كىتاب: ئۇتۇق قازانغۇچىلار قانداق تەپەككۇر قىلىدۇ؟

880 قېتىم ئوقۇلدى

 

يېقىندا ناشتىدىن كېيىن ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاچ ئەتىگەنكى زېھنىم ئوچۇق ۋاقىتنى جون مەكسىۋىلنىڭ«مۇۋاپىقىيەتلىك كىشىلەر قانداق تەپەككۇر قىلىدۇ؟»ناملىق كىتابىنى ئاڭلاشقا سەرپ قىلدىم.🤓 شۇنداق قىلىپ ئىككىنجى قېتىملىق ئاڭلىشىمنى بىر قانچە كۈن بۇرۇنقى ئەتىگەنلىك ناشتىلىق ئۈستەلنى بىر تەرەپ قىلىۋىتىپ  تاماملىدىم.

كىتاب ئوقۇسام خاتىرە قالدۇرۇپ قويۇشنى ئادەت قىلىۋالغان مەن بەزى موھىم جۈملىلەر ئۇچىرىغاندا، قولۇمدىكى ئىشنى توختىتىپ قويۇپ، قايتاقايتا ئاڭلاپ خاتىرىلەپ قويۇپ ماڭدىم ھەمدە ھەر بىر ئوقۇسا ئادەمگە روھى ئوزۇق بولىدىغان بۇ جۈملىلەرنى كۆپچىلىككە ھەمبەھىرلىدىم. 

بىر كىتاب بىلەنلا تەپەككۇر پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كېتىشى ناتايىن. كىتابتا تىلغا ئېلىنغىنىدەك تەپەككۇرنى ئۆزگەرتمەك بىردەملىك ئىشمۇ ئەمەس. كىتاب ئوقۇغان ئادەمنىڭ بىر كىتابتىن  ئالغان پايدام ماۋۇ دەپ قولىغا ئالغۇدەك نەپ بولماسلىقى مۇمكىن.  بىراق، ئۇچراشقان ھەربىرنادىركىتاب روھنىڭ ئوزۇقى بولۇپ ئازئازدىن بولسىمۇ كام تەرەپلىرىمىزنى تولۇقلاپ، ئۆزىمىزنى تونۇشقا ئېلىپ ماڭىدۇ دەپ قارايمەن.

Johannes Linstead – Estellas Sobre Ella.mpg

جون مەكسۋىلنىڭ «ئۇتۇق قازانغۇچىلار قانداق تەپەككۇر قىلىدۇ؟» ناملىق كىتابىدىن پارچە

 

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

 

                              جون مەكسىۋىل مۇنداق دەيدۇ: 40 يىل مۇۋەپىقىيەتلىك كىشىلەرنىڭ سىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ باردىم. ئۇلاردىكى كۆپ قىرلىقلىق ھەيران قالارلىق بولسىمۇ،ئۇلارنىڭ مۇنداق بىر جەھەتتە  ئورتاقلىقى بارلىقىنى بايقىدىم. ئۇ بولسىمۇ، ئۇلاردىكى تەپەككۇر ئۇسۇلى. بۇ دەل مۇۋەپىقىيەت قازانغان كىشىلەرنىڭ باشقىلاردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان تەرەپلىرىدىن بىرى. شۇنداق بىر خۇشخەۋەر باركى، ئۇ بولسىمۇ مۇۋەپىقىيەتلىك كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋىلىشقا بولىدۇ.

تەپەككۇر ئۇسۇلىڭىز ئۆزگەرسە، ھاياتىڭىزمۇ ئۆزگىرىدۇ.

    

I’ve studied successful people for 40 years and the diversity you find among them is astounding.

I found that they are all alike in one way: how they think.

That’s the one thing that separates successful people from unsuccessful once, and here is good news!

How successful people think can be learned!

If you change your thinking, you can change your life.

                    📖             

 

My dad used to say: find the one thing you do well, and don’t do anything else.

دادام مۇنداق دەيدىغان: ئۆزۈڭ ياخشى قىلالايدىغان ئىشتىن بىرنى تاپساڭ، قالغان ئىشلارنى قىلمىساڭمۇ بولىدۇ.

                      📖                    

قانداق قىلغاندا دىققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرەلەيسىز؟

ئالدى بىلەن ئاسان ئىشلارنى  ياكى بەك قېيىن ئىشلارنى، جىددى ئىشلارنى قىلماڭ. ئالدى بىلەن قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ موھىم ئىشنى قىلىڭ.

بۇ خىل ئۇسۇل سىزگە يۇقىرى ئۈنۈم بېرىدۇ. ھەم مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق زېھنىڭىزنىڭ چىچىلىشىنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە ساقلاپ قالالايسىز.

 

How can you stay focused?

Don’t do easy things first or hard things first or urgent things do first, do first things do first.

The activities that give you the highest return.

In that way you keep the distractions to a minimum.

 

              📖                       

If you focus your thinking on only one thing and your aspirations change. And then you’ve wanted your best mental energy.

ئەگەر دېققىتىڭىزنى پەقەت بىرلا ئىشقا بېرەلىسىڭىز، سىزدىكى ئارزۇھەۋەسمۇ ئۆزگىرىدۇ. ئاندىن ئۆزىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى روھى قۇۋۋىتىڭىزگە ئىھتىياجلىق بولسىز.

  📖                       

                                    

Goals may give focus, but dreams give power.

dreams expand the world.

dreamers are saviors of the world.

 

نىشان بەلكىم دىققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈشى مۇمكىن. بىراق، غايە سىزگە كۈچقۇدىرەت ئاتا قىلىدۇ.

غايەدۇنيارىڭىزنى كېڭەيتىدۇ.

غايەدۇنيانى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ.

    📖                                    

داۋاملىق ئۆزىڭىزدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر كۈنى ئۆزىڭىزدىن مۇنداق ئىككى سۇئالنى سوراپ كۆرۈڭ.

ئەتىگىنى ئويغانغىنىڭىزدا «بۈگۈن مەن قايسى ئىشنى ياخشى قىلالايمەن؟»

ئۇخلاشتىن بۇرۇن «بۈگۈن قايسى ئىشنى ياخشى قىلالىدىم؟»

ئەگەر بۇ سۇئاللارغا شەخسىيەتسىز، سەمىمىيلىكىڭىز بىلەن جاۋاب بېرەلىسىڭىز، ئۆزىڭىزنى يۈگەنلىگەن بولىسىز.

         

      .Continually check your motives. Every day ask yourself two questions:

When got up in the morning you would ask: «what good am I going to do today?»

And before went to bed, you would ask«what good have I done today? »

If you can answer those questions with selflessness and integrity, you can keep yourself on track.

    📖  

                                 قەدىرلەش ۋە قەدىرلىمەسلىك ئوتتۇرسىدىكى پەرقلەر

 

ئەگەر ئادەملەرنى قەدىرلىسەم، ئۇلارغا ۋاقتىمنى بېرىمەن.  قەدىرلىمىگىنمدە بولسا مۇنداق كىشىلەردىن يېراق تۇرىمەن.

ئەگەر ئادەملەرنى قەدىرلىسەم، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى زەن سېلىپ ئاڭلايمەن. قەدىرلىمىگىنىمدە  ئاڭلىماسقا سالىمەن.

ئەگەر ئادەملەرنى قەدىرلىسەم، ئۇلارغا يارىدەم قىلىشنى خالايمەن. قەدىرلىمىگىنمدە ياردىمىمنى تەرك ئېتىمەن.

ئەگەر كىشىلەرنى قەدىرلىسەم، ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايمەن. قەدىرلىمىگىنمدە بولسا ئۇلارغا پىسەنتمۇ قىلمايمەن.

كىشىلەرنى قەدىرلىسەم، ئۇلارغا ھۆرمەت بېرىمەن. قەدىرلىمىگىنمدەپەرۋاسىز قارايمەن.

:Look at the differences

If I value people, I want to spend time with them, if I don’t value people, I don’t want to be around  the

. If I value people,I listen to them. If I don’t value people I neglect to the

 ,If I value people I want to help them. If I don’t value people I don’t offer them help

If I value people I am influenced by them. If I don’t value people I ignore them.

If I value people I respect them, If I don’t value people, I am  indifferent.

                                 

    📖

Creative people say:

Give me good idea, I’ll give you better idea.

 

ئىجادچان كىشىلەر مۇنداق دەيدۇ: ماڭا ياخشى بىر ئىددىيە بەرسەڭ، مەن ساڭا ئۇنىڭدىنمۇ نادىر ئىددىيە بېرىمەن.

                                

📖

Expose yourself to good thinkers. Spend time with right people.

Sharp people sharpen one another. Just as iron sharpens iron.

If you want to be a sharp thinker,  be around Sharp people.

 

تەپەككۇرى ئىلغار كىشىلەرگە يېقىنلىشىڭ.

توغرا كىشىلەر بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈڭ.

ئۆتكۈر كىشىلەر بىربىرىنى ئۆتكۈرلەشتۈرەلەيدۇ. خۇددى تۆمۈر تۆمۈرنى بىسلىيالىغاندەك.

ئۆزىڭىزنىڭ ئۆتكۈر تەپەككۇر قىلغۇچىلاردىن بولىشىنى خالىسىڭىز، ئۆتكۈر كىشىلەر ئارسىدا بولۇڭ.

                                   

    📖

Find a place to think your thoughts.

Where is the best place to think?

Everybody’s different.

Some people think best in the shower, others like my friend dick like to go to park.

.For me the best place to think are in my car, on planes and in the spa

تەپەككۇر قىلىشىڭىز ئۈچۈن توغرا ئورۇن تېپىڭ.

سىز ئۈچۈن قەيەر تەپەككۇر قىلىشىڭىز ئۈچۈن ياخشى ئورۇن ھېسابلىنىدۇ؟ ھەر بىر ئادەمنىڭ تالللىشى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەر يۇيۇنىۋاتقان ۋاقتىدا كاللىسغا ئەڭ ياخشى پىكىرلەر كېلىدۇ. بەزىلەر ئاغىنەم دىكقا ئوخشاش باغچىلارنى تەپەككۇر قىلىشى ئۈچۈن ياخشى ئورۇن دەپ قارايدۇ. مەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئويلىنىدىغان جايلار بولسا ماشىنام، ئايروپىلان، ئارشاڭ دېگەندەك.

                           

      📖

Strategic thinking prepares you today for an uncertain tomorrow.

Strategic thinking is the bridge that links where you are to where you want to be.

It gives direction and credibility today.

And increases your potential for success tomorrow.

ئىستراتېگىيىلىك تەپەككۇرـ سىزنى بۈگۈن، ئېنىق بولمىغان ئەتە ئۈچۈن ھازىرلاندۇرىدۇ.

ئىستراتېگىيىلىك تەپەككۇر ـ ھازىرقى سىز بىلەن بارماقچى بولغان نىشانىڭىزنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك.

ئۇ بۈگۈنىڭىزگە يۆنىلىش ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ.

ئەتىكى مۇۋەپپەقىيەت مۇمكىنچىلىكىڭىزنى ئاشۇرىدۇ.

ئەسكەرتمە: بۇ يەردىكى ئىستىراتېگىيلىك تەپەككۇر سىستىمىلىق، توغرا يۆنىلىشتىكى تەپەككۇر دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ دەپ قارايمەن.

  📖

Wherever you are, be there.

قەيەردە بولسىڭىز، ئۆزىڭىزمۇ شۇ يەردە بولۇڭ.

                                     

    📖

                                                               

Possibility thinking increases your possibilities.

When you believe you can do something difficult and you succeed many doors open for you.

Possibility thinking draws opportunities and people to you.

 

مۇمكىنچىلىك تەپەككۇرى سىزدىكى مۇمكىنچىلىكلەرنى كۆپەيتىدۇ.

ئەگەر مەلۇم بىر قېيىن ئىشنى قىلالىشىڭىزغا ئىشىنەلىسىڭىز، مۇۋاپىقىيەتنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىشىكلىرى سىز ئۈچۈن ئېچىلىدۇ.

مۇمكىنچىلىك تەپەككۇرى سىز ئۈچۈن پۇرسەت ۋە ئادەملەرنى يارىتىدۇ.

         

                                   

  📖

چوڭ ئويلىيالايدىغان كىشىلەر بۆيۈك ئادەملەرنى ئۆزىگە تارتىدۇ.

چوڭچوڭ ئىشلاردا نەتىجە قازىنىشنى ئويلىسىڭىز، ئۇنداقتا مۇمكىنچىلىك تەپەككۇرى قىلىدىغان ئادەملەردىن بولىشىڭىز زۆرۈر.

                                 

    📖

 

بۈگۈندىن نېمىلەرنى ئۆگەندىم؟

بۈگۈن كىملەرگە قىممەت بەردىم؟

بۈگۈن ئائىلەمدىكىلەر بىلەن مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلالىدىممۇ؟

ئۇلارغا مۇھەببىتىمنى قانداق ئىپادىلىدىم؟

ئۇلار مۇھەببىتىمنى ھېس قىلالىدىمۇيوق؟ ئىنكاس قايتۇردىمۇيوق؟

What I did learn today?

To whom did I give value today

Did I communicate love to my family today?

How did I show them love?

Did they feel it?

Did they return it?

                                   

      📖

ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈش، ئوخشىمىغان مائارىپ سەۋىيەسى، ئوخشىمىغان  تەجىربىسى بار، ئوخشىمىغان قىزىقىشتىكى ئادەملەربىلەن ئارىلىشىپ بېقىڭ.

Spend time with people with different backgrounds, education levels professional experiencespersonal interests etc.

                                

        📖

يېڭىچە ئۇسۇلدا يېڭىچە ئىشلارنى سىناپ كۆرۈڭ.

ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم يېڭىچە بىر ئىشنى سىناپ باققان ۋاقتىڭىز قاچان؟ خەتەردىن، يېڭىچە ئىشلارنى سىناپ بېقىشتىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرامسىز؟

يېڭىچە ئىشلارنى سىناپ بېقىشسىزنىڭ كونا تەپەككۇر ئەندىزىڭىزنى تاشلاپ، تەپەككۇر ئۇسۇلىڭىزنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. سىز بۇنى كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزدىن كىچىك ئۇسۇللار بىلەن ئورۇندىيالايسىز.

خىزمىتىڭىزگە ئوخشىمىغان يول بىلەن بېرىپ بېقىڭ.

ياخشى كۆرىدىغان تاماقخانىڭىزدا بۇيرۇتۇپ باقمىغان باشقىچە تاماقنى بۇيرىتىپ بېقىڭ.

باشقا بىر خىزمەتدىشىڭىزدىن ئۆزىڭىز پىششىق بولغان پىروجېكتنى سوراپ بېقىڭ.

ئەگەر يېڭىچە ئىشلارنى باشقىلارغا ئوخشاش ئۇسۇلدا سىناپ باقماقچى بولغان بولسىڭىز، نورمال تەپەككۇرغا قارشى چىققان بولامسىز؟

بولدى، مۇنداق قىلىپنىڭ ئىچىدىن چىقىپ كېتىڭ.

بۈگۈن يېڭىچە ئىشلارنى سىناپ بېقىڭ.

Try new things in new ways

When was the last time you did something first time?

Do you avoid taking risks or try new things?

One of the best ways to get out of the rut way of your own thinking is to innovate.

You can do that  in little everyday ways.

Drive to work a different way from normal.

Order an unfamiliar dish at your favorite restaurant.

Ask a different colleague to help you with a familiar project.

Besides if you try to do new  things in the same way that everyone else, does are you really going against popular thinking ?

Get out there and do something different today.

      📖                        

مەن ئۇتۇپ سەن ئۇتتۇرىۋەتسەڭ، بىرلا قېتىم ئۇتالايمەن.

سەن ئۇتۇپ مەن ئۇتتۇرىۋەتسەم، بىرلا قېتىم ئۇتالايسەن.

ھەر ئىككىمىز ئۇتساق، بىز نۇرغۇنلىغان قېتىم ئۇتالايمىز.

ئەگەر ھەر ئىككىمىز ئۇتتۇرىۋەتسەك، خەيرخوش ھەمكارلىقىمىز!

مانا بۇ ئەڭ ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى.

Win-win situation

I win you lose, I win only once.

You win I lose,You win only ones.

We both win, we win many times.

We both lose, goodbye partnership!

The best relationships are win-win.

                            

     📖

                                 

كىشىلەرگە يارىدەم قىلىش كىشىگە يۈكسەك مەمنۇنلۇق تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ.

مىننەتسىز ياخشىلىق بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ كېچىلىرىپۇشايمانسىز، راھەت ئۇخلىيالايسىز.

دۇنيادا باشقىلارغا ھەم باشقىلارنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىغا يارىدەم بېرىشتىن ئارتۇق ئالىيجاناپلىق يوق.

شەخسىيەتسىز تۇمۇشھايات سۈپىتىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

دۇنيارىڭىزنى كېڭەيتمەكچى بولسىڭىز، دېققىتىڭىزنى باشقىلارغا يارىدەم بېرىشكە مەركەزلەشتۈرۈڭ.

Helping people brings great satisfaction.

When you spend your day unselfishly serving others, at night you can lay down your head with no regrets and sleep soundly.

There’s no more noble occupation in the world than to assist to other human being to help Someone succeed . Unselfish thinking increases quality of life.

If you want to improve your world then you focus your attention on helping others.

 

 

******************

تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

جون مەكسۋىلنىڭ «ئۇتۇق قازانغۇچىلار قانداق تەپەككۇر قىلىدۇ؟» ناملىق كىتابىدىن پارچە

 #Reyhan##John C. Maxwell#

تارقىتىڭ...
  1. رەخمەت سىڭلىم. بەكمۇ ھېكمەتلىك ئىبارىلەر. ئەمەلىيىتىمىزگە تولۇق بولمىسىمۇ، بىرئاز تەدبىقلىيالىيالىغان كۈندە باشقىچە مۇكەممەللىك تۇيغۇسىدا بولىدىغىنىمىز شەكسىز.
    قوشۇمچە:
    بېتىڭىز ئاجايىپ نەپىس لاھىيىلەنگەن، ئەھمىيەتلىك مەزمۇنلار بىلەن قوشۇلۇپ كىشىگە زوق بېرىدۇ. ئەجرىڭىزگە رەخمەت.
    نۇرىيە راھمان.

    • رەھمەت ھەدە، ئىسمىڭىزنى كۆرۈشتىن بۇرۇن قالدۇرغان ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇۋىتىپ قەلبىم شۇنداق ئىللىقلىققا تولغان. ئىسمىڭىزنى كۆرۈپ تېخىمۇ سۆيۈندۈم.
      بارچە ئىشلىرىڭىز ئوڭ بولسۇن، تېخىمۇ مول-ھوسۇللۇق، گۈزەل ھاياتتا ياشاڭ ھەدە. ❤️

  2. ماشائاللاھ قەلىمىڭىز ھارمىسۇن

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

كىتاب:

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى