بەخىتلىك ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
بەخىتسىز ئائىلىلەرنىڭ بەخىتسىزلىكى پەرىقلىق بولىدۇ.

«ئاننا كارېننا» رومانىدىن پارچە

 

Love Theme – Joslin – Henri Mancini

 

ئاننا كارېننا پاك مۇھەببەتنىڭ قۇربانىمۇ؟

 

رەيھان ئابلەت

 

يىللار ئىلگىرى مەكتەپكە بارىدىغان ئەتىگەنلىك مىتىرودا قىستىلىپ تۇرۇپ «ئاننا كارېننا» نىڭ ئىنگىلىزچىسىنى ئوقۇغىنمدا، ئەينى يىللاردا قايسبىر ژورنالدا بىزنىڭ ئەدىبلىرىمىز «پاك مۇھەببەتنىڭ قۇربانى» دەپ تەسۋىرلىگەن ئاننانى ياقتۇرالمىغانىدىم.

ئەدىبلىرىمىزنىڭ قەلىمىدە تەسۋىرلەنگەن «رەھىمسىز، قالاق ئىددىيەدىكى» يولدىشى ئالىكىسىنىڭ يۈزدىنيۈزىگە ئاننانىڭ «مەردانىلىق» بىلەن ئېيتقان «مەن ئۇنىڭ ئاشنىسى، قورسىقىمدا ئۇنىڭ بالىسى بار» دېگەن قۇرلارنى ئوقۇۋىتىپ بۇ ئايالنىڭ كۆتۈرۈپ چىققان ئاتالمىش «پاك مۇھەببىتى»دىن  گۇمانلانغانىدىم. ئەكسچە، ئاننا ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەڭ ئاجىز چاغلىرىدا يېنىدا بولغان ئالكىسىغا مەلۇم دەرىجىدە ھۆرمىتىم بولغانىدى. ئەلۋەتتە، بۇ بىزنىڭ ئەدىبلەرنىڭ قەلىمى ھەم كۆزقاراشلىرىدىن پەرقلىق پىكىر ئىدى.

شۇ چاغلاردا«ئاننا كارېننا» نىڭ كىنوسىنى توردىن ئىزلەپ ئازراق كۆرۈپ باققانىدىم. ئارىدىن تەخمىنەن 10يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تولۇق كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم.

دەرۋەقە، ئاننا پويىز ئىستانسىسىدا بىر قېتىم ئۇچراتقان ئەر بىلەن تانسا ئوينايدۇ ھەم ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ئون نەچچە يىللىق يولدىشى ئالكىسى ئۇنىڭ بىرونسكى بىلەن ئىشپەش تارتىشىپ قالغىنىنى سېزىپ بىر قانچە قېتىم چىرايلىقچە ئەسكەرتىش بېرىدۇ. ھەتتاكى، ئايالىنىڭ باشقا بىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئوچۇق بولغاندىمۇ غەزەپ ۋە ئۆزىگە قېلىنغان ھاقارەتتىن ئايالىنىڭ تەستىكىگە بىرنىمۇ ئۇرمايدۇ. ئوغلىنىڭ قەلبىدىكى ئانا ئوبرازىغا چىقىلمايدۇ. مېنى ھەممىدىن ھەيران قالدۇرغىنى،ئاننا كىسەل كارۋىتىدىكى ئەڭ ئېغىر كۈنلىرىدە بىرونسكىنى ئۇنىڭ بېشىدا تۇرىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ ھەم ئايالىنىڭ  ئاتالمىش سۆيگۈنى بىرونسكىنىڭ بېشىنى سىيلاپ تۇرۇپ كەچۈرىۋىتىدۇ.

ئاننا سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، يولدىشى ئالكىسى ئىككى بالىنىڭ ھەم ئۆزىنىڭ ئابرويى ئۈچۈن ئۆتكەن ئىشقا سالىۋات دەيدىغانلقىنى ئېيتىدۇ. بىراق، ئاننا ھېلىقى «پاك مۇھەببىتى» ئۈچۈن ئىككى بالىسىنى ئالكىسىغا قويۇپ، بىرونسكى بىلەن بىر مەزگىل ياشايدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل جەمىيەتتىكى كىشىلەر ئۇنىڭغا سوغۇق نەزەر بىلەن  باشقىچە قارايدۇ. ئاخىرىغا بېرىپ سۆيگۈنى بىرونىسكىمۇ ئاننا بىلەن جامائەت سورۇنلىرىدا كۆزگە چىلىقىشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ. بالىلىرىدىن، يولدىشىدىن، جەمىئەتتىىكى نامىدىن ئايرىلغان ئاننا ئاقىۋەتتە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىدىنمۇ، ھەممىنى قۇربان قىلغان سۆيگۈسىگە بولغان ئىشەنچىدىنمۇ ئايرىلىدۇ ھەم بۇ روھى چۈشكۈنلۈك ئۇنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ.

 

ئاننانىڭ ئۆلۈمىگە قالاق جەمىيەت سەۋەبچىمۇ؟

 

 

خوش، ئۇنداقتا «ئائىلىۋى ئەخلاق»، «ئاياللىق، ئانىلىق بۇرچ» يەنە قانداقتۇر «جەمىپەت ئەخلاقى»..دېگەندەك تۈرلۈك كىشەنلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ پىكىر يۈرگۈزۈپ باقايلى.

ئاننا 18 يېشىدا ئۆزىدىن ياشقا چوڭ ئالكىسى بىلەن توي قىلىپ بالىلىق بولغان. ئۇ بىرونسىكى بىلەن ئۇچىرىششتىن بۇرۇن ئالكىسى بىلەن بىر ئوبدان ياشاپ كەلگەن. ئەلۋەتتە، بىز بىرونىسكىنى ئاننانىڭ ھاياتىدىكى ئۇنىڭ يۈرىكىنى لەرزىگە سالغان تۇنجى ئەر دەپمۇ تۇرايلى.  شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ بۇ ئايالنىڭ مۇھەببەت ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىشى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. ھېچ بولمىسا مۇھەببەت باشقىلارنىڭ ئىىزەت-ئابرويىنى دەپسەندە قىلىش بەدىلىگە قۇرۇلمايدۇ. ئاننا دەل مۇشۇ يەردە كەتكۈزىۋىتىدۇ. ئۇ يولدىشىنى ياخشى كۆرمىسە، قەلبىدىكى مۇھەببەت باشقا بىر ئەركەككە تەئەللۇق بولسا بۇنى ئون نەچچە يىللىق يولدىشنىڭ غورورىنى دەپسەندە قىلماستىن ئىپادىلىسىمۇ بولاتتى. بىراق، بۇ «ئەركىن مۇھەببەت قەھرىمانى» ئاننا خانىم يولىدىشىنىڭ يۈزىگە «مەن ئۇنىڭ ئاشنىسى» دەيدۇ. ھېلىغۇ ئوتتۇرا ئەسىردە ياشاۋاتقان، ئوتتۇرا ئەسىر ئىددىيەسىدىكى ئالكىسىدەك بىر ئەر بولسۇن، ھەتتا بۈگۈنكى دەۋىردىكى يېڭىچە ئىددىيەدىكى ئەقلى-ھۇشى جايىدا بىر ئەر بولغان تەقدىردىمۇ ئايالدىن مۇنداق گەپ ئاڭلىسا«گۈزىلىم، بەختىڭىزنى تاپقىنىڭىزدىن بەك خۇش بولدۇم، بەخىتلىك بولۇڭ» دەپلا يولغا سەپ قويالمايدۇ، شۇنداققۇ؟

مۇھەببەت ھەرقانچە شەخسىيەتچىل بولسىمۇ، باشقىلارنى ھاقارەت قىلىش، رەھىمسىزلىك قىلىش بەدىلىگە مەۋجۇت بولىشى كېرەكمۇ؟ مۇھەببەت دېمەك، تېخىمۇ مىھرىبان بولۇش، ئىنسانىيەتچىل بولۇش، ھەققانىيەتچىل بولۇش ئەمەسمۇ؟!

ھەر قانداق مۇھەببەت ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، دەسلەپكى قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ، بارغانسىرى رىئاللىقلىشىدۇ،  پاراسەت بىلەن تېخىمۇ يېتىلدۈرۈشكە مۇھتاج بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار بىر مەزگىل بىللە ياشىغاندىن كېيىن، ئاننا بىرونىسكىدىن گۇمانلىشىقا باشلايدۇ. ئاننانى ئۆلۈم گىردابىغا ئېلىپ بارغىنى يولدىشىنىڭ ياكى جەمىئەتتىكى كىشىلەرنىڭ زەھەرخەندىلىك بىلەن قارىشىدىنمۇ بەكرەك بىرونسكىنىڭ بۇ مەسخىرىلىك قاراشلار، كەمسىتىشلەر ئىچىدە ئۇنى يالغۇز تاشلاپ قويغىنى، ئاننانىڭ ئۆزىگە ۋە سۆيگەن ئادىمى بىرونىسكىغا ئىشىنەلمىگەنلىكى بولىدۇ.

خۇلاسە-كالام

 

ئۇزۇن يىللىق نىكاھ تەتقىقاتچىسى، پىسخولوگ جون گوتمەننىڭ «نىكاھنى مۇۋەپىقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان يەتتە پىرىنسىپ» ناملىق ئالقىشلىق كىتابىدا مۇنداق دېيىلگەن:

ھوللىۋودنىڭ كىنولىرى رىئاللىقىمىزدىكى رومانتىكىلىق، مۇھەببەت ئاڭلىرىنى پۈتۈنلەي ئاستىنئۈستۈن قىلىۋەتتى. مىسالغا ئالساق، «كاسابىلانكا» فىلىمدىكى كۆزلىرى ياشقا تولغان ئايال پىرسوناژنى ئەرنىڭ قۇچاقلىغان كۆرنىشى تاماشىنبىنلارنىڭ يۈرىكىنى لەرزىگە كەلتۈرىدۇ. ھالبۇكى، رىئاللىقتىكى رومانتىكىلىق بەكمۇ  ئاددى ئىشلاردا كۆرۈلىدۇ.

مەسلەن، قارشى تەرەپكە مىننەتدارلىق بىلەن « سىز ھەقىقەتەن قالتىس» دېيىشنىڭ ئۆزىمۇ رومانتىكىلىق.

ئايالى «كىر سوپۇنى ئالغاچ كېلىڭ» دېگىنىدە، ئەر ئاڭلىماسقا سىلىۋالماستىن « ماقۇل، مەن قاراپ باقاي» دېيىشنىڭ ئۆزىمۇ رومانتىكىلىق.

قارشى تەرەپ خىزمەتتە چارچىغان چاغلىرىدا بىر مىنۇت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىدىغان ئۇچۇرئەۋەتىشمۇ رومانتىكىلىق.

ئەتىگىنى ئايالىڭىز « كېچىدە بەك قورقۇنچلۇق چۈش كۆرۈپتىمەن» دېگىنىدە،  پىسەنت قىلمايلا ئۆتكۈزىۋەتمەستىن «كەچتە ئىشتىن قايتقاندا، ماڭا ئالدىرىماي سۆزلەپ بېرىڭ ھە» دېيىشنىڭ ئۆزىمۇ تولىمۇ ئەمەلىي رومانتىكىلىق.

ئەرئايال ئوتتۇرىسىدىكى رازىمەنلىك شام يورۇتۇلغان ئېسىل رىستورانلاردا غىزالىنىش، دېڭىز ساھىللىرىدا ئارام ئېلىش..دېگەندەكلەر بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ دەپ چۈشىنىدىغانلار كۆپ بولىشى مۇمكىن. بىراق، نىكاھتىكى ھەقىقى رازىمەنلىك كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كىچىككىچىك ئىشلاردا بىربىرىگە ھەقىقى يۈزلىنىش ئارقىلىق بولىدۇ.

يۇقارقى كىتابتىكى قۇرلاردا ئېيتىلغىنىدەك، بىزنىڭ مۇھەببەت-نىكاھ قارىشىمىز، رومانتىكىلىققا بولغان چۈشەنچىمىزنى يالغۇز ھوللىۋۇدنىڭ كىنولىرىلا ئەمەس، يەنە تۈرلۈك رومان، ھېكايە-پوۋىستلارمۇ ئاستۈن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن. جۈملىدىن، 19-ئەسىرنىڭ ئەدەبىيات پېشىۋالىرىدىن بىرى بولغان لىئو تولستوينىڭ داڭلىق رومانى بولغان «ئاننا كارېننا» دىكى نىكاھتىن سىرىت مۇھەببەت ۋە ئاننانىڭ پاجىئەسى پۈتكۈل دۇنياغىلا ئەمەس، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئىدىلوگىيەسىگىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن ديىشكە بولىدۇ.

چۈنكى، ئون نەچچە ياشلىق چاغلىرىمىزدا ئوقۇغان بەزى رومان، ماقالىلەردە «ئاننا كارېننا» رومانى تىلغا ئېلىناتتى. يەنى، خاتالاشمىسام بۇ توغۇرلۇق ژورناللاردا ماقالىلەرئېلان قىلىنىپ، سەبى قەلبىمدىكى ئاننانىڭ دەسلەپكى ئوبرازى جەمىيەتتىكى قالاق كىشىلەرنىڭ، يولدىشىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىرىغاندى. 60-يىلدىكى ياشلار بۇ رومان ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىشقانلىرى، قالاق ئىددىيەدىكىلەرنىڭ ئاننانى ياقتۇرمايدىغانلىقى سۆزلىنەتتى. تېخى نەچچە يىللار ئىلگىرىكى مەتئبۇئاتلاردىمۇ نىكاھتىن سىرىتقى مۇھەببەت خۇددى بىز كۈندە كۆرۈپ تۇرىدىغان قۇياش نۇرىدەكلا تەبىئي بىر ئىش سۈپىتىدە تىلغا ئېلىناتتى. ئەڭ موھىمى مەن يېقىندا ئاڭلاپ چىققان خالىدە ئىسرائىل خانىمنىڭ «قۇملۇقنىڭ چۈشى» ناملىق ئەسەرلەر توپلىمىدىكى كۆپىنچە ئەسەرلەردىكى ئورتاق بىر ئالاھىدىلىكنىڭ نىكاھتىن كېيىنكى كۆڭۈلسىز تۇرمۇش، نىكاھتىن سىرىتقى «پاك مۇھەببەتلەر»نىڭ بولىشى ھەم مەلۇم دەرىجىدە مەدىھلىنىشى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ ئىددىيەسى ۋە ئەسەرلىرىمۇ «ئاننا كارېنىناچە مۇھەببەت»نىڭ مەلۇم دەرىجىدە تەسىرىگە ئۇچىرىغاندەك تۇراتتى.

 خۇلاسە-كالام شۇكى، مەيلى بىر ئەسەر قانچىلىك مەشھۇر بولسۇن، ئۇنىڭدىكى ئىددىيەنى ھەر بىر شەخس ئۆزىگە خاس تەپەككۇر قىلغىنى تۈزۈك. بىز يبتۈك ئەسەرلەردىن، ئاپتۇرنىڭ ئىستىداتىدىن، تەپەككۇرىدىن ھوزۇرلىنىمىز، بىراق، ئۇنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلالمايمىز، شۇنداققۇ؟

ئاخىرىدا ھەر بىر ئائىلىگە مۇھەببەت ۋە خۇشاللىق تىلەيمەن.

*******************

رەيھان ئابلەت

2021.10.08

تارقىتىڭ...