بەزىدە شۇنچىلىك كۆڭلىمىز نازۇكلىشىپ قالىدىغان، باشقىلارنىڭ ئانچىكىن سۆز-ھەرىكەتلىرىنى، ھەتتا كىچىك بالىنىڭ گەپلىرىنىمۇ ئېغىر ئەپ كېتىدىغان چاغلىرىمىز بولىدۇ.

يەنە بەزىدە بىزنىڭ غەرەزسىز سۆز-ھەرىكەتلىرىمىز باشقىلارنىڭ نەچچە يىلغىچە كۆڭلىدىن چىقىرالمايدىغان «كۆڭۈل ئاغرىقى» بوپقالىدۇ، كېيىنكى كۈنلەردە ئۇلارنىڭ غەرەزسىز، ھەتتا كۆڭۈلگە ئالمىسىمۇ بولىدىغان گەپ-سۆزلەرنى باشقىچە تەرجىمە قىلىپ چۈشىنىۋىلىپ بىزنى«گۇناھكار» قىلىۋەتكىنىگە ھەيران قالىمىز!

مانا مۇشۇنداق كۆڭۈلگە ئالمىسىمۇ بولىدىغان ئىشلار ئۈچۈن ئارتۇقچە زىددىيەت پەيدا قىلىۋىلىش نېمىدىن؟

ھاياتىڭىزدا كۆڭلىڭىزدە ھېچقانداق يامانلىقىڭىز يوق ئادەمدىن يامانلىق كۆرگەن ۋاقتىڭىز بولۇپ باققانمۇ؟

توردا باشقىلارنىڭ زەھەرخەندىلىك بىلەن زەربە بېرىشىگە ئۇچراپ باققانمۇ؟ سىزچە مۇنداق كىشىلەر نېمە سەۋەبتىن زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ؟

ئۆزىڭىز يېقىن كۆرگەن، ھېچ بولمىغاندا «يامانلىق قىلمايدۇ» دېگەن ئادەمنىڭ يامان نېيتى ئاشكارلىنىپ قالغىنىدا كەچۈرۈش مۇمكىنمۇ؟

يۇقارقى سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى تۆۋەندىكى ھېكايە ۋە ئۇنىڭ يەشمىسى بىلەن ئورتاقلىشىپ باقايلى:

 

Blue Skies- Daveed

 

 

يامان نىيەت

 

تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

دېڭىز قۇشلىرىنىڭ ئاۋازى، دېڭىز شاۋقۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن، كەچكى شەپەق بىلەن قىزغۇچ رەڭدە بويالغان دېڭىز شۇنچىلىك گۈزەل ئىدى. كىچىك چاغلىرىمدىن تارتىپ بىر قانچە قېتىم كەلگەن بۇ دېڭىز ساھىلىنىڭ ھازىرقىدەك كەچكى شەپەق نۇرىغا چۆمۈلگەن ھالىتىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتىم.

دېڭىزغا چۆمۈلىۋاتقان ئوغلۇم بىلەن دادىسى چۈش كەبى مەنزىرە ئىچىدە بەكمۇ خۇشال كۆرۈنەتتى. قىرغاقتا ئۇلارغا قول پۇلاڭلاتتىم، ئۇلارنىڭ ماڭا قارىغان خۇشال ھالىتىنى تېلىفۇنۇمدا رەسىمگە تارتىپ دەرھاللا تورغا چىقىرىۋەتتىم. بىرئىككى مىنۇت ئۆتمەستىنلا «ياخشى كۆرۈش» بەلگىسىدىن ئۈچى كەلدى. يېقىندىن بىرى تورغا كىرىشىپلا قالغانىدىم. بۇنىڭ مۇنداق سەۋەبىمۇ بار ئىدى.

بۇنىڭدىن تەخمىنەن يېرىم يىل بۇرۇن بولكىخانىدىن ھەممە ئادەم ياخشى كۆرىدىغان كارې تەملىك بولكىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بىر پارچىسىنى ئالاي دەپ تەمشىلىۋاتقىنىمدا، بىرى شاققىدە مەندىن بۇرۇن ئېلىۋالدى، قارىسام رېنا!

ئۇ بۇرۇنقى خوشنىمىزنىڭ يالغۇز قىزى بولۇپ، كىچىك چاغلىرىمدىن تارتىپ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستۇم ئىدى. تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندە ئۇ سىستىرالار مەكتىپىگە، مەن بولسام شەخسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كەتتىم. شۇندىن كېيىن ئانچەمۇنچە كۆرۈشۈپ تۇرغان بولدۇق. شۇنداق قىلىپ مەن ئاخىرىقى بولكىنى ئۇنىڭغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، پۇلنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن ئىككىمىز بولكىخانىنىڭ قەھۋەخانىسىدا چاي ئىچكەچ پاراڭلاشتۇق.

ياخشى تۇرامسەن؟

ياخشى، ئۆزۈڭچۇ؟

ئەرخوتۇن ئىككىمىزنىڭ ۋاقتى ئانچە ئۇدۇل كەلمەيدۇ. دەم ئالغان كۈنلىرىمىزدە سىرىتقا چىقىپ ئويناپ كېلىۋاتىمىز. (ئۇ باشلانغۇچتا بىللە ئويناپ چوڭ بولغان  ئوغۇل بىلەن توي قىلغانىدى.)

ۋاي، ھېلىمۇ ھەم ئاشىقمەشۇقلاردەك ئۆتىۋىتىپسىلەرغۇ؟

سەنمۇ شۇغۇ، قاملاشقان ئېرىڭ، ئوماق ئوغلۇڭ بىلەن!

ۋىيىي، شۇنداق دېگىنىڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭمۇ تالاشتارتىش قىلىدىغان چاغلىرىمىز بار،دەپ كۆزۈمنى قىسىپ قويدۇم.

ۋاي ئانچەمۇنچە ئۇنداق بولغان بىلەن قارىسا«مەن بەخىتلىك» دەپ يۈزلىرىڭدىن بەخىتلىكلىكىڭ چىقىپلا تۇرىدىكەن!

ئىككىمىز بىربىرىمىزگە قاراپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق.

– فەيسبۇك  ئويناۋاتامسەن؟

ياقەي، قانداق ئىشلىتىشنىمۇ ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن.

ئىشلىتە، مەن ساڭا ئاكاۋۇنت ئېلىپ بېرەي، بەك قولاي.

شۇنداق قىلىپ فەيسبۇك ئىشلىتىدىغان بوپقالدىم ھەمدە ئوقۇغۇچىلىق چاغلىرىمدىلا يىللىقلار گىزىتىنى ئىشلەشكە مەسئۇل بولغان مەن تېزلا فەيسبۇكقا مەپتۇن بوپقالدىم.

 *

دېڭىزدىن قايتىش يولىدا ماشىنا ھەيدەۋاتقان يولدىشىمنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، فەيسبۇكنى يەنە بىر قېتىم ئاچتىم. ياخشى كۆرۈش بەلگسىدىن50دەك كەلگەنىدى ھەم بىر قانچە ئىنكاسمۇ بار ئىدى.

ھەر دائىم ئىناق ئائىلىڭىزدىن شۇنداق ئىللىقلىق ھېس قىلىمەن.

كېلەر قېتىم دېڭىز بويىغا بىللە بارايلى ھە؟

ئوغلىڭىز ھەجەپ چوڭ بوپ كېتىپتۇ.

بۈگۈن ھاۋا بەك گۈزەل ھە، ئەتە تۇتۇق بولغۇدەك.(چاقچاق قىلغان چىراي ئىپادىسى)

بۇ ئىنكاسلارغا بىربىرلەپ جاۋاب قايتۇرىۋىتىپ ئارسىدىكى مۇنداق ئىنكاسنى كۆرۈپ قالدىم.

يەنە شۇ ئېرىڭ بىلەن ئوغلۇڭنى كۆزكۆز قىلغان گەپما؟ بەك ئېشىپ كەتتىغۇ ئەمدى  ئادەمنى بىزار قىلىپ!

ئاھ، نېمە دېگىنى بۇ؟! دەرھال ئىنكاس يازغان ئادەمنىڭ ھېساباتىنى ئاچتىم. ئىسمىمۇ ئۆزىنىڭ ئىسمى ئەمەس ، باش سۈرىتىمۇ، ھېچنىمە يوق! چوقۇم مۇشۇ ئىنكاسنى يېزىش ئۈچۈنلا بۇ ئاكاۋۇنتنى ئاچقاندەك قىلاتتى. دەرھال قارا تېزىملىككە كىرگۈزىۋەتتىم. كۆڭلۈم بىئارام بولغانىدى. شۇنداقتىمۇ« تور بولغانكىن ھەر قىسىم غەلىتە ئادەملەرمۇ بارغۇ!» دېگەنلەرنى ئويلىدىم.

شۇندىن كېيىن دوستلاردىن باشقا ئادەملەرنىڭ ئىنكاس يېزىشىنى چەكلىۋەتتىم. نېمىشقىدۇر ئىچىمدىكى بىئاراملىق خېلى كۈنلەرگىچە بېسىقمىدى. «قانداق ئادەمدۇ-ھە؟ شۇنچە يامان نىيەت بىلەن يوللىملىرىمنى كۈزىتىپ تۇرىدىغان؟» دېگەنلەرنى ئويلىسام كۆڭلۈم بىئارام بولدى.

ئارىدىن ئۈچ ئايلار ئۆتۈپ بۇ ئىشلارمۇ ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بىر كۈنى بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلغاچ، بىر تەرەپتىن چۈشلۈك تاماقنىڭ تەييارلىقىنى قىلاي دەپ تۇرغىنىمدا تېلىفۇن جىرىڭشىدى. تېلىفۇن رېنادىن كەلگەندى.

ياخشىمۇسەن ئاداش؟

ياخشى،-دېدى ئۇ تۆۋەن ئاۋازدا. كۆڭلۈم نېمىدۇر يامان بىر ئىشنى تۇيىغاندەك قىلدى.

نېمە ئىش بولدى؟

ئاداش، سەن تىۋىتىرئويناۋاتامسەن؟

ياقەي.

سېنىڭ فەيسبۇكتىكى چىقارغان رەسىملىرىڭنى بىرى  تىۋىتىرغا يوللىغاندەك تۇرىدۇ.

ئەسلىدە رېنا تىۋىتىردا تۇيۇقسىز مېنىڭ فيىسبۇكقا چىقارغان رەسىمىمنى ئۇچىرىتىپ قاپتۇ، باشقىلار فىيسبۇكتىكى رەسىمىمنى كۆچۈرۈپ يوللىغانلىقىنى بىلىپ، ئەنسىرەپ ماڭا تېلىفۇن قىلغانىكەن. دەرھال ئۇ دېگەن ھېساباتنى ئاچتىم. راست ئۇ دېگەندەك مېنىڭ رەسىمىمنى يوللاپ ئاستىغا «سەت ئادەم نېمىلا كەيسە يەنىلا سەتلىكى مانا مەن دەپ تۇرىدۇ. ئۆزىنى بۇنچىۋالا كۆرگەزمە قىلىپ نېمىمۇ قىلار؟» دېگەندەك سۆزلەر تۇراتتى.

توۋا، ئاتايىن رەسىمىمنى چىقىرىپ ئادەمنىڭ كۆڭلى ئېلىشقۇدەك گەپلەر بىلەن قەستەن مېنى چۈشۈرۈپ ئىنكاس يازغىنىنى؟! تۇرۇپلا بىر نەرسىنى بايقاپ قالدىمدە، رېناغا:

سەن بىلەن بۇ توغۇرلۇق پاراڭلىشاي دېگەندىم، ۋاقىت چىقارغان بولساڭ،-دېدىم.

شۇنداق قىلىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ھېلىقى بولكىخانىنىڭ قەھۋەخانىسدا پاراڭلاشتۇق.

ھەجەپ قاملاشمىغانلا ئىش بوپتۇ، قانداق ئادەم قىلغاندۇ ھە؟

-رېنا؟

ھە؟

تىۋىتىىرغا چىقارغان ئۇ رەسىمنىڭ قاچانقى رەسىملىكىنى ئەسلىيەلىدىڭمۇ؟ ئۇ ئىككىمىز تېخى توي قىلمىغان چاغلىرىمىزدا ئوكىناۋاغا ئوينىغىلى بارغاندا، سەن تارتىپ قويغان رەسىم.

ھەراست، دەل شۇ!

سەن ماڭا فەيسبۇكتىن ھىسابات ئەپ بەرگەن كۈنى تۇنجى قېتىم سىناق تەرىقىسىدە چىقىرىپ بېقىپ، بىردەمدىن كېيىنلا خېجىل بوپ ئۆچۈرىۋەتكەنىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ كۈنى بىردىنبىر قېتىۋالغان دوستۇم سەن ئىدىڭ. دېمەك، بۇ رەسىمنى تىۋىتىرغا چىقىرالايدىغان بىردىنبىر ئادەم سەندىن باشقىسى ئەمەس!

رېنا تۇرۇپلا قالدى، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ بىر نەرسە دييىشكە ئاغزىنى ئۆمەللەتتى،-يۇ، جىملا ئولتۇرۇپ قالدى. بىردەمدىن كېيىن«مەن قايتاي» دېگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىشقا تەمشەلدى.

ئۇنى تۇتۇپمۇ قالمىدىم، ھەتتا، ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماستىن قەھۋەيىمنى ئېچىۋەردىم. شۇ تاپتا ھىسلىرىممۇ قېتىپلا قالغاندەك بوپقالغانىدىم. بىر ئازدىن كېيىن مەنمۇ ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ قەھۋەخانىدىن چىقتىم. دەماللىققا ئۆيگە قايتقۇممۇ يوق ئىدى. نىشانسىز كوچا ئايلىنىشقا باشلىدىم. مېڭىپمېڭىپ بىكەت ئەتراپىغا كەپ قاپتىمەن. بىكەت ئەتراپىدا ئاستا قەدەملەر بىلەن كېتىۋىتىپ«تومىنىڭ مەسلىھەت بېرىش ئورنى» دېگەن تاختىغا كۆزۈم چۈشتى. «بەلكىم، شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە مەن ئەڭ ئىھتىياجلىق يەر شۇ بولىشى مۇمكىن» دېگەن خىيالغا كەپقالدىم. نېمىلا بولسۇن ئىشىكنىڭ ئالدىغىچە بېرىپ بېقىش نىيىتىدە ئىشىك ئالدىغا كەپ، ئاق رەڭلىك مۇلازىمەت ئورنىدا بىر ئەرنىڭ نېمىلەرنىدۇر رەتلەۋاتقىنىنى كۆردۈم. ئەر مېنىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرغىنىمنى كۆرۈپ قالدىدە، دەرھال «خۇش كەلدىڭىز» دېگىنىچە ئىچىگە تەكلىپ قىلدى.

ئىشتىن چۈشۈپ بولغانمۇ؟

ئادەم كەلمىگەچكە بىر نەرسىلەرنى رەتلەپ قويىۋاتاتتىم. قانداق، مەسلىھەت سورايدىغان ئىشىڭىز بارمىدى؟

تۇيۇقسىز تاختىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، ماڭا مەسلىھەت بېرەلەرمىكىن دەپ ئويلاپ

مۇنداق مەسلىھەت سورالسا بولمايتتى دەيدىغان ئىش يوق. قارىغاندا كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى باش قېتىنچىلىق؟

بەئەينى ئىچكى دۇنيارىمنى ئوقۇۋالغاندەكلا بۇ ئادەمگە ھەيران قالدىم، ئۇنىڭ سۇئالىغا ئۇدۇللا جاۋاب بەردىم.

دوستۇمنىڭ ماڭا قىلغىنىنى كۆتۈرەلمىدىم.

بۇ داۋالاش ئورنى ئەمەس، مەسلىھەت بېرىش ئورنى. قانداقلا سۆز بولسا ئېيتىۋىرىڭ، ياردىمىم تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. قەنى،ئولتۇرۇپ پاراڭلىشايلى.

ئۇ ئادەم مېنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلغان سۇس ھالرەڭلىك كىرىسلوغا كېلىپ ئولتۇردۇم.

قانداق دىشۋارچىلققا يولۇقتىڭىز؟

مۇنداق ئىش….

مەن بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى يېپىدىن-يېڭنىسىغىچە سۆزلەپ بەردىم، بۇلارنى سۆزلەپ بولغۇچە ئالاھەزەل 15مىنۇتلارچە كەتتى، بەلكىم. بىراق، ئىچىمدىكىنى سۆزلىۋىتىپ شۇنچىلىك يېنىكلەپ قالدىم.

ھىم، نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئاساسەن بىلدىم. يەنە كەم قالغان يەرلىرى بارمۇ؟

ياق.

ئۇنداقتا، نېمىگە ھەممىدىن بىئارام بولدىڭىز؟

ئۆزۈمدىن بۇ سۇئالنى قايتىلاپ سوراپ باقتىم. «ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشمايمەن، ئەڭ موھىمى كۆڭلۈم جايىغا چۈشسىلا بولدى..» دېگەنلەرنى ئويلىدىم ھەم ئېغىز ئاچتىم.

ئەمدى بولدى، رەھمەت سىزگە.

ئۇنداقتا، سىز ئۈچۈن يازغان بۇ كارتىدىكى سۆزلەر بىر كۈنلەردە ئەسقىتىپ قېلىشى مۇمكىن،-دېگىنىچە تومى ئەپەندى ھالرەڭلىك كونۋىرتنى ماڭا سۇندى.

*

ئۆيگە قايتىش يولىدا ئۆزۈمنىڭ ئېغىر بىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك شۇنچىلىك يېنىكلەپ قالغىنىمدىن«توۋا، كۆڭلىدىكىنى گەپنى بىرەرسى ئاڭلاپ بەرسىمۇ باشقىچە بولىدىكىنەدېگەنلەرنى ئويلىدىم. دەل شۇ چاغدا تېلىفۇنۇم تىرىڭڭىدە قىپ قالدى. دەرۋەقە، رېنادىن ئۇچۇر كەلگەنىدى، بەدەنلىرىم تۇرۇپلا قايتىدىن ئېغىرلاپ كەتكەندەك بولدى. ئۇچۇردا مۇنداق دېيىلگەنىدى: «بايىقى ئىش ئۈچۈن كەچۈرگىن. دەرۋەقە، ئۇلارنىڭ ھەممىسىسنى قىلغان ئادەم مەن! يەنە گەپ قىلىشقا يۈزۈم بولمىسىمۇ، سەن بىلەن بىرقېتىم كۆرۈشكۈم بار!».

بۇ ئىشلارنى تېخى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىپ بولالمىغان مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە قىلچىلىك رايىم يوق ئىدى. نېمىلا دېگەن بىلەن كىچىك چاغلىرىمىزدىن تارتىپ قالغان كۆڭۈللۈك ئەسلىمىلىرىمىز بولغاچ، ئۇنىڭ ماڭا شۇنچىۋالا يامانلىق قىلىشىغا نېمە سەۋەب بولغىنىنى ئۇقۇپ باققۇممۇ كەلگەنىدى. ئىككى خىيال بىلەن تازا ئارسالدى بولۇپ تۇرغىنىمدا تومى ئەپەندى بەرگەن كارتا ئېسىمدىن كەچتىدە، ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدىم.  كارتىدا مۇنداق دېيىلگەنىدى.

باشقىلارنى كەچۈرەلمىگەن ۋاقىت، ئۆزىدە بىسىمنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. كەيپىيات ياخشى بولغاندا، قانچىلىك ئىش بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئاسانلا كەچۈرىۋەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا، قارشى تەرەپكە نەپرەت كۆزى بىلەن قاراشتىن بۇرۇن، ئادەم ئۆز كەيپىياتىنى ئوڭشىغان ئەۋزەل.

بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن، يەنىلا ئۇنى كەچۈرەلمىگىنىمنى بىلدىم. ئەلۋەتتە، مەندىكى ھازىرقى روھى بىسىمنىڭ سەۋەبچىسى ئۇ ئىدى. ئەزەلدىن ئانچە كۆپ بېسىملار ئىچىدە ياشىمىغان مەن ئۈچۈن بۇ بىر ئېغىر زەربە بولغانىدى. تومىنىڭ كارتىسىنى سومكامغا سىلىۋەتتىم. يەنىلا ئۆزۈم قارار چىقارمىسام بولمايدىغاندەك تۇراتتى.

كۆڭلۈمگە كىرىپ چىقسام مەندە يەنىلا ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ماڭا مۇشۇنداق ئىشنى قىلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ بېقىش ئىستىكى كۈچلۈك ئىكەن،  شۇنداق قىلىپ يەنە كۆرۈشۈش قارارىغا كەلدىم.

*

بىز بىر ھەپتىدىن كېيىن ئوخشاش قەھۋەخانىدا كۆرۈشتۇق. مەن ئۇدۇللا:

نېمىشقا ئۇنداق ئىشنى قىلىسەن؟دەپ سورىدىم.

ئاداش….يولدىشىم تالاغا قاراپ قاپتۇ

نېمە؟!

كاللام چاقماق چاققاندەك بولدى. ئۈچىمىز كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغانىدۇق، قاچانلاردىدۇر مەن ئۇ بالىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولساممۇ، ئۇ رېنانى ياخشى كۆرەتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئارىلىشىپ قالغان بولسىمۇ، مەن يەنىلا ئۇ ئىككىسىگە بەخىت تىلەپ قالغانىدىم، ئەپسۇس!

ئېيتە، بۇ نېمە ئىش؟

 ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى ئۇزۇندىن بېرى ياخشى ئەمەس، ئۇ سىرىتتا باشقا بىرى بىلەن تېپىشىۋالغاندىن بېرى ئۆيگىمۇ كەلمەيدۇ. شۇڭا مەن سېنىڭ تۇرمۇشۇڭغا ھەۋەس قىلدىم، فەيسبۇكقا چىقارغان ئائىلە سۈرەتلىرىڭگە قاراپ ھەسىتىم كەلدى! «نېمىشقا مەنلا بۇنچە بەخىتسىز؟!» دەپ ئويلاپمۇ قالدىم! فەيسبۇكتا سېنى مەسخىرە قىلغانمۇ، تىۋىتىرغا رەسىمىڭنى يوللاپ مازاق قىلىپ چۈشۈرگەنمۇ، ئارقىدىن بۇلارنى ساڭا يەتكۈزگەنمۇ مەن! مېنى ئەپۇ قىلىشىڭنى كۈتمەيمەن، لېكىن ھەقىقەتەن قىلغانلىرىم ئۈچۈن سەندىن كەچۈرۈم سورايمەنرېنا بۇلارنى دەۋاتقاندا بەدىنى يېنىك تىتىرەپ، يىغلىۋىتەيلا دەپقالغانىدى.

كەچۈرۈش كېرەكمۇ؟ كەچۈرمەسلىكمۇ؟-گەپمۇ قىلماستىن قەھۋەنى ئىلەشتۈرۈشكە باشلىدىم، كاللامغا تومىنىڭ كارتىغا يازغان سۆزلىرى كەلدى. توغرا، باشقىلارنى كەچۈرەلمىگەنلىك ئۆزىدە ئېغىر روھى بىسىمنىڭ بارلىقىدىن! بۇ گەپ دەل رېناغا قارىتىلغان ئەمەسمۇ؟! مەن بەخىتلىك، خۇشال تۇرمۇشۇمنىڭ سۈرەتلىرىنى تورغا چىقارغىنىمدا، چىقارغانلىرىم رېنادا ھېچكىمگە ئېيتالمايدىغان ئېغىر روھى بېسىم پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولغان، مەن مۇشۇنداق دوستۇمنى كەچۈرەلمەيۋاتىمەن! ئۇنىڭ ماڭا قىلغانلىرى ئۇنداقمۇنداق يامانلىق ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئەخمەقانىلىق  قىلىپ قىلىشىنىڭ سەۋەبى بارغۇ؟!

مۇشۇلارنى ئويلىغىنىمدا، بايىقى ئاچچىقلىرىمنىڭ قەيەرلەرگىدۇر غايىپ بولغانىدى. بوپتۇ، يېقىن دوستۇمنى يوقىتىشتىن بۇرۇن قولۇمدىن كېلىدىغىنىنى قىلىپ باقاي، شۇنداقتىمۇ يەنە بولمىغاندا مۇناسىۋەتنى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋەتسەممۇ بولىدىغۇ! ئارىدىن بىر قانچە مىنۇت ئۆتكەن بولسىمۇ نەچچە سائەتلەر ئۆتكەندەك ئارىمىزدىكى ئېغىر سۈكۈتنى مەن بۇزدۇم.

بىر ئېغىز گەپ قىلىشىمغا رۇخسەت قىل.

رېنا بېشىنى كۆتۈرۈپ كۆزۈمگە قارىدى.

يەنە قانداق دەرتلىرىڭ بولسا ئېيتىۋالغىن، مۇشۇ يەردە ھەممىنى ئېيتىۋالغىن

رېنا سۆزلىربمنى ئاڭلاپ يېغلاپ تۆكۈلۈپلا كەتتى.. يېغىسى سەل بېسىققاندىن كېيىن، يولدىشى بىلەن ئوتتۇرىسىدىكى بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بەردى.

خاتىمە

 

باشقىلارنى كەچۈرەلمىگەن ۋاقىت، ئۆزىدە بىسىمنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. كەيپىيات ياخشى بولغاندا، قانچىلىك ئىش بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئاسانلا كەچۈرىۋەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا، قارشى تەرەپكە نەپرەت كۆزى بىلەن قاراشتىن بۇرۇن، ئادەم ئۆز كەيپىياتىنى ئوڭشىغان ئەۋزەل.

 

他人が許せない時は、自分に大きなストレスがある。機嫌のいい時なら、多少の事は許せてしまう。だから、相手に怒りの目を向けるより、自分自身の機嫌をとることが先決。

***

ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان مۇنداق بىر جۈملە بار: باشقىلارنى، بولۇپ بولغان ئىشنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، ئۆزگەرتەلەيدىغىنى پەقەت ئۆزىمىز!

شۇنداق، بىز باشقىلارنىڭ بىزگە نېمە دېيىشىنى، قانداق قارىشىنى ئۆزگەرتەلمەيمىز. بىراق، باشقىلار ئۈچۈن كەيپىياتنى بۇزۇش-بۇزماسلىقنى، ئۇلارنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى تاللىيالايمىز!

پىسخىكىلىق مەسىللەرنىڭ ئىچىدە «باشقىلارنى كەچۈرەلمەسلىك» سەۋەبىدىن بىئارام بولىدىغانلار كۆپ نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ.

كىشىلەرنىڭ «باشقىلارنى ئۆزگەرتىمەن» دېگىنى، ئەمەلىيەتتە، باشقىلارنى كونتىرۇل قىلالماي بىئارام بولىۋاتىمەن دېگىنىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

باشقىلارنى، ئۆتمۈشنى ئۆزگەرتەلمەيدىغىنىمىز راست. لېكىن ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى، ھەركىتىنى ئۆزگەرتسەك، بىز ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان باشقىلارمۇ، ئۆتمۈشمۇ باشقىچە كۆرۈنىدۇ.

يەنى، قانچىكى ئۆزىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە بولغان مۇئامىلىسى ياخشى بولغانسىرى، باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشى، نېمە قىلىشىغا بەك پەرۋا قىپ كەتمەيمىز. بەخىت ئىچىدە بولساق، باشقىلار قانچىلىك يامانلىق قىلىشىدىن قەتئىنەزەر«ھەيييي، دۇنيادا مۇنداقمۇ ئادەملەر بولىدىكىنە» دەپ قويۇپ ئۆتكۈزىۋىتەلەيمىز.

«ئۆتكۈزىۋىتەلمەسلىك»، «كەچۈرىۋىتەلمەسلىك» ئۆزىمىزدە روھى بىسىمنىڭ ئېغىرلىقىنى، ئۆزىمىزگە كەڭ قورساق بولالمىغىنىمىزنى كۆرسىتىدۇ.

قانچىكى روھى بىسىمىمىز ئېغىر، ئۆزىمىزگە قاتتىق مۇئامىلە قىلغانسىرى باشقىلارنىڭ نېمە قىلغىنىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىمىز، كىچىككىنە ئىشمۇ بەك ئېغىر تۇيۇلۇپ كېتىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ كىچىككىنە ئىشىمۇ كەچۈرگۈسىز خاتالىق بولۇپ كېتىدۇ. يېغىپ ئېيتقاندا، باشقىلارنى كەچۈرەلمىگەنلىككۆپىنچە ھاللاردا ئۆزىدە مەسىلە بارلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس!

باشقىلارنى كەچۈرەلمىگەن ۋاقىتتا، ئۆزىمىزگە دىققىتىمىزنى بېرەيلى. ئۆزىمىزدىكى مەسلىنى تاپقاندا، مەسلىنى ياخشىلايدىغان تەپەككۇر ئۇسۇلى، ھەرىكەتنى تاللايلى. كۆپىنچە ھاللاردا، ئۆزىمىزدىكى مەسىللەر ياخشىلانسا، باشقىلىرىمۇ تەبىئى ھالدا ياخشىلىنىدۇ.

يۇقارقى ھېكايىمىزنىڭ باش قەھرىمانى  يېقىن دوستى تەرىپىدىن ئويلاپمۇ باقمىغان دىل ئازارىغا ئۇچرايدۇ. ئۇ دەسلەپتە ئاتكىرىتكىدىكى سۆزلەرگە ئانچە كۆڭۈلشىمەيدۇ. لېكىن، دوستىنىڭ يامان نىيتىنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندىن كېيىن، كارتىدىكى سۆزلەرنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ ھەم دوستىغا يۈزلىنىش قارارىغا كېلىدۇ.

ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى مۇناسىۋىتىنىڭ قانداق بولىشىغا ھۆكۈم قىلالمىساقمۇ، بىراق بۇ ئىشتىن ھەر ئىككىسىنىڭ ئالىدىغان ھاياتلىق دەرسى تولىمۇ قىممەتلىك بولىدۇ، شۇنداققۇ؟!

***

مەنبە: 『心の荷物の手放し方』ناملىق ياپونچە كىتابتىن ئېلىندى.

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

ئەسكەرتمە: سۆزمۇ-سۆز تەرجىمە قېلىنمىدى. ئادەمنىڭ ئىسىملىرى بىزگە يېقىن ئىسىم قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.

تارقىتىڭ...