رىچارد تەمپلېرنىڭ «مۇھەببەت قانۇنىيىتى»ناملىق كىتابى ھەققىدە

 

رەيھان

 

 

تاڭ نۇرىدا يورىغىنى پەقەت كۈن چىقىش تەرەپكە قارىغان دەرىزىلا ئەمەس!

قۇياش شەرىقتىن كۆتۈرۈلىدۇ،

ھەقىقەتەن ئاستائاستا كۆتۈرۈلىدۇ.

دەل شۇ ۋاقىتتا غەرىبكە قاراپ باقايلى.

قاراڭ، كەڭرى زېمىن نۇرغا لىق تولۇپتۇ!

明るくなるのは東の窓だけではない,

東の空から太陽が昇る。

本当にゆっくりと昇る。

その時、西を見よう!

ほら, 大地は光に満ちっている。

 

تەرجىمىدە: رەيھان

 

 

白い街と青いコート ― 手嶋 葵

 

 

يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە رىچارد تەمپلېرنىڭ «مۇھەببەتنىڭ قانۇنىيىتى» ناملىق كىتابىنى ئىككىئۈچ قېتىمدەك ئاڭلىۋەتتىم. ئەھۋالدىن قارىغاندا، كىتاب ئوقۇشقا قارىغاندا، ئاڭلاش ھەقىقەتەن ئاسانغا چۈشىدىغان چىراي.  دېمىسىمۇ مەندەك كىتاب ئوقۇش سۈرئىتى ئاستا ئادەمگە  ئوقۇشقا قويۇپ بەرسە، بىرەر قېتىم ئوقۇپ بولۇشۇم ئۈچۈنمۇ كەم دېگەندە بىرەر  ئاي كېرەكدە!

ئۇشبۇ كىتاب نەشىر قېلىنغاندىن كېيىن دۇنيادا 50 نەچچە تىلغا تەرجىمە قېلىنغان بولۇپ، مۇھەببەتنى فۇرمۇلاغا سەپ بېرىدىغان، ئىش ئۆگىتىدىغان زېرىكىشلىك قائىدىلەردىن خالى ھالدا تولىمۇ ئەمەلىي ھاياتلىق قائىدىلىرىنى سىز بىلەن ئورتاقلىشىدۇ.  ئائىلە، ئەرئايال، ئاتائانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى، قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، ئاشىقمەشۇقلار، خىزمەتداشلىق،دوستلۇق..قاتارلىق مىھىرمۇھەببەتكە تولغان كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ 117قائىدىسى ئۈستىدە توختىلىدۇ.

باشقا ئاڭلىغان كىتابلىرىمدەك، موھىم يەرلەرگە كەلگەندە توختاپ، خاتىرىلەپ ماڭمىدىم. يوللاردا ماڭغاچ، يۇقۇم شىددەت بىلەن ئارتىغان مۇشۇ كۈنلەردە ھېلىمۇ ھەم ئادەم بىلەن لىق تولغان مىتىرولاردا، ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاچ دېگەندەك ۋاقىتلىرىمدا مۇزىكا ئاڭلىغان، باشقىلار بىلەن قۇرۇق پاراڭ سېلىشقاننىڭ ئورنىدا ئاڭلاپ چىقتىم ھەم تولىمۇ ھوزۇرلاندىم.

ئۇ ھاياتىڭىزدىكى توغرا ھەمراھمۇ؟ ئۇنىڭ سىز ئۈچۈن توغرا ئادەم ئېكەنلىكىنى قانداق بىلىسىز؟ھەقىقى سۆيگۈنى قانداق بىلگىلى بولىدۇ؟ مۇھەببەتنى قانداق پەرۋىش قىلغىلى بولىدۇ؟ دۇنيادا ھەممىدىن قىممەتلىك بولغان ئائىلە ئۈچۈن نېىمىلەرنى قىلىمىز؟ ئاتائانىڭىزنى كەچۈرىۋىتەلىدىڭىزمۇ؟قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدىكى چوڭكىچىك زىددىيەت، قورساق كۆپىكىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ دوستلۇق دېگەن قانداق بولىدۇ؟ ئايرىلىشقا تېگىشلىك ئاەمدىن ئايرىلغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ دېگەندەك ئەمەلى ھايات مەسىللىرى سۆزلىنىدۇ.

مېنىڭ دىققىتىمنى تارتقان نوقتىدىن بىرى، ئاپتۇرنىڭ ئاتائانىنىڭ ئۆزىنىڭ ۋاقىتى، ئۆزىنىڭ ئارزۇيىدىنمۇ بەكرەك پەرزەنتىنى ھەممىدىن موھىم ئورۇنغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىشى، پەرزەنتلىك بولغانىكەن، پەرزەنتنىڭ يېنىدا بولۇش ۋە مۇھەببىتىنى بېرىشنى ئاتا-ئانىنىڭ ئەڭ موھىم بۇرچى ئېكەنلىكىنى تەكىتلىشى بولدى.

شەخسى قارىشىمنى قستۇرۇپ قوياي: شەخسەن مەن ئاتا-ئانىنىڭ ھەر كۈنى كەم دېگەندە يېرىم سائەت ئۆزىگە تەئەللۇق ۋاقتىنىڭ بولىشىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلاردىن. ئاپتۇرنىڭ تىلغا ئالغان «ئاتائانىنىڭ ئۆزىنىڭ ۋاقتى» دېگىنى بالا مۇھتاج كىچىك چاغلىرىدا خىزمەت ياكى باشقا ئۆزىنىڭ ئارزۇلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، بالىغا يېتەرلىك ۋاقىت ئاجىراتماسلىقنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارىدىم ھەم بۇ نوقتىنىمۇ بەك ياقتۇردۇم.

ئاپتۇر يالغۇز ئانىسىنىڭ قولىدا چوڭ بولغان ھەم بالىلىقى ئانچە كۆڭۈللۈك بولمىغان، بىراق ئۇ كېيىنكى كۈنلەردە ئاتا-ئانىسىنى كەچۈرىۋىتىدۇ. ئانىسىنىڭ بەزى قاتتىق قوللۇقى، مىھىرنى تولۇق بېرەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبىنى، بىر ئايالنىڭ ئالتە بالىنى يالغۇز بېقىپ چوڭ قىلمىقىنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى، ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭمۇ خاتالىقتىن، كەمچىللىكتىن خالى بولالمايدىغان ئاددى ئادەم ئېكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ ھەم كەچۈرىۋىتىدۇ. شۇنداق، ھېچقانداق ئاتا-ئانا پەرزەنتلىك بولۇشتىن بۇرۇن بىر قېتىم تەجىرىبە قىلىش، ئاتا-ئانىلىقنى ئۆگىنىش مۇمكىن بولمايدۇ. پەقەت بالىسىنى بېقىش جەريانىدا بالىلار بىلەن ئاستا-ئاستا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ ھەم ئاتا-ئانىلىقمۇ بارا-بارا ۋايىغا يېتىشقا باشلايدۇ.

كىتابتا ئايرىلىپ كەتكەن، ئاجىرىشىپ كەتكەن بىر جۈپلەرنىڭمۇ بىر-بىرىنىڭ يامان گېپىنى قىلماسلىقىنى، ئۇ ھەرقانچە ئەسكى، ناچار ئادەم بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىشنىڭ ئۆزىنىڭ يامان گېپىنى قىلىش بىلەن باراۋەر ئېكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ ھەم ئاجراشقان ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىنىڭ قەلبىدە يارا قالدۇرماستىن، قەلبىدىكى دادىلىق ۋە ئانىلىق ئوبرازىغا داغ  چۈشۈرمەستىن ئاجىرىشىش تەكلىپىنى بېرىدۇ.

ئۇندىن باشقا ماڭا يەنە بىر تەسىر قىلغان نوقتىسى، قېرىنداشلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش ھەمدە قېرىنداشلارنىڭ بالىلىرى بىلەنمۇ ئۆز بالىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى، مىھىرى-مۇھەببەتلىك بولۇشنى، ئائىلىنىڭ دۇنيادا ھەممىدىن قىممەتلىك ئۇقۇم ئېكەنلىكىنى تەكىتلىشى بولدى.

***

شۇنداق قىلىپ يەنە بىر پەيزى كىتابتىن ئۇچۇر بېرىۋەتتىم. شەخسەن ماڭا دوستلارسىز، قېرىنداشلارسىز، ئاتا-ئانىسىز ئۆتكەن بۇ قارا يىللاردا ئۇلارنى سېغىنغاندا، ئۇلار بىلەن پاراڭلاشقۇم، سىرداشقۇم كەلگەندە ئەتراپىمغا قاراپ ئۇھسىنىپ قالغاندا ئائىلەمدىن قالسىلا، كىتاب ماڭا ياخشى سىرداش ھەم ھەمراھ بولۇپ كەلدى.

ئاخىرىدا، بارچە بەخىتسىزلىكى، ئازابىنىڭ مەنبەسىنى باشقىلارغا باغلىۋالغىنىدەك، خۇشاللىقى ۋە بەختىنى باشقىلاردىن ئىزدەيدىغانلارغا شۇنى دېگۈم كەلدى.

يالغۇزلۇقتىن ھوزۇرلىنالمىغان، خۇشال بولالمىغان ئادەم ئىككى ئادەم بىر بولغاندىمۇ بەخىتلىك بولالىشى ناتايىن.

ئۆزىمىزنى بەخىتلىك قىلايلى. شۇ چاغدىلا تەقدىرىمىزدىكى ئاشۇ ئادەم بىلەن، باشقىلار بىلەن بىللە بولغاندا تېخىمۇ بەخىتلىك بولىمىز!

*********

رەيھان ئابلەت

2022.2.25     (جۈمە)

تارقىتىڭ...