بۈگۈن ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرغىنىمدا پۇتلىرىم، ئۈگە-ئۈگىلىرىم ئاغرىپ مېڭىشمۇ بىر گەپ بولدى. نېمىگە شۇنچىۋالا چارچىغان بولغىيتتىم؟ ھە-راست، تۈنۈگۈنكى تاغدىن چۈشكەندىكى تىك تاغ يولى…دېمىگەن بىلەن راسمى تاغقا چىققاندەك بوپتۇق. تۈنۈگۈن قېيىن تۇيۇلغان، ھەتتا، بەزى پىستەكلەرنى يىغلاتقان بۇ تىك تاغ يولىدىن پىيادە مېڭىپ چۈشۈش پائالىيىتىمىزنىڭ بالىلارنى ھەم ئۆزىمىزنى چىنىقتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى بۆلىكى بولغاندەك تۇراتتى. مەن بىلوگىمدا تۇنجى قېتىم توكيودىكى بۇ گورۇپپىمىزنىڭ بۇ قېتىملىق پائالىيىتى توغۇرلۇق خاتىرە قالدۇرۇپ قوياي.
Shos Lament Instrumental
2021-يىلى 28-نويابىر، يەكشەنبە
كۈتكىنىمىزدىنمۇ ئارتۇق ئاسمان شۇنچىلىك سۈزۈك كۆك رەڭدە، قۇياش پارلاپ تۇرغان گۈزەل بىر كۈن بولدى.
كېلىشكىنىمىز بويىچە يەكشەنبە 6:30 بىلەن ئورنىمىزدىن تۇردۇق. مەن شەخسى تەييارلىقىمنى تۈركەنئاي ئونىگرى تەييارلاپ پۈتتۈردى. 8:30 دىن ئاشقاندا ئۆيدىن چىقتۇق. بۇ تاغ بىزگە بەك يېراق ھېسابلانمايدىغان بولۇپ، ئۆيدىن ھېسابلىغاندا 1:30 سائەتلەر كېتەتتى.
لېكىن، پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى مەن بولغاچ بالدۇراق بېرىپ «ئەتراپتىكى سودا دۇككانلىرىدىن بالىلارغا بىرەر نەرسە تەييارلاش كېرەكمۇ–قانداق؟»، «پائالىيەتنى قەيەردىن باشلاش كېرەك؟» دېگەنلەرنى ئويلاشماقچى بولدۇم.
بىكەتكە كېلىپ بىر ئىستاكان قەھۋە بىلەن ئېنىرگىيە تولۇقلىۋالماقچى بولۇپ، قەھۋەخانىدا ئازراق توختاپ مىتىروغا چىقتۇق.
تۈركەنئاي يېقىنقى دەل مۇشۇ كېيئو لىنىيەسىدە يۈز بەرگەن ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنى ئاڭلىغان بولغاچ مىتىروغا چىقىشتىن قورقتى. بالىلار ئادەتتە كۆپ مىتىروغا ئولتۇرمىغاچ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىنقى «مىتىرو ۋەقەلىرى» سەۋەبلىك بالىنىڭ قورقۇشىنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولاتتى. يولدا كىتاب ئوقۇپ مېڭىشنى پىلان قىلغان بالىلار كىتابىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقتىن، ئانچە-مۇنچە كىتاب ئوقۇۋالغان ئادەم مەن بولدۇم. بالىلار يولدىكى مەنزىرىلەردىن، يېراقتا كۆرۈنگەن فۇجى تېغىدىن ھوزۇرلىنىپ بولغىچە بىردەمدىلا كەپقالغاندەك بولدۇق.
11:00 دە يېغىلىپ بولماقچى بولغانىدۇق. ئالدى–ئارقا بولۇپ، «ئۇچار ئورۇندۇق» نىڭ بىلىتىنى ئېلىشقا تەرەددۇت قىلغۇچە 12:00 لەر بوپقالدى. (رىفتونى مۇشۇنداق تەرجىمە قىلىۋەتتىمغۇ) ئالدى بىلەن ئۇچار ئورۇندۇق ئارقىلىق تاغقا چىقتۇق. 12 مىنۇتلۇق بۇ قىسقا سەپەر بالىلار ئۈچۈنمۇ، بىز ئۈچۈنمۇ سەپەردىكى ئەڭ كۆڭۈللۈك ئىشتىن بىرى بوپقالدى. تاغ مەنزىرسىدىن ئۇچار ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ھوزۇرلىنىش ھەقىقەتەنمۇ كۆڭۈللۈك ئىدى.
ئىستەمى بەك كىچىك چاغلىرىدا چىققىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تۇنجى قېتىم چىقىشى بولسىمۇ قەتئىي قورقمىدى. ئەكسىچە، دوستى ئەلزات بىلەن چىقالمىغىنىغا ئەپسۇسلاندى. (ئۇنى تېخى كىچىك دەپ ئۆزۈم بىلەن ئولتۇرغۇزغانىدىم).
تاغقا چىقىپلا چىرايلىق تەبىئەتتىن، ساپ ھاۋادىن كۆڭلىمىز ئېچىلىپلا قالدى. بالىلار ھەش–پەش دېگۈچە ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، قاچىلىرىنى ئېچىپ چۈشلۈك تاماقلىرىنى يىيىشكە باشلىدى. چوڭلارمۇ شۇ يەردە ئانچە–مۇنچە قورسىقىمىزنى ئەستەرلەپ مېڭىشقا باشلىدۇق ھەم چىرايلىق بىر يەرگە كەلگەندە، رەسىمنى شۇ يەردە سىزىش ئۈچۈن توختىدۇق.
ئىستەمى بىلەن ئەلزاتلار يامىشىدىغان بىر تامنى تېپىۋىلىپ مايمۇندەك يامىشىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ ھەممىسى يامىشىپ ئۆتۈپ–كەچكەن ياپونلار توختاپ كۆرىدىغان، ياپونلارنىڭ بالىلىرىمۇ يامىشىدىغان «مايمۇنزارلىق»قا ئايلىنىپ قالدى. بولۇپمۇ ھېچنىمدىن قورقمايدىغان ئىستەمى چوققىسىغا چىقىۋىلىپ، مېنى ۋارقىرىتىپ خېلى ھاردۇردى.
بالىلار رەسىملىرىنى سىزىپ بولۇشى ئۈچۈن ئالدى–كەينى بولۇپ ئىككى سائەتلەردەك ۋاقىت شۇ يەردىلا كېتىپ قالدى. بالىلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپى بىلەن «مايمۇنلار باغچىسى» غا ئەكىرمەكچى بولدۇق.
ئوسمانجان دادىسى بالىلارغا باش بولۇپ ئوينىتىپ چىققىنىدا بالىلار شۇنچىلىك خۇشال بولۇپ قايتىپ كېلىشكەندى. ئۇلار قايتىپ كەلگۈچە 4:00 لەر بولۇپ، تاغ ھاۋاسى بىردەمدىلا سوۋۇپ توڭلاپ–تىتىرەشكە باشلىدۇق. ئەمدى پىلانىمىز بويىچە تەييارلارنغان يوپۇرماقلاردىن سەنئەت ياساشقا ۋاقىت قالمىغانىدى.
تاغدىن چۈشكىچە يەنە ئۇچار ئورۇندۇققا ئولتۇرماقچى بولغىنىمىزدا ئۆچرەتتىلا 45 مىنۇت كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، تاغدىن مېڭىپ چۈشمەكچى بولدۇق.
بارغانسىرى قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى. يول ھەقىقەتەن تىك دۆڭلۈكلەر ئىدى. پۇتلىرىمىز ئاغرىپ ئاران كېتىۋاتاتتۇق. بالىلار توپ–توپ بولۇپ ھېلى يۈگۈرۈپ، ھېلى پاراڭلىشىپ دېگۈدەك غەيرەت قىلىشتى. كىچىك قىزچىقىمىز مۇسلىمە ھېرىپ يىغلاشقىمۇ ئۈلگۈردى. تۈركەنئاينىڭ ھوشۇقى ئاغرىپ ۋايجانلىدى. شۇنداقتىمۇ ئاخىرى بۇ جەڭنى يېڭىپ غەلبىلىك ئاخىرقى نوقتىغا يەتكەن بولدۇق.
قاراڭغۇ چۈشكەن، ھاۋا سوغ بوپكەتكەنىدى. پىلانلىغان يوپۇرماقلاردىن سەنئەت ئەسىرى ياساشنى ئېلىپ بارالمىغان، بىرەر سائەتلىك تاغدىن چۈشۈش جەريانىدا قىينالغان بولساقمۇ، نەتىجىدە بالىلار تەبىئەتنىڭ گۈزەل مەنزىرىدىنلا ئەمەس، يەنە ئانچە-مۇنچە جاپاسىنىمۇ تىتىغان كۈن بولدى.
بالىلارنىڭ مىھر-مۇھەببەتتىن، تەبىئەتتىنلا ئەمەس، ئانچە–مۇنچە قىيىنچىلىقنىمۇ تارتىپ بېقىشتىن ھەققى بار.
**************
رەيھان ئابلەت
2021.11.29 دۈشەنبە
ئىنكاس يازىمەن