تولۇقسىز 2-يىللىقتا ئوقۇيدىغان ئوغۇل كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن قاچىدۇ. مەكتەپكە بارمايدۇ. ئائىلىدە يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن نەرسىلەرنى چىقىش، ۋارقىراش، پىچاق بىلەن ئۆزىنى يارىلاندۇرۇش، ھەتتا ئاتا–ئانىسىنى يارىلاندۇرۇش…دېگەندەك زوراۋانلىقلارنى قىلىدۇ.
بىراق، بىر كۈنى بالىنىڭ ئاغزىدىن ئىختىيارسىز«مەن يۈرىكىمدىكى ئازابنى مۇشۇنداق شەكىلدە چىقارمىسام سىلەر بىلمەيسىلەر! مەن ئاپامنىڭ ئازابلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىۋاتىمەن…» دەيدۇ.
بالا نېمە ئۈچۈن مۇنداق دەيدۇ؟ بالىدىكى زوراۋانلىق قەيەردىن كەلگەن؟
Child`s heart – Corazon de Nino
يېقىندىن بېرى تاكاخاشى كازىمىنىڭ «ئاتا-ئانىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بالا قەلبىدە كېسەللىك بولىدۇ» ناملىق كىتابىنى ئوقۇۋاتىمەن. يۇقارقى تولۇقسىز 2-يىللىقتا ئوقۇيدىغان ئوغۇلنىڭ مەسلىسى رىئاللىقتا ھەقىقەتەن بولغان ۋەقە. مەن بۇ كىتابنى ئوقۇۋىتىپ، پەرزەنت تەربىيەسى بولسۇن ۋە ياكى ئۆزىمىزنىڭ ئۆسۈپ – يېىتلىش جەريانىدىكى مەسىلە بولسۇن ھازىرغا قەدەر دىققەت قىلمىغان يەنە بىرنوقتىنى ھېس قىلماقتىمەن ھەمدە ياپوننىڭ پەرزەنت تەربىيەسى مۇتەخەسسىلىرىنىڭ پىسخولوگىيە جەھەتتىكى بىلىمىگىمۇ قايىل بولىۋاتىمەن.
«بەخىتلىك بالىلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن بالىلارنىڭ ئەتراپىدا ياشاۋاتقانلاربەخىتلىك بولىشى كېرەك» دەپ ئېيتىلغىنىدەك، ئازاب ۋە بەخىتسىزلىك ئىچىدە ياشىغان، ياشاش ئۇسۇلىدا مەلۇم مەسىلە بار ئاتا-ئانىلارنىڭ روھىيتىدىكى بۇ بوشلۇق بالىلارغا تەسىر قىلىدىكەن ھەمدە بالىلار ئاتا-ئانىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن روھى جەھەتتە مەسىلە پەيدا قىلىدىكەن.
بالىلاردىكى چۈشكۈنلۈك، كېچىدە سېيىپ قويۇش، چاچ چۈشۈش، ھەتتا ئاستا خاراكتىرىلىك قورساق ئاغرىقى…قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاتا-ئانىلارنىڭ «يۈرىكىدىكى زىددىيەت» دىن بولىدىكەن.
يەنى بالىلار بالىلىق دەۋرىدە پۈتۈنلەي ئاتا-ئانىنىڭ ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆرنەك قىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر بۇ مەزگىلدە ئاتا-ئانىلار روھى ۋە تۇرمۇش جەھەتتە ئېغىر كۈنلەردە ياشىغان بولسا، بالىدىمۇ مەسىلە پەيدا بولىدىكەن ھەم بۇ مەسىلە ياشلىق مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىكەن.
ئۇنداقتا، بىز ئوغۇلدىكى مەسىلىنىڭ نېگىزىنىڭ قەيەردە ئېكەنلىكىنى تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى.
***
ئادەم قەلبىنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدا، ئۆسۈپ–يېتىلىش جەريانىدا قۇلۇپلىۋىتىلگەن يەنە بىر قەلب يوشۇرۇنغان بولىدۇ.
تاكاخاشى كازىمى
ئوغۇلنىڭ ئاپىسىنىڭ بالىلىق دەۋرى ئاتا–ئانىسىغا كۆپ تايانمىغان، ھەممە ئىشنى ئۆزى قىلالايدىغان«ياخشى بالا» بولۇش بولغان. شۇڭا بۇ ئاپىنىڭ نەزىرىدە «ياخشى بالا بولۇش دېگەنلىك ھەممە ئىشىنى ئۆزى قىلالايدىغان بولۇش، ئاتا-ئانىغا تايانماسلىق» دېگەنلىك بولۇپ كەلگەن. كېچىكىدىن تارتىپ ھەممە ئىشنى ئۆزى يالغۇز ھەل قىلىشقا كۆنگەن ھەمدە مۇشۇنداق قىلىشقا چىداپ كەلگەن ئاپا ئاڭسىز ھالدا ئوغلىدىنمۇ مۇشۇنداق بولۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن.
ھالبۇكى، ئوغۇل ئاپىسىغا ئەركىلىگەن، ئاپىسىغا تايانماقچى بولغىنىدا، ئانا ئوغلىنىڭ بۇ ئەركىلەشلىرىنى قوبۇل قىلالمىغان، بىئارام بولغان. ئوغلى ئۆزىنىڭ بۇ بالىلىق مۇھەببىتىنى، ھېس–تۇيغۇلىرىنى باستۇرۇپ، ئاپىسىغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلگەن.
ئوغۇل ئىددىيە جەھەتتىنمۇ مۇستەقىل بولۇش جەريانى بولغان بالاغەت يېشىغا يەتكەندە، ئەسلىدىكى ئاپىسىنى خۇش قىلىشقا تىرىشىپ كەلگەن «بالا »بىلەن ئۆزىگە خاس مۇستەقىل ئادەم بولۇش يېشىدىكى «يىگىت» ئوتتۇرىسىدا زىىددىيەت كۆرۈلگەن ۋە مۇشۇنداق بىنورمال شەكىلدە پارتىلاپ چىققان.
ئەگەر بالىنىڭ ئاتا–ئانىسى ئۈچۈن قىلغانلىرى قانچە كۆپ بولۇپ، ئاتا–ئانا بالىنىڭ قىلغانلىرىنى ھېس قىلمىغانسىرى، بىلمىگەنسىرى بالىدا مەسىلە كۆرۈلىدۇ ۋە بالىدىكى زوراۋانلىقمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.
يۇقارقى بالىدىكى ئاچچىقنىڭ مەنبەسى، بالىنىڭ ئۇزۇندىن بىرى سەبىر قىلىپ كەلگەنلىكىدىن، ئىچكى تۇيغۇلىرىنىڭ ئاتا–ئانىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ كەلگىنىدىن، ئۆزىنىڭ ئاپىسى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشلىرىنى ئاپىسىنىڭ چۈشەنمىگەنلىكىدىن بولغان.
***
بالىنىڭ ئاتا–ئانىغا، ئاتا–ئانىنىڭ بالىغا تايىنىشى، بىر–بىرىگە يار–يۆلەك بولىشى ناھايتى نورمال، ھەتتا تېگىشلىك ئىش.
ئەگەر بۇ خىل تايىنىش بولمىغىنىدا ياكى تاينىش تاق يۆلىنىشلىكلا بوپ قالغىنىدا بۇ بالىغا نىسبەتەن ئازاب بولىدۇ.
ئانا بالىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى كۆرگىنىدەك، ھەر قانداق بالىمۇ ئانىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاتا–ئانىنىڭ كۈتكىنىدىن چىقىشقا، ئۇلارنىڭ تەلەپ قىلغىنىدەك «ياخشى بالا» بولۇشقا تىرىشىدۇ. شۇنداقلا بالا تەبىئى ھالدا ئانىنىڭ كۆڭلىنى سىزىش ئىقتىدارىغا ئېگە بولىدۇ.
ئاتا–ئانا ئۆز قەلبىنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدىكى يوشۇرۇن ئازابلىرىنى تونۇپ يەتكىنىدە، قۇلۇپلانغان قەلبلەر ئېچىلغىنىدا، بالىدىكى «قەلب كېسىلى» ئۆزلىكىدىن يوقىلىدۇ. چۈنكى، ئاتا–ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدا قارشى تەرەپتىكى ئۆزگىرىشنى بىلەلەيدىغان بىۋاستە سىزىم بولىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، يۇقارقى ۋەقەلىكتىكى ئوغۇلنىڭ ئاپىسى تاكاخاشى ئەپەندىنىڭ تۈرتكىسىدە بالىلىقىدىكى«ئۆزۈم يالغۇز ھەممىنى قىلالايمەن» دەپ غەيرەت قىلىشلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە قەلبىنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدىكى ئەڭ چوڭ ئازاب ئېكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. ئاپىسىدىكى بۇ ئۆزگىرىشنى ئوغۇل بىۋاستە ھېس قىلالايدۇ ھەم زوراۋانلىقى ئۆزلىكىدىن توختاپ قالىدۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن مەكتەپكە بارىدىغان بولىدۇ.
خۇلاسە–كالام شۇكى: بالاغەت مەزگىلى بالىلارنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ كرىزىس دەۋرى بولۇپ، ئۆز نۆۋىتىدە بۇ مەزگىل ئاتا– ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭمۇ كىرزىسلەرگە تولغان مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى، بۇ كرىزىستىن ھالقىش جەريانىدا، يالغۇز بالىلارلا ئەمەس ئاتا–ئانىلارمۇ ئۆزلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.
思春期は子供にとって人生最大の危機であるが、それは同時に親子関係の危機でもある。しかしその危機を脱する過程で、子供だけではなく、親も変わる好機がおとずれる。
يۇقارقى رىئاللىقتىكى مەسىلە ۋە ئاخىرىقى جۈملە خۇددى بىزدىكى «بالا ئاتا-ئانىنىڭ مەنىۋىيتىنى تازىلايدىغان سوپۇنغا ئوخشايدۇ» دېيىلگىنىدەك، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەش جەريانىدا ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنى تەربىيلەيدۇ. بالىنىڭ بالاغەت مەزگىلىدە كۆرۈلگەن مەسىللىرى ئاتا-ئانىنىڭ ھازىرغا قەدەر ياشاپ كەلگەن ياشاش ئەندىزسىدىكى مەخپى شىپىرنى قايتا تەھلىل قىلىش، ئۆزىنى قايتا تونۇپ يېتىش، مەنىۋىيتىدىكى نۇقسانلارنى تۈزىتىپ تېخىمۇ ئۆسۈپ-يېتىلىش پۇرسىتى ھېسابلىنىدۇ.
****************
تاكاخاشى كازىمىنىڭ «بالا ئاتا-ئانىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قەلبىدە كىسەللىك بولىدۇ» ناملىق كىتابىنى ئوقۇش جەرياندىكى تەسىراتلار
تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت
#Reyhan##高橋和巳#
ئىنكاس يازىمەن