خالىدە ئىسرائىل ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى

860 قېتىم ئوقۇلدى

 

بىر قوۋمدا ھەممە ئادەم مەنپەئەتنىڭ قۇلى، «نان كۈچۈكى» بولۇپ كەتسە، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ۋە زىيىنىنى ئەۋلادلار تارتىدۇ.

                   – «ئالتۇن كەش» رومانىدىن

 

ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلاردا ئايال يازغۇچىلاردىن خالىدە ئىسرائىل خانىمنىڭ ھېكايەپوۋىستلىرىنى كۆپرەك ئوقۇيتتىم. 2016-يىلى خالىدە ئىسرائىل خانىمنىڭ «ئالتۇن كەش» رومانىنى ئوقۇۋىتىپ، يازغۇچىنىڭ قەلىمنىڭ ھالاللىقىغا ئاپىرىن ئوقۇغانىدى.

خۇددى ئۆتمۈشنىڭ شۇ ئېچىنىشلىق پاجىئەلىرىنىڭ شاھىدى بولىۋاتقاندەك، بۈگۈننىڭ ئۆكسۈشلىرىدىمۇ ياشاۋاتقاندەك، ئىزدىنىش رومانىنىڭ يەنە بىر يىڭىچە نۇسقىسىنى ئوقۇۋاتقاندەك، ئانا يۇرت رومانىنىڭ بىر پارچىسىنى ئەسكە سالغاندەك….قىسقىسى، ئۇيغۇر رومانچىلىقىدىكى يەنە بىر كاتتا ئەسەردىن بىر تەرەپتىن  ئاجايىپ  ھوزۇرلانسام، يەنە بىر تەرەپتىن قەلبىم يىغلاپ تۇرۇپ  ئوقۇپ چىققانىدىم. ئەپسۇس، ئۇ چاغلاردا تۈزۈكبىر خاتىرە قالدۇرۇپ قويماپتىمەن.

ئۆتكەن يىلى يازغۇچىنىڭ «كەچمىش» رومانىنىمۇ ئاشۇنداق زوق ۋە قايىللىق، ئازاب ئىچىدە ئوقۇپ تۈگەتتىم. يېقىندا ئاڭلاپ چىققان خالىدە ئىسرائىل خانىمنىڭ «قۇملۇقنىڭ چۈشى» نامىلىق ئەسەرلەر توپلىمىدىن خاتىرە قالدۇرۇپ قويماقچى بولۇپ، ئاپتۇرنىڭ تەرجىمھالىنى ئىزلەپ «ئالتۇن كەش» رومانىنى قايتا قولۇمغا ئەپ قالدىم. ئەپسۇس، باش بەتتە ئاپتۇرنىڭ تەرجىمھالىمۇ يوق، تورلاردىمۇ تۈزۈك يوق بوپ چىقتى.

يۇقارقى ئىزدىنىشىمدىن خەۋەر تاپقان دوستلار ماڭا  خانىمنىڭ ئۆزىدە بار تەرجىمھالىنى ئەۋەتىپ بەردى. ئۇ دوستلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن ھەم خانىمنىڭ ھاياتىنى بىلوگىمدىمۇ خاتىرىلەپ قويماقچىمەن.

يازغۇچىنىڭ توردىن تېپىلغان بىردىنبىر سۈرىتى

 

كۆركەم تەڭرى تاغلىرى-مەۋلان

 

يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل ھەققىدە

 

ئۇيغۇر خەلقنىڭ تالانتلىق يازغۇچىسى خالىدە ئىسرائىل 1952-يىلى 10-ئايدا قەشقەردە تۇغۇلغان. ئانىسىنىڭ خىزمىتىنىڭ يۆتكىلىپ تۇرۇشى سەۋەبلىك خالىدە ئىسرائىلنىڭ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرى ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەرلەردە ئۆتكەن. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا «خوتەن گېزىتى» دە مەلۇم مەزگىل ئىشلىگەن. 20 ياشلىق خالىدە 1972-يىلى 9-ئايدا مەركىزى مىللەتلەر ئونۋىرستىتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 1975-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ، 2007-يىلى پىنسىيە يېشىغا يەتكەنگە قەدەر «شىنجاڭ گېزىتى» ئۇيغۇر بۆلۈمىدە مۇھەررىر، ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى بولۇپ، پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن.

خالىدە ئىسرائىل خانىم 33 يېىشدا تۇنجى ئىجادىيەتكە كىرىشكەن بولۇپ، 1985- يىلى «ئېھ، ھايات» ناملىق تۇنجى ھېكايىسى بىلەن قەلەم ھاياتى باشلانغان.  شۇنىڭدىن كېيىن، خالىدە ئىسرائىل «ئانا»، «ئويغىنىش»، «ئەڭ گۈزەل خاتىرە»، «ھاڭگىرىت كۆلى»، «ئوربىتا»، «ھەۋزىخان» ، «ئۇ  كۆزلەر»،«باھار تىۋىشى» قاتارلىق ھېكايە-پوۋىستلارنى ئېلان قىلدى. خالىدە ئىسرائىل خانىمنىڭ «كەچمىش»، «ئالتۇن كەش» قاتارلىق رومانلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈرەك تارىنى چەككەن،تەسىر   قوزغىغان  ۋەكىل خاراكتىرىلىك ئەسەرلىرى بولۇپ، بۇ رومانلارنى ئوقۇسا ئۇيغۇر تىلىنىڭ گۈزەللىكى، رىۋايەت، تارىخ، رىئاللىق بىرلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇر رومانچىلىقىدىكى گۈزەل، ئۆزگىچە ئۇسلۇب، ئايال قەلبىنىڭ نازۇك، سىرلىقلىقى، ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خورلۇقلىرى-پاجىئەلىرى، ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكلىرى بىرلەشكەن بۇ ئەسەرلەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا رەڭدارلىق ۋە ئۆزگىچىلىك بېغىشلىغان.

ئەسكەرتمە: خالىدە ئىسرائىل خانىمنىڭ ئاساسلىق ھاياتى خاتىرىسى «قەشقەر مەجمۇئەسى»نىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى قىسمدىن ئېلىندى.

 

 

خالىدە ئىسرائىل ئەسەرلىرى

 

ئەدەبىيات دېگەن نېمە ؟
ئۇ قاغجىرىغان، بوغۇلغان روھنىڭ يالىڭاچلانغان ئازابى، تىركىشىشى.
ھاياتلىق -ئۆلۈم ھەققىدىكى مەڭگۈلۈك ھېس -تۇيغۇ.
ئۇ -قان تامچىلاپ تۇرغان يۈرەك.
كىرىستالدەك سۈزۈك قەلب.

«كەچمىش» رومانىدىن

 

***

خالىدە ئىسرائىل خانىمنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ھاياتى، مۇھەببىتى، ھەتتا، ئائىلە ئىچىدىكى خورلۇقلىرى، مۇھەببىتىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشلىرى كۆرۈنەرلىك گەۋدلەنگەن بولۇپ،  ئۇنىڭ تۇنجى ئىجادىيەت ئەسىرى «ئىھ، ھايات»ناملىق ھېكايىسى ئۆتكەن ئايدا ئاڭلاپ تۈگەتكەن «قۇملۇقنىڭ چۈشى» ناملىق ئەسەرلەر توپلىمىدىكى تۇنجى ئەسەر بولۇپ، بۇ ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ تەبىئەت مەنزىرىسى، يۇلغۇن چىچەكلىرى، قەدىمى رىۋايەتلەرنى سۆزلەيدىغان، قەدىمى ئادەملىرىمىزگە ئوخشايدىغان يېشىل كۆزلۈك ساپ ئۇيغۇر تۇراخۇن بوۋاي بىزگە ئەسلى كىملىكىمىز، يىلتىزىمىزنى ئەسكەرتىدۇ، سېغىندۇرىدۇ.

ئەسەردىكى ئاياللارنىڭ پاراڭلىرى، ئازابلىرى، ئۇيغۇر جەمئېيتىنىڭ مەلۇم تۇرمۇش كارتىنىسى بىزنى ئويلاندۇراتتى. گۈزەل ئايال گۈلچىھرەنىڭ تۇرمۇشتىكى پاجىئەسى كىشىگە تۈركىيەنىڭ «فاتىمە» ناملىق فىلىمىنى ئەسلىتىدۇ. گۈزەل گۈلچىھرە ئالدى بىلەن يولدىشى، ھاممىسىنىڭ يولدىشى، باشلىقى..قاتارلىق ئەرلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدۇ. يۈرەك پارىسى بالىسىنى يوقىتىدۇ. غەزەپتىن ئەرلەردىن ئۆچ ئالماقچى بولىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە قاسىم دوختۇرنى ئۇچىرىتىدۇ. ئۇنىڭ ئەرلەرنىڭ پەسكەشلىكىدىن قاتقان يۈرىكىنى ئىللىتەلىگەن، ئەرلەرگە، ھاياتقا بولغان نەپرىتىنى بىتجىت قىلالىغان ئەرنى ئۇچىرىتىدۇ. ئۇ قايتىدىن يېڭى ھاياتقا ئېرىشىدۇ، بۇ ئەر بىلەن بىرلىكتە مۇھەببەتكە، بەخىتكە قايتىدۇ.

ئايال-مۇھەببەتتۇر،ئايال-گۈزەللىكتۇر،

ئايال-ئادالەتسىزلىك، رەھىمسىزلىك، پەسكەشلىك ئۈستىدىن ئىسيان كۆتۈرگۈچىدۇر.

ئۇ ئۆزىدىكى مۇھەببەت، گۈزەللىك، پاكلىق دەپسەندە قېلىنغىنىدا ھەممىنى ۋەيران قىلالىغۇدەك قۇدىرەت دېمەكتۇر.

***

«ھاڭگىرىت كۆلى» ناملىق ھېكايىسىدىمۇ ئاياللارنىڭ ساددا، مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىدىغان زىيادە پىداكارلىقى، زىيادە يۇمشاق كۆڭۈللۈكى ۋە  ئاقىۋەتتە بۇ زىيادىلىكلەرنىڭ ئۇلارنىڭ پاجىئەسىنىڭ سەۋەبى بولۇپ قالغانلىقىدەك ۋەقەلىك سۆزلەنگەن.

يەنى، قىز بالىلىقىدا ھاڭگىرىت كۆلىدە بىللە ئوينىغان  ئوغۇلنى يىگىتلىك چاغلىرىدا  تاسادىبى ئۇچىرىتپ قالىدۇ. ئىككىسى ئىككى يەردە بىر مەزگىل ئالاقە قىلىدۇ. قىز ئانىسىنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن ئۆزى قىلچە سۆيمەيدىغان ئەرگە ياتلىق بولىدۇ. توي قىلىپ، بالىلىق بولۇپ يېشى 40 قا بارغاندا، ئاندىن بالىلقىدىن تارتىپ ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە  ئائىلىسى، جامائەت پىكىرىگە قارىماستىن ھەببىتىنى ئىزھار قىلغىنىدا ئەرنىڭ «ئوتتۇرىمىزدا ھېچ ئىش بولمىغان ھەم ھېچ ئىش بولىشى مۇمكىن ئەمەس!» دېگەندەك نەزەرسىز سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بىھۇدە ياشىغان ھاياتىغا، ئەرزىمەس ئادەمگە بېغىشلانغان مۇھەببىتىگە ئېچىنغان ھەم بۇ ھايات بىلەن خوشلاشماقچى بولغان.

ئەسكەرتىش: ھاڭگىتنىڭ ئەسلى ئاتىلىشى ھاڭغىت بولۇپ، قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا ئاڭىت دېيىلىدۇ. ئۆدەككە ئوخشاپ كېتىدىغان  قۇشنىڭ نامى.

***

ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلاردا ئېيتاۋۇر«تارىم» ژورنىلىدىن ئوقۇغان «ھەۋزىخان»ناملىق پوۋىستىنى قايتا ئاڭلاۋىتىپ، تۇرمۇشقا يېقىن ئەسەرلىرىدىكى ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى ئەخلاق ئېڭى مېنى قايتىدىن ئويلاندۇردى. ئەجىبا، ئۇ چاغلاردىكى ئەركەكلەردە  دادىسى، ئاكىلىرى باربىر قىزنىڭ  ئۆيىگە كېچىدە تۈڭلۈكتىن سەكرەپ چۈشۈپ، قىزنىڭ ھوجۇرىسىغا كىرگۈدەك قانداق يۈرەك، قانداق  ئىشىق سەۋداسى بولغىيتتى؟!

دادىسى، ئاكىلىرىدىن، ھەتتا ھەممىنى بىلگۈچى زاتتىن ئەيمەنمەنمەستىن، تېخى نىكاھلانمىغان، تۈڭلۈكتىن چۈشكەن ئەرنى ئۆيدە قوندۇرغۇدەك قىزئاياللاردىكى قانداق ھاياسىزلىق بولغىيتتى؟!

ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك دوستىنىڭ ئېرىغا قارا سانايدىغان قانداق قارا يۈرەك ئايال، ئايالىنىڭ ئۆمۈرلۈك دوستى بىلەن تېپىشىۋالىدىغان قانداق ئەقىلسىز ئەر بولغىيتتى؟

ھەۋزىخاننىڭ پاجىئەسىگە ئوخشاش بۇ بىر يۈرۈش ئەسەرلەردىكى قىزئاياللارنىڭ پاجىئەسى، ھەتتا كۆپلىگەن ئەسەرلەرگە ئورتاق بولغان نىكاھتىن سىرىت مۇھەببەت، بەخىتسىز نىكاھ، ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى بۇزۇقچىلىقلار ۋە قاراڭغۇچىلىقلارمېنى بىئارام قىلىپ، بۇ كىتابنى ئاڭلاشنى ئوتتۇرىدا توختىتىپمۇ قويغان بولدۇميۇ، بىر ئىشنى باشلىسام ئاخىرىغىچە قىلىدىغان ئەسكى خۇيۇم بىلەن ئاخىرىغىچە ئاڭلاپ تۈگەتتىم.

ئەڭ ئاخىرىقى ھېكايىنى ئاڭلاۋىتىپ ھېكايە قۇرۇلمىسى، ۋەقەلىكنى شۇنچىلىك ئۇستىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرغان، ھېلىقى خىيالى بويتاقنىڭ پەقەت ئەسەر ئارقىلىق يوشۇرۇن كۆيگەن، شۇنچە قىززىققان يازغۇچىنىڭ كىم بولۇش تېپىشمىقىنىڭ نەتىجىسىنىڭ  20 ياشلىق گۈزەل قىزچاق بولماستىن، 20 ياشلىق ئوغۇل بولۇپ چىقىىشىدىن خالىدە خانىمنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىگە يەنە بىر قېتىم ئاپىرىن ئېيتتىم.

كىتابنى ئاڭلاش جەريانىدا تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشقانلىرىم

يەنە بىر نوقتىدىن ئېيتقاندا، 2016-يىلى «ئالتۇن كەش» رومانىنى ئوقىۋىتىپ، ئەينى يىللاردا شۇنچىلىك قوغلىشىپ توي قىلغان، ھاياتنىڭ ئەڭ ئېغىر كۈنلىرىدە ھەمنەپەس بولۇشقان ھەدىيەنىڭ يولدىشىنىڭ باشقا بىر ئايالنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىدا، ھەدىيەنىڭ، يەنى ئاپتۇرى بولغان خالىدە خانىمنىڭ نىكاھتىن سىرىتقى مۇھەببەتنى يەنە ئايلىنىپ كېلىپ ئايالنىڭ مەلۇم دەرىجىدە كەتكۈزىۋەتكەن تەرەپلىرى سەۋەبىدىن دەپ يەكۈنلىشى قەلبىمدە ئىسيان پەيدا قىلغانىدى.

ھالبۇكى، خالىدە ئىسرائىل خانىمنىڭ «قۇملۇقنىڭ چۈشى» ناملىق بۇ بىر يۈرۈش ئەسەرلىرىدىمۇ ئوخشاش ئىدىيە ئىپادىلەنگەن. نىكاھتىن سىرىت مۇھەببەتنى يەنە «پاك، گۈزەل» دەپ تەسۋىرلىگەن. نىكاھ «بەخىتسىز، مۇھەببەتسىز» ئادەملەرنى بوغۇنلايدىغان قەپەسكە ئايلىنىپ قالغان. ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى نىكاھنىڭ كۆپىنچىسى قەدىرسىز تەسىربەرگەن.

ياق، مەن بۇ يەردە ھەرگىزمۇ خالىدە ئىسرائىل خانىمنىڭ ئەسەرلىرىنى تەنقىد قىلماقچى، ئوبزور يازماقچى ئەمەس! ئۆزۈم بايقىغان بەزى نوقتىلارنى قەلەم ئېگىلىرىنىڭ، ئالدىن كۆرەر زىيالىيلارنىڭ باشقىچە نوقتىدىن شەرھىيلەپ بېقىشىنى تەشەببۇس قىلماقچى، خالاس!

شۇنىڭ بىلەن جون گوتمەننىڭ « مۇۋەپىقىيەتلىك نىكاھنىڭ يەتتە شەرتى» ناملىق كىتابىدىكى بەخىتلىك نىكاھ  ۋە نىكاھ  مەسىللىرىنى شۇنداق ئىلمى نوقتىدىن شەرھىيلىگەن بەزى نوقتىلار ئارقىلىق تەھلىل قىلىپ كۆردۈم. ئالدىنقى يازمامدا  تىلغا ئالغىنىمدەك جەمئيتىمىزنىڭ مۇھەببەت-نىكاھ قاراشلىرىدا، يازغۇچىلىرىمىزنىڭ قەلىمىدە جون گوتمەن ئېيتقاندەك ھوللىۋۇدنىڭ كىنولىرىلا ئەمەس، ئاننا كارېنىنا رومانىدەك مۇھەببەت رومانلىرىنىڭ تەسىرىنىمۇ يوق دېيىشكە بولمايدۇ.

يېغىپ ئېيتقاندا، خالىدە ئىسرائىل خانىم مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ، خالىدە خانىمنىڭ قەلىمىدە  جەمىئتىمىزنىڭ قاراڭغۇ پۇشقاقلىرىدىكى قىز-ئاياللارنىڭ خورلۇقلىرى، دەرت-ئەلىمى شىكايەت قىلىنىغان.  بىز ئوچۇق-ئاشكارە تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىمىزنى تارتىدىغان پەسكەشلىك ۋە بۇزۇقچىلىقلار قامچىلانغان. خەلقنىڭ ئېغىزغا چىقىرالمايدىغان ئاھ-پەريادلىرى يېنىك ھېكايە، رىۋايەت شەكلىدە ئېچىپ تاشلانغان.

خالىدە خانىمنىڭ ھەق قەلىمى ئارقىلىق خانىمىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ قانچىلىك تۇيغۇن، نەقەدەر مۇھەببەتلىك، ھەققانىيەتكە تولغان، ئويغاق بىر قەلب ئېگىسى ئېكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.

ئاخىرىدا خالىدە ئىسرائىل خانىمنىڭ ھاياتىغا بەرىكەت، تېنىگە سالامەتلىك، قەلىمىگە پەرۋاز تىلەيمەن!

*******************

رەيھان ئابلەت

2021.12.03

تارقىتىڭ...
  1. مەنمۇ ئىلگىرى ئۇيغۇرچە رومانلارنى سۈيۈپ ئوقۇيتۇم،نەچچە يىل بۇرۇن بىر قاتار ئۇيغۇرچە رومانلارنى ئەكەلتۈرۈپ شۇنداق ھاياجانغا تولغان ئىدىم،ئەپسۇس…
    سىز دىگەندەك ھەممىسىدە دىگىدەك نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەت،بۇزۇقچىلىقلار…
    بۇرۇن بەك دىققەت قىلماي دوگما ھالەتتە ئوقۇغان بولسام كىرەك،
    بىزدىكى ئەخلاق قارىشىدا ئۇنداق ئىشلار قۇبۇل قىلىنمايتىغۇ،ئەجىبا شۇنداق جىق بولغىيمىتى دەپ ئويلاپ قالدىم،ئالغىنىمغا چۇشلۇق راس گەپنى قىلسام ئوقۇغۇم كەلمەي ھەممىسىنى تاشلاپ قويدۇم.
    لىكىن سىز ئېيىتقاندەك خالىدە ئىسراىل خانىمنىڭ يېزىش ئۇسلۇبى،شۇ تارىخى ئارقا كورۈنۈشنى ئەكىس ئەتتۈرىشى،شۇ زاماندىكى تۇرمۇش ئادەتلىرى،مەدىنيەتنى قالدۇرۇش ئۈچۈن جىق نوقتىكاردىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ تەسۋىرلەشلىرىگە تولىمۇ قول قويىمەن ۋە ھۆرمەتلەيمەن.

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

خالىدە

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى