دىلمۇرات تىلىۋالدى ئەپەندى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

 

دىلمۇرات تىلىۋالدى ئەپەندى 2001-يىلى ياپونىيە توكيو دېنكى ئۇنۋېرسىتىتىغا ئۇقۇشقا كېلىپ«يىراقمۇساپىلىك ئىنتېرنېت ئۇقۇتۇش مائارىپى» كەسپىدە ماگىسترلىق ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇپ، 2007-يىلى 3-ئايدا توكيو دېنكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇچۇر ئىلمى كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان.

2007-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ياپونىيەدىكى 10چوڭ ئېلېكتىرئۈسكۈنىلىرى تەتقىق قىلىپ ياساش شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان مىتسشۇبىشىگۇرۇھىنىڭ «MITSUBISHI ELECTRIC INFORMATION NETWORK» شىركىتىگە ئىشقا چۈشكەندىن ھازىرغىچە شىركەتنىڭ كامېرا بىخەتەرلىك سىستېمىسىنىڭ تەتقىقات ۋە ئىنژېنېرلىق خىزمىتىنى قىلىپ كېلىۋاتقان دىلمۇرات تىلىۋالدى ئەپەندى ئىلىم ساھاسىدە ئىختىساس ئىگىسى بولۇپلا قالماستىن، ئائىلىدە مەسئۇلىيەتچان دادا.  ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى  ئىچىدىمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن ھۆرمەتلىك زىيالى.

تۆۋەندە ياپونىيەدەك مىللىي مەدەنىيەت، كىملىك، ئۇيغۇرلۇقتىن يېراق،رىقابەت كۈچلۈك، ئالدىراش بىر دۆلەتتە ئىككى پەرزەنتىنى ھەممىمىزنىڭ  مەستلىكى كەلگۈدەك ئۇيغۇر ئەۋلادى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، بىز ياش ئاتا-ئانىلارغا ئۈلگە ياراتقان دىلمۇراتكامنىڭ  پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت كىتاب ھەققىدىكى ئويلىرىغا  دىققىتىمىزنى بېرەيلى.

فوتۇگراف_ بەختىيار

 

Baliliq Chaghlar – Ablajan Awut Ayup

 

تەرجىمە كىتاب ھەققىدە تەسىرات

دىلمۇرات تىلىۋالدى

 

رەيھانگۈل سىڭلىم، كىتابىڭىزنىڭ روياپقا چىققانلىقى ئۇچۇن سىزنى چىن كۆڭلۇمدىن تەبرىكلەيمەن.

كىتابىڭىزنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم. كىتابتىكى قىستۇرما بايانلىرىڭىزدىن سىزنىڭ بۇ كىتابقا زور بەدەل تۆلىگەنلىكىڭىزنى ۋە سىزنىڭ ئىنتايىن كۆيۈمچان ۋە مەسئۇلىيەتچان بىر ئانا ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلدىم.

بۇ كىتاب، بالا تەربىيەسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان ئاتائانىلارغا تەۋسىيە قىلىشقا تېگىشلىك ياخشى كىتاب ئىكەن. كىتابتىكى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلغان نۇقتىلار ۋە ئۆزۈمنىڭ ھېس قىلغانلىرىمنى سىزگە ئەۋەتتىم.

كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىم:

 

1.كىتابتىكى رەسىملەر قىزىقارلىق بولۇپ چۈشىنىشىمىزگە قۇلايلىق ئىكەن. مىساللارنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقىمۇ كۈچلۈك ئىكەن.

2. ئاپتور تۇرمۇشتىكى ئاددىي ۋە ئىنچىكە نۇقتىلارنى يەنى بىز بالا تەربىيەلەشتە ئانچە ئىرەن قىلمايدىغان ھادىسىلەرنى بەك ئەستايىدىل كۆزىتىپتۇ.

3. باللارنىڭ يېشى بويىچە (بىرياش، ئىككى ياش،ئۈچ ياش،تۆت ياشلىق بالىلار~) ئايرىمئايرىم ئەمەلىي مىساللار كەلتۈرۈپتۇ.

كىتابتىكى تۆۋەنكى مەزمۇنلار ئاتائانىلارنى ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ:

(1)

بالىلارنى يالغۇز ئارتۇقچىلىقى بىلەن ئەمەس، كەمچىللىكى بىلەن قوشۇپ ياخشى كۆرۈش كېرەك.

(2)

بالىلارنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى، يەنى ئۆزىنى قەدىرلەش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

(3)

بالىلارنى  ماختىغاندا «سەن ماۋۇماۋۇ ئىشلارنى قىلالىغانلىقنىڭ ئۈچۈن قالتىسجۇمۇ بالام» دەپ مەلۇم شەرت بىلەنماختاش ئەمەس، بەلكى شەرتسىز ماختاش.

(4)

بىز دائىم بالىلارنىڭ «گەپ ئاڭلايدىغان بالا ياخشى بالا»بولىشىنى تەكتىلەيمىز.

لېكىن بۇ خىل باللارنىڭ ئىچىدە ئىچكى ھېسسىياتىنى ئاتائانىسى ۋە سىرتقا چىقىرالمايدىغان بالىلار كۆپ بولۇپ ئۇلار بىرەرئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندا ئاسان ئۆز ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويىدۇ. شۇڭا بۇ خىل باللار مەغلۇبىيەتكە يولۇققاندا ئەكسىچە ئۇنىڭمەغلۇبىيىتىنىمۇ ماختاش كېرەك.

(5)

كىتابتا ئومۇمەن بالىنى ئىنكار قىلىشنىڭ ئورنىغا كۆپرەك ماختاشنى، ئىنكارنىڭ ئورنىغا كۆپرەك ئېتىراپ قىلىشنى تەرغىب قىلىنىپتۇ. بۇ تەرىپى  بىز ئۇيغۇرلاردا «بالىنى 10قېتىم ماختاپ بىر قېتىم تەنقىد قىلىڭدېگەن نەقىلگە ماس كېىلىدىكەن.

(6)

كىتابتىكى بەزى مەزمۇنلار يالغۇز بالا تەربىيەلەش ئۈچۈنلا ئەمەس، ئاتائانىلارنىڭ ئۆزىنى تەربىيەلىشىگە پايدىلىق ئىكەن.

(7)

بۇ كىتاب يەنە بىر جەھەتتىن ياپون جەمئىيىتىنى ۋە ياپون مىللىتىنىڭ پسىخىكىسىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىگە ئىشىنىشنى، يەنى ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ جەمئىيەت ئۈچۈن كېرەكلىك ئادەم ئىكەنلىكىنى، يەنى ئىنسان بىرىنجى بولمىسىمۇ، ئىلغاربولمىسىمۇ بولىدۇ، مۇھىمى بەختلىك ياشاش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىپتۇ.

(ياپوندا بوزەك قىلىنىش سەۋەبلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئەھۋالى كۆپ. ئاپتور گەرچە بۇ نۇقتىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ نېمە دېمەكچىبولغانلىقىنى چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇ)

(8)

ئاپتور ئۆزى يىتىشكەن ھەم تەجرىبىلىك پسىخولوگىيە مۇتەخەسسىسى بولغاچقا ئاتائانىلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا بەرگەن جاۋابىمۇ بەك قايىل قىلارلىق ئىكەن.

(9)

كىتابنىڭ تىلى ئاددىي ۋە ئىنتايىن چۈشىنىشلىك، سۆزلىرى مېغىزلىق ئىكەن. كېرەكسىز دەپ قارىلىدىغان مەزمۇنلار يوقنىڭ ئورنىدا. ھەجمى چوڭ ئەمەس،ئوقۇش ئۈچۈن بەك جىق ۋاقىت كەتمەيدىكەن.

(10)

كىتابنىڭ بەزى يەرلىرىگەتەرجىماندىندېگەن ئايرىم سەھىپىنى ئېچىپ ئۆزىڭىزنىڭ (تەرجىمان رەيھانگۈل) كۆزقاراشلىرىڭىزنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن كىرگۈزۈپسىز. ئۆتكۈر تەپەككۇرىڭىز ھەقىقەتەن ئادەمنى قايىل قىلىدۇ.

خاتىمە:

بىزگە قابىلىيەتلىك ئەۋلاد كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە  ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ۋە ئۇيغۇرلۇقىدىن غۇرۇر ھېس قىلىدىغان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرۋاقىت بەدەل تۆلەشكە رازى بولىدىغان ئەۋلادلار تېخىمۇ كېرەك. بۇ تەمىدىكى ئەسەرنىڭ رەيھانگۈل سىڭلىمىزنىڭ كېلەر قېتىملىق كىتابىدا روياپقاچىقىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.

ئاللاھنىڭ بىز ئاتائانىلاردىن ئالىدىغان ئەڭ ئېغىر ئىمتىھانى- دەل پەرزەنت ئىمتىھانىدۇر!

 

 

سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقاندا، دىلمۇراتكامدەك  ياپونىيەدە 20 يىلدەك ياشىغان بىلىم ئېگىلىرىگە ھەم باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان قېرىنداشلارغا پەرزەنت تەربىيەسى ھەققىدىكى كىتابنى مەن تەرجىمە قىلىپ بەرمىسەممۇ، ئۇلار ئۇنىڭدىنمۇ نادىر كىتابلارنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيتتى. كىتابىمنىڭ ئوقۇرمەنلىرى ۋەتەندىكى تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچىرىشىش پۇرسىتى كام بولغان خەلقىم ۋە مەنپەئەت ئالغۇچى بالىلىرىمىز ئىدى.  ئەپسۇس،  ۋەتەندە  نەشىر قىلىنىش، خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتى بولماي قالدى!

 مەيلى تەھرىرلىك ياكى تەرجىمىدە بولسۇن نۇقسانلاردىن خالى بولالمىغانلىقىمىز ئېنىق. شۇنداقتىمۇ مۇشۇنچىلىك ئىلمىي ئەسەرنىڭ قانچىلىك قېيىن مۇساپىلەرنى باسقاندىن كېيىن روياپقا چىقىدىغىنىنى يەنىلا مۇشۇنداق ئىلمىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىپ باققان، ئەجىر سېڭدۈرۈپ باققان، ئەمەلىي قول تىقىپ باققان  ئادەمنىڭ بەكرەك چۈشىنىدىغانلىقىنى  دىلمۇراتكامدىن بىلدىم.

قىسقىسى، كىتابنى قولىغا ئېلىپ ئىككى كۈندىلا ئوقۇپ تۈگىتىپ كىتابنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقان دىلمۇراتكامدىن مىننەتدارمەن ھەم بارچە  ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

 

 

 

تارقىتىڭ...