娘よ、生命の笛を吹けー

قىزىم، ھاياتلىق بەخش ئەتكۈچى پۈشتىكىڭنى چالغىن!

ياپون يازغۇچىسى نىشى مۇرا جىيۇكو(西村 寿行)ئەپەندىنىڭ 1976-يىلى ئېلان قىلغان رومانىغا ئاساسەن ئىشلەنگەن سەككىز قىسىملىق تىلۋىزىيە تىياتىرى犬笛يەنى«ئاپشاركا پۈشتۈكى»1978-يىلى ياپونىيەدە تىلىۋىزىيە فىلىمى قىلىنىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ئارىدىن بەلكىم ئۇزۇن يىللار ئۆتمەيلا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ رەڭسىز تىلۋىزورلىرىمىزدە قويۇلۇپ، 80-يىللاردا تۇغۇلغان بىزلەرنىڭ بالىلىق ئەسلىملىرىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان.

بۇ ئىككى كۈندىن بىرى بۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە سۈزۈك نۇسخسىنى قايتىدىن كۆرۈپ چىقىپ، كىچىك چاغلىرىمىزدا قىزچاقنىڭ دادىسىنىڭ «ئاتى، سەن ئۆلمىسەڭ بولاتتى» دەپ يىغلىغانلىرىنى دوراش، ئاپىسىنىڭ «سىز..» دەپ يىغلىغانلىرىنى مازاق قىلىشلار.. بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز بولغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە يۈرىكىمىزگە تەسىر قىلغان، كۆزلىرىمىزگە ياش ئەپ تۇرۇپ كۆرۈپ چىققان ئەڭ موھىم نوقتىلىرى بولۇپ قالغاندەك تۇراتتى. فىلىمنى كۆرىۋىتىپ يېڭى«بايقاشلار»نىمۇ تېپىۋالغان بولدۇق. يەنى، ئەسلىمىمىزگە سېڭىپ كەتكەن پىرسوناژلارنىڭ ئەسلى ئىسمى مۇنداقكەن، ۋوي فىلىم ئىشلەنگەن ئورۇن ئۆيىمىزدىن ئانچە يېراق ئەمەسكەن، ماۋۇ پالانچى يەركەن، بۇرۇن ياپوننىڭ ئىش بېجىرىش سىستىمىسى مۇنداقكەندە، ياپوندا مۇنداقمۇ قائىدىگىلا ئېسىلۋالمايدىغان ئادەممۇ بارمىدۇ-ھە؟!…دېگەنلەرنى مۇنازىرە قىلغاچ كۆرۈپ چىقتۇق. ئەڭ موھىمى، بۇ فىلىمغا بولغان باھايىم يۇقىرى بولدى ھەم ياپوننىڭ ھازىرغا قەدەر مەن كۆرگەن فىلىملىرى ئىچىدە ئەڭ ياخشى ئىشلەنگەن فىلىمكەن دەپ قارىدىم.

 

犬笛

 

 

كۆپچىلىكنىڭ فىلىمنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋرى بولسىمۇ، قىسقىچە ئەسلىتىپ ئۆتەي.

ئالاھىدە ئاڭلاش سىزىمى يۇقىرى بەش ياشلىق قىزچاق يوكو(بىز بىلىدىغان ئىسمى لىياڭزى خەنزۇ تىلىدىلا ئېلىنغان ئسىمىكەن) ئامراق ئىتى تېتسۇ(ئۇيغۇرچىدا ئاتى دەپ ئېلىنغان) بىلەن ئۆيىگە يېقىن جايدىكى تاما ئورمانلىقىغا ئوينىغىلى بېرىپ قاتىللىق دىلوسىغا چېتىلىپ قالىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن قاتىللار بۇ قىزچاقنى بۇلاپ قاچىدۇ. يوكونىڭ دادىسى بىردىنبىر جان پارىسى قىزىنى ئىزدەش ۋەزىپىسىنى ساقچىلارغا  تاپشۇرۇپ رازى بولالماي، ئەقىللىق ئىتى بىلەن ئۆزى ئىزدەشنى باشلايدۇ. بىراق، قاتىللارنىڭ ئويدۇرما قاتىللىقىنىڭ قۇربانى بولۇپ قىلىپ، قولغا ئېلىنىپ قالىدۇ. قىزىنىڭ قاتىللارنىڭ قولىدا ھاياتىغا خەۋپ يېتىشىدىن ئەنسىرىگەن، قىزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تەخىرلەنسىزلەنگەن دادا بىر ئامال قىلىپ تۈرمىدىن قاچىدۇ. ھەممە يەرگە ئۇنى تۇتۇش بۇيرۇقى چاپلىنىپ كەتكەن، خەۋەرلەردە  ئۇنى ئىزدەش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ، تەرەپ-تەرەپتىن ساقچى ئىزدەۋاتقان دادىنىڭ مۈكۈنۈپ يۈرۈپ قىزىنى ئىزدىشى ئاسانغا توختىمايدۇ. بۇ جەرياندا ئاجايىپ ئېسىل ئادەملەرگە ئۇچرايدۇ. ھالقىلىق پەيتتە پىرىنسىپ، قائىدە-تەرتىپ دېگەنلەردىن يۇقىرى ئادىمىيلىك، ئىنسانى چىن مىھرى بىلەن سۇنۇلغان يارىدەملەرگە ئېرىشىدۇ. ساقچىلارنىڭ قورشاۋىدا قالغان ھالقىلىق پەيتتە تىك ئۇچار بىلەن قاچۇرىۋەتكەن ئۇچقۇچى، ئۆلۈمنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزۇۋالغان، ئېقىپ يۈرگەن خەۋەردىكى «قاتىل» دېگەن سۆزگە ئەمەس، قىزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن ياش تۆككەن دادىنىڭ سەمىمىيتىگە ئىشەنگەن بوۋاي، كچىك قىزچاق، ياش پاراخوت خادىمى، ئۇنىڭ خىزمەتدىشى…ئەڭ موھىمى ئۇنىڭ ئىتى ئاتىنىڭ قىزچاقنى قۇتقۇزۇش جەريانىدكى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلىرى يۈرەكنى تىتىرىتىدۇ.  ئىت خەتەرلىك پەيىتلەردە بىر قانچە قېتىم ئېغىر يارىلىنىدۇ. ھەتتا، بىرقېتىملىق ئېتىششىتا قىزچاقنىڭ دادىسىنى قاتىللار تۇتۇۋالغاندا خوككايدۇدىن توكيوغىچە بولغان 700-800 كىلومىتىر يولنى بېسىپ ئۆزئۆيىگە قايتىپ كېلىدۇ.

مانا مۇشۇنداق دادىنىڭ قىزغا بولغان مۇھەببىتى، قىزىنى قۇتقۇزۇش جەريانىدىكى جاسارىتى، تىرىشچانلىقلىرى ئەتراپىدىكى ئەنە شۇنداق ئىنسانى يۈرەكلەرنىڭلا ئەمەس، ھەتتا، ۋاپادار ھايۋانننىڭمۇ ئادالەت ئۈچۈن دادا بىلەن بىر سەپتە بولۇش نەتىجىىسدە قىزچاق ئاخىرى قۇتقۇزۇلۇپ قالىدۇ-يۇ، ئۇزۇن ۋاقىت قورقۇتۇش، ۋەھىمە قىزچاقنى گەپ قىلالماس قىپ قويىدۇ.

ھالبۇكى، قىزنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغىنى يەنىلا سۆيۈملۈك ئىتى ۋە ئائىلە مۇھەببىتى بولىدۇ. ھېكايىمىز گۈزەل جەم بولۇش بىلەن ئاخىرىلىشىدۇ.

 

پەرزەنتىنى يوقىتىش، يۈرەك پارىسىنىڭ رەھىمسىز، قانخورلارتەرىپىدىن تۇتۇلۇپ تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلىش-ھەر قانداق ئاتا-ئانىنىڭ، قېرىنداشنىڭ يۈرىكىنى پارە-پارە قىلىدۇ. مەيلى ئۇ فىلىمدىكى يوكودەك بەش ياشلىق مەسۇم قىزچاق بولسۇن، مەيلى ئۇ 40 ياشلىق قىرانىغا يەتكەن ئەركەك بولسۇن، ئۇ يەنىلا ئاتا-ئانىنىڭ ئالدىدا بالا، يۈرىكىنىڭ پارىسى ھېسابلىنىدۇ! ئۆز پەرزەنتىنىڭ قاراڭغۇ ئۆيلەردە ياۋۇزلار قولىدا قانداق بىر دەھشەتلەرنى كۆرىۈاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ ئاتا-ئانا ئۈچۈن ئۆلۈمدىنمۇ قاتتىق ئازاب ھېسابلىنىدۇ!

يوكونىڭ دادىسى«مېنىڭ قزىىم نەدە؟ بۇ دۇنيادا ئادالەت بارمۇ-يوق؟!» دەپ نالە قىلغىنىدەك، ئاپىسى چۈشلىرىدە قىزى قاراڭغۇ بىر يەرلەردە «ئاپا، ئاپا!» دەپ توۋالاۋاتقانلىرىنى چۈشەپ، ھەتتا چۈشلىرىدىمۇ ئازابلانغىنىدەك… ھېلىمۇھەم دۇنيادا قانچىلىغان ئاتا-ئانىلار، قېرىنداشلار « بالام نەدە؟ بۇ دۇنيادا ئادالەت دېگەن بارمۇ -يوق؟!» دەپ نالە قىلىۋاتىدۇ، ھەتتا نالىلىرىنى ئاۋازلىقمۇ ئىپادىلىيەلمەيۋاتىدۇ….

ئادەم چوڭ بولغانسىرى ھايات توغۇرلۇق بەك يوغان گەپلەر، يادىلىۋالغان يالغان شۇئارلار تىتىمايدىغان بولىدىكەن! ئوخشاش ئاچچىقنى تىتىپ باققان كىشىلەر يەنىلا شۇ ئازابنىڭ تەمىنى ئەڭ ياخشى چۈشەنگۈچىلەر ھېسابلىنىدىكەن! ئۈمىدسىزلىكنى يوقىتىپ باققان كىشىلا ئۈمىدنى تېپىشنىڭ ھەم نەقەدەر قېيىنلىقىنى بىلىدىكەن!

فىلىمنىڭ خۇشال نەتىجىلەنگىنىدىن شۇنى تىلەپ قالدىمكى، «بالام!» دەپ ئازابلىق ياشلىرىنى يۈتۈۋىتىشكە مەجبۇر بولىۋاتقان ئەزىز يۈرەكلەرگىمۇ جەم بولۇش شادلىقى ھەم يېتىپ كەلگەي! سەبىرنىڭ، ئازابنىڭ چېكى بولغىنىدەك، قاراڭغۇلۇقنىڭ چېكىمۇ ھەم بار!

 

*******

رەيھان ئابلەت

 

قوشۇمچە: فىلىمنىڭ سۈزۈك، ئۇيغۇرچە نۇسخسىنى Uyghurflix دىن كۆرگەيسىز~

تارقىتىڭ...