كۈنلەردىن بىر پارچە

767 قېتىم ئوقۇلدى

ئۆز خۇشاللىقى ۋە بەخىت تۇيغۇسىنى بىراۋلارغا باغلىماستىن، ئىچكى روھىدىن تاپقاندىكى ھوزۇرنى بەك قىممەتلىك دەپ بىلىمەن. مۇساپىرلىقنىڭ ماڭا بەرگەن ئەڭ چوڭ ھەدىيەلىرىدىن بىرىنى دەل مۇشۇنداق بەخىت تۇيغۇسىنى تېپىش ۋە يېتىلدۈرۈش دەپ قارايمەن.

يىلدا بىر قانچە قېتىم ساياھەتچىلەر قەيەرقەيەرلەردىن زىيارەتكە كېلىدىغان، بىراق ئۆيىمىزگە پىيادە 20 مىنۇتلۇق بۇ ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىغا بېرىپ، ھەر بىر پەسلنىڭ ئۆزگىچە گۈزەللىكىدىن، تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنىپ، رىئاللىقنىڭ شاۋقۇنلىرىدىن چارچىغان نىرۋىلىرىمنى، يۈرۈكۈمنى ئارام تاپقۇزۇشنى ئادەت قىلىۋالغانىدىم.

جون مەكسىۋىلنىڭ سۆزى بويىچە بۇ باغچا مەن ئۈچۈن ئۆزۈمگە قايتىدىغان، تەپەككۇرۇم ئۆتكۈرلىشىدىغان توغرا ئورۇن ھېسابلىناتتى.

ئادەتتە باغچىغا چۈشتىن بۇرۇن باراتتىم. بۇ قېتىم تۇنجى قېتىم چۈشتىن كېيىن بارغان بولدۇم. قانچىلىغان قېتىم كەلگەن بولساممۇ، ماڭا يەنىلا  يېڭىچە تۇيغۇ ئاتا قىلالايدىغان بۇ باغچىنى ئۆزۈم يالغۇز ئايلىنىشنى ياقتۇراتتىم. ئۆزۈم يالغۇز تەبىئەت ئىچىدە قالغىنىمدا قۇشلار پەقەت مەن ئۈچۈنلا سايراۋاتقاندەك، پەرۋەردىگار بۇ گۈزەللىكلەرنى پەقەت ماڭىلا كۆرسىتىش ئۈچۈن ياراتقاندەك بالىلارچە شادلىق ھەم تۇيغۇلارغا چۆمۈلەتتىم.

مۇنداق چاغلاردا كۆپىنچە ھاللاردا  ئۆز تارتىم رەسىمگە چۈشۈش خىيالىمغا كىلمەيدۇ. مۇبادا ئىنساننىڭ تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن زوقلىنىپ، ئىختىيارسىز مەسۇم كۈلۈمسىرەشلىرىنى  شۇنداق بىر سەنئەتكار سىزىۋالالىغان، شۇنداق بىر فوتۇگراف تارتىۋالالىغان بولسا شۇنچىلىك گۈزەل، چىن ئەسەردىن يەنە بىرى چىقاتتى خۇددى مونالىزادەك.

A Beautiful Story- Daveed

 

 

بىرەر قۇر ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن چىقىش ئېغىزىغا يېقىن يەردىكى گۈلخانىغا كېلىپ باغچامغا، ئۆينىڭ ئالدىدىكى تەشتەكلەرگە گۈل، ئەتىرگۈلۈمگە ئوغۇت ئالدىم. نېمىشقىدۇر يەنە ئايلانغۇم كەلدى. باغچىنىڭ يەنە بىر دەرۋازىدىن چىقىپ، ھېلىقى چىرايلىق مەدەنىيەت كوچىسى ئارقىلىق قايتقۇم، داۋاملىق مەن گۈل ئالىدىغان گۈلخانىدا يەنە باشقىچە گۈللەر بارمۇيوق كۆرگۈم كەلدى.

مېڭىپ باقمىغان يول بىلەن مېڭىپ مودەنگۈللەر باغچىسىنى بايقىدىم. مېڭىپمېڭىپ يەنە ئەتىرگۈللەر باغچىسىدىكى كەڭرى چىملىققا كەپقالدىم.

كۈن ئولتۇرۇش ئالدىدىكى ئىللىق قۇياش نۇرلىرىدا تېخىمۇ گۈزەللەشكەن ياپيېشىل چىملىقتا بىر ياپونلۇق قىز خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى.

قانچە قېتىم كەلگەن بولساممۇ، بىرەر قېتىم ئۆزۈم يالغۇز ھاڭۋاققىنىمچە بۇ چىملىقتا ئولتۇرۇپ باقمىغىنىم ئېسىمدىن كەچتى. سوغمۇ ئەمەس، ئىسسىقمۇ ئەمەس مۇشۇ پەسلنىڭ مەن ياخشى كۆرىدىغان ئارامبەخىش ئاپتىپىدا ئولتۇردۇم. باغچىدا ئاساسەن ئادەم يوق دىيەرلىك ئىدى. يىراقتا ئەتىگۈللەرنى كۆرىۋاتقان ساناقلىق ئادەملەر، مەندىن 50 مېتىرچە نېرىدىكى قىز ماڭا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەتتى.

بېشىمغا قەھۋە رەڭ سومكامنى قويۇپ سوزۇلۇپ ياتتىم. بەلكىم تۇنجى قېتىم ئۆزۈم يالغۇز تەبىئەت ئىچىدە سوزۇلۇپ يېتىپ بېقىشىم.

كەڭرى چىرايلىق ئاسمان، ياپيىشىل دەرەخلەر، كەڭرى چىملىق، يىراقتىكى ئەتىرگۈللەر، قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازى…ئۆزۈمنى بەخىت تۇيغۇسىدا سەزدىم. بېھىش ھوزۇرىمۇ مۇشۇنچىلىك بەلكىم

ئۇخلاپ قالماي دەپ ئولتۇرۇپ يوگا ھەركىتى ئىشلەشكە باشلىدىم.

ياڭراتقۇدىن 4:45 ئۆتكەنلىكى يەنە 15 مىنۇتتىن كېيىن دەرۋازىنى تاقايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھېلىقى قىز قاياققىدۇر كەتكەن. باغچىدا يىراقتا ئىككىئۈچلا ئادەم

ئۆزۈمچە دەرۋازىغا يېقىن دەپ ئويلاپ، مېڭىپ باقمىغان بىر يول بىلەنلا ماڭدىم. غۇچچىدە ئورمانلىق، يان تەرەپتىكى رىشاتكا سىرتى كەڭرى قەبرىستانلىقئۇف!!!

« تويە، يېڭى يول بىلەن ماڭىمەن دېگەنگە! شۇنچىلىك قورقۇنچاقلىقىڭغا باقماستىن، ئادەمسىز يولغا چىقىۋالغىنىڭغا….يامان يېرى تىلفۇنۇڭنىڭ توكىمۇ يوق!» دەيتتى يەنە بىر مەن ئىچىمدە.

ۋەھىمە باستى..يۈگۈرۈشكە باشلىدىم. شۇ ئەسنادا تەلىيىمگە  ئالدى تەرەپتىن ۋەلسىپىتلىك باغچىنى تەكشۈرۈشكە چىققان باغچا خىزمەتچىسى قىزچاق ئۇچىرىدى.

يەنە بىر دەرۋازىغا بارىدىغان ئاسان يولنى سورىدىم ھەم ئۆزۈمنىڭ يالغۇز قورققانلىقىمنىمۇ تارتىنماستىن ئېيتتىم. قىزچاقنىڭ «بىللە بارايمۇ؟» دېگىنىگە دەرھال قوشۇلۇپ، قىزنىڭ يارىدىمىدە دەرۋازىنى تېپىپ «ئۇف»دېدىم.

***

 شۇنداق قىلىپ ئەتىسى ئويلىساممۇ كۈلۈمىسىرىگىدەك گۈزەل بىر كۈننى ئۆتكۈزگەن بولدۇم. ۋەتەنسىز، ئاتا-ئانىسىز، قېرىنداشسىزھەتتا ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشمۇ تەس بولغان بۇ يىللاردا ئائىلەمدىن باشقا مېنى يەنە خۇش قىلىدىغان مۇشۇنداق تەبىئەتنىڭ زۇق-شوقلىرى ۋە ئىچكى دۇنيارىمدىن كېلىدىغان خۇشاللىق بولمىسا ئىدى، بۇ يىللاردا ياشىمىقىم بەسى مۈشكۈل بولاتتى.

باغچىغا كېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تىلىفۇنۇمنىڭ توكى تۈگەپ كەتكەنلىكتىن كۆپ سۈرەتكە تارتالمىدىم.  كۈننىڭ ئولتۇرغاندىكى گۈزەللىكى، ھېرىپ كەتكىنىمدە مەن داۋاملىق قەھۋە ئالىدىغان دۇكاننىڭ يېنىغا قويۇلغان ئورۇندۇقتا پۇتۇمنى سوزۇپ ئولتۇرۇپ قەھۋە ئىچكەچ كىتابىمنى ئوقۇۋالغان مىنۇتلاردىكى روھىمدىكى تىنچلىق، چىملىقتا ئاسمانغا قاراپ ياتقاندىكى بەخىت تۇيغۇلىرى روھىمنىڭ ئالبۇملىرىدا ماڭا كۈچ بولۇپ قالدى.

تۆۋەندىكىسى تىلفۇنۇمنىڭ توكى تۈگمەستە تارتىلغان بىر قىسىم سۈرەتلەر

 

 

 

 

 

 

 

 

2021-يىل 29-سىنتەبىر

تارقىتىڭ...
  1. قاق سەھەردە ئىچ-ئىچىمدىن بىر ھۇزۇر بىلەن ئوقۇپ چىقتىم، خۇددى ئۆزۈممۇ شۇ يەردە سەيلە قىلىۋاتقاندەك، ھەقىقىي ئاكتىپ ئېنىرگىيەلىك بىر ئەسەر بوپتۇ، قەلەملىرىڭىزمەڭگۈ ھارمىغاي!

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

كۈنلەردىن

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى