامنى كىتاب ئوقۇش تەسىراتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە يوللاپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم. بۇ جەھەتتە جون گوتمەنمۇ مۇنداق دەيدۇ:
مۇھەببەتلىك نىكاھتا ياشاۋاتقان ئەر–خوتۇنلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى قارشى تەرەپكە كۆيۈنۈش، ئائىلە ئىشلىرىغا ئوخشاش پارچە–پۇرات ئىشلاردىن تارتىپ ئۆز–ئارا يارىدەم قىلىدىغان ئەر–خوتۇنلار بولۇپ، «مەن تاماق ئەتسەم، سەن قاچا يۇيىسەن. مەن ئەتىگەنلىك تاماق ئەتسەم، سەن كەچلىكىنى» دېگەندەك تەقسىمات قىلىۋىلىپ ئېنىق سىزىق سىزىۋىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. بىر–بىرىگە كۆيۈنىدىغان يۈرەك بولسىلا قالغانلىرى ئۆزلىكىدىن ھەل بوپ كېتىدۇ.
ئوكېي، ئەمدى دەسلەپكى سۇئالىمىزغا كەلسەك، تاماق ئېتىش زادى كىمنىڭ ۋەزىپىسى؟ ئايالنىىڭمۇ، ئەرنىڭمۇ؟
ھازىرقى بۆيۈك بىرتانىيە مەلكىسى مىگان 11 ياش ۋاقتىدا «ئاياللار ئاشخانىغا تەئەللۇق» مەزمۇنىدىكى ئېلانغا قارشى ھېلارى خانىمغا ئەرز قىلغىنىدەك، فەيسبۇكنىڭ باش باشقۇرغۇچىسى، يازغۇچى شېرل سەندبىرگ ئۆزىنىڭ «Lean in» ناملىق كىتابىدا ھامىلدارلار ئۈچۈن ماشىنا قويۇش مەيدانىمۇ يوقلىقىدىن (ھازىر ئامېرىكىدا قانداق بىلمەيمەن. ياپوندا مەخسۇس ھامىلدارلار ئۈچۈن ماشىنا قويۇش مەيدانى، ئابتۇبۇس-مىتىرولاردا مەخسۇس ئورۇندۇق، ھەتتا، ئاياللار ۋاگونىمۇ بار)، ئاساسلىق ئورۇنلاردا ئاساسلىق ئەرلەرلا خىزمەت قىلىدىغانلقىىدەك ئەر-ئايال باراۋەرسىزلىكىدىن شىكايەت قىلغىنىدەك،مەيلى ئىنسانى باراۋەرلىك ۋە ياكى ئەر-ئايال باراۋەرلىكى بولسۇن بۇ باراۋەرلىكلەرئەڭ تەرەققى قىلغان ئەللەردىمۇ تولۇق ئەمەلگە ئاشمىغان بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيانىڭ بىر چېتىدە ياشاۋاتقان خەلقنىڭ «تاماق ئېتىش پەقەت ئاياللارنىڭلا ۋەزىپىسى ئەمەس!» دەپ ئوتتۇرغا چىقىشى ياخشى ئىش. بىراق، يىگىتلەردىن تاماق ئېتىش-ئىتەلمەسلىكنى توي قىلىشنىڭ شەرتى سۈپىتىدە ئوتتۇرغا تاشلاش سەل ئاشۇرىۋەتكەنلىك.
ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئەھۋالى ئۆزىگە خاس بىر دۇنيا. بەخىتنىڭ فورمۇلاسى مۇقىم بولمىغىندەك، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئىش تەقسىماتى، ئائىلە يۈكىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. تەڭرىمۇ ئەر-ئايالنى ياراتقاندا ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىق ۋە ئالاھىدىلىكتە ياراتقان. ئەر ئەردەك، ئايال ئايالدەك بولغان، ئەڭ موھىمى بىر-بىرىنى سۆيىدىغان، بىر-بىرىگە كۆيۈنىدىغان ئائىلىدە تاماق ئېتىش، ئۆي تازىلاش..دېگەندەك مەسىللەرئۆزلىكىدىن ھەل بولىدىغان كىچىك مەسىللەر، خالاس.
ئىنكاس يازىمەن